|
|
|
|
مەكتەپ
سەن مېنىڭ ھاياتىمنى گۈزەللىككە ئىگە قىلىپ ماڭا ئىستىتىك زوق بېغىشلىغۇچى باھار ، سەن مېنىڭ چاڭقىغان قەلبىمگە ئابى-كەۋسەر سۈيى بېغىشلىغۇچى بۇلاق ، سەن مېنىڭ قاناتلىرىمنى كەڭ يايدۇرۇپ مېنى كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرغۇچى يوشۇرۇن كۈچ ، سەن قەلبىمدىكى بىلىنەر بىلىنمەس قاراڭغۇلۇقنى چىقىرىپ تاشلىغۇچى نۇرلۇق چىراق ، سەن مېنىڭ ھاتاتىمغا ئەڭ نادىر كارتىنىلارنى سوۋغا قىلغۇچى ، ماڭا جەمىئەتكە قەدەم بېسىشنىڭ ئالدىدا بىلىم-ھېكمەت ئۆگەتكۈچى -----مەكتەپ .
مەكتەپ ، سەن ھاياتىمغا ئاجايىپ مەنىدارلىقلارنى بەخىش ئەتتىڭ .مېنى بىر گۆدەك بالىدىن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلاندۇردۇڭ ، مېنى ئۆز قەلبىڭدە ، تېنىمسىز جان كۆيدۈرگۈچى پەرۋىشكارلارنىڭ ئارىسىدا ئۆستۈردۈڭ ، قەلىب قاراڭغۇلۇقۇمنى يورۇقلۇق ئەلچىسى بولغان مۇئەللىملەرنىڭ جان كۆيدىرىشى بىلەن ماڭا ئىلىم-ھېكمەت ، ئادىمىيلىك پەزىلەتلىرىنى ئۆگەتتىڭ .مانا ئەمدى مەن ئالى مەكتەپكە قەدەم قويغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سەن بىلەن خوشلاشماقچى بولىۋاتىمەن .مېنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىم ----- مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىل. مەن ئۆزۈمنىڭ سېنىڭدىن ئىبارەت بۇ مېھرى ئىسسىق قەلبى ئاتەش قوينۇڭدا بىلىم ئالغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ، گەرچە بەزى چاغلاردا سەندىن زېرىككەن بولساممۇ ، ۋايساپ-قاقشاپ جۇڭگو مائارىپىنىڭ ناچارلىقىنى سۆزلەپ ئۆزۈمنىڭ بۇ ئوقۇشتىن بەكمۇ زېىككەنلىكىمنى ئېيىتقان بولساممۇ ، ئەمما ھازىر سېنىڭ قوينۇڭغا ئۆزۈمنى ئاتقىم، شۇ گۈزەل سىنىپتا ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە دەرىس ئاڭلىغۇم ، شۇ بىللە ئۆتكەن ھەربىر مىنۇتنى قەدىرلىگىم كېلىۋاتىدۇ . مەكتەپتىكى گۈزەل مىنۇتلار، ئەمدى قەدرىڭگە يەتتىم ، ئەمما ئۇلار ئەمدى كەلمەسكە كەتتى . ئەي ، ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىم ، ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل كارتىلنىلار سەندە ئۆتكەن ، سەن مېنىڭ قەلبىمدە ، خىياللىرىمدا ، خاتىرەمدە چولپان كەبى چاقناپ تۇرىسەن .
زىرەك
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Zirakk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-26 03:39 AM
|
|
|
|
|
|