مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1720|ئىنكاس: 12

چىرايلىق گۈل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 625
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16514
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3661 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 04:55:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                         چىرايلىق گۈل
                                             (ھېكايە   )   
                                           پەرھات جەمشىت
باھارنىڭ كېلىشى بىلەن جىمى مەۋجۇدىيەت بېشىنى لىككىدە كۆتۈرۈشتى،ئۇلار ئۆزئارا ئامانلىق سورۇشۇپ،باھار شامىلىدا لەرزان ئۇسۇلغا چۈشۈشكە باشلىدى؛مەخمەلدەك گەزەل يايلاقنىڭ ئۇيەر-بۇيېرىدە،ياۋا گۈللەرمۇ ئۆسۈپ خۇش پۇراق چېچىشقا باشلىدى،زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلىرى ئويناقلىشىپ ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىق بويىدىمۇ بىر تال ياۋا گۈل ئۈنۈپ چىقتى،ئۇ ئۆزىنىڭ خۇش پۇراقلىقى،گۈزەللىكى بىلەن ئەتراپتىكى بارلىق مەۋجۇدادلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىشقا باشلىدى.
  كۈنلەرنىڭ بىرىدە،بىر قىزچاق ئانىسى بىلەن ئۆستەڭ بويىغا سەيلىگە كەلدى،
قىزچاقنىڭ كۆزى دەل ھېلىقى چىرايلىق ياۋا گۈلگە چۈشتى ۋە ھەيرانلىق بىلەن:
__   قاراڭ ئانا،بۇ گۈل نېمە دېگەن چىرايلىق ھە!دېدى.
__ شۇنداق ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن!دېدى جاۋابەن ئانا قىزىغا.
ئانا –بالا ئىككەيلەننىڭ ماختىشىدىن خۇشال بولغان چىقرايلىق گۈل دەرھال لەرزان ئۇسۇلغا چۈشتى._ ئەسلىدە مەن بۇ جايدىكى ئەڭ گۈزەل ئىكەنمەندە،نېمەدېگەن ياخشى دەپ ئويلىدى كۆڭلىدە.ئۇ مەمنۇن بولۇشقا باشلىغاندا:
_ ئانا،گۈلنىڭ ئايىقىدىكى كالا تېزىكى نېمە دېگەن سېسىق دېدى قىزچەق ئانىسىغا.
__ ھە،شۇنداقمۇ سەن ئۇيەردىن نېرى تۇر دېدى قىزچاقنىڭ ئانىسى.قىزچاق بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن.
__ ئانا مەن بۇ چىرايلىق گۈلنى ئەكىتىپ ئۆيىمىزدىكى چىرايلىق تاشتەككە تىكىپ قوياي،شۇندىلا ئۇ ئاپتاپتا سولاشمايدۇ،يامغۇردىمۇ قالمايدۇ.
بولامدۇ دېدى ئانىسىغا ئىلتىجا قىلىغان ھالدا.
__ بولمايدۇ،سىز مېنىڭ گۈللەرنى قالايمىقان ئۈزۈشكە بولمايدۇ دېگەنلىرىمنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟گۈل غۇنچىسىنى شېخىدىن ئايرىۋەتسە گۈل شېخى "ئانا"نىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ يېغلايدۇ قىزىم:_ئانا شۇنداق دېگىنىچە كۈلۈمسېرىدى.
__ بولىدۇ دېدى قىزچاق سەل پەرىشان قىياپەتتە.شۇنداق قىلىپ قىزچاق ئانىسى بىلەن كېتىپ قالدى.ئۇلار كەتكەندىن كېيىن.
__ ئانا بىز نېمىشقا كالا تېزىكىنىڭ يېنىدا تۇرىمىز؟ئۇنىڭ ھىددى ھەقىقەتەنمۇ سېسىق ئىكەن دېدى گۈل شېخى ئانىغا.دەرۋەقە ئۇ"سېسىق"
پۇراقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى،پەقەت باياتىن ھېلىقى قىزچاق دېگەندىن كېيىنلا "سېسىق"دېگەن ئىبارىنى بىلگەندى.گۈل شېخى ئانا گۈلنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن.
__ بالام ،مەن كالا تېزىكىندىن ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىپ، سېنى موشۇنداق چىرايلىق  چوڭ قىلىۋاتىمەن دېدى جاۋابەن.
__ئىشەنمەيمەن،ئىشەنمەيمەن،ئانا سىز دەرھال مېنى بۇ نېجىس يەردىن ئېلىپ كېتىڭ،گۈل جېدەل قىلىشقا تۇردى.
__ بالام،ئەگەر باشقا خايغا يۆتكەلسەك،كېسەل بولۇشۇم،ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىم،سېنى باقالماسلىقىم مۈمكىن دېدى - گۈل شېخى ئانا گۈلگە سەۋرىچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ.
__ ئانا سىز كەتمىسىڭىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئامال قىلىپ بۇ نەس باسقان جايدىن كېتىپ كىشىلەرنىڭ ئىشىكىدىكى چىرايلىق تاشتەكلەردىن ئورۇن ئالىمەن دېدى، گۈل گۈل شېخى ئانىغا جاۋابەن.
_ ئەخمەق بالام،بۇ جاي بىزنىڭ يۇرتىمىز،پەقەت يۇرتىمىزدىلا ساپ ھاۋادىن
ئەركىن نەپەس ئېلىپ شاد-خورام ئۆسەلەيمىز.__ ئەگەر ئاناڭنىڭ ھىمايىسىدىن،تەبىئەتنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ئايرىلىپ قالساڭ ھاياتىڭغا دەخلى يېتىدۇ دېدى گۈل شېخى ئانا چۈشەندۈرۈپ گۈلگە.
__ شۇنداق،شۇنداق سىز بۇ جايدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ئۆلۈپ كېتىشىڭىز مۈمكىن.كەتمەڭ،بىز ياخشى دوستلاردىن،سىز كەتسىڭىز مەن سىزنى سېغىنىپ كېتىمەن دېدى بايتىن ئانا-بالىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بىر چەتتە تۇرغان چۆپ دەرھاللا سۆزگە ئارىلىشىپ.
__ كىم سېنىڭ دوستۇڭكەن،ئۆزۈڭنىڭ سەتلىكىگە قارا،مەن سەن بىلەن بىرگە تۇرۇشنى خالىمايمەن!مەندىن نېرى تۇر دېگىنىچە چۆپنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرىۋەتتى،تۇيۇقسىز كەلگەن زەربىدىن چۆپ يېقىلىپ چۈشكىلى قىل قالدى.ئۇ بېشىنى چايقىغىنىچە ئۇلۇغ-كچىك تىندى.
بۇ ھالنى كۆرگەن گۈل شېخى ئانا:
__ سەن نېمىشقا تۇيۇقسىزلا موشۇنداق ئۆزگىرىپ كەتتىڭ؟كۆپچىلىك ئۆز ئارا ھەمكارلاشقاندىلا تۇرمۇش ئاندىن گۈزەل بولىدىغۇ دېدى پەرىشان ھالدا.
__ مەن چوقۇم ياخشى ياشايمەن،بىراق بۇ ئىپلاس جايدا ئەمەس،بەلكى مەن چوقۇم بۇ يەردىن كېتىمەن دېدى ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئارىلاپ.
__ سەن بۇ جايدىن كەتسەڭ چوقۇم پۇشايمان قىلىسەن دېگىنىچە ئۇنىڭغا ئېچىنىپ كۆز يېشى قىلدى.
__ مۈمكىن ئەمەس،كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن چوقۇم بۇ جايدىن كېتىمەن دېدى .ئۆزىگە ئېچىنىپ كۆز يېشى قىلىۋاتقان ئانىغا.
__ ساڭا نېمە دىسەم بۇلۇر؟ دېگىنىچە كۆز يېشىنى داۋاملاشتۇرى گۈل شېخى ئانا.                        
كۈنلەر بىلىنەر،بىلىنمەي ئۆتۈشكە باشلىدى،چىرايلىق قۇياشنىڭ ئىسسىق ھارارىتىدىن ئاغرىنىشقا باشلىدى.ئۇ ھېلىقى قىزچاقنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ ئۆزىنى بۇ نەس باسقان جايدىن ئېلىپ كېتىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى.
سۈزۈك ئاسماندىكى يېنىك تەۋرنىپ تۇرغان ئاپئاق بۇلۇتلار ئۈستىدە ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ نۇرلىرى جىلۋىلىنىشكە باشلىدى .گۈل كۆزلىرىنى   ئېچىپ ئەتراپقا نەزەر سالدى-دە،ھېلىق قىزچاقنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ  گۈل-
قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.ئۇ قىزچاقنىڭ ئۆزىگە يېقىنلا كېلىپ قالغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن.
__قىزچاق،قىزچاق ،ماڭا يېقىنراق كېلىڭ دەپ ئاستا شىۋىرلىدى-دە،قىزچاقنىڭ ئانىسىغا تەشۋىشلىك بىلەن قاراپ قويدى.چۈنكى ئۇ قىزچاقنىڭ ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىشىدىن ئەنسىرەيتى.
__ گەپ قىلىۋاتقان كىم؟قىزچاق ھەيرانلىق بىلەن ئەتىراپقا نەزەر سالدى.
__ مەن چىرايلىق گۈل،ھېلىقى چىرايلىق گۈل بولىمەن .
__ سىزمىدىڭىز   مەندە بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟دېدى قىزچاق.
__ ئۆتۈنۈپ قالاي سىز مېنى بۇ جايدىن ئېلىپ كېتىڭ،مەن سىزنىڭ ئۆيۈڭىزدىكى تاشتەكتە سىزگە ھەمراھ بولاي،مەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزنى  خۇش پۇراقلار بىلەن تولدۇرىۋېتىمەن.
__ بىراق سىز كەتكەندىن كېيىن ئانىڭىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولمامدۇ؟
__ ھېچقىسى يوق كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنتۇپ كېتىدۇ،ھازىر ئانام ئۇخلاۋاتىدۇ،سىز مېنى دەرھال ئېلىپ كېتىڭ!ئۆتۈندى  گۈل قىزچاقتىن.
__ پۇشايمان قىلمامسىز؟
__ ياق ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىمايمەن دېدى گۈل قەتئىيلىك بىلەن.شۇنۇڭ بىلەن قىزچاق ئۇنى پەم بىلەن ئۈزۈۋالدى .گۈل بەدەنلىرىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى سەزدى بىراق ئانىسىنىڭ ئۇيغۇنۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۈن چىقىرىشقا پېتىنالمىدى. گۈل شېخى ئانا يۈرىكى سېقىلغاندەك بولۇپ كۆزىنى ئاچتى ۋە چىرايلىق گۈلنىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى سېزىپ ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى.
__ ئانا مەن سىزنى كۆرگىلى كېلىمەن،ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قىزغا_ماڭايلى دېدى.
گۈلنى ئۈزۈۋالغىنىدىن خۇشال بولغان قىزچاق ئانىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈرگىنىچە يېتىپ كەلدى.قىزىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئانا قىزىنىڭ قولىدىكى گۈلگە لاپپىدە بىر قارىغاندىن كېيىن.
__ قىزىم بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟بۇنداق قىلسىڭىز گۈل شېخى ئانا يېغلىمامدۇ؟دېدى قىزىغا خاپا بولۇپ.
__ ئانا چىرايلىق گۈل ماڭا ھەمراھ بولسۇن،بۇندىن كېيىن ھەرگىزمۇ گۈللەرنى ئۈزمەيمەن دېدى قىزچاق بېشىنى تۆۋەن سېلىپ .
__ ھامىنى ئۈزۈپسەن ئەمدى ئۈزگەندىن كېيىن ئۆيگە ئېلىپ كەت!ھامىنى ئۇ ساڭا ئۇزۇن ھەمراھ بولالمايدۇ دېدى ئانا قىزىغا.
__ نېمە ئۈچۈن قىز سوراشقا باشلىدى.
__ ۋاقتى كەلگەندە بىلىسەن دېدى ئانا قىسقارتىپ.قىزچاق ئۆيىگە قايتىپ كەلگندىن كېيىن،تاشتىككە ئۇنى تىككەندىن كېيىن سۇ قويۇپ سالقىن جايغا قويۇپ قويدى.
__ ئاھ!نېمە دېگەن راھەت،مەن ئەمدى راھەت كۆرىدىغان بولدۇم دەپ شىۋىرلىدى گۈل ئاستىغىنە.
__ بىراق بۇ راھەت بەك قىسقا بولىدۇ دېدى تاشتەك گۈلگە ئېچىنغان قىياپەتتە.
__ نېمە؟سىز مېنى نىمانداق قورقۇتىسىز ؟دېدى گۈل تاشتەككە.
__ مېنىڭ سىزنى قورقۇتقۇنۇم يوق،ۋاقتى كەلگەندە بىلىسىز دېدى تاشتەك جاۋابەن.
شۇندىن ئېتىبارەن گۈل تاشتەكتە تۇرۇپ شۇخ پۇراق چاچقاچ  راھەتلىك كۈلىرىنى باشلىدى.بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۇ بەدىنىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى شۇنىڭ بىلەن ئۇ بەدىنىگە قارىدى،دەرۋەقە بەدەنلىرى سېسىشقا باشلىغاندى،بۇ ھالدىن ئۇ چۆچۈپ كەتتى،ئاپلا قانداق قىلارمەن،بۇ نېمە ئىش ئەمدى دەپ شىۋىرلىدى ئۇ.
__سىزگە كېسەل تەگدى دېدى تاشتەك ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ.
__ماڭا بۇ جايدا شامال تەگمەيدۇ،يامغۇر چۈشمەيدۇ،يەنە نېمە ئۈچۈن كېسەل بولۇپ قالغاندىمەن.دېدى تىت –تىت بولۇپ  گۈل.
__ چۈنكى سىەن تەبىئەتكە مەنسۇپ،سەن يۇرتۇڭدىن ئايرىلدىڭ.ئەڭ ئېسىل جاينىڭ سېنىڭ ئۆسۈپ –يىتىلىشىڭگە پايدىلىق جاي بولۇشى ناتايىن دېدى تاشتەك جاۋابەن. چىرايلىق گۈل تاشتەككە قايتا سەپ سېلىپ ئۆزىنىڭ قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى سەزدى ۋە ئۆزۈمنىڭ ھاكاۋۇر،ئاچۆزلۈكى ئۆزۈمگە بالا بوپتۇ دەپ كۆز يېشى قىلدى ۋە يۇرتىنى پەس كۆرگەنلىكىگە پۇشايمەنلار يىدى.
شۇ كۈنى ئاخشىمى چىرايلىق گۈل چۈشىدە،زۇمرەتتەك سۇلىرى ئويناقلقشقپ ئېقىپ تۇرىدىغان ئېرىقنى،ئوت-چۆپلەرنى،كۆزلىرى ياش يۇقى ھالەتتە ئۆزىنى چاقىرىۋاتقان ئانا شاخنى كۆردى...    
   
  
  
 
  

دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355822
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 05:21:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈزەل گۈل دەپ ئېلىشقا بولارمۇ ؟ چىرايلىق دېسە غەيرى ئاڭلىنىدىكەن ، ئۆسۈملۈكنىڭ چىرايى نەدىدۇ دەپ قالدىم .

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12648
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 05:58:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
t19.jpg

ئاپتور تېمىسىدا گۈل يېڭى ئېچىلغاندا مۇشۇنداق چىرايلىق دىمەكچىكەن.


.a58.gif

t637.gif

ئۈزۈۋېلىنىپ، تەشتەككە كۆچۈرۈلسە، قىسقا مەزگىل چىرايلىق تۇردۇ دىمەكچىكەن.


`20.jpg

ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى ئۆسكەن تۇپراقتىن، يېقىنلىرىدىن ئايرىلغان، تەشتەككە كۆچكەن گۈل ئاخىرىدا توزۇيدۇ دىمەكچىكەن. يەنى ھەر نەرسە ئۆز يېرىدە ئەزىز دىمەكچىمىكىن.
(تېما مەزمۇنىنى خاتا چۈشەندۈرمىگەندىمەن )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-25 06:14 PM  


پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102532
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 310
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 06:09:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈللەر نىمدا چىرايلىق؟

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4982
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 06:28:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazigul8 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-25 05:58 PM
ئاپتور تېمىسىدا گۈل يېڭى ئېچىلغاندا مۇشۇنداق چىرايلى ...

ئۆزىڭىز يازغاندەكلا ياخشى چۇشەندۇردىڭىز ،ھى ھى  رەسىملەرنى كىرۇشتۇرۇپ خىلى جاپا تارتقاندەك قىلسىز .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 12 رەھمەت،جاپاتاتمىدىم

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 12   باھا خاتىرىسى

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96232
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2333
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2013-7-22
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 07:57:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇن ناھايىتى ئوبرازلىق ھەم جەلپ قىلارلىق چىقىپتۇ............

كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ كۈتۈۋاتىمەن، ئۆتكەن كۈنلەر كۈتكەندەك ئەمەس، كۈتكەن كۈنلەر كەلگەندەك ئەمەس.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4191
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 08:23:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
221942qp3t8h2o63z8fzp2.jpg

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 12 بۇمۇ بەك چىرايلىقكەن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 12   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 10:17:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىسى بار تىما ئىكەن...

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 10:18:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىسى بار تىما ئىكەن...

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10932
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2220 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 01:52:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېچىكىپ قىلغان پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن..........    شۇڭا ئويلىنىش كېرەك......  



ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش