«توك كىتىپ»كەجاۋاپ «توك بىرىپ»
توك كىتىپ...
رەڭگىم ھەجەپ سامان بولدى توك كىتىپ .
ھالىم بەكمۇ يامان بولدى توك كىتىپ ،
سەن ئىدىڭغۇ ھاياتىمنىڭ بارلىقى .
充电包لار بولدىجانان بولدى توك كىتىپ،
بىرلا كىلىپ يەنە كەتتىڭ جەزبىدار .:
بۈگۈن سەن يوق توختاپ قالدى ئۈندىدار ،
توك كەلگۈچە ساقلاپ تۇرغىن ئەي نىگار .
ئارمانلىرىم تامام بولدى توك كىتىپ ،,
سەن كىتىپلا بىزنىڭ ئۆينىڭ تورى يوق
سەن بولمىساڭ تور ئىچىشقا چارە يوق ،
مىنىڭ بىلەن ھېچ كىشىنىڭ كارى يوق .
زىرىكىشلىك زامان بولدى توك كىتىپ ،
چېھرىمدىن يار ئۆچۈپ كەتتى كۈلكىلەر .
قاچان كىلەر بۇ نىجىس توك كىم بىلەر ؟
توك شىركەتتىن بىزگە قانداق يۈز كىلەر ؟
كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلدى توك كىتىپ .
مەيلى كەتسەڭ ھامان بىركۈن كىلەرسەن .
تورىممۇ شۇ چاغلاردا ئىچىلارسەن ،
كەلمەي زادى قايەرلەرگە كىتەرسەن .
كىلىشلىرىڭ ئارمان بولدى سەن كىتىپ .
توك بىرىپ.......
(رازىيە ئىبراھىم)نۇرلۇق بەكمۇ يورۇق جاھان بولدى توك بىرىپ، ھەممە ئادەم خوشال بولدى توك بىرىپ.
ھاياتىڭىنى باشلاپ كەلدىم توك بىرىپ، چوڭدىيەنباۋلار كىرەك ئەمەس توك بىرىپ.
بىرلا يورۇپ چاقناپ كەتتى چىراقلار،
توكلار كىلىپ يايراپ كەتتى ئۈندىدار.
توك كەلگەننى بىلدىڭمۇ سەن ئەي نىگار، ئارمانلىرىڭ ئىشقا ئاشار توك بىرىپ.
توك بەردىممەن ئىداراڭدا تورلار بار،
تورنى ئىچىپ ئىشلىشىڭگە ۋاقتىڭ يار. باھانە تىپىپ قىچىشىڭغا يولۇڭ تار، زىرىكىشلىك زامان بولماس توك بىرىپ. چىھىرلەردە چاقناپ كەتتى كۈلكىلەر، توك بىرىمەن دەپ جاپا چەكتم كىچىلەر.
بىيەندىيەنسو (变电所)دىنتوك كەلگىنى كىم بىلەر، ساۋاپ ئىزدەپ ئۆتۈپ كىتەي توك بىرىپ.
توكلار بىرىپ يورۇتقانى بىلەمسەن، بىزدەك جاپاچەككەنلەرنى ئەسلەمسەن. بىزنى ئەسلەپ بىزگە مەدەت تىلەمسەن، شۇ چاغدىلا ھاردۇق چىقار توك بىرىپ.
مەنبە:ئۆز قەلمىم
ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا جايغا يۆتكەشكەرۇخسەت قىلىنمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nalam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-25 12:57 PM
|