مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4539|ئىنكاس: 37

بىلىمخۇمار: مەن قىلغان بىر يېڭىلىق ناسا جورنىلىدا خەۋەر قىلىندى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 12:13:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قىلغان بىر يېڭىلىق ناسا جورنىلىدا خەۋەر قىلىندى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى

تورداشلارنىڭ دىققەت قىلغىنىدەك، ماڭا ناسا ۋە كائىنات ھەققىدە تېما يازمىغىلى بىر قانچە ھەپتە بولۇپ قالدى.  بۇنداق بولۇپ قېلىشتا پەقەت بىرلا سەۋەب بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۆزەمنىڭ كۆزىتىشىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يېقىندىن بۇيان ناسا دا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئوقۇرمەنلەرنى قىزىقتۇرغىدەك بىرەر يېڭىلىقنىڭ ۋۇجۇتقا كەلمىگەنلىكىدۇر.  بەزى قېرىنداشلارنى بەك ئۇزۇن ساقلىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، مەن بۇ قېتىم ئۆزەم ھەققىدىكى بىر مەزمۇننى يېزىپ يوللاپ تۇراي.

يەنى، مەن ناسا دا قىلغان يېڭىلىقلاردىن بىرى «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر پارچە ئايلىق ژورنالنىڭ 2014-يىلى 7-ئايلىق سانىدا خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، مەن بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرگە ئاشۇ تېما ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن.

ئىنسانلار ئۈچۈن يەر شارىنىڭ ئاتموسفېراسىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدا قانداق ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.  مەسىلەن، ئىنسانلار ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر نەرسە ئاتموسفېرادىكى ئوزون گېزىدۇر.  ئادەتتە بۇ ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان ئەللەر ئاسمانغا مەخسۇس ياسالغان سۈنئى-ھەمراھلارنى چىقىرىپ، ئاشۇ سۈنئى-ھەمراھلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەسۋابلار ئارقىلىق ئاتموسفېرانىڭ ھەر خىل پارامېتىرلىرىنى ئۆلچەپ تۇرىدۇ.  بۇ ساھەدە ئامېرىكا، جۈملىدىن ناسا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

يېقىندا بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ھازىر يەر شارىنى كۈنىگە 16 قېتىم ئايلىنىپ تۇرىۋاتقان «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» غا بىر بۇنىڭدىن كېيىن لاھىيىلەپ ياساپ چىقىدىغان ئەسۋابنى ئورنىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئاتموسفېرانى ئۆلچەپ كۆزىتىپ تۇرۇش لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  مەقسەت سۈنئى-ھەمراھقا كېتىدىغان خىراجەتنى ئىقتىساد قىلىپ، ھازىرقى تەييار بولۇپ تۇرىۋاتقان پايدىلىق شارائىتتىن پايدىلىنىشتۇر.

«خەلقئارا ئالەم پونكىتى» يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 415 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر ئوربىتتا سائەتىگە 27724 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن مېڭىپ، يەر شارىنى ھەر كۈنى 16 قېتىم (ھەر 93 مىنۇتتا بىر قېتىم) ئايلىنىپ تۇرىدۇ.  شۇڭا «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» ئۈستىدىكى ئادەم ئۈچۈن ھەر كۈنى 16 قېتىم كۈن چىقىپ، يەنە 16 قېتىم كۈن ئولتۇرىدۇ.  يەر شارى ئاتموسفېراسىنىڭ قېلىنلىقى 80 كىلومېتىر كېلىدۇ.  شۇڭلاشقا «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» بىلەن قۇياش يەر شارىنىڭ قارىمۇ-قارشى ئىككى تەرىپىگە توغرا كەلگەن، ھەمدە ئۇلارنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر سىزىق يەر شارى ئاتموسفېراسىدىن ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، بىر ئالاھىدە ياسالغان ئەسۋاب بىلەن قۇياشنىڭ مەركىزىنىڭ نۇرىنى ئۆلچەپ ئانالىز قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئاتموسفېرانىڭ ھەر خىل پارامېتىرلىرىنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ.  يەنى، بۇ ئۆلچەش ئىشىنى ھەر قېتىم «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» نىڭ ئۈستىدە كۈن چىققان ۋە كۈن ئولتۇرغان ۋاقىتتا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.  (تۆۋەندىكى 1-رەسىمگە قاراڭ.)  

كۈن نۇرىنىڭ كۈچلۈكلىكى ئۇنىڭ مەركىزىدە ئەڭ يۇقىرى، ئۇنىڭ قىرغىقىدا ئەڭ ئاجىز بولغاچقا، يۇقىرىدىكى ئۆلچەش ئىشىنى ئېلىپ بارغاندا، ئەسۋابنى ھەر قېتىم كۈننىڭ ئۈستىدىكى ئوخشاش بىر نۇقتىغا توغرىلاش كېرەك.  «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» دا تۇرۇپ، يەر شارى يۈزىگە يېقىن كەلگەن كۈننىڭ دىيامېتىرىنى ئۆلچىگەندە، ئۇنىڭ دىيامېتىرى 21 كىلومېتىر كېلىدۇ.  ئۆتكەن يىل ماڭا ئاشۇنداق كۈننىڭ مەركىزىنى بىر كىلومېتىر توغرۇلۇق دەرىجىسى بىلەن تاپىدىغان بىر ئۇسۇلنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ۋەزىپىسى بېرىلدى.

ئاتموسفېرانىڭ زىچلىقى يەر يۈزىدە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، يەر يۈزىدىن يۇقىرىغا چىققانسېرى ھاۋانىڭ زىچلىقى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ.  ھەمدە 80 كىلومېتىر ئېگىزلىككە چىققاندا ئاتموسفېرانىڭ زىچلىقى ئاساسەن نۆل بولۇپ قالىدۇ.  ھاۋا ئۆزىدىن ئۆتكەن نۇرنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ، قۇياشتىن چىقىپ، يەر يۈزىگە يېقىن ئاتموسفېرادىن ئۆتۈپ، «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» غا يېتىپ كەلگەن نۇرلارنىڭ قېيىش مىقتارى توغرا (horizontal) يۆنىلىشتە (يەنى ئوڭ-سول تەرەپنىڭ) ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ، تىك (vertical) يۆنىلىشتە (يەنى ئۈستى-تەرەپ بىلەن ئاستى-تەرەپ) ئوخشاش بولمايدۇ.  شۇ سەۋەبتىن «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» دىكى ئەسۋابتا ئۆلچىگەن قۇياش يۇمىلاق بولماستىن، سوقىچاق بولىدۇ، ھەمدە ئۈستۈنكى قىسمى بىلەن تۆۋەنكى قىسمى سيممىتېرىك بولمايدۇ.  (تۆۋەندىكى 2- ۋە 3-رەسىملەرگە قاراڭ).  يەر يۈزىدىن 80 كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى قۇياشنىڭ كۆرۈنىشى يۇمىلاق بولۇپ، قۇياش يەر يۈزىگە يېقىنلاشقاندا زادىلا تونۇغىلى بولمايدىغان بىر شەكىلگە كىرىپ قالىدۇ.  كۈن چىقىش ۋە كۈن ئولتۇرۇش جەريانىدا «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» دا تۇرۇپ كۆزەتكەن قۇياشنىڭ كۆرۈنىشى توختىماي ئۆزگىرىپ ماڭىدۇ.

قۇياشنىڭ ئاشۇنداق ئۆزگىرىپ تۇرغان كۆرۈنۈشىنىڭ مەركىزىنى تېپىش ئۈچۈن، مەن ئاتموسفېرانىڭ نۇرغا كۆرىسىتىغان تەسىرلىرى ھەققىدىكى بارلىق فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، كۈننىڭ كامېرادىكى رەسىمىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئېگىزلىكىنىڭ نىسبىتىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ مەركىزى ئۇنىڭ «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» نىڭ ئۈستىدىكى ئاپاراتتىكى كۆرۈنۈشىنىڭ قايسى يېرىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھېسابلايدىغان ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ۋە ئۇنىڭ كومپيۇتېر پروگراممىسىنى ئىشلەپ چىقتىم.  مەن بۇ تەتقىقات تۈرى بويىچە جەمى 4 دانە يېڭىلىقنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بولۇپ، بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە «نەشرىيات ھوقۇقى» (Copyright) ئالدى.  بۇ قېتىم «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» ژورنىلىدا خەۋەر قىلىنغىنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولۇپ، قالغان ئۈچى بۇ ژورنالنىڭ كېيىنكى سانلىرى ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتىدۇ.  تۆۋەندىكى 4-رەسىم مەزكۇر ژورنالنىڭ 2014-يىلى 7-ئايلىق سانىنىڭ مۇقاۋىسى بولۇپ، 5-رەسىمدە ئۇنىڭ مېنىڭ ئىشىم خەۋەر قىلىنغان بىر بېتى بېرىلدى.  

6-رەسىم «خەلقئارا ئالەم پونكىتى» نىڭ بىر كۆرۈنۈشىدۇر.

مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئىنگلىزچىسىنى تۆۋەندىكى تور بېتىدىنمۇ ئوقۇغىلى بولىدۇ:
http://www.techbriefs.com/component/content/article/4-ntb/tech-briefs/information-sciences/20023

مېنىڭ ناسا مەركىزى ج پ ل گە خىزمەتكە كىرگىنىمگە بۇ يىل 1-ئايدا 10 يىل توشقان بولۇپ، ئاشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالدىنقى ھەپتىدە ئىدارىمىز باشقا بىر قىسىم كىشىلەرگە قوشۇپ، ماڭا بىر تەقدىرنامە بىلەن بىر مۇكاپات بۇيۇمى بەردى (تۆۋەندىكى 7-رەسىم).   مۇشۇ 10 يىل ئىچىدە مەن قىلغان يېڭىلىقلار جەمى 6 قېتىم  «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» ژورنىلىدا خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى 6-قېتىملىقى بولىدۇ.  مەن كېيىنچە قالغان 5 يېڭىلىقلار ئىچىدىكى سەل قىزىقارلىقلىرىدىن بەزىلىرىنى تاللاپ تونۇشتۇرۇپ بېرىشىم مۇمكىن.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-25 05:19 PM  


5-رەسىم

5-رەسىم

4-رەسىم

4-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم

6-رەسىم

6-رەسىم

7-رەسىم

7-رەسىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2185
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 602 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 12:39:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلقىمىز سىزدىن تېخىمۇ چوڭ ئىجادىيەت-تەتقىقاتلار نەتىجىسىنى كۈتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3570
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 523 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 01:00:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ،  ئوبدان قىپسىز.    فورمىلا ئىشىلتىپ كومپىيوتىردا پىروگىرامما تۈزەلەيمەن دەڭ ...    يۇمشاق دىتال  بىلەن قاتتىق دىتالنى كونتىرول  قىلدىغان ئىشنى قىلالامسىز؟؟   بىر خىيالىم بار ئىدى   قۇياش نۇرى ئۇچۇقىنىڭ نۇرىنى خالىغان نوقتىغا يىغىش،   يەنى  قازان شەكىللىك نۇر يىققۇچنىڭ قازىنىنى نۇرغۇن تەكشى ئەينەكتىن قۇراشتۇرۇپ ھەربىر ئەينەكنى ئايرىم كونتىروللاپ  نىشان بەلگۈلەپ  شۇ نىشانغا نۇر قايتۇرغۇزۇش.    بىر نۇر  تەبىي،   ئىككىسى قىززىيدۇ  100 بولسا     ....   بۇنى  خەقلەر قىلدىمۇ يە؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 10 بىكارقاپسىز-ھە!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86830
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 01:25:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئالەم پونكىتىغا بەق قىزقىشم بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104439
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1020
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2014-3-5
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 01:25:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز ئەركىن سىدىق ئاكا، ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت، ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104515
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 509
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2014-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 01:49:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا بەكمۇ سىرلىق تۇيۇلىدۇ بۇ ئالەم بوشلىقى .يەنە بىر ئىش راست، ئالەم پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەر بىزگە قارىغاندا ئوڭاي قېرىپ كېتەرمۇ؟

مىللىتىم ئــۇيــغــۇر مــاكــانىم شىنجاڭ.  دىنىمدۇر ئــســلام

ياردەم مەزمۇنى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15872
يازما سانى: 2206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22101
تۆھپە نۇمۇرى: 952
توردا: 10090 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 01:52:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇۋاپىقىيىتىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12648
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 03:48:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
关于NASA Tech Briefs

NASA Tech Briefs是NASA推出的官方出版物,并且是美国BPA评出的发行量最大的工程杂志。每月出版的杂志独家报道 NASA及其行业合作伙伴和供应商所的技术创新,这些技术创新可用于产品的开发或改进、解决工程问题或制造工业。了解更多信息,请访问:http://www.techbriefs.com/

بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىزدىنىشلىرى ئارقىسىدا قولغا كەلتۈرىۋاتقان يېڭى نەتىجىلىرى مانا مۇشۇنداق مەخسۇس NASAنىڭ ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە بايقىغان يېڭىلىقلىرىنى خەۋەر قىلىدىغان چوڭ جورنالدا ئېلان قىلىنىپتۇ. تەبرىكلەيمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-25 04:18 PM  


پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5891
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 03:57:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
'اللە' ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن،ئىنشا'اللە'
بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن.

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 04:06:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇۋاپقىيەتلىرىڭىزنى تەبرىكلەيمەن...

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش