|
|
|
|
مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرمەن كىيىنكى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن ھېكايە كونىلارنىڭ‹‹ تەدبىرىنىڭ قانداق بولساتەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ›› دىگىنى ھەقىقەتەن راس ئىكەن . مەن كىچىكىمدىن باشلاپ،يۇۋاش-يۇمشاق، كەم سۆز بولغاچقىمىكىن مەكتەپلەردىمۇ ئۈگۈنۈش نەتىجەم سىنىپتا ئوتتۇراھال ماڭاتتى . دەرىستىن سىرىتقى ھېچقانداق پائالىيەتلەرگە قاتناشمايتىم، ئەتتىگەندەمەكتەپكە كەلسەم ئۆز ئورنۇمغا كىلىپ ئولتۇرۇۋېلىپ ئارام ئېلىشقا چىققانداسىرىتلارغا ئاز-تولا چىققاننى ھېساپقا ئالمىغاندا قالغان ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدەسىنىپتا جىمجىتقىنا بولاتتىم . مۇشۇخىل يۇسۇندا مەن باشلانغۇچنى پۈتتۈردىم .تولۇقسىزغا بارغاندا ئۆي كۈچۈش سەۋەبىدىن باشقا بىر مەكتەپكە يۆتكۈلۈپ ئوقۇدۇم . مەن بارغان جايدىكى باللار ناھايىتى شوخ بولۇپ مەندەك بىر يۇۋاش بالىنى ھەرگىز ئارىغائالمايتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ھەر دائىم ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇشقامەجبۇر بۇلاتتىم .تولۇقسىزنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇمىدا قوشنا سىنىپتىكى چىرايلىق بىرقىزغا كۈزۈم چۈشۈپ قالدى. گەرچە بۇچاغلاردا مۇھاببەتنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنمىسەممۇ ئەمما مەن ھەر دائىم ئۇ قىزنى كۈرۈشنى ئويلاپ، دەرىس ۋاقىتلىرىدا تولا خىيالقىلاتتىم . ئۇ قىز سىىنىپىدا دەرىسلەردە ناھايىتى ياخىشى بولۇپ مەكتەپتە نامى بارچىرايلىق ھەم ئوماق قىز ئىكەن . مەن غايبانە ھالدا ئۇنىڭ كەيگەن كىيىمى، تاقىغان چازىسى، پۇتىغا كىيۋالىدىغان ئايىقىغا قارايتىم . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپكە كىلىپ –كىتىدىغان چاغدا مىنىپ كىلىدىغان ۋەلىسپىتىگە توختىماي قارايتىم . دائىم ۋەلىسپىت قويىدىغان ئورۇنغا بېرىپ تۇرۇۋالاتتىم . ئۇ ھەر كۈنى ئەتتىگەندە بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىدىن ۋەلىسپىتنى شۇنداق ئەركىن ھەم ئاستا ھەيدەپ ئۈتەتتى . ئۇ ئۈتۈپ بولغاندا مەن كەينىدى مەكتەپكە قاراپ ماڭاتتىم . بۇ قىزنىڭ ئۈگۈنۈشتەتىرىشچان، قانداقلا چاغدا قارىسا قولىدىن كىتاب چۈشمەيدىغان خاراكتىرى ماڭا تەسىر قىلدىمىكىن.بارا-بارامەندە ئۆزگۈرۈش بولۇپ قولۇمدىن خەنزۇتىلى كىتاب چۈشمەيدىغان بۇلۇپ قالدى.تەلىيىمگە خەنزۇچە سەۋىيەممۇ ئېشىپ مەكتەپتە مەنمۇ كۆزگە كۈرۈنۈشكە باشلىدىم . تولۇقسىزنىڭ ئۈچۈنچى يىللىقىغا چىققاندا ئوقۇغۇچىلاردىن تاللاپ مۇسابىقىغە ئورۇنلاشتۇرۇپ قالدىبۇ قاتاردا مەنمۇ مۇسابىقىغا قاتناشتىم . مۇسابىقىدە ئۇقىز بىرىنچى مەن ئىككىنچى بولدۇم . شۇنىڭدىن كىيىن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى قۇيۇقلاشتى. تولۇق ئوتتۇغا چىقتۇق . ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە ھەمدەمدە بولۇپ دەرىسلەرنى تىرىشىپ ئۈگەندۇق . بىر يىلدىن كىيىن ئۇ يۇرتىمىزدىن كەلگەن بىزدىن بىر قارار تۆۋەن يىللىقتىكى بىر ئوغول بالا بىلەن يۇرۈۋالدى.كۆز ئالدىمدىلا ئۇ بالىنىڭ كىيىم-كىچەكلىرىنى يۇيۇپ بەردى ھەتتا بىر قىسىم ئىچ كىيىملىرىنى ئارلاشتۇرۇپ ئەكىرىپ بەرسىمۇ يۇيۇپ بەردى ،بۇ ماڭا قاتتىق ئېغىر كىلىپ باشقا سىنىپقا يۆتكىلىپ كەتتىم . بۇ ئارلىقتا ئۇنىڭ بىلەن بەكلا ئاز كۈرۈشتۈم. شۇنىڭدىن كىيىن مەن يالغۇزقېلىپ تورخانىغا كىرىشنى، ھەرخىل ئۇيۇنلارنى ئويناشنى ئۈگەندىم . بىر مەزگىلدىن كىيىن بۇنىڭدىنمۇ زىرىكىپ تاساددىبى ھالدا كىتاب ئوقۇشقا قىزقىپ كەتتىم . كىتاب ئوقۇيمەن تاماق يەيمەن سىنىپقا كىرىمەن .بىر يىلدەك ۋاقىت شۇنداق ئۆتتى .ئۇ بۇجەرياندا ئۇ بالىدىن ئايرىلىپ باشقا يۇرتلۇق بىر بالا بىلەن تۇنۇشتى، يەنە بىرنەچچە قىزلار بىلەن تۇنۇشۇپ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئويناپ يۈردى. مەن بولسام كۈندە كىتاب ئوقۇش بىلەن بولدۇم . ئالى مەكتەپ ئېمتاھان بېرىپ ئۇ باشقا شەھەرگەمەن باشقا شەھەرگە ئوقۇشقا كەتتۇق . بۇ جەرياندا ئۆيىمىز بىر يىزىدا بوپ قالغاچقائاندا – سانداتەتىللەردە ئۇچۇرۇشۇپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن دېگۈدەك كۈرۈشمىدۇق . مەن بەزى تەتىللەردە كەتمەي كومپىيۇتېر ئۈگۈنۈپ يۈرۈپ يۇرتقابارغاندىن كىيىن خېلى نامى بار بىر كومپىيۇتېرچى بوپ قالدىم . ئۇ بولسا ھېلى ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ ،ھېلى بۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ خېلى نامى بىر قىزغا ئايلىنىپ قالدى.ئوقۇش پۈتۈپ ھەمىمىز ھەر يەرلەرگەتەخسىم بولۇپ خىزمەتكە چۈشتۇق، بىر قانچە يىلدىن كىيىن مەن باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلدىم .ئۇ مەندىن ئازىراق قېيدىغاندەك قىلىپ باشقابىرمىللەت بالا بىلەن توي قىلىپ بىر بالىسى بولغاندىن كىيىن ئاجىرىشىپ كەتتى. مەن شۇندىلا ئۈزۈمگە قاتتىق نەپىرەتلەندىم .مەن سەل جۈرئەتلكراق بولۇپ ‹‹مەن سىنى ياخىشى كۈرىمەن ››دىگەن بىر ئېغىز گەپنى قىلالىغان بولسام ۋە ياكى مەن ئۇنى شۇنچەچۈشەنگەندىكى ئازىراق بىر گەپ قىلغان بولسام بۇنداق ئىشلار بولمىغان بولاتتى . مەن بىر ئەركەك تۇرۇپ يېنىمدىكى بىر قىزنى قوغدىيالماي نىمە قىلىدىغان ئادەم . مىنىڭ يۇۋاش، جىمغورلىقىم بەلكىم ئۈزۈمگىلا ئەمەس ئەتىراپىمدىكى نۇرغۇن كىشلەرنىمۇ ئوخشىمىغان قىسمەتلەرگە دۇچار قىلدىغۇ دەيمەن .
ئاقسۇشەھەر توقسۇ ناھىيە ئىچېرىق يىزا توغرىقۇمباشلانغۇچ مەكتەپتىن نەبىجان ئەبەيدۇللا 13579392505
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tatinqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-25 01:44 AM
|
|
|
|
|
|