مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1129|ئىنكاس: 17

رازۋېدكا خاتىرىسى— سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى (10) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 11:15:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىن ياڭنىڭ تارتمىسى ، ئىشكاپى،  ھەتتا قول سومكىسىدىمۇ  ئازراقمۇ مەخپىيەتلىك ساقلاش ئىمكانىيىتى يوق بولۇپ، ئاساسەن كۈندە دېگۈدەك باشقىلار ئۇششاق يېمەكلىك ۋە سۈرەتلىك كىتاپ ئىزدەپ ئىچىنى ماتىلاپ  تۇرىدىكەن. شۇڭا پىچاق ساقلىيالىشى مۈمكىن ئەمەسكەن. بىراق دۇنەنخەي مۇ دېلو يۈز بەرگەن كۈنى چىڭ جوۋ بىلەن جىن ياڭ نىڭ كىرپىكى ئاستىدا كىيىم ئالماشتۇرغان. شۇڭا سىنىپقا پىچاق كۆتۈرۈپ كىرەلىشىمۇ مۈمكى  ئەمەس.

«شۇڭا بىزنىڭ باشتىكى قىياسىمىز پۈتۈنلەي خاتا، بۇ ئۈچەيلەننىڭ ھېچقايسىسى قاتىل ئەمەس» .

بۇ جى لىڭ گې نىڭ ئويلىغىنى.

ئۇنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسلانغاندا، ھېچقانداق قاتىل بۇ دەرىجىدە ياخشىچاق بولىۋالالمايدۇ. مەيلى جىن ياڭ ياكى دۇنەنخەي بولسۇن، ئۇلار ئۆز دەلىللىرى بىلەن بىر بىرىنى قاتىل دېيىشكە پېتىنالىدى. ئۇنىڭدىن سىرت ئېيتقانلىرى تامامەن ئورۇنلۇق، ئەتراپلىق. ئىككىلىسىنىڭ تەپەككۇر يولى ئوخشاشلا ساقچىلارغا ياردەملىشىپ قاتىلنى تېپىش.ئۇنىڭدىن سىرت فاسەينىڭ دېيىشىچە بولغاندا، چىڭ جوۋنىڭمۇ ئىپادىسى شۇنداق نورمال ئىكەن. دېمەك ...

«ھەي، سىز ماڭا بۇ قېتىمقى قاتىل رول ئېلىشقا بەك ئۇستىكەن، دەۋاتاتتىڭىزغۇ؟ شۇڭا مۇنداق مەلەڭ قىياس قىلغىنىڭىزنىڭ قىلچە پايدىسى يوق. »دېدى فاسەي.

«سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز؟ »

«قاتىل ئېنىقلا بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدە. »

«بىراق ...»

ئەگەر قاتىلنى ئېنىقلا مۇشۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدە دېسەك، ئۇنداقتا مۇنداق چىگىش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش كېرەك:
جىن ياڭنى قاتىل دەپ قىياس قىلساق، ئۇنداقتا «جىن ياڭ پىچاقنى نەگە تىققان؟ »دېگەن چىگىش سوئال.
دۇنەنخەي نى قاتىل دېسەك، ئۇنداقتا «دۇنەنخەي پىچاقنى سىنىپقا قانداق ئەكىرگەن؟ »دېگەن چىگىش.

ئىككىلى چىگىش سوئالنى يېشىش ئىمكانىيىتى ئاساسەن يوق. ئۇنداقتا پەقەت بىرەيلەنلا قالىدۇ. بىراق، چىڭ جوۋنىڭ ئوڭ قولى ئېغىر يارىلانغان، ئەمىسە قانداق قىلىپ بارماق ئىزى قالدۇرماي لۈي يىشىننى ئۆلتۈرەلەيدۇ؟ (ئۇسۇل كىيىمى كىيگەنلەر پەقەت ئوڭ قولىغىلا پەلەي تاقىغان)

«سىز بۇلاردىن بىرەسىنى يېشەلەمسىز؟ »دەپ سورىدى جى لىڭ گې.

«بۇ دېگەن ساقچىلارنىڭ ئىشىدۇ—  دېدى فاسەي جاۋابەن—  ئىشقىلىپ مەن قاتىلنىڭ مۇشۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. قالغان ئۇ چىگىشلەرنى ئۆزىڭىز يېشىڭ. »

«ھەي ...»

«قانى يەشسىڭىز مەيلى. پەقەت يەشسىڭىزلا بولدى. يېشىپ بولغاندىن كېيىن مېنى ئىزدەڭ. مەن بېرىپ جايلاپ بېرىمەن. »
فاسەي دەپ بوپلا تاماكىدىن بىرنى يېقىپ، بۇيەردىن ئايرىلدى.





ئىشخانىدا پەقەت جى لىڭ گې لا  قالدى.

بۇ تۈگۈنلەر قارىماققا شۇنداق ئاددىي. ئۈچەيلەندىن مەيلى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلسىلا قاتىللىق قىلىش يولىنى بىلگىلى بولىدۇ. لېكىن ھازىرقى مەسىلە شۇكى، قىياس قىلىپ چىقارغان بىلەن، ھېچقانداق دەلىل ئىسپات يوق.

مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، پەقەت قاتىل ئۆزى ئېتراپ قىلغاندىلا ئاندىن دېلو ئاخىرلىشىدۇ. (دەلىل ئىسپات يوق بولغاچقا. )

مەسىلە شۇكى ...قاتىل زادى كىم؟

ئۇ ھازىر ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قاتىلغا ئوخشاتمايتتى. شۇڭا ھازىر ئۇلارنىڭ قاتىللىق قىلىش سەۋەبىدىن يەكۈن چىقارماي باشقا ئامال بولمىسا كېرەك.

شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئالدىدا قېلىن خاتىرىدىن ئىككىسى تۇرۇپتۇ.  ئۇلار ئۇنى لۈي يىشىننىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ تاپقان. يەنى، لۈي يىشىننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى.

ئاچايمۇ؟

ئامال قالمىغاندا ئۇنىڭ ئاچماي ئامالى يوق.

ئۇ ئادەتتە باشقىلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئانچە كۆرمەيتتى. بۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ كۆرۈپ باققان كۈندىلىك خاتىرىسى 10 پارچىمۇ چىقمايتتى.

بىراق، بۇ قېتىمقى قاتىل ھەقىقەتەن يامانكەن. شۇڭا يەنىلا يىپ ئۇچى ئىزدەش ئۈچۈن ئېچىپ كۆرۈپ باقاي.

ئۇ شۇ ئويلار بىلەن بۇ يىل يېزىلغان كۈندىلىك خاتىرىنى ئاچتى.

بىرىنجى پارچە:
«ئەبلەخ! مېنىڭ كۆزۈم چۈشكەن ئىشتاننى ئەپ كەتكىنىڭنى قارا ! قاراپ تۇر، ئۆچ ئالمىغىنىمنى كۆر!  ئەتە ئايىغىڭنىڭ ئىچىگە قاداق قويۇپ قويمىسام! »

ھەددىدىن ئاشقانلىق، دەپ ئويلىدى جى لىڭ گې.

بىرىنجى پارچىنىڭ ئاستىدا  ———

«ھا ھا ھا!  شۇمتەك، ئۆلگىدەك يىغلىغانسەن؟ بولدى تەن بەر! مەن دېگەن ئاخىرىغىچە كۈلەلەيدىغىنى! »

يەنە بىر پارچە:

«مېنىڭ بىرىنجى قېتىم سەھنە سىرتىدا ئوغۇللار بىلەن قول تۇتۇشۇشۇم. يەنە تېخى تاماق تالىشىۋېتىپ تۇتۇشۇشۇم. ئۇ مېنىڭ چوكا بىلەن قىسىۋالغان گۆشۈمنى ئالغىلى قويماي، چوكىدا تەڭ كەپ بولالماي قولىدا تارتىۋالدى ... تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم، ئوغۇللارنىڭ قولىمۇ شۇنداق ئىسسىق بولىدىكەن دېسە!  ئەپسۇس، ئۇ گۆشنى مەندىن تارتىۋالدى ...»

«ئۇ يەنە مەندىن گۆش تالاشتى!  لېكىن نېمىشقىكىن، ئۇنىڭغا ئۆچلۈكۈم كەلمەيۋاتىدىغۇ ...»

جى لىڭ گې نىڭ ئېسى كۈندىلىك خاتىرىدىن قايتىپ چىقتى. چۈنكى ئۇنىڭ ھەممىسى قىزلارنىڭ مىجەز خارەكتېرىلىك بىرنېمىسى ئىكەن.
يەنە داۋاملىق كۆرۈش كېرەكمۇ؟

بولدىلا، بەرىبىر ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ چىڭ جوۋ ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇ خاتىرە ئىككىسى مۇھەببەتلىشىش باسقۇچىدا يېزىلغان خاتىرە ئىكەن. ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىشىدىن خەۋەردار بولغاندىكىن مەخپىيەتلىك سانالماس. ..

كېيىنكى پارچە:

«مەن ئۇنى تۇتقۇن قىلىش قاتارىغا كەلدىم. ئۇنىڭدىن ماڭا كۆڭلى بار يوقلىقىنى قىستاپ سورىمىسام!  ھىم، مەن پىلانلاپ بولدۇم! ئۇنى كۆل بويىغا چاقىرىتىپ، كۆلگە دۈمبىسىنى قىلدۇرۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورايمەن. ئەگەر ئۇ كۆڭلۈم يوقلا دەپ قالسا، ھىم، ئۇنى كۆلگە ئىتتىرىۋېتىمەن! »

بۇ جى لىڭ نىڭ تۇنجى قېتىم بىر نەرسە كۆرۈۋېتىپ ئىچىۋاتقان چېيىنى پۈركۈپ سېلىشقا تاس قېلىشى.

ئۇنى بىر سەبىي قىز دەيمىزما؟  ئېنىقلا ئايال پادىشاھنىڭ ئۆزىغۇ!

«ئۇ دەرۋەقە مېنى ياخشى كۆرىدىكەن!  مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم بار بولدى! »  (مەندەك بويتاقلا، ما  ئۇسۇلنى ئۆگىنىۋېلىڭلا ھە ... ھى ھى ...)

قۇرۇق گەپ، ئەگەر ئۇ ياق دەپ قالسا شۇ زامان ھەممە يېرى ھۆل بولمامدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن لۈي يىشىننىڭ ئالاھىدە قىسمىتى——
«ئوغۇل دوستى بولسا ئەجەپ ياخشى بولىدىكەن، ئۇنىڭغا نېمە قىلىڭ دېسە شۇنى قىلىدىكەن. ماڭا بىر نەرسە ئەپ نەرسە،  تايىنىپ ئۇخلىسام، مېنى يۈدۈپ مەكتەپكە ئاپارسا، كېچىلىك تاماققا تەكلىپ قىلسا، يەنە تېخى ئاچچىقىم كەپ قالسا قۇم خالتىسى قىلسام ...»

جى لىڭ گې ئەمدى چۈشەندى. ئەسلى ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى مۇنداقكەن. قارىماققا مەزمۇنى سەل رەھىمسىز كۆرۈنسىمۇ، لېكىن گەپ سۆزلىرىدىن يەنىلا بەخىتلىكلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.

«ئۇ قاپاق رەت قىلىشنى بىلمەيدىكەن دېسە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا بارغانسىرى بەك ياخشىچاق بوپ كەتتى. ئۆتۈنەي، ماڭا ئۇنداق بەك گەپ ئاڭلايدىغان ئوغۇل دوست كېرەك ئەمەس، ئازراق قارشىلىق كۆرسەتكىنە ! بولامدۇ؟ »

«بەك گەپ ئاڭلايدىكەن. ئازراقمۇ جەڭگىۋارلىق ئېڭى يوق. باشقا بىرىگە ئالماشتۇرۇپ باقامدىم يە. يا بولمىسا بىراقلا يەنە بىرنى ئەگەشتۈرەي (3 - شەخىس تاپاي دېمەكچى)، بەرىبىر مەندەك مەلىكىدە ھۆسىن  - جامال بىلەن ئىقتىدار تۇرۇپتۇ. نەچچىنى تاپىمەن دېسەم شۇنچىنى تاپالايمەن بەرىبىر . ھا ھا ھا ...»

جى لىڭ گې بىۋاستە ئارقا تەرەپنى ئوقۇش قارارىغا كەلدى. چۈنكى ئۇ سەل ئىچىگە سىغدۇرالمايۋاتاتتى.

بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇ ئارقا تەرەپتىنمۇ ھېچقانداق ئادەم ئۆلتۈرۈش سەۋەبىگە ئائىت  مەزمۇن ئۇچرىتالمىدى .ھەممىسى دېگۈدەك چىڭ جوۋ بىلەن بولغان مۇھەببەت سەزگۈزەشتىلىرى ئىكەن.

بۇ خاتىرىنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇ يەنە بىر خاتىرىگە قاراپ تۇرۇپ قالدى.

بولدىلا، كۆرۈپ باقاي، گەرچە بۇنىڭ سەۋەبى ئۆتكەن يىلى بولمىغان بولسىمۇ ...
لېكىن، بىرىنچى پارچىنى كۆرۈپلا جى لىڭ گې چۆچۈپ كەتتى:

«ئوغۇللار بېرىپ ئۆلسۇن!  ئوغۇللار بېرىپ ئۆلسۇن! ئوغۇللار بېرىپ ئۆلسۇن!  مەن بۇ ئۆرۈمدە قىزلار بىلەنلا ئوينايمەن! »

بىر يىل ئۆتە - ئۆتمەيلا ئوغۇل دوست تاپقاندىكىن، ئۆزگىرىشى خېلى تېزكەن جۇمۇ.

ئىككىنچى پارچە:

«ئاياللارنىڭ ھەممىسى بېرىپ ئۆلسۇن! بۇ ئۆمرۈمدە ئۆزۈم يالغۇز ئوينايمەن! »

ئۇنىڭغا زادى نېمە بولغان بولغىيتتى؟

ئۈچىنچى پارچە:

«كۈندىلىك خاتىرەمنى ئوغرىلىقچە كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بېرىپ ئۆلسۇن! مەن ئۆلۈپ جىنغا ئۆزگەرسەممۇ ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن! »

جى لىڭ گې قورققىنىدىن دەرھال خاتىرىنى ياپتى.


ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قورقۇپ كەتتى. بىلىشىمىز كېرەككى لۈي يىشىننىڭ جەسىدى ھېلھەم جى لىڭ گې نىڭ ئىشخانىسىغا يىراق بولمىغان جايدىكى ئاۋۇ بىنا ئىچىدە.

خىزمەتتە ئىلگىرىلەش بولمىغان، كېچىچە ھېلىقى كۈندىلىك خاتىرە سەۋەبلىك ئۇخلىيالمىغان جى لىڭ گې، كېچىچە كارۋىتىدە ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆرۈلۈپ يېتىپ  بۇ دېلو.ئۈستىدە تەھلىل قىپ چىقتى.

تاڭ ئاتتى، ئۇنىڭ ھارغىن كۆزلىرى ئەمدى يۇمۇلۇپ تۇرۇشىغا تېلفونىغا بىر قىسقا ئۇچۇر كەلدى. ئۇ قارىۋىدى، ئۇ ئۇچۇرنى مىياۋزى ئەۋەتكەن ئىكەن: «مەن دوستلۇرۇمدىن ئۇ كۈنكى قوش كىشىلىك ئۇسۇل مۇسابىقىسىنىڭ سىنىنى تاپتىم، ئۇ DVدىن تارتىپتىكەن، ئانچە بەك ئېنىق ئەمەسكەن. كۆرەمسىز؟ »

«ھەئە! —  جى لىڭ گې دەرھال ئۇچۇر قايتۇردى—  ئىشخانامغا ئەپ كېلىپ كۆرەيلى. مەن مەكتەپكە سىزنى ئالغىلى باراي! ».

جى لىڭ گې دەرھال كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ، قول سومكىسىنى كۆتۈرۈپ، ماشىنا ئاچقۇچىنى ئېلىپ، ئىشخانىسىدىن ئۇچقاندەك ئايرىلدى.

ئادەم ئۆلتۈرۈش سەۋەبىنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى، شۇ قېتىملىق مۇسابىقە سەۋەبىدىن بولۇشى مۈمكىن. شۇڭا ئۇ سىننى چوقۇم كۆرۈش كېرەك.

«كىم تارتىپتىكەن؟— دېدى جى لىڭ گې بىر تەرەپتىن ماشىنا ھەيدىگەچ يېنىدىكى  Uدېسكىنى تۇتۇپ ئولتۇرغان مىياۋزىدىن سوراپ—  سۈزۈكلۈك  دەرىجىسى قانداقكەن؟ »

مىياۋزى گەپ قىلالمىغاچقا، خەت يېزىش تاختىسىغا يېرىم كۈن خەت يازسىمۇ ماشىنا ھەيدەۋاتقان جى لىڭ گې يا بېشىنى بۇراپ ئۇ خەتنى ئوقۇيالمىغاندىكىن، ئاخىرى ماشىنىدىن چۈشكەندە ئاندىن «گەپلىرى»نى بىلدۈرەلىدى، ئۇنى قوشنا سىنىپتىكى ئوغۇللار تارتىپتىكەنتۇق. سۈزۈكلۈك دەرىجىسى دېگەندەك بىرنېمىلەرنى ئۇ(مىياۋزى)  بىلمەيدىكەن.

«مىياۋزى، بۇنى كۆرۈپ بىرە نەرسىنى بايقىيالىدىڭىزمۇ؟ »دېدى جى لىڭ گې يولدا مېڭىۋاتقاچ.

مىياۋزى بېشىنى چايقىدى. بۇنىڭدىن جى لىڭ گې سەل ئۈمۈدسىزلەندى. كېيىن مىياۋزى خەت يېزىش تاختىسىغا خەت يېزىپ جى لىڭ گې غا كۆرسەتتى: «مەن تېخى كۆرۈپ باقمىدىم، پەقەتلا سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ باقتىم. »

«ئو ، بولدىلا، بىز ئاۋال بىر كۆرۈپ باقايلى! »دېدى جى لىڭ گې ئىشخانا ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرۇپ. مىياۋزىمۇ ياندىن بىر ئورۇندۇق تارتىپ ئەكىلىپ ، جى لىڭ گې نىڭ قېشىدا ئولتۇردى. ئىككەيلەن مۇشۇنداق قىلىپ سىننى بىللە كۆرۈشكە باشلىدى.

سىن قويۇلدى، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئوتتۇرا ھال بولۇپ، باشتا ئەتراپتىكى مۇھىت تارتىلغان ئىدى. ئىچىدىكىلەر نۇرغۇن بولۇپ، «يالت - يۇلت »قىپ يالتىراۋاتقان  چىراغلار، يەنە ئېسىل بېزەلگەن سەھنە تارتىلغانىدى.

جى لىڭ گې ئۇيەرگە بىر قېتىم بېرىپ باققان، شۇڭا ئۇنىڭ لىيەنخەي قاۋاقخانىسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.

ئاندىن كېيىن سىنغا ئالغۇچى كامىرانى ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا تۇتقان ئىدى. كۆرۈنۈشتىكى ھەممەيلەن مىڭخەي ئالىي مەكتىپى ئوقۇغۇچىلرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە دەرۋەقە دۇنەنخەي، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان جاڭ تىيەن بىلەن گې لىلى  بارئىدى. ئۇلاردىن سىرت، چىڭ جوۋ بىلەن لۈي يىشىنمۇ بار بولۇپ، جىن ياڭ ئۇ ئىككىسى بىلەن بىللە ئولتۇرغانىدى.

بۇ چاغدا جى لىڭ گې دۇنەنخەي نىڭ گېپىنى ئېسىگە ئالدى.

ئۇ ئۇنىڭغا جىن ياڭنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش سەۋەبىنى لۈي يىشىننىڭ بۇ مۇسابىقىدە ئۇنى ئالدىغانلىقى ئېيتقان. لۈي يىشىن قاراشقا كىم تاڭغا يېقىنلىق قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە چىڭ جوۋ بىلەن مۇسابىقىگە چىقىپ كەتكەن.

دۇنەنخەي ئېيتقان، ئۆزىنىڭ تېخى ئۇسۇل ھەمراھىنى بېكىتمىگەنلىكىمۇ قارىماققا راستتەك قىلاتتى.

كېيىن رىياسەتچى سەھنىگە چىقىپ مۇسابىقە قائىدىسىنى ئېلان قىلدى. (قائىدە قىسقارتىلدى. )

كېيىن مۇسابىقە باشلاندى .

كامىرا سەھنىگە توغرىلاندى. گەرچە سىنغا ئېلىنغان مۇزىكا ئانچە ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇسۇلغا چۈشكۈچىلەر مۇزىكىنىڭ ئۇدارىغا كەلتۈرۈپ شۇنداق رىتىملىق ئويناۋاتاتتى.

مۇشۇ تەرىقىدە سىن تەخمىنەن بىرسائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت قويۇلغاندىن كېيىن، ئاخىرى لۈي يىشىن بىلەن چىڭ جوۋنىڭ سەھنىگە چىقىدىغان ۋاقتى كەلدى.

جى لىڭ گې بىلەن مىياۋزى دەرھال دىققىتىنى يىغدى.

مۇزىكا ئەمدىلا ياڭرىشىغا، پۈتۈن سەھنە تەۋرەپ كەتتى. ئۇلارنىڭ مۇزىكىسى ۋە ھەرىكىتى ناھايىتى ماسلاشقان بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق چىققانىدى. ئۇلارنىڭ ئۇ ھەرىكەتلىرىنى، ماسلىشىشىنى كۆرۈپ، ھەتتا جى لىڭ گې نىڭمۇ ئۇلارغا  ھەۋىسى كېپ كەتتى.

مۇشۇنداق ياخشى ھەمراھ، ئاشىقلار، چىڭ جوۋنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە راستلا قولى بارارمۇ؟ راست بولسا نەقەدەر ئېچىنىشلىق ئىش.

مۇزىكا ئاخىرلاشتى. ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىمۇ ئاخىرلاشتى.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 11:37:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىسى قانداق بولا...؟

ئەجەب بىلگۈم كەلدى...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 12:04:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقغانسىرى ئادەم ئىچگە كىرىپلا  كېتىدىكەن جۇمۇ  
ھامىغايسىز  ئوقۇشقا ئىنتىزارمەن

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108631
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 190
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 12:33:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yaman yaga kaganti  kaqan yollasiz ahirini

قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىدا ئوقۇيدىغان دوسلار ئالاقىلشقپ قويايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108631
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 190
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 10:10:52 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 11:37 PM
ئاخىرىسى قانداق بولا...؟

ئەجەب بىلگۈم كەلدى...

xu tiztiz yollisa bolatti bu kirindiximiz

قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىدا ئوقۇيدىغان دوسلار ئالاقىلشقپ قويايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 12:00:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmat cizga

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2990
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 03:11:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزراق بۇلىڭە، ئادەمنى  تەقەززا قىلماي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 04:26:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xahzada100 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-25 12:04 AM
ئوقغانسىرى ئادەم ئىچگە كىرىپلا  كېتىدىكەن جۇمۇ  
ھامىغ ...

ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەنمەن

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 04:26:45 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۆزەل يوللىغان ۋاقتى  2014-7-25 03:11 PM
تىزراق بۇلىڭە، ئادەمنى  تەقەززا قىلماي.

تېلفوندا ئۇرىۋاتىمەن مانا

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 04:27:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hujayin1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-25 12:00 PM
rahmat cizga

سىزگىمۇ ھەم شۇنداق. قوللىغىنىڭىزغا تەشەككۈر

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش