كىتابھەققىدە خىياللار
نۇربىيەم قۇدرەت
كىتاب ئۇ مەدەنيەتنى مەدەنيەتكە يەتكۈزدىغان ئۇلايدىغان كۆۋرۈك.كىتاب ئۇ مەنىۋى بايلىق بولۇپ كىشلەرنىڭ مەنىۋىيتىن ى بىيىتقۇسى.مەنىۋى بايلىقىسز كىشلەرنىڭ ئىجاد يولغا قەدەم باسىقننى كۆرمۈدۈم.نۇرغۇن كىشلەر كىتابتىن ئىبارەت مەنىۋى بايلىق ئارقلىق ئۆزىنى تاكاماللاشتۇرۇپ،روھى دۇنياسىنى بىيتىپ ھاياتنى رەڭدارلىققا پۇركۇمەكتە. يەنە بەزىلەر بولسا مەنىۋىبايلىقىنى بىيتماقتا تۇگۈل كىتاب كۆرۈش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى دەپ قاراپ ۋاقتىنىئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزمەكتە. بۇنداق قاراش توغرىمۇ؟ ياق . بۇ ئىش خوشياقماسكىشلەر ئۈچۈن بىر باھانە خالاس. مەنىۋىيتىمنى بىيتىمەن، ئۇنى گۈللەندۈرمەن،راۋاجلاندۇرمەن دەيدىكەن كىتابتىن ئىبارەت مەنىۋى بايلىققا سەل قارىمايتى.
ھازىر خىلى كىشلەرنىڭ ماددى بايلىقى كۆپۈيۈپ مەنىۋى بايلىقى زەئىپلىششكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. نۇرغۇن كىتابلار ھازىر دۆلەتنىڭدىھقانلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ھەر قايسى ناھىيە ، يېزىلاردا «ئائىلەقىرائەتخانىسى» قۇرۇلدى ھەم ھۆكۈمەت نۇرغۇن كىتابلارنى «ئائىلە قىرائەتخانىسى»ئۈچۈن سوۋغا قىلدى. كىشلەرنىڭ مەنىۋىيتى زور بايلىققا ئىرشتى دىسەكمۇ ھەرگىز ئارتۇقكەتمەس. گەرچە بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولسىمۇ بىراق يەنە بىر جەھەتتىن ئىقتىسادىكىرزىس بىسىمىنى ئىلىپ كەلمەكتە. ھەممە ئادەم تەييار كىتابنى ئوقۇپلايۇرمەيدۇ.بەزىلەر كىتاب ئىلىپ ساقلاشقا خۇشتار، يەنە بەزىلەر بولسا ئوقۇشقا ئامراق. ھازىر نۇرغۇن كىشلەر مۇشۇ كىتاب باھاسى توغۇرسىدا سەل ئويلىندىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى ھازىر كىشلەرنىڭ ماددى بايلىقى ئاشقىنى بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئىبارەتسىتودىنتلار ئۈچۈن بولسا نامراتلىق بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. ھازىر كۆپىنچە كىتاب ئالدىغانلارغا قارايدىغان بولساق زىيالىلار كۆپ سالماقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى زىيالىلارنىڭ بىر قىسم كىتابنى ئىلىش ئويى بولسىمۇ بىراق قىممەتلىك سەۋەبىدىنكىتابنى ئالالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىۋاتىدۇ. سىتودىنتلار مۇنداق قارايدۇ:
ھازىرقى ئۇيغۇرچە كىتابلارغا قارايدىغان بولساق باھاسى سەل قىممەترەك.ناۋادا بۇرۇن نەشىر قىلىنغان كىتابلار بولسا باھاسى تىخىمۇئۆرە.ئۇلاردىن ئىلشقا قۇربىمىز يەتمەيدۇ. خەنزۇچە كىتابلارغا قارايدىغان بولساق ئۇكىتابلارنىڭ باھاسى مۇۋاپىق ، قايتا نەشىر قىلىنسا ئەسلى باھاسىدىكىدىن خىلىلاتۆۋەن. خەنزۇلار بىرنىچى نەشىر كىتابنى ئالالمىسا قايتا نەشىر قىلغان چاغدا جەزمەنئالىدۇ. چۈنكى ئۇلار تۆۋەن قاتلامدىكى كىشلەرنىڭ مەنىۋىيتىنى ئويلاپ ۋە ئۇلارنىچىقىش قىلىپ نەشىر قىلىندۇ بىزدە بولسا ئەكسىچە . يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىپ ئىيتساق بىزنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تىشى قاتتىق تاشلىق ھەم ئىسىل، كۆركەم، ئۆزگىچىلىككەئىگە. بىراق بۇ كىتابلار قولدىن چۈشۈپ كەتتىمۇ بولدى كىتاب تىشى بىلەن مەزمۇنى ئىككى تەرەپتە ماكچىيىپ تۇرىدۇ. خەنزۇچە كىتابلاردا بولسا تىشى ئاددى ئۆزگىچىلككەئىگە يۇمشاق تاشلىق كىتابلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭسىتىلىش تىراژى ناھايتى تىز شىددەت بىلەن يۇقىرلايدۇ. ئۇيغۇرچە كىتاب بولسائەكسىچە .
خەنزۇلارنىڭ ئۆزگىچە بىر خىل كىتاب چىقىرىشئۇسلۇبى بار ئۇ بولسىمۇ كىتابنى ئالقانچىلىك قىلىپ ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك قىلىدۇ.ئالقانچىلىك بۇ كىتابنى سىز يانچۇقىڭىزغا سىلىپ قەيەرگە ئىلىپ بارسىڭىز سىزگەدەخلىسى بولمايدۇ. ماشىنىغاا چىقىپ ئىش پۇشقىدا يانچۇقىڭىزدىن ئىلىپ ئوقۇسىڭىزبولىدۇ چۈشدىغان بىكەتكە كىلىپ يانچۇقىڭزغا سىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئۇيغۇرچەكتابلار بولسا ئەكسىچە . ئۇيغۇرچە كىتابلار ئادەتتە لوغەتلەرلا ئالقانچىلىك كىچىك.ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك باشقا كىتابلار بولسا ئەكسچە يوغان ئىلپ يۈرۈشمۇ سەلقۇلايسىز.
خەنزۇ ئەدەبىياتىدا ياش كۈچلەرنى قوللاش ناھايتىيۇقىرى. ياش بىر يازغۇچى كىتاب چىقارماقچى بولسا ئۇلار ئۇ كىتابنى ناھايتى تىزلانەشىرىدىن چىقرىدۇ. ھەم شۇ يازغۇچىنىڭ يىزلىش ئۇسلۇبىغا ھۆرمەت قلىدۇ.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەكسىچە . ياش كۈچلەر بىرەركىتاب چىقارماقچى بولسا نۇرغۇن ئەگرى يوللارغا دۇچ كىلىپ ئاخىرىدا ۋازكىچىدۇ.ئۇلارنى قەلىمى پىشمىغان، تىخى گۈدەك دەپ ئويلايدۇ. پىشقەدەم يازغۇچىلارنىڭكىتابلىرى نەشىرىدىن ناھايتى تىز چىقىدۇ.بىر ياش ئەسەرنى ئىلان قىلدۇردى دىسەكمۇبەزى مۇھەرىرلەر بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ يىزىلىش ئۇسلۇبىغا ھۆرمەت قىلماي ئۇئەسەرگە «يېڭى چاپان» كىيكۈزۈپ ئىلان قىلدۇ. ...
دىمەك يۇقارقى سەۋەبلەر ۋە باشقا سەۋەبلەرتۈپەيلىدىن بەزىلەر كىتاب ئالالماسلىق ۋە ياش كۈچلەرنىڭ كىتاب چىقىرىش ئىستىكى خامخىيالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. كىتاب ئۇ مەنىۋى بايلىق. مۇمكىن بولسا يۇقارقىسەۋەبلەرنى ئويلىنپ كۆرۈپ مۇۋاپىق بىر تەدبىر بارلىققا كەلسە كىتابتىن ئىبارەت مەنىۋى بايلىق زىيانغا ئۇچىرمىسا .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& |9 c" i# ?- X1 b* [# R7 e' W1 C
مەنبە: قەلىمىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* I" Y7 A- P0 g2 r6 }! y! e
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iptihar2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-24 09:32 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ s3 a J1 l5 C. C8 D% }$ S: Z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# @6 n6 C' r E9 ]* F