ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ياخشى شىركىتى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ روزى ھېيتىنى ئالدىن قۇتلۇقلايدۇ .
چېچەن كىرگۈزگۈچىسى 1.0 نۇسخىسى 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى تارقىتىلغان ئىدى ، بۈگۈن مەن يەنە روزى ھېيت ھارپىسى مەزگىلىدە چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسىنىڭ 2.0 نۇسخىسى ئېلىپ كەلدىم.
1.0 نۇسخىدا بايقالغان بارلىق مەسىلىلەر تۈزىتىلدى ئۇنىڭدىن سىرت نامزات سۆز تەرتىۋى جەھەتتە ئازراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى.
چېچەن كىرگۈزگۈچ 2.0 نۇسخىسى ئالاھىدىلىكلىرى :
1. ئەزالارنىڭ كۆپ ئىشلەتكەن سۆزلۈكلىرىنى ئەستە ساقلايدۇ ، يەنى سىز چېچەن كىرگۈزگۈچ سۆزلۈك ئامبىرىدا يوق سۆزلەرنى بىر نەچچە قېتىم تەكرار كىرگۈزۈپ ئىشلەتكەندىن كىيىن ، چېچەن بۇ سۆزلۈكلەرنى ئەستە ساقلايدۇ ، ھەم نامزات سۆز قاتارىدا ئالدىغا تىزىپ بېرىدۇ بۇ 2.0 نۇسخىسىدىكى ئەڭ يارقىن نوقتا undefined
2.ۋىندوۋس 8 مېترو نۇسخىسىدا نورمال ئىشلەيدۇ
3.ئاپتوماتىك ئەمزە قويۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى ، ئەلۋەتتە بۇ ئىقتىدارنى سىز تەڭشەك رايونىدىن تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز .
4.قاچىلىغاندا ئىزدە تورىنى باشبەت قىلىش ياكى قىلماسلىقنى تاللىيالايسىز .
5.قاچىلىغاندا مۈدۈك باشبېتىنى ئىشلىتىش ئىشلەتمەسلىكنى تاللىيالايسىز .
6. چېچەن 2.0 نۇسخىسىدا نورمال ھالەت بىلەن چېچەن ھالەتنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز، تەڭشەك ئورنىدىن ئالماشتۇرسىڭىز ياكى shift + space يەنى شىفت بىلەن بوشلۇقنى تەڭلا بېسىپ ئالماشتۇرۇشقىمۇ ، ھالەت ستونىدىكى يۇلتۇز بەلگىسىنى يۇرۇتۇش ، ئۆچۈرۈش ئارقىلىقمۇ ئالماشتۇرالايسىز (چېچەن ھالەت : نامزات سۆزلۈك كۆرۈنىدىغان ھالەت ، نورمال ھالەت : نامزات سۆزلۈك كۆرۈنمەيدىغان ، بىۋاستە يېزىلىدىغان ھالەت)
7.كىرگۈزگۈچتە خەت يازغاندا نامزات سۆزلۈك ئۈستىدىكى سىز ئۇرۇپ كىرگۈزگەن ماس ھالدىكى لاتىن يېزىقى ئورنىغا ، ئۇيغۇرچە ئېلىندى (1.0 نۇسخىدا ئەڭ كۆپ ئىنكاس قىلىنغان نۇقتىلارنىڭ بېرى )
1. نۇسخىدىكى ھالىتى
2.0 نۇسخىدىكى ھالىتى
8. چېچەن كىرگۈزگۈچىسى ئۆلچەملىك يونىكود ئۆلچىمى ئاساسىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان دېتال بولۇپ ، ئەلكاتىپ ، UKIJ ، ئەلپىدا قاتارلىق يونىكودلۇق كىرگۈزگۈچلەردە يېزىلغان بارلىق ماتېرىياللارنى قوللايدۇ . بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان 2.0 نۇسخىسىدىكى يارقىن نوقتىلار يۇقارقى 8 تۈرلۈكلا ئەمەس ، قالغانلىرىنى ئۇدا 5-10 كۈن ئىشلەتكەندىن كىيىن تەبىئىيلا ھىس قىلىپ يىتەلەيسىز .
كىرگۈزگۈچنى ياقتۇرغان دوستلارنىڭ باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىنى ، توربېكىتى بار دوستلارنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىغا ھە-ھۇ دىيىشىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز .
چېچەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى Windows مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دېتالى بولۇپ ، XP/Vista/Win7/win8 قاتارلىق مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
چېچەن كىرگۈزگۈچ ئاساسلىق ئىقتىدارى : 1. ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىنالايسىز، سۆزلۈك ئامبىرى تەجرىبىلىك كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن. 2.ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ، چېچەن كىرگۈزگۈچىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىرگۈزۈش ئادىتىنى ئەستە ساقلايدىغان بولۇپ، كۆپ ئىشلەتكەن سۆزلىرىڭىزنى نامزات سۆزلۈك قاتارىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنىغا تىزىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 3.يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەگەر سىز يېڭى ئۆگەنچى بولسىڭىز يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسىنى قوزغىتىپ ، كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ( ياكى كۇنۇپكا تاختىسىغا قاراپ ) خەت كىرگۈزسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. 4. كىرگۈزۈش سۈرئىتىڭىز تېزلىشىدۇ، سىز كىرگۈزمەكچى بولغان سۆزنىڭ باش ھەرپلىرىنى كىرگۈزسىڭىزلا ، چېچەن سىزگە كىرگۈزگەن ھەرپلىرىڭىزگە ماس كېلىدىغان ، كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنى نامزات سۆز قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 5.سۆز بىرىكمىسى كىرگۈزۈش تېخىمۇ قولايلىق ھەم تېز، مەسىلەن: ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز پەقەت ‹‹ ش ۇ ا ر ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ، ‹‹ ئۈرۈمچى شەھىرى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز ‹‹ ۈ ش ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ. ( سۆز بېرىكمىسى يازغاندا ئەمزە ‹‹ ئ ››قوشۇپ يېزىشىڭىز ھاجەتسىز ) 6.كۆپ خىل كىرگۈزگۈچ ئۇسلۇبى تەمىنلەندى، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇسلۇب، رەڭلەرنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز. يەنە شىركىتىمىز تەمىنلىگەن Chichenicc ئۇسلۇب لايىھەلەش قورالى ئارقىلىق ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان پاسوندىكى ئۇسلۇبلارنى ياساپ ئىشلىتەلەيسىز. 7.بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئەڭ يېڭى سۆزلۈك ئامبىرىنى ئىشلىتەلەيسىز، سۆزلۈك ئامبىرىنى توردا يېڭىلاشقا بولىدۇ، شىركىتىمىز سۆزلۈك ئامبىرىنى داۋاملىق تولۇقلايدۇ، سۆزلۈك ئامبىرى يېڭىلاش ئۈچۈن دېتالنى قايتا قاچىلىشىڭىز ھاجەتسىز. 8.shift كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، لاتىنچە كىرگۈزۈشنى ئالماشتۇرالايسىز، ئىنتايىن قولايلىق. 9.قاچىلاش باسقۇچى ئاددىي، قولايلىق؛ قاچىلاشتىن ئىلگىرى ياكى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. 10. چېچەن 2.0 نۇسخىسىدا نورمال ھالەت بىلەن چېچەن ھالەتنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز، تەڭشەك ئورنىدىن ئالماشتۇرسىڭىز ياكى shift + space يەنى شىفت بىلەن بوشلۇقنى تەڭلا بېسىپ ئالماشتۇرۇشقىمۇ ، ھالەت ستونىدىكى يۇلتۇز بەلگىسىنى يۇرۇتۇش ، ئۆچۈرۈش ئارقىلىقمۇ ئالماشتۇرالايسىز (چېچەن ھالەت : نامزات سۆزلۈك كۆرۈنىدىغان ھالەت ، نورمال ھالەت : نامزات سۆزلۈك كۆرۈنمەيدىغان ، بىۋاستە يېزىلىدىغان ھالەت)
چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى سىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى . چېچەن كىرگۈزگۈچ توربېتى (كىرگۈزگۈچ چۈشۈرۈش ) ئادرېسى : http://ime.izda.com چېچەن كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىش قوللانمىسى ئادرېسى : http://ime.izda.com/ime/help مەزكۇر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ھەقسىز يۇمشاق دېتال. نۇسخا نومۇرى : چېچەن 2.0 مەزكۇر دېتالنىڭ بارلىق ھوقۇقى ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە تەۋە
|