مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2275|ئىنكاس: 14

ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سەۋەبى توغرىسىدا ئىزدىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108387
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2014-7-12
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 06:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى:ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش، بۇ ئارقىلىق ساغلاملىقنىڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ ماقالىدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئالاقىدار ۋەسىقىلەرنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدىكى ئۆزىگە خاس بولغان يېمەك -ئىچمەك قۇرۇلمىسى، ھەرىكەت ئۇسۇلى، روھى-كەيپىياتنى تەڭشەش ئۇسۇلى، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ھەمدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان دورا ھەم رېتسېپ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بەش چوڭ سەۋەب ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارغا بولغان تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرگىسى.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر تېۋىپلىرى؛ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سەۋەبى
ساغلام ھالدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتۈن دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى①. لېكىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سەۋەبى خۇددى گولدىباخنىڭ پەرىزىگە ئوخشاش، ئېرىشىش قېيىن
ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى: قەيسەر ئابدۇكېرەم (1970-يىلى تۇغۇلغان)، دوكتور، مۇدىر پراۋىزور، ئاساسلىقى يۈرەك قان تۇمۇر فارماكولوگىيە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
ماقالە تاپشۇرۇۋېلىنغان ۋاقىت: بۇ ماقالە 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىنغان.
بولغان بىر ئىش. خەلقئارا تەبىئىي مېدىتسىنا ئىلمىي جەمئىيىتى ئېلان قىلغان ئوزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رايونلىرى ئىچىدە خوتەن رايۇنىمۇ بار. دۆلەتنىڭ ئەڭ يېڭى نوپۇس تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۈز ياش ۋە يۈز ياشتىن ئاشقانلار 43مىڭ 708 نەپەر ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىكى يۈز ياش ۋە يۈز ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار 1448نەپەر بولۇپ، 3.3 پرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن ،بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىدىكى ھەر بىر مىليون نوپۇس ئىچىدە 78.44 نەپەر ئادەم يۈز ياشتىن ئاشقان ھېسابلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئوتتۇرىچە سەۋىيىسى(ھەر بىر مىليون نوپۇس ئىچىدە 31.22 نەپەر ئادەم يۈز ياشتىن ئاشقان) دىن خېلىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن.② بىز ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن كىشىلەرنى ستاتىستىكا قىلىش جەريانىدا، ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ كۆپ نىسبەتنى،يەنى %30-40 نى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق. شۇڭلاشقا بۇ ماقالىدە خوتەن رايۇنىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سەۋەبى ئىچىدە، خوتەننىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن باشقا، يەنە ئۇيغۇر تېبابىتىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان دەپ قارالدى.③
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەنئەنىۋىي تېبابەتچىلىكىدىكى بىر مۇستەقىل تېببىي ئىلىم ھېساپلىنىدۇ. دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا، ئۇيغۇر خەلقى قەدىمكى تاش قۇرال دەۋرىدىن باشلاپ ئىپتىدائىي داۋالاش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى باشلىغان. ئۇنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، قەدىمىي غەربىي يۇرت خەلقى ۋە غەربىي يۇرتقا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر ئەمگەكچى خەلقى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە، ھەرخىل كېسەللىكلەر بىلەن كۈرەش قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان ھەمدە ئالاھىدە بولغان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇسۇلى بارلىققا كەلگەن.④⑤ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ساغلاملىقنىڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىز ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئالاقىدار ۋەسىقىلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سەۋەبى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى يەكۈنلەپ چىقتۇق.
1. يېمەك -ئىچمەك قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىچە بولۇشى:
ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزلىرى ياشىغان ئىقلىم شارائىتىغا ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە ماس كېلىدىغان تاماق ئېتىش-پىشۇرۇش ھۈنەر-سەنئىتىنى ۋە ئەنئەنىۋى تاماقلارنى ئىجاد قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىگە خاس بولغان يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن.ئۇيغۇر تېبابىتىدە يېمەك -ئىچمەكلەر تەبىئەت جەھەتتىن ھۆل ئىسسىق،ھۆل سوغۇق، قۇرۇق ئىسسىق ۋە قۇرۇق سوغۇق دەپ بۆلۈنىدۇ. ئۇيغۇر تېۋىپلىرى بۇ نەزەرىيىنى تۇرمۇشقا تەدبىقلاپ،كۈندىلىك ئىستېمال،ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىنى يېمەك -ئىچمەكنىڭ تەبىئىتى، تەسىرى ۋە ئۆز مىزاجىغا بىرلەشتۈرۈشكە ئادەتلەنگەن.⑥ئۇيغۇر تېۋىپلىرى كۈنلۈك ئوزۇقلىنىش ئادىتى جەھەتتە، ئاساسەن ئىككى ۋاخ نان بىلەن چاي ئىچىدۇ،يەنى ئەتتىگەنلىك تاماقتا نان بىلەن قۇرۇق ئۈزۈم ، ياڭاق مېغىزى، مۇراببا، قەنت، ناۋات ئىستىمال قىلىش ۋە ياكى نان چاي بىلەن ئىچىش، ھۆل ئۈزۈم بىلەن يۇمشاق توقاچ، نان يېيىش؛ چۈشتە بولسا پولۇ،مانتىغا ئوخشاش گۆشلۈك، ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان تاماقلارنى يىيىش؛ كەچلىك تاماقتا سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى يىيىش ياكى نان بىلەن چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. مەسىلەن: مەشھۇر تېۋىپ ئەمەت ھاجى (1882-1994، كېرىيە ناھىيەسىدىن) يېمەكلىكلەرنى تەڭشەپ ئىستېمال قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ ، قۇناق ئېشى ۋە مېغىز يېيىشنى بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. مەشھۇر تېۋىپ تۇردى ھاجى(1863-1987، لوپ ناھىيىسىدىن) قىيمىلىق تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلاتتى، بولۇپمۇ ئۇماچقا چىلان، جىگدە سېلىپ ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى.ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمەك قۇرۇلمىسىدا نان ۋە پولۇ مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە نان تەمى ئۆزگىچە، سىڭىشلىك، قۇۋۋىتى يۇقىرى، زىيان قىلمايدىغان بولغاچقا، ئىستېمال قىلىنسا بەدەنگە قۇۋۋەت تولۇقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ساقلىقنى ساقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. مۇھەممەت باقى ئالىم(ئەمەت ھاجىمنىڭ خىزمەتدىشى ھەم شاگىرتى)نىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئەمەت ھاجىم تاماقنى ئاز يېيىشكە، كۆپىنچە ئەتىگىنى چاي بىلەن نان يېيىشكە، چۈشلۈكى پولۇ يېيىشكە ئادەتلەنگەن ئىكەن. پولۇ قوي گۆشى، گۈرۈچ، سەۋزە، پىياز، ئۆسۈملۈك مېيى، تۇز، شوخلا قاتارلىق خۇرۇچلاردىن تەييارلىنىدىغان بولۇپ، ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمى بولغان بىرخىل يېمەكلىك ھېساپلىنىدۇ. پولۇ ئۆزىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئادەم پولو ئىستېمال قىلغاندىن كىيىن، روھنى ئۇرغۇتۇپ، يۈرەك، مېڭە، جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ، كەيپىياتنى ياخشىلاپ، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ فۇنكسىيىسىنى كۈچەيتىدۇ.چۈنكى پولودىكى خۇرۇچلار تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئېھتىياج بولغان ئاقسىل، ماي، قەنت، سېلېن، فوسفور، سىنك ، تۆمۈر، كالتسىي، ۋىتامىن B2 قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، بۇ ماددىلار ئادەمنىڭ نورمال مىزاجىنى تەڭشەش، ساغلام ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قاتارلىقلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ئىچىملىك سۈيى جەھەتتە، تاغ-دەريا سۇلىرى، بۇلاق سۈيىنى «كۈن كۆرگەن، تاشتىن-تاشقا ئۇرۇلغان ئەركەك سۇ» دەپ قاراپ، تاغلاردىن ئېقىپ كەلگەن ئېقىن سۇ، بۇلاق سۈيى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ئەگەر ئولتۇراق رايون ئەتراپىدا ئېقىن سۇ بولسا، يېقىن-يىراق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئېقىن سۇ ئەكىلىپ ئىستېمال قىلغان.
ئۇيغۇر تېۋىپلىرى يەنە پەرھىزلىك تاماقلارغىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. يەنى ئۆزىنىڭ يېمەك -ئىچمەك جەھەتتىكى تەجرىبىسىگە ئاساسەن، شىپالىق تاماقلارنى ئىستېمال قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بىرقىسىم تاماقلاردىن پەرھىز قىلىپ، ئۆز ساغلاملىقىنى قوغداشقا ئادەتلەنگەن. مەسىلەن: سوغۇقى ئېشىپ قالسا، ئىسسىق تەبىئەتلىك تاماقلارنى ئىستېمال قىلىپ مىزاجىنى تەڭشىگەن، ئىسسىقى ئېشىپ قىزىپ قالسا، سوغۇق تەبىئەتلىك تاماقلارنى ئىستېمال قىلغان، قۇرۇقلۇق ئېشىپ كەتسە، ھۆللۈك يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆز مىزاجىنى تەڭشىگەن.
2. ھەرىكەت ئۇسۇلىنىڭ كۆپ خىل ۋە جانلىق بولۇشى :
ئۇيغۇر تېۋىپلىرى پىيادە يول يۈرۈش ۋە جىسمانىي ئەمگەككە كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئات، قوي، توخۇ، كەپتەر، ئىت، قارچىغا، قارىقۇشقاچ قاتارلىقلارنى بېقىش ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ تۇرغان. مەسىلەن:مەشھۇر تېۋىپ تۇردى مۇھەممەد ئاخۇن باغچى يېزىسى ئەلنامە كەنتىدىن ئارىلىقى 15 كىلومېتىر بولغان خىزمەت ئورنى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا مېڭىپ كېلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا تېۋىپلار يالاڭئاياغ مېڭىشقا ئادەتلەنگەن. تېۋىپلار 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 9-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان تومۇز كۈنلەردە ئاياغ كەيمەيدىكەن. مەسىلەن: ئۇيغۇر تېبابەت مۇتەخەسسىسى ئابدۇللا ماخمۇت ھاجى كۆپىنچە يالاڭئاياغ يۈرىدۇ. يالاڭ ئاياغ ماڭغاندا، قۇياش نۇرىدا ئىللىغان تۇپراقنىڭ ئىسسىق ھارارىتى تاپان ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە تارقاپ، سۆڭەكلەرنى چىڭىتىدۇ، تومۇرلارنى ئاچىدۇ، يەنە بۇنىڭ رېماتىزم، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى ۋە باشقا تۈرلۈك بەدەن ئاجىزلىق كېسەللىكلىرىگە پايدىسى كۆپ بولۇپ، بۇلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى ھېساپلىنىدۇ. ئادەتتە يالاڭئاياغ يۈرۈشنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەھمىيىتى بولۇپلا قالماي، يەنە فىزىكىلىق رولى بار. چۈنكى تاپان ئارتېرىيە قان تومۇرلىرى بىلەن ۋېنا قان تومۇرلىرى تۇتىشىدىغان، يۈرەككە يىراق بولغا، بەدەننىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى ئورۇن بولغاچقا، قان ئايلىنىش نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ. دائىم يالاڭئاياغ يول يۈرگەندە، پۇت ئالىقىنى تەكشى بولمىغان تۇپراق يۈزىگە داۋاملىق تېگىش جەريانىدا غىدىقلانغانلىقتىن، قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ، يۈرەك ھەرىكىتى جانلىنىپ، يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇيغۇر تېۋىپلىرىنىڭ ياز پەسلىدە يالاڭئاياغ يۈرۈشىنىڭ ئىلمىي ئاساسقا ئىگە،ساقلىقنى ساقلاش ئەھمىيىتى زور بولغان تۇرمۇش ئادىتى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
3. روھى-كەيپىياتنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بېرىش:
ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ئۆزىدە ئوچۇق-يورۇق، خۇشخۇي، ئاقكۆڭۈل كەيپىياتنى مۇجەسسەملىگەن، مال-دۇنيانى ئۆزىگە دوست تۇتمىغان. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئىلمىي، سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل، ئېغىر-بېسىق بولۇپ، ئۆزىگە روھىي بېسىم پەيدا بولۇشتىن ساقلانغان. تېۋىپلار كېسەل كۆرۈپ ياكى باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ چارچىغاندا بولسۇن ۋە ياكى ئاچچىقى كېلىپ قالغاندا بولسۇن، ئۇلار ئوغۇل-قىزلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى، قىلىۋاتقان ئىشلىرى، خۇشاللىق-خاپىلىقلىرى توغرىسىدا ھەمسۆھبەتتە بولۇپ، بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۇلارغا مەسلىھەت ۋە تەلىم بېرىش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىپ، روھى-كەيپىياتىنى تەڭشىگەن، پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى چارچاش، روھىي بېسىم، غەم-ئەندىشە قاتارلىقلارنى يوقىتىپ، بەزى كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانغان. ئۇيغۇر تېۋىپلىرى يەنە زىرىكىشنى تۈزۈش، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئەرمەك ھايۋانلارنى بېقىشقا ئادەتلەنگەن، بولۇپمۇ ئۇلار ئات، قوي، توخۇ، كەپتەر، ئىت، قارچىغا، قارىقۇشقاچ قاتارلىقلارنى باققان، بۇلار ئارقىلىق زىرىكىشنى تۈزۈش بىلەن بىرگە،ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. ئۇلارنىڭ سايراش-ئۈنلەشلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ،ساغلاملىقنى ئاسرىغان. ئۇنىڭدىن باشقا،بىر قىسىم ئۇيغۇر تېۋىپلىرى مۇزىكا ئاڭلاش ئارقىلىق مېڭىسىنى ئارام ئالدۇرغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بەدەننىڭ روھى كەيپىياتىدا ئۇزۇن مۇددەت نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بەدەندىكى مىزاج ۋە خىلىتقا تەسىر كۆرسىتىپ، مىزاج ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىپ، ئاقىۋەتتە بەدەندە ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنى روھى كەيپىياتتا ئۆزگىرىش بولسا، روھ-قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمەت پائالىيىتى قالايمىقانلىشىپ، رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتى چېكىنىپ، نەتىجىدە مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئەكسىچە ياخشى روھى كەيپىيات قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ئەزالارنىڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، رەئىس ئەزالار خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ، بەدەننى كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق قىلىپ، كۈچ-قۇۋۋەتنى ئۇرغۇتىدۇ-دە، ساغلام ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
4.ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش:
ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىنى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەچكە، ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ، سالامەتلىكىنى ئاسراپ، ھاياتىنى قەدىرلەپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ناچار تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىشى روھنى خورىتىپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدىكەن. مېڭىدىكى روھىي نەفسانىينى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. ئەزالارنىڭ ۋاقتىدا ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىپ، بەدەندە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.
5.ئۆز مىزاجىغا خاس بولغان دورا-دەرمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش :
ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورۇن سەۋەبىدىن،ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان دورىلىق ئۆسۈملۈكلىرى بارلىققا كەلگەن ھەمدە ئۇزۇن يىللىق كلىنىكىدا ئىشلىتىش جەريانىدا، ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىك رېتسېپلار شەكىللەنگەن. ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ئۆزگىچە بولغان دورىلىق ئۆسۈملۈك ۋە ياسالمىلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. يەنى ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ئۆزىنىڭ مىزاجىغا ئاساسەن ماس كەلگەن دورىلىق يېمەكلىكلەرنى تەڭشەپ،بۇ ئارقىلىق مىجەزنى تەڭشەش مەقسىتىگە يەتكەن. ئۇلار مۇنزىچ ۋە مۇسھىل ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن. مەسىلەن: مۇھەممەت باقى ئالىمنىڭ دېيىشىچە ،ئەمەت ھاجى بەزىدە ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جاۋارىش كۇمۇنى، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ناچار تەسىرنى يوقىتىش ئۈچۈن تەرياق، نورمالسىز خىلىتلارنى چىقىرىش ئۈچۈن، مەتبۇخى ئەپتىمۇن ئىستېمال قىلىدىكەن. ئۇنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن يېمەك -ئىچمەك ۋە دورىلارنى تەڭشەپ ئىستىمال قىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا دورىلىق چاي تەييارلاپ مىزاجىنى تەڭشەيدىكەن، خوتەن ۋىلايىتىدە دورىلىق چاي ئىستېمال قىلىش ئومۇملاشقان،دورىلىق چاي شۇ يەردە ئۆسكەن زەنجىۋىل، لاچىندانە، قەلەمپۇر، كەرەپشە ئۇرۇقى قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ تەييارلىنىدۇ، ئىستېمال قىلىشتىن ئىلگىرى دورىلىق چاينى قايناقسۇغا چىلاپ، بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ[7].
مۇلاھىزە:
ئۇيغۇرتېۋىپلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆزەتكىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتى، ياشاش مۇھىتى، كىيىم-كىچىكى، ھەرىكىتى، ساقلىقنى ساقلاش ئېڭى، تېبابەتچىلىك بىلىملىرى، بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش، كۈتۈنۈشكە دائىر ئاددىي ئۇسۇللار ۋە ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇللىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇلار بىزنى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلىرى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇر تېۋىپلىرى تەبىئەتتىكى سوغۇق، ئىسسىق، ھۆل، قۇرۇق قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ، ئۆزىنى مۇۋاپىق كۈتۈش، روھى-كەيپىياتىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، يېمەك -ئىچمەك، كۈندىلىك تۇرمۇشنى قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ۋە مۇۋاپىق چېنىقىش، زىيادە چارچىماسلىق تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ھاياتلىق كۈچىنى ساقلاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئارزۇسىغا يەتكەن.
خۇلاسە:
بىز ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ۋە شاگىرتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، كۆپلىگەن بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىپ، بۇ ماقالىنىڭ تاماملىنىشىغا ئۇل ھازىرلىغان بولساقمۇ، لېكىن مەشھۇر تېۋىپلار سانىنىڭ چەكلىمىلىكى ۋە ۋاقىت سەۋەبىدىن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك سەۋەب ۋە قانۇنىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئۇسۇللىرىنىڭ كۆپىنچىسى تەجرىبە باسقۇچىدا بولۇپ، ستاتىستىكا قىلىنمىغان ۋە ئىلمىي چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىغان. شۇڭا، تەتقىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇسۇللىرىنى تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرگە ماسلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرتېبابەتچىلىك دورىگەرلىكىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش زۆرۈر. تارىخ قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان فارماكولوگىيە تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ تەسىر قىلىش مېخانىزمىنى تېپىپ چىقىش توغرىسىدىكى تەتقىقات خىزمەتلەر ناھايىتى ئاز بولۇپ كەلمەكتە، بۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ[8]. شۇڭلاشقا،بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك،بۇ شۈبھىسىزكى ئۇيغۇر تېبابىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش سەۋەبى ھەققىدىكى ئىزدىنىشنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6526
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 09:14:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روھىي -كەيپىيات ھەممدىن مۇھىم....

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10972
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2224 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 09:49:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تىپابىتىگە چەكلىمە ھەقىقەتەن كۆپ.........  قوللاش ئاز.........  


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4727
يازما سانى: 629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11753
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 5060 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 10:31:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھىمى ئۇ چاغلاردا جاھان بۇنداق ساختىلىققا شەكىلۋازلىققا تولمىغان ئىدى.

مىللەتنىڭ ئارمىيىسى بولمىسا، مىللەتنىڭ ھېچنىمىسى بولمايدۇ

ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1039
يازما سانى: 1264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13933
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 734 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 10:54:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭبىر دوستۇمنىڭ بوۋىسىمۇ بۇيىل ئاللاھ نىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۇيىل 129 ياشتا ئىنشائاللا تىنى سالامەت ئۇشبۇرامىزاننى مۇششۇ كۈنگىچە قالدۇرماي تۇتتى.........

يىيىش ئۈچۈن ياشىماي،ياشاش ئۈچۈن يەڭ====چۇنكى ھايۋانلار يىيىش ئۈچۈن ياشايدۇ----

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61411
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3550
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 12:59:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saltanat يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 10:54 PM
مىنىڭبىر دوستۇمنىڭ بوۋىسىمۇ بۇيىل ئاللاھ نىڭ ئىلتىپات ...

ئاللا تېنىنى سالامەت ، ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلسۇن تەۋەرۈكلىرمىزنىڭ !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5340
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 8045
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2093 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 01:22:25 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barbir   ulup   ketdighan  bolghan dikin , uzak  yaxighanning nima paydisi   ?   he   ...he....he   .   

turpanning  tumuz   issiki   da   qogdak  kumga kumulup , yalang ayag   kizzik  kumga  dassap  puti  kuyup   qidimay , sat qirkir xip   yurgan  kixlarnig kilgan liri asassiz amaskanda  hazir  hemiywelik   ughut   dora   ixlitilgan , sungak  talkinida bekilgan  goxlarni yap qong bolghan   kixilarning   uzun  omur  kuruxi  tayinlik  . Pul   kop   bolsa   birar  sahraga  daqa  selip   , uzi   terip , uzi  bekip   tabiy  yimaklik  istimal kilsa  andin   saglamlikka  kapalatlik kilgili  bolarmikinp

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1672
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 12:14:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر تىبابىتى بىر گۆھەر، ئۇيغۇر تىبابىتىنى راۋاجلاندۇرۇش زۇرۇر.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 10:32:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېمىكەن...

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 824 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 12:20:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىمىنى يوللاپسىز، ساقلىۋالدىم. مەن ئايدىڭلاشتۇرالمىغان بىر مەسىلە:
تىببى ساھەدىكىلەر يوقۇرى قان بېسىمى قاتارلىق يۈرەك، مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرىگە
قارىتا پولوغا ئوخشاش گۆشلۈك، ياغلىق تاماقلارنى يىمەسلىك ياكى ئاز يىيىشنى تەشەببۇس
قىلىدىكەن. ئەمما، بۇ تىمىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن بىر ئۇيغۇر تىۋىپنىڭ ھەر كۈنى چۈشتە
پولو يەيدىغانلىقى ئېيتىلىپتۇ، بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش