قۇرئان كەرىم ۋە ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
1976-يىلى 11- ئاينىڭ 9-كۈنى فرانسىيە دۆلەتلىك تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر ئالاھىدە بولغان ئىلمىي دوكلات يىغىنى ئېچىلدى . بېرىلگەن دوكلاتنىڭ باش تېمىسى " قۇرئان كەرىمدىكى فىزىئولوگىيە ۋە ئېمبرىيئولوگىيەگە ئائىت بايانلار " ئىدى . مەن قۇرئان كەرىمدە بايقالغان فىزىئولوگىيە ۋە كۆپىيىشكە ئائىت بايانلار توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم . مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەب : بىز ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىمىزگە تايىنىپ ، قۇرئان كەرىمدىكى بايانلاردا نېمە ئۈچۈن يېقىنقى زامانلارغا كەلگەندىلا ئاندىن كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالغان بىلىملەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمىز !
ئىنسانىيەت تارىخىدا ، ھېچقانداق كىشىنىڭ ئەسىرى قۇرئان كەرىمدەك دەۋر ئاتلىغان بىلىم سەۋىيەسىدىكى بايانلارغا ئىگە ئەمەس .
بۇنىڭدىن باشقا ، " ئىنجىل " ( "تەۋرات " ۋە " يېڭى ئەھد " ) ۋە قۇرئان كەرىمدىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بايانلارغا قارىتا سېلىشتۇرما ئېلىپ بېرىشمۇ زۆرۈر بولدى . شۇڭا بۇ يەردە ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرى بىلەن بۇ ئىككى بىر خۇدالىق دىنىنىڭ ئىلاھى كىتابى بولغان " قۇرئان كەرىم " ۋە " ئىنجىل "نى سېلىشتۇرما قىلىدىغان تەتقىقات تېمىلىرى ۋۇجۇتقا كەلدى . " < قۇرئان كەرىم > ، < ئىنجىل > ۋە ئىلىم-پەن " ناملىق كىتاب نەخ مۇشۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ، بۇ كىتاب فرانسۇزچە 1976-يىلى 5- ئايدا پارىژدا ۋۇجۇتقا چىقتى .
ئىسلام دىنىدا ئەزەلدىن ئىلىم-پەن بىلەن دىن ئايرىلماس " ئاچا-سىڭىل " ئورۇندا كۆرۈلۈپ كەلدى . شۇڭا ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، دىن بىلەن پەن كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ زىچ باغلىنىدۇ . يېڭى ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى كىشىلەرنىڭ < قۇرئان كەرىم > نى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ . لېكىن ، ھازىر دۇنيادا نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى دىنغا ئەجەللىك ھۇجۇم قىلىدۇ دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئىلاھىي دەستۇرىنى كۆزىتىپ باقىدىغان بولساق بايقايمىزكى ، دەل ئىلىم-پەن بايقىغان ھەقىقەتلەر ئاندىن بۇ دىننىڭ مۇقەددەس ئورنىنى ۋە خۇسۇسىيىتىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئىسپاتلىماقتا !
قانداقلا دېيىشىمىزدىن قەتئىينەزەر ، ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى " دۇنيانى ياراتقۇچى بار " دېگەن ئىددىيەنى چوڭقۇر ئىسپاتلىماقتا .
ھازىرقى زامان بىلىملىرىدىن كەلتۈرۈپ چىقارغان پەلسەپەلەردىكى ئالەمنىڭ تۈپكى قانۇنىيىتى توغرىلىق كۆرسەتمىلەرگە ( مەسىلەن ، بىزنىڭ چەكسىز كىچىكلىك ۋە ھاياتلىق مەسىلىسىدىكى بىلىملىرىمىز ) ، پەقەت بىز ھېچقانداق شەخسىيەتلىك بىر تەرەپلىمە كۆز-قاراشسىز ھالدا ئۆزىمىزدىن سورايدىغان بولساق ، مۇشۇ يىپ ئۇچى ئارقىلىق تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ بېقىشىمىز كېرەكلىكىگە سەۋەبنى چوقۇم تاپالايمىز . ئەگەر بىز پۈتۈن ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئىنتايىن نازۇك بولغان ئادەم بەدىنى قۇرۇلىشىغا قارىتا تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان بولساق ، بىلىمىمىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تاسادىپىي بارلىققا كەلگەن دېگەنگە ئۆزىمىزنى ئىشەندۈرەلمەيمىز . مەسىلەن ، فرانسىيەلىك نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ئوتتۇرىغا قويغان تەلىماتتا ئېيتىدۇ ، بەزى ئاددىي خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ، مەلۇم سىرتقى تەسىر ئاستىدا ، تاسادىپىيلىق بىلەن ، ئۆزلۈكىدىن ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ . ئۇ پۈتۈن ھاياتلىقنى مانا مۇشۇنداق تاسادىپىيلىقتا بارلىققا كەلگەن دەپ قارايدۇ . لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە ، يۇقىرى دەرىجىلىك جانلىقلارنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە ئاجايىب بولغان بەدەن قۇرۇلمىلىرىنى چۈشىنىش جەريانىدا ، ئىلىم-پەننىڭ ئىلگىلىرىشى بىزگە ئۇنىڭ تەلىماتىغا قارىمۇ -قارشى بولغان كۈچلۈك ئىسپاتلارنى تەمىنلىدى : مۇنداقچە ئېيتقاندا ، ئىلىم-پەننىڭ ئىلگىرىلىشى ئىسپاتلايدۇكى ، ئەمەلىيەتتە بىر تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان ، مۇرەككەپ ئەمما خاتاسىز كۈچ بار بولۇپ ، ئۇ ھاياتلىقنىڭ مۇشۇنداق نازۇك ۋە سەرخىل ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا .
< قۇرئان كەرىم > دىكى نۇرغۇن بايانلار كىشىلەرنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئادەتتىكى ئىشلارغا تەپەككۇر قىلىشقا يېتەكلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا < قۇرئان كەرىم > دە يەنە نۇرغۇنلىغان كونكرېت بايانلار بار بولۇپ ، بۇ بايانلار بىلەن ھازىرقى زامان ئىلىم-پەندىكى بايقاشلار ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك : نەخ مۇشۇ بايانلار ماگنېتقا ئوخشاش ئالىملارنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزىگە تارتماقتا .
< قۇرئان كەرىم > نى چۈشىنىش ئۈچۈن زور بىلىم كېرەك
ئەينى چاغلاردا ، يېتەرلىك ئىلمىي ماتېرىياللار ۋە تەتقىقاتنىڭ كەمچىللىكىدىن ، ئىنسانىيەت بىر قانچە ئەسىردىن بۇيان < قۇرئان كەرىم > دىكى كۆپلىگەن سۈرە-ئايەتلەرنى چۈشىنىشكە ناقابىل بولۇپ كەلدى . ھازىرغا كەلگەندە بولسا ، < قۇرئان كەرىم > دىكى نۇرغۇنلىغان تەبىئىي ھادىسىلەرگە قارىتا بايان قىلىنغان سۈرە-ئايەتلەر ئاندىن بارا-بارا كىشىلەر تەرىپىدىن چۈشىنىلىشكە باشلىدى . لېكىن مېنىڭ كۆرسەتمەكچى بولغىنىم ، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ، بىلىم تۈرلىرىنىڭ بۆلۈنمىسى بارغانچە كۆپىيىپ نازۇكلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ، مەخسۇس تەتقىقات قانات يايدۇرۇلمىسا ، ئالىملارمۇ < قۇرئان كەرىم > دە ئۇچراتقان تەبىئەتكە قارىتا بايانلارنى چۈشىنىشكە ئامالسىز قالىدۇ . بۇنىڭغا چوقۇم چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىدە بىلىم سەۋىيە بولۇشى كېرەك .
مېنىڭ بۇ يەردە ئېيتقان " ئىلمىي بىلىم " دېگىنىم ، ھەقىقىي دەلىل كۈچىگە ئىگە ئىسپاتلاشتىن ئۆتكەن بىلىملەرنى كۆرسىتىدۇ ، ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر دەۋردە مەلۇم ھادىسىنى چۈشىنىشكە ياردەم قىلغان ، ئەمما كېيىن تېخىمۇ قايىل قىلارلىق چۈشەنچىلەر تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن نەزىرىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ . مەن پەقەت < قۇرئان كەرىم > دىكى بەزى بايانلار بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشنى ئويلايمەن . ئەگەر مەن مىسال كەلتۈرگەن ئىلمىي نەتىجىلەر تېخى يۈز پېرسەنت دەلىللەنمىگەن بولسا ، مەن چوقۇم ئۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتىمەن .
< قۇرئان كەرىم >دە بەزى ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان بايانلار بار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ سىرى ھازىرغىچە ئالىملار تەرىپىدىن بايقالمىدى . لېكىن مۇشۇ بايانلارنى ئېيتقىنىمىزدا ، ئالىملار كۆرسىتىدۇكى ، مۇشۇ بايانلارنىڭ رىئاللىقتىكى مەۋجۇدلۇقى گەرچە تېخى ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ ، لېكىن مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى يۇقىرى . بىر مىسال < قۇرئان كەرىم > دە ئېيتىلغان ھاياتلىقنىڭ سۇدىن باشلانغانلىقىغا ئائىت مەلۇمات ، يەنە بىر مىسال بولسا كائىناتتا يەرشارىغا ئوخشاش دۇنيانىڭ بارلىقىغا بولغان مەلۇمات .
بىراق ، بىز يەنىلا ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىنلا چىقىش قىلىپ ، < قۇرئان كەرىم > نىڭ بىر ئەڭ كاتتا دىنىي كىتاب ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ ، شۇڭا بىز < قۇرئان كەرىم >نى پەقەت ئىلىم-پەن جەھەتتىكىلا مەقسىتى بار كىتاب دەپ قارىساق بولمايدۇ . < قۇرئان كەرىم > ھەر قېتىم كىشىلەرنى ئۆزلىرى كۆرگەن نۇرغۇنلىغان تەبىئەت ھادىسىلىرىگە قارىتا تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە چاقىرغاندا ، ئۇنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق ، يەنى مۇشۇ مىساللار ئارقىلىق ياراتقۇچىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ۋە قادىرلىقىنى ئىسپاتلاش . ھەر خىل تەبىئەت ھادىسىلىرىگە تەپەككۇر يۈرگۈزگىنىمىزدە ، بايقايمىزكى ، < قۇرئان كەرىم > ئىچىدىكى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان كۆرسەتمىلەر ، بۇ ئېنىقكى ياراتقۇچىنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلغان يەنە بىر ئىنئامى ، ھەم چوقۇم ھازىرقى دۇنيادا ئەڭ يورۇق نۇرلارنى چاچقۇسى !
پۈتۈن تەتقىقات جەريانىدا ، مەن ئامال بار ئۆزۈمنىڭ رىئالىزىملىق پوزېتسىيەمنى ساقلاشقا تىرىشتىم . مەن < قۇرئان كەرىم>نى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ، بىر دوختۇر كۆز ئالدىدىكى بىمارنىڭ كېسىلىگە بولغان رىئال پوزېتسىيەسىگە ئوخشاش ئەستايىدىل بولۇشقا كاپالەتلىك قىلدىم .
مەن ئىقرار قىلىشىم كېرەككى ، تۇنجى بىر قانچە قەدەمنى بېسىشىمغا سەۋەبچى بولغىنى ھەرگىزمۇ مەندىكى ئىسلامىي ئەقىدە ئەمەس ، بەلكى ھەقىقەتكە بولغان ئىنتىلىش ئىدى . ھېلىھەم ، مەن يەنە مۇشۇ خىل پوزېتسىيەدىمەن ، شۇنداقلا تەتقىقاتىم ئاياغلاشقاندا بولسا ، ئەڭ مۇھىمى كۆز ئالدىمدىكى رىئاللىق ماڭا < قۇرئان كەرىم >نىڭ بىر پەيغەمبەرگە قىلىنغان كۆرسەتمە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكۈزدى .
تۆۋەندە بىز ئىنچىكىلىك بىلەن < قۇرئان كەرىم > دىكى بەزى بايانلارغا دىققەت قىلىپ باقايلى . ھازىر بۇنى ئاڭلىغىنىمىزدا ، بۇنى پەقەت ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىگە بولغان خاتىرىگە ئوخشىتىشىمىز مۇمكىن ، لېكىن ئويلاپ باقايلى ، بۇ كىتاب بارلىققا كەلگەن چاغدىكى ئىلىم-پەن تەتقىقات سەۋىيەسىدە ، كىشىلەر ئىلىم -پەن ئارقىلىق بۇ جۈملىلەرنىڭ پەقەت سىرتقى مەنىسىنىلا يۈزەكى چۈشىنەلەيتتى . ئەگەر < قۇرئان كەرىم > نى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن دەپ قارايدىغان بولساق ، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىكى نۇرغۇنلىغان كىشى چۈشىنىپ يېتەلمەيدىغان بۆلەكلەر قانداقمۇ شۇ " ئۆزگەرتىش"تىن قۇتۇلۇپ قالالىسۇن ؟ بىلىشىمىز كېرەككى ، ئەسلى نۇسخىدىكى بىر كىچىككىنە ھەرپكە بولغان ئۆزگەرتىلىشمۇ ، < قۇرئان كەرىم > دىكى ساماۋىي بايانلارنىڭ ئۆز -ئارا شۇ قەدەر بىرلىككە كېلىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بىز < قۇرئان كەرىم > دىكى مۇشۇنچە كۆپ بايانلارنىڭ پۈتۈنلەي ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى بىلەن جىپىسلىشىدىغانلىقىنى كېسىپ ئېيتالمايمىز . بىر تەرەپلىمە قارىشى بولمىغان كىشىلەر كۆزىتىپ بايقىيالدۇكى ، < قۇرئان كەرىم > دىكى مۇشۇ بايانلارنىڭ ئۆزىلا < قۇرئان كەرىم > نىڭ ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ ئېنىق بەلگىسى .
< قۇرئان كەرىم > بىر دىن تارقاتقۇچى كىتاب ، ئىنسانىيەتكە نازىل قىلىنىش جەريانى يېگىرمە نەچچە يىلغا سوزۇلغان بولۇپ ، ھىجرىيە تۇنجى يىلى ( مىلادىيە 622-يىلى ) نىڭ ئالدى كەينىگە ئوخشاش ۋاقىت بۆلۈنگەن . بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، < قۇرئان كەرىم >دىكى ئىلمىي مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بايانلارنىڭ پۈتۈن < قۇرئان كەرىم > گە جايلاشقانلىقى ناھايىتى تەبىئىي . بىز تەتقىقاتىمىزغا ئاساسەن ، بۇلارنى بىر بۆلەك بىر بۆلەكتىن يىغىپ ئاندىن باشقىدىن تۈرلەرگە ئايرىپ چىقىشىمىز زۆرۈر ئىدى .
ئۇنداقتا بۇ بايانلار تۈرلەرگە قانداق ئايرىلىشى كېرەك ؟ مەن < قۇرئان كەرىم > دە تۈرلەرگە قانداق ئايرىش كېرەكلىكىگە ئائىت كۆرسەتمە بارلىقىنى تاپالمىدىم . شۇڭا مەن ئۆزۈمگە ئەڭ قولاي بولغان ئۇسۇلدا تۈرلەرگە ئايرىپ كۆپچىلىككە سۇنۇشنى قارار قىلدىم .
مەنچە بولسا ، بىرىنچى بولۇپ كائىناتنىڭ بارلىققا كېلىشى ، يەنى يارىتىلىش بولۇشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا < قۇرئان كەرىم >دىكى مۇناسىۋەتلىك سۈرە-ئايەتلەر بىلەن ھازىرقى كائىنات ئىلىملىرىنىڭ نېگىزىنى رەتلىك سېلىشتۇرما قىلىشقا ئوڭاي بولاتتى . ئاندىن ئۇنىڭ ئاستىدا يەنە " ئاسترونومىيە " ، " يەر شارى " ، " جانلىقلار " ، " ئۆسۈملۈكلەر " ، " ئادەملەر " ۋە " ئادەمنىڭ كۆپىيىشى " دېگەندەك تارماق تۈرلەر ئىدى . بۇلارنىڭ ئىچىدە < ئادەمنىڭ كۆپىيىشى > دېگەن بۇ تۈردىكى بىلىملەر < قۇرئان كەرىم > ئىچىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا قويۇلۇپ بايان قىلىنغان . ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە بۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ ئىنچىكە بولغان كىچىك ئايرىمىلارنى قوشقىلى بولىدۇ .
يەنە ئۇنىڭدىن باشقا ، مېنىڭ قارىشىمچە ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن نەزەرىيەلىرى بويىچە < قۇرئان كەرىم > ۋە < ئىنجىل > دىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشمۇ بىزنىڭ تەتقىقاتىمىزغا ناھايىتى پايدىلىق ئىدى . شۇڭا مەن ئايرىم -ئايرىم ھالدا ، < قۇرئان كەرىم > دىكى بايانلار بىلەن < ئىنجىل > دىكى " يارىتىلىش " ، " توپان ۋەقەسى " ۋە " مىسىرغا بېرىش " قاتارلىق بۆلەكلەردىكى بايانلارنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتتۈم .
كائىناتنىڭ يارىتىلىشى
ئالدى بىلەن ، بىز < قۇرئان كەرىم > نىڭ كائىناتنىڭ يارىلىشىنى قانداق تەسۋىرلىگىنىگە قاراپ باقايلى .
بۇ يەردە ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا بار بولۇپ ، يەنى < قۇرئان كەرىم > دىكى بايان بىلەن < ئىنجىل > دىكى بايانلار ئوخشىمايدۇ . بۇ نۇقتا بەزى غەرب ئۆلىمالىرىنىڭ < قۇرئان كەرىم > بولسا " مۇھەممەد ئىنجىلدىن ئېلھاملىنىپ يەكۈنلىگەن " دېگەن قارىشى بىلەن پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى . ئۇلار < قۇرئان كەرىم > بىلەن < ئىنجىل > نى سېلىشتۇرغاندا ، داۋاملىق تار مەنىدە ئىككىسىنىڭ ئوخشاش تەرەپلىرىنى كۈچەپ تەھقىقلەيدۇ . بۇ پۈتۈنلەي خاتا قىلمىش . چۈنكى < قۇرئان كەرىم > ۋە < ئىنجىل > دىكى بايانلاردا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان مەنىدىكى نۇقتىلار بار .
ھەر قېتىم يارىتىلىشقا ئائىت مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە غەرب ئۆلىمالىرى جاھىللىق بىلەن " مۇھەممەد پەقەت < ئىنجىل > دىكى مەزمۇنلارنى تەخمىنەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەلگەن " دېگەن قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ .
" شۈبھىسىزكى سىلەرنىڭ ئىگەڭلار ، ئالتە كۈندە يەر بىلەن ئاسماننى ئاپىرىدە قىلدى ... " ( سۈرە ئەھراف 54-ئايەتتىن --- ئەزىزان )
بۇيەردە كۆرسىتىپ ئۆتۈشىمىز زۆرۈر بولغىنى : ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرى تەھقىقلەيدۇكى ، بۇ يەردە ئېيتىلغان " كۈن " سۆزى ( ئەرەبچە " ئەييۇم " ) نىڭ مەنىسى بولسا ، بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان مەزگىل ياكى دەۋرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، ھەرگىزمۇ بىز چۈشىنىدىغان 24 سائەتلىك بىر كۈن ئەمەس .
مېنىڭ قارىشىمچە ، < ئىنجىل > دىكى بايانلارغا سېلىشتۇرغاندا ، < قۇرئان كەرىم > دە يەر بىلەن ئاسماننىڭ يارىتىلغان ئىلگىرى- كېيىنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن ، بۇ نۇقتا ناھايىتى مۇھىم . < قۇرئان كەرىم > دىكى يارىتىلىشقا بولغان بايانلاردا ، ھەم " يەر ئىلگىرى ئاسمان كېيىن " " ھەم ئاسمان ئىلگىرى يەر كېيىن " يارىتىلغان بايانلار بار ، مەسىلەن :
" ئۇ زېمىننى ۋە (كەڭ) ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان " ( سۈرە تاھا 4- ئايەت --- ئەزىزان )
ئەمەلىيەتتە ، < قۇرئان كەرىم > نىڭ بىزگە كۆرسەتكەن ئىددىيىسى بولسا يەر بىلەن ئاسمان ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىدا بىللە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان . يەنە كېلىپ كائىنات يارىتىلىشتىن ئىلگىرى بىر توپ گاز ( ئەرەبچە " تۇمان " ) ئىكەنلىكىگە ئائىت بايانلارمۇ بار . بۇ گاز توپى ناھايىتى ئالاھىدە بولۇپ ، ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئۆز -ئارا ئارىلاشما ھالەتتە مەۋجۇد بولغان ( ئەرەبچە " لاتقا " ) ، لېكىن لېكىن كېيىن يەنە ئايرىلىپ كەتكەن . خۇددى تۆۋەندىكىدەك :
" ئاندىن ئۇ ئاسماننى ( يارىتىشقا ) يۈزلەندى ، ھالبۇكى ئۇلار تۇمان ھالەتتە ئىدى ... " ( سۈرە فۇسسىلەت 11-ئايەتتىن --- ئەزىزان )
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ، ياراتقۇچى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :
" كافىرلار بىلمەمدۇكى ، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر -بىرىگە تۇتاش ئىدى ، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق ... " ( سۈرە ئەنبىيا 30 - ئايەتتىن --- ئەزىزان )
ئاسمان بىلەن زېمىن ئايرىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى ، نۇرغۇن دۇنيا بارلىققا كەلدى ، بۇ نۇرغۇن دۇنياغا ئائىت كۆز-قاراش < قۇرئان كەرىم > دە نەچچە ئون قېتىم ئۇچرايدۇ . خۇددى تۆۋەندىكىدەك :
" بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئالەملەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھقا خاستۇر . " ( سۈرە فاتىھە 2- ئايەت --- ئەزىزان )
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن نەزەرىيىسىنىڭ ئىپتىدائىي كائىنات تۇمانلىرىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە ئەڭ بۇرۇنقى گاز توپلىرىنى ھاسىل قىلغانلىقىنى ، كېيىن يەنە نۇرغۇن قېتىم بۆلۈنگەنلىكىنى قەيت قىلىدىغانلىقىنى بىلەن تامامەن جىپىسلىشىدۇ . يەنى ئەڭ بۇرۇنقى بۆلۈنۈشنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇن يۇلتۇزلار سىيېستىمىسى شەكىللەنگەن ، كېيىن ، بۇ يۇلتۇزلار سىيېستىمىسى يەنە نۇرغۇن مىتە يۇلتۇزلارنى ، بۇ مىتە يۇلتۇزلار تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سەييارىلەرنى ھاسىل قىلغان .
< قۇرئان كەرىم > دە يەنە يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئارىلىقىدا يەنە بىر ئوتتۇرىدىكى يارىتىلىش بولغان ، خۇددى :
" ئاللاھ ئاسمانلارنى ، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى ... " ( سۈرە فۇرقان 59-ئايەت --- ئەزىزان )
بۇ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىشىغا بولغان بايانلار قارىماققا ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرى تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان سىيېستىمىلىق يۇلتۇزلار تۈركۈمىنىڭ سىرتىدا مەۋجۇد بولغان ماددىلار بىلەن ماس كېلىدۇ .
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ بىزگە چۈشەندۈرىدۇكى ، ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى بىلەن < قۇرئان كەرىم >دىكى بايانلار نۇرغۇن مەسىلىلەردە زىچ بىردەكلىككە ئىگە . < ئىنجىل > دا بولسا ، بايقىدۇقكى ، يارىتىلىشنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك رەت تەرتىپى كىشىنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ ، بولۇپمۇ يەرنىڭ يارىتىلىشى ( ئۈچىنچى كۈن ) نى ئاسمانلارنىڭ يارىتىلىشى ( تۆتىنچى كۈن ) نىڭ ئالدىغا قويۇلۇشى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنالمايدۇ ، چۈنكى بايقىدۇقكى بىزنىڭ يەرشارىمىز قۇياشتىن بۆلۈنۈپ چىققان سەييارە . بۇ خىل ئىسپاتلارنىڭ ئالدىدا ، بىز قانداقمۇ غەربتىكى بەزى ئۆلىمالارنىڭ " مۇھەممەد ئىنجىلدىن ئېلھاملىنىپ ۋە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قۇرئاننى يازغان " دېيىشىگە ئىشىنەلەيمىز ؟ شۇنداق دېيىلگەندىمۇ ، بۇ " ئازراق ئۆزگەرتىش " قانداقمۇ ھازىرقى زامان ئەڭ يۇقىرى ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى ئىسپاتلىغان كائىنات توغرىلىق ئاساسىي دەلىللەر بىلەن مۇشۇ دەرىجىدە جىپىسلىشالىسۇن ؟
ئاسترونومىيە
تۆۋەندە بىز ئاسترونومىيەنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ باقايلى :
ھەر قېتىم مەن غەربلىكلەرگە < قۇرئان كەرىم > دە ساقلانغان مەلۇم ئاسترونومىيەلىك ئىنچىكە بايانلارنى ئېيتقىنىمدا ، ئۇلار داۋاملىق مۇنداق دېيىشىدۇ : " ھەيران قالارلىقى يوق ، چۈنكى ئەرەبلەرنىڭ ئاسترونومىيەدىكى بايقاشلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كۆپ بۇرۇن . "
ئەمەلىيەتتە ، ئۇلار ناھايىتى خاتالاشقان ئىدى ، چۈنكى ئۇلار تارىخنى چۈشەنمەيدۇ . ئالدى بىلەن ، ئەرەبلەردە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىي قىلىشى < قۇرئان كەرىم > نازىل قىلىنغاندىن خېلى كېيىن ئىدى ؛ ئاندىن ، ھەرقانچە ئاسترونومىيەسى تەرەققىي قىلغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ، ئەرەبلەرنىڭ ئىلىم-پەن جەھەتتىكى تونۇشى ۋە بىلىملىرى ، < قۇرئان كەرىم > دىكى بايانلاردەك بايقاشلارنى تەمىنلىگۈدەك دەرىجىگە يەتمىگەن .
بۇ ھەقتىكى ماتېرىياللار ھەقىقەتەن كۆپ ، مەن پەقەت يۈزەكى ھالدا سۆزلەپ ئۆتەلەيمەن .
< ئىنجىل > دا ، قۇياش بىلەن ئاي بولسا ئىككى دانە نۇر چاچىدىغان پلانېتا ، پەقەت چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ دېيىلىدۇ ؛ < قۇرئان كەرىم > دە بولسا ، بۇ ئىككى شار ئوخشىمايدىغان ئېنىقلىمىلار بىلەن ئايرىلغان : يەنى ، ئاينى " يورۇقلۇق " ( ئەرەبچە " نۇر " ) دەپ تەسۋىرلىگەن ، قۇياشنى بولسا " مەشئەل " ( ياكى " ئوت " ) دەپ تەسۋىرلىگەن . ئىلىم-پەن بايقىدىكى ، ئاي پەقەت نۇر قايتۇرىدۇ ، نۇر چاچالمايدۇ ، قۇياش بولسا كۆيۈۋاتقان ھەم شۇ ئارقىلىق ئىسسىقلىق ۋە نۇر تارقىتىۋاتقان ئاسمان جىسمى .
بۈگۈنكى كۈندە ، ھەممەيلەن بىلىدىغىنىمىز بولسا ، يۇلتۇزلار سىيېستىمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ، ھەرقايسى يۇلتۇزلارنىڭ ئۆز ئوربېتىسىدىكى ئورنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەجمى ۋە سۈرئىتى تەرىپىدىن ھاسىل قىلىنغان ئالەملىك تارتىشىش كۈچى تەرىپىدىن ھاسىل قىلىنىدۇ . ئۇنداقتا ، بۇ دەل < قۇرئان كەرىم > دە ئېيتىلغان ، لېكىن ھازىرقى زامانغا كەلگەندە ئاندىن بايقالغان ئىشلار ئەمەسمۇ ؟ چۈنكى < قۇرئان كەرىم > دە مۇنداق دېيىلگەن :
" ئاللاھ كېچىنى - كۈندۈزنى ، ئاينى ھەم قۇياشنى ياراتتى . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ( ئۆزىگە خاس ) پەلەكتە سەير قىلىدۇ . " ( سۈرە ئەنبىيا 33-ئايەت --- ئەزىزان )
ئەگەر كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەسۋىرلىنىشىنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىكىگە ئېتىبار قارىمىساق ، ئۇنداقتا ئۇ تەسۋىرمۇ بىزگە نىسبەتەن قىممەتسىز كۆرۈنىدۇ . < قۇرئان كەرىم > سۈرە زۇمەر 5- ئايىتىدە ( ئەزىزان ) كېچىنىڭ چۆرگىلەپ ياكى ئايلىنىپ كۈندۈزگە ، كۈندۈزنىڭ يەنە چۆرگىلەپ ياكى ئايلىنىپ كېچىگە ئايلىنىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن ، خۇددى ياغلىقنى باشنىڭ ئۈستىدە ئايلاندۇرغاندەك . بۇ ھەقىقەتەن رىئاللىقتا ئاغدۇرغۇسىز پولاتتەك ئىسپاتى بار ئوخشىتىش . لېكىن < قۇرئان كەرىم > نازىل قىلىنغان دەۋرلەردە ، بۇنداق ئوخشىتىشنىڭ تېگىگە يېتىدىغان ئاسترونومىيەلىك بىلىم تېخى كىشىلەردە يوق ئىدى .
ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆزگىرىشچان تەرەققىياتى ۋە قۇياشنىڭ ئۈزلۈكسىز مەلۇم نۇقتىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ، < قۇرئان كەرىم > دىمۇ مەلۇماتلار بار . يەنە كېلىپ بۇ مەلۇماتلار ھازىرقى زامان ئاسترونومىيەسىدىكى ئىنتايىن كەسپىي ۋە يۇقىرى سەۋىيەدىكى بىلىملەر بىلەن تامامەن بىردەك . ئۇندىن باشقا < قۇرئان كەرىم > دە يەنە كائىناتنىڭ ئۈزلۈكسىز يوغىناۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان . ( ھازىرقى زامان ئاسترونومىيەسى بايقىشىچە ، ئالەمدىكى يۇلتۇزلار سىيېستىمىلىرى مەلۇم نۇقتىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ سىرتقا قېچىۋاتقان ئىكەن --- ئەزىزان )
< قۇرئان كەرىم > دە يەنە كائىناتنى بويسۇندۇرۇش توغرىسىدا بايانلار بار . پەن-تېخنىكىنىڭ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، كىشىلەر بارغانسېرى يۇقىرى سۈرئەتتە كائىناتقا يۈرۈش قىلماقتا ۋە ئاللىبۇرۇن ئايغا قەدەم باستى ( ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە مارسقا تەكشۈرۈش ماشىنىسى چىقىرىلدى --- ئەزىزان ) . تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا كائىناتنى بويسۇندۇرۇشقا ئائىت مەلۇماتلار كاللىمىزدىن كېچىدۇ :
" ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار جامەسى ، ئەگەر سىلەر ( ئاللاھنىڭ قازاسىدىن قېچىپ ) ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرىلىرىدىن قېچىپ ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار ، ئۆتۈپ كېتىڭلار ! سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن قېچىپ ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر ( لېكىن بۇ قۇۋۋەت سىلەرگە نەدىن كەلسۇن ؟) ! " ( سۈرە ئەررەھمان 33- ئايەت --- ئەزىزان )
بۇ خىل كۈچ دەل ھەممىگە قادىر ياراتقۇچىدىن كېلىدۇ ، بۇ سۈرە دەل ياراتقۇچىنىڭ ئىنسانلار ۋە جىنلارغا بولغان رەھمىتىنى تونۇتقۇزۇش ئۈچۈندۇر .
يەر شارى
ئۇنداقتا بىز يەرشارىغا ئائىت بايانلارغا قاراپ باقايلى .
" سەن بىلمەمسەنكى ، ئاللاھ بۇلۇت پەيدا قىلىپ يامغۇر ياغدۇرىدۇ ، ئاندىن يامغۇر سۈيى يەرگە سىڭىپ كىرىپ بۇلاق پەيدا بولىدۇ ، ئاندىن شۇ ئارقىلىق يەردىن خىلمۇ-خىل زىرائەت ئۈندۈرىدۇ ... " ( سۈرە زۇمەر 21-ئايەت "
بۈگۈنكى كۈندە ، يۇقارقى بۇ ئۇقۇم بىزگە نىسبەتەن بەك ئادەتتىكى نەرسە بولۇپ قالدى ، لېكىن بىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى ، خېلى زامانلار بۇرۇن بۇ ئۇقۇم تېخى نامەلۇم ئىدى . پەقەت 16-ئەسىرلەرگە كەلگەندە ، بېرنارد . پالىسسىي تەرىپىدىن بايقىلىپ ، ئىنسانلار ئاندىن سۇنىڭ ئايلىنىشى ھەققىدىكى بىلىملەرگە ئىگە بولدى . ئۇندىن بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ قارىشى بولسا ، دېڭىزدىكى سۇنى شامال ئۇرۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقىدۇ ، ئاندىن بۇ سۇلار يەنە جىلغىلار ئارقىلىق دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت ئىدى . بۇ دېيىلگەن جىلغىلار بولسا پلاتو دەۋرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان " يەر يېرىقى " ئىدى . 17 - ئەسىرگە كەلگەندە ، ھەتتا دىكاردتەك داڭلىق پەيلاسوپلارمۇ مۇشۇنداق نەزەرىيەەە ئىشىنەتتى . ھەتتا 19 - ئەسىردىكى كىشىلەرمۇ ، يەنە ئارستوتېل ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر ئاساسسىز تەلىماتقا ئىشىنەتتى .
لېكىن بۈگۈنكى كۈندە بولسا ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ يامغۇر سۈيىنىڭ يەر ئاستىغا سىڭىپ كىرىشىدىن بولىدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ . ئەگەر < قۇرئان كەرىم > دىكى نۇرغۇن سۈرە-ئايەتلەردىكى مۇشۇنىڭغا ئائىت بايانلارنى ھازىرقى زامان سۇ ئىلىمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق ، بۇلارنىڭ شۇقەدەر جىپىسلىشىدىغانلىقىدىن ھەيرەتتە قالىمىز .
گىئولوگىيەدە بولسا ، يەر قاتلىشىشى ئادەملەرنىڭ يېقىنقى زاماندا ئاندىن بايقىغان بىلىمى ، بۇ خىل قاتلىشىش ۋە ئىتتىرىلىش تاغلارنى ھاسىل قىلىدۇ . يەر قاتلىمىنىڭ ئۆزى ھەم مانا مۇشۇنداق پەيدا بولغان ، يەر قاتلىمى دېگەنلىك بىز ياشاۋاتقان يەر شارىنىڭ ئۈستىدىكى يەر پوستىنى كۆرسىتىدۇ ، لېكىن يەرنىڭ ئىچكى قەۋىتى ئېقىپ تۇرغان ناھايىتى يۇقىرى تېمپراتۇرىدىكى ماددىلار بولۇپ ، ھەرقانداق جانلىق ئۇ يەردە ياشىيالمايدۇ . بىلىمىزكى ، يەرنىڭ ئىتتىرىلىشى ۋە قاتلىشىشى تاغلارنىڭ مۇقىملىقىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ، چۈنكى بۇ خىل يەر پوستى ھەرىكىتى تاغلارنى ھاسىل قىلىدىغان ئاساسىي ئامىل .
تۆۋەندە بۇنىڭغا دىققەت قىلايلى :
" زېمىننى بىسات قىلمىدۇقمۇ ؟ تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ ؟ " ( سۈرە نەبە 6-7 - ئايەتلەر --- ئەزىزان )
خۇددى بىز چېدىرنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن مىخ قاققاندەك ، ياراتقۇچى يەر-زېمىننى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تاغلارنى ياراتقان .
بۇ نۇقتىغا قارىتا ، كۆزىتىش ئارقىلىق بايقىيالايسىزكى ، < قۇرئان كەرىم > بىلەن ھازىرقى زامان ئىلىم-پەننىڭ قارىشى ھېچقانداق زىددىيەتتە ئەمەس .
لېكىن ، مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى بولسا ، < قۇرئان كەرىم > دىكى جانلىقلارغا ئائىت بايانلار بولدى . بولۇپمۇ كۆپىيىشكە ئائىت بايانلار .
مەن چوقۇم يەنە بىر قېتىم دېمىسەم بولمايدۇ : پەقەت بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ، ئىلىم-پەننىڭ ياردىمى بىلەن بىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا < قۇرئان كەرىم > نى تېخىمۇ ئاسان ۋە چوڭقۇر چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىۋاتىمىز . بەزى سۈرە-ئايەتلەر گەرچە قارىماققا شۇنچە چۈشىنىشلىك كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭغا ناھايىتى چوڭقۇر مەنىلەر يوشۇرۇنغان . مەسىلەن :
" كافىرلار بىلمەمدۇكى ، ئاسمانلار ۋە زېمىن ئەسلى تۇتاش ئىدى ، بىز ئۇنى ئايرىۋەتتۇق . ھەممە جانلىق - مەۋجۇدادنى سۇدىن ياراتتۇق ، ئۇلار بۇنىڭغا ئىشەنمەمدۇكى ؟ " ( سۈرە ئەنبىيا 30 - ئايەت )
بۇ ئايەت ھاياتلىقنىڭ سۇدىن باشلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .
مۇھەممەد دەۋرىدىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتتە ، ئۆسۈملۈكشۇناسلىق ھەرقانچە يۇقىرى سەۋىيەدە بولسىمۇ لېكىن كىشىلەر ئۆسۈملۈكنىڭ ئەركەك-چىشى قوش جىنسلىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى . لېكىن :
" ... بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ، نۇرغۇن تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى يارىتىپ بەردى . " ( سۈرە تاھا 53- ئايەت ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە سۈرە ياسىننىڭ 36- ئايىتىگە نەزەر ئاغدۇرۇڭ --- ئەزىزان )
بۈگۈنكى كۈندە ئىسپاتلاندىكى ، ھەرقانداق مېۋىلەيدىغان ئۆسۈملۈكنىڭ ھەممىسى ئەركەك-چىشى بولىدۇ ، ھەتتا ئۇرۇقلانمايدىغان گۈل ئېچىلمايدىغان ئۆسۈملۈكلەرمۇ شۇنداق ، مەسىلەن بانان دېگەندەك .
" ... مېۋىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەركەك -چىشى ئىككى جىنسلىق قىلىپ ياراتتى ... " ( سۈرە رەئد 3-ئايەتتىن --- ئەزىزان )
ھايۋاناتلارنىڭ فىزىئولوگىيەسى جەھەتتە ، مېنىڭچە بىر ئايەت چوڭقۇر مەنالارغا ئىگە : قان ئايلىنىش بايقىلىشتىن بىر مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى ، تەخمىنەن 13 ئەسىر ئەۋۋەل ، كىشىلەر ئۈچەي يولىنىڭ يېمەكلىكنى ھەزىم قىلىش ئارقىلىق قۇۋۋەت قوبۇل قىلىپ ھەر خىل ئەزالارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغانلىقىنى تېخى بىلىشمەيتتى . لېكىن < قۇرئان كەرىم > دە بىر ئايەت بار بولۇپ ، بۇنىڭدا كالا سۈتىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى سۆزلەنگەن شۇنداقلا ھازىرقى زامان ھايۋانات ئىلىمى بىلەن پۈتۈنلەي جىپىسلىشىدۇ .
بۇ ئايەتنى چۈشىنەلەش ئۈچۈن ، ئاۋۋال ئۈچەي يولىدا يۈز بېرىدىغان خىمىيەلىك ئۆزگىرىشنى ، ئاندىن مۇشۇ ئۆزگىرىشلەردىكى ماددىلارنىڭ قوبۇل قىلىنىپ يەنە مۇرەككەپ جەريانلاردىن كېيىن قانغا سىڭىپ كىرىدىغانلىقىنى ، بەزىدە جىگەرنىڭ رولىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋېلىش كېرەك . ئاندىن قان ئايلىنىش ئارقىلىق بۇ ماددىلارنى بەدەننىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىغا توشۇيدۇ ، شۇلارنىڭ ئارىسىدا سۈت ئاجرىتىدىغان ئەمچەك بېزىمۇ بار ...
بۇلارنى چۈشەنگەن ئادەم تۆۋەندىكى ئايەتنىمۇ چۈشىنەلەيدۇ :
" چارۋىلاردا ھەقىقەتەن سىلەرگە نىسبەتەن بىر ئىبرەت بار ، چارۋىلارنىڭ قورسىقىدىكى ماياق-تېزەكتىن ۋە قاندىن ئايرىلىپ چىققان پاكىز ۋە تەملىك سۈتتىن سىلەرنى سۇغىرىمىز . " ( سۈرە نەھل 66 - ئايەت --- ئەزىزان )
ئادەمنىڭ يارىتىلىشى
< قۇرئان كەرىم > دە ئادەمنىڭ كۆپىيىشى توغرىلىق كۆپلىگەن بايانلار بار . بۇ بايانلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ، تا بۈگۈنكى كۈنلەرگە كەلگەندە ، بولۇپمۇ ھەرخىل ئىلغار مىكرو كۆرگۈچلەر كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن ، ئىنسانلار ئاندىن چۈشىنەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولدى . 7-ئەسىردە ياشىغان بىر كىشى ئۈچۈن ، بۇنداق باياننى ئۆزى ئېلان قىلالىشى ، پۈتۈنلەي مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ! بۇنىڭغا قارىتا ، ئەرەبلەرنىڭ ئەينى چاغدىكى بىلىم سەۋىيەسى پۈتۈن دۇنيادىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ئېشىپ چۈشكىنىنى ئىسپاتلاپ بولالمايمىز . بۈگۈن ، نۇرغۇن < قۇرئان كەرىم > نى پىششىق بىلىدىغان مۇسۇلمان زىيالىيلار ، < قۇرئان كەرىم > دە ئېيتىلغان ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىش سىيېستىمىسىغا ئائىت بىلىملەرنى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بىردەكلىككە ئېرىشمەكتە . مەن بىر 18 ياشلىق مۇسۇلمان ياشنىڭ مۇنداق تەھلىلىنى مەڭگۈ ئۇنۇتالمايمەن ، ئۇ سەئۇدىي ئەرەبىستانىدە چوڭ بولغان بولۇپ ، ئۇ ئەينى چاغدا بىرسىنىڭ < قۇرئان كەرىم > دە ئېيتىلغان كىشىنىڭ كۆپىيىش سىيېستىمىسىغا ئائىت مەسىلىلەرنى سورىشىغا دۇچ كەلگەندە ، مۇنداق دېگەن : " بۇ كىتاب بىزگە بۇنىڭغا ئائىت ھەممە بىلىمنى تەمىنلىدى . مەن مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا ، مۇئەللىملەر < قۇرئان كەرىم > ئارقىلىق ماڭا بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇش جەريانىنى چۈشەندۈرگەن ئىدى . سىلەرنىڭ جىنسىي بىلىملەر يېزىلغان كىتابلىرىڭلار ، بىر ئاز كېيىن چىقىرىلىپ قالدىمۇ قانداق ! "
بولۇپمۇ جىنسىيەتكە ئائىت مەسىلىلەردە ، < قۇرئان كەرىم > نازىل قىلىنغان مەزگىللەردىكى كىشىلەرنىڭ خۇراپىي ۋە ئەپسانىۋىي ئىددىيىلىرى بىلەن < قۇرئان كەرىم > دىكى خاتاسىز ئىلمىي مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇپ باقساق ، < قۇرئان كەرىم > نىڭ ئەينى چاغدىكى جاھىلىيەت ئاسارىتى بىلەن قىلچىمۇ ئالاقىسىز ھالدا ، دەۋرلەر ھالقىغان ھالدا مۇشۇنداق يۈكسەكلىكتە تۇرغىنى ، ھەممە ۋە ھەممىنى قايىل قىلىدۇ .
< قۇرئان كەرىم > دىكى بىر قانچە ئايەتتە " ئەلەق " سۆزى بىلەن تۇخۇمنىڭ ئاياللىق جىنسىي ئەزاسىدا پەيدا بولۇشىنى تەسۋىرلىگەن . " ئەلەق " ( مەنىسى لەختە قان ) بولسا :
" ئۇ ئىنسانلارنى لەختە قاندىن ياراتتى ." ( سۈرە ئەلەق 2 - ئايەت )
تۆرەلمىنىڭ ئانا بالىياتقۇسىدىكى ئۆسۈش جەريانى < قۇرئان كەرىم > دە تولىمۇ ئاددىي بايان قىلىپ بېرىلگەن ، لېكىن يەنە ئىنتايىن جايىدا تەسۋىرلەنگەن . چۈنكى تەسۋىرلەشتە ئىشلىتىلگەن سۆزلەر ئىنتايىن ئۇدۇل كەلگەن ھالدا تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىدىكى بىر قانچە باسقۇچ بىلەن ماس كېلىدۇ .
" ئاۋۋال ئابىمەنىنى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق ، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق ، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق ، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق ... " ( سۈرە مۇئمىنۇن 14-ئايەت --- ئەزىزان )
بۇ باسقۇچلار ھازىرقى زامان تۆرەلمە ئىلمىدە ئاللىبۇرۇن قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت ۋە ئاساسىي بىلىم سۈپىتىدە ئىسپاتلىنىپ قوبۇل قىلىندى . يەنە :
" ...لەختە قاندىن ، ئادەم شەكلىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق ... " ( سۈرە ھەج 5- ئايەتتىن --- ئەزىزان )
" ... يەنە سىلەر ئۈچۈن كۆزلەرنى ، قۇلاقلارنى ۋە يۈرەكنى ياراتتى ... " ( سۈرە سەجدە 9 - ئايەتتىن --- ئەزىزان )
بۇ يەردە ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى ۋە بايقاشلىرى بىلەن زىد كېلىدىغان ھېچقانداق ئۇقۇم يوق .
< قۇرئان كەرىم > ۋە < ئىنجىل >
بۇ تەھلىلىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ ، بىز باياتىندىن بېرى < قۇرئان كەرىم > دىكى بىر قىسىم سۈرە-ئايەتلەردىكى بايانلار بىلەن ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆتتۇق . ئەمدى تۆۋەندە < ئىنجىل > دىكى مۇناسىۋەتلىك بايانلارنىمۇ سېلىشتۇرۇپ باقايلى .
..... ( بۇ يەردە ئەسلى لېكسىيەدىكى بىر قانچە بۆلەك قىسقارتىلدى ، چۈنكى ئەزىزان بۇ سېلىشتۇرمىلارنىڭ پەقەت < قۇرئان كەرىم > بىلەن < ئىنجىل > نى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىنى سېزىپ ، باش تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىشنى ئەھمىيەتسىز كۆردى . --- ئەزىزان ) ....
< قۇرئان كەرىم > نىڭ خاس تەرىپى شۇكى ، < قۇرئان كەرىم > نازىل قىلىنغان پەيتتىن تارتىپ ، ئۇنى يادلىيالايدىغانلار بار ئىدى ، يەنە كېلىپ مۇھەممەد ھايات چېغىدىلا قۇرئان خاتىرىلىنىپ بولغان بولۇپ ، بۇ سەۋەبلەر بىلەن ، < قۇرئان كەرىم > دە ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ قوشقان بىر ھەرپ تۇشلۇق قەلىمى يوق . بۈگۈنكى < قۇرئان كەرىم > نىڭ مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان شۇ < قۇرئان كەرىم > ئىكەنلىكىدە شەك يوق .
يۇقاردا ئېيتقانلىرىمىزنى يىغىنچاقلىغان ھالدا ، تېمىمىزنى خۇلاسىلىسەك ، < قۇرئان كەرىم > پەقەت ئىلىم-پەن تەرىپىدىن بارغانسېرى پولاتتەك دەلىللىنىدۇ ، چۈنكى < قۇرئان كەرىم > بىلەن ئىلىم-پەن بىردەكلىكتىن چىقىپ باقمىدى . يەنە بىر تەرەپتىن ، غەرب ئۆلىمالىرى ئېيتقان " مۇھەممەد قۇرئاننىڭ مۇئەللىپى " دېگەن قاراشمۇ پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ . چۈنكى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىمۇ قۇرئاندىكى چوڭقۇر مەنالارنى تېخى تولۇق يېشىپ بېرەلمەيدۇ . < قۇرئان كەرىم > دىكى ئىلاھىي قۇدرەتمۇ مۇشۇ ئارقىلىق بەزى ئالىملارنى پەقەت ئاتىئىزىملىق قاراشقا تايىنىپلا ھەممە ئىشنى چۈشەندۈرۈپ بولالمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر قىلدى ھەم قىلماقتا .
( تۈگىدى )
تەرجىمە قىلغۇچى --- ئەزىزان
ئىزاھات --- 1، لېكسىيە ئىگىسى سۈرە-ئايەتلەرنى قوللانغاندا قايسى سۈرە قايسى ئايەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئەسكەرتمىگەن ۋە بەزى ئەسكەرتىشلىرىدە سەل خاتالىق كۆرۈلگەن بولۇپ ، يۇقاردىكى سۈرە-ئايەتلەردىكى ئەسكەرتىشنى ئەزىزان قوشقان . 2، ئەسلى لېكسىيە ئىگىسى دىندار ئۆلىما ئەمەس بولغاچقا پەقەت ئىلىم-پەن نۇقتىئىينەزىرىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ < قۇرئان كەرىم > دىكى بايانلارنى تەھلىل قىلغان ، شۇڭا ئەزىزان بەزى جۈملىلەرنى شۇ كىشىنىڭ ئۆز تىلى بىلەن تەرجىمە قىلغان ، مەسىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ نامى كەينىگە ئەسلى ئاپتور سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى قوشمىغان ، بۇ بەلكىم شۇنىڭ مەيدانى بولۇشى مۇمكىن ، شۇڭا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پىرىنسىپسىز . 3 ، ئىنتايىن خىجىلمەن ، بۇ لېكسىيەنىڭ بىر نۇسخىسى مەندە بار ئىدى ، بىراق ئۇنىڭغا ئاپتورنىڭ ئىسىمى يېزىلمىغان ئىكەن ، بەيدۇدىن ئىزلىسەم چىقتىيۇ ، ئىگىسىنى ۋە قايسى سورۇندا سۆزلەنگەنلىكىنى تاپالمىدىم . پەقەت شۇ كىشىگە ئاللاھدىن ھىدايەت تىلەپ تەرجىمە قىلىۋەردىم ، بىلىم ئوغرىسى ئوغرى ئەمەس دەپ .
ئالاھىدە ئەسكەرتىش --- كۆچۈرىۋېرىڭلار ، لېكىن تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىككى كۈنلۈك ئەجرىنىڭ يۈزى بىلەن ئەزىزان دېگەن خەتنى ئۆچۈرمەڭلار .
2009-يىلى 22-ماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-24 11:32 PM