مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5729|ئىنكاس: 37

مېنىڭ ‹يارىماس› ئېرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5029
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 04:46:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

QQ图片20140724125640_副本.jpg


ئەنسىز جىرىڭلىغان تېلېفوننىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ يۈگۈرۈپ بېرىپ تېلېفوننى قولۇمغا ئالدىم .
‹‹- ئەسسالامۇ –ئەلەيكۇم !

-سىز ئىنالنىڭ ئايالىمۇ ؟
قارشى تەرەپتىن بىر ئەرنىڭ نارازىلىق تۈسىنى ئالغان ئاۋازىدىن ، شۇنداقلا سالىمىمنىمۇ ئىلىك ئالماستىن  ئالدىراپ سۆزلىشىدىن قانداقتۇر بىرەر كۆڭۈلسىزلىكنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ھېس قىلىپ :
-ھەئە ، ئىنالغا بىر ئىش بولمىغاندۇ ؟ دېدىم .
-ئېرىڭىزگە ھېچ ئىشقۇ بولمىدى ،لېكىن ئازراق ئىچىشكەنتۇق ، شــۇ  ‹ئۆيگە كېتىمەن › دەپ تۇرۇۋالدى . بۇ تۇرقىدا ماشىنا ھەيدېسە ئالىمادىس بىرەر كېلىشمەسلىك چىقىپ قېلىشىدىن قورقتۇق . تاكسى توسۇپ ماڭسۇنمىكىن دېسەك بۇ چەت جايغا بۇ يېرىم كېچىدە تاكسىمۇ كەلمەيدىكەن . ئۇخلاپ قالسۇنمىكىن دېسەك : ‹‹ئۆيگە كەتمىسەم قەتئىي بولمايدۇ›› دەپ  ئۇنىماي تۇرۇۋالدى . يا بىزگە ئاراملىق بەرمەيدۇ  بۇ يارىماس ئېرىڭىز . ئەمىسە خوتۇنۇڭغا تېلېفون قېل  دېسەك :‹‹ئۇ قورقۇپ كېتىدۇ ، ئۆزۈم كېتەلەيمەن›› دەيدۇ ، ئاخىرى ئۆزۈم تېلېفون قىلىشىم .
-سىلەر قەيەردە ئولتۇرغان ئىدىڭلار ؟ مەن ھازىرلا باراي .
-شەھەر سىرتىدىكى لەززەت ئارامگاھىدا .
-ھەئە بىلدىم ، مەن ھازىرلا يىتىپ بارىمەن ، رەھمەت ،- دەپ تېلېفوننى ئالدىراشلا قويدۇم-دە ، ياتاق ئۆيگە يۈگۈردىم . چۈنكى تېلېفوننىڭ جىرىڭلىشى بالىلىرىمنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىنىمۇ بۇزغان ئىدى .  
- ھېچ ئىش يوق قوزىلىرىم . داداڭلاردىن كەلگەن تېلېفون ئىكەن ، ماشىنىسى بۇزۇلۇپ قېلىپ  يولدا قاپتۇ . مەن تاكسى توسۇپ بېرىپ داداڭلارنى ئېلىپ كېلەي . سىلەر قورقماي ئۇخلاپ تۇرۇڭلار ، ماقۇلمۇ ئۇماقلىرىم  ؟
- ماكۇل ئاپا  ،-دېدى قىزىم قەدىرىيە چۈچۈك تىللىرى بىلەن ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىغاچ .
-ئاپا ، شەن بېيىۋەيگىن . مەن با ، بىز كوكمايمىز !-دېدى ئارقىدىنلا ئوغلۇم قەدىردىن ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ .
ئوغلۇمنىڭ بۇ سۆزىدىن تولىمۇ سۆيۈنۈپ كەتتىم ،  ھەم ئۇلارنىڭ پىشانىسىگە بىردىن سۆيۈپ قويۇپ تالاغا يۈگۈردىم .
يېرىم كېچە بولغاچ ، كوچىدا ماشىنىلارمۇ شالاڭ ئىدى . كەچكۈزنىڭ غۇر -غۇر شامىلىدىن تەنلىرىم شۈركىنىپ بەدىنىمگە تىترەك ئولاشتى . يۈرىكىم بىر خىل ئەنسىز دۆپۈلدەپ قانداقتۇر بىرى كاپـلا قىلىپ تۇتۇۋالدىغاندەك  ، تۆت ئەتراپقا ئەنسىزلىكتە قارايتتىم . قېيىشقاندەك تاكسى كېلىدىغاندەك ئەمەس . قۇلاق تۆۋۈمدە بايامقى ناتونۇش كىشىنىڭ ئېرىمنى‹‹ يارىماس ئېرىڭىز ›› دېگەن سۆزى جاراڭلاپ ، غەزەپتىن تېنىم تېخىمۇ جۇغۇلدايتتى . ئىچىمدە :‹‹ ھېم ، يارىماسمىش ! يارىماس دېسە سىلەرنى دېسە بولىدۇ› › دەپ غودۇڭشۇپ  تىللايتتىم . شۇ ئەسنادا تەلىيىمگە بىر تاكسى كېلىپ توختىدى . شوپۇر 22 ياشلاردىكى ئۇيغۇر يىگىت بولۇپ ، مېنىڭ تىترەپ تۇرغان ھالىتىمنى كۆرۈپ سەل ھەيرانلىق ھېس قىلدى بولغاي :
- ھەدە، نەگە بارىسىز ، بەكلا قورقۇپ كەتكەندەك قىلىسىزغۇ ؟-دېدى .
- ھە ، ياق ئۇكام . ئالدىراشچىلىقتا چاپان كېيىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن ، يەنە كېلىپ تاكسى توسۇپ بولالماي ... خاپا بولماي مېنى شەھەر سىرتىدىكى لەززەت ئارامگاھىغا ئاپىرىپ قويغان بولسىڭىز ، - دېدىم مەن يېلىنىش ئاھاڭىدا . چۈنكى ئۇ يەر شەھەردىن خېلىلا يىراق ئىدى .
مېنىڭ بۇ سۆزۈم بىلەن شوپۇر يىگىت ماڭا قايتىدىن سوغۇق نەزىرىدە بىر قارىۋېتىپ ، ماشىنسىنىڭ رولىنى بۇرىدى  . مەن ئۇنىڭ بۇ قارىشىدىن سەل ئەجەبلەنگەن بولساممۇ ، ئەمما گەپ قىلمىدىم . چۈنكى ، يېرىم كېچىدە ئۇ يەرگە ماڭغان ئايال كىشىنىڭ باشقىلارغا قانداق تەسىرات بېرىدىغانلىقى ماڭا ئايان ئىدى . ئەمما مېنىڭ پۈتۈن ئېسىيادىم ئەنە شۇ ‹‹ يارىماس ›› ئېرىمنى شۇ نەس باسقان يەردىن تېزراق ئېلىپ كېتىش ئىدى .
ماشىنا كەڭ كەتكەن ئاسفالىت يوللارنى كۈندۈزدەكلا يورۇتۇپ ، گويا كېچە ئاسمىنىدا چاقناۋاتقان سانسىزلىغان يۇلتۇزلاردەك رەڭمۇ -رەڭ چىراقلىق قايناق شەھەرنى كەينىدە قالدۇرۇپ ،  قازاننىڭ تۈۋىدەك قاراڭغۇ ، تىمتاس يولدا تېز سۈرئەتتە كېتىپ باراتتى .   ماشىنىنىڭ ياڭراتقۇسىدىن چىقىۋاتقان مۆمىنجان ئابلىكىمنىڭ ‹‹ سۆيەلمىدىم ھېچكىمنى سەندەك ›› دېگەن مۇڭلۇق ناخشىسى ئارامسىز كۆڭلۈمنى تېخىمۇ ئېزىپ ، قارچۇقۇمنى نەم بېسىشقا باشلىدى . ئۆزەمنى ھەرقانچە تۇتۇۋالاي دېسەممۇ ، ئەمما كۆزلىرىمدىن ياش خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈپ ، كۆز ياشلىرىمنى شوپۇردىن يۇشۇرۇپمۇ بولالمىدىم .
-ئاچا نېمىشقا يىغلايسىز ؟ - دەپ سورىدى شوپۇر سەل ھەيران قالغان ھالدا .
- مەن خوشاللىقتىن يېغلاۋاتىمەن ئۇكام .
- نېمە ، خوشاللىقتىنمۇ يېغلامدۇ كېشى ؟! يەنە كېلىپ سىزنى بۇنچە يېغلىتىپ خوشال قىلغان قانداق ئىشتۇ ئاچا ، سوراپ باقسام بولامدۇ ؟
- بولىدۇ ئۇكام ،  سىز بايام مېنى خاتا چۈشۈنۈپ قالدىڭىزغۇ دەيمەن . مەن ئەسلىدە  ئۇ يەرگە ئېرىمنى ئالغىلى كېتىۋاتىمەن . ئۇلارنىڭ ئىدارىسىگە يېڭىدىن باشلىق كېلىپتىكەن . شۇ باشلىقنى ‹‹كۈتىۋالىدىكەنمىز›› دەپ  ئىشتىن چۈشۈپلا چىقىپ كەتكەنىدى . بايام بىرەيلەن تېلېفون قىلىپ ‹‹ ئېرىڭىزنى كېلىپ ئېلىپ كېتىڭ ، ئۆيگە قايتمىسام بولمايدۇ دەپ تۇرۇۋېلىپ ، بىزنىڭ ئولتۇرىشىمىزنىمۇ ئولتۇرۇش قىلىۋەتتى . ھاراق ئىچكەن بولغاچقا ، ماشىنا ھەيدىگىلى قويمىدۇق ›› دېگەنىدى . شۇڭا بۇ يېرىم كېچىدە كوچىدا يۈرگىنىم بولمامدۇ .
- ھە ... مۇنداق دەڭ . كەچۈرۈڭ ، بايام مەن راستىنلا ...
- ھېچقىسى يوق ئۇكام  ، مەن كۆڭلۈمگە ئالمىدىم . ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنى مەنمۇ باشقىلاردىن ئاڭلىغانىدىم . ‹‹قۇچقاچ ئوۋلايدىغانلار›› شۇ يەرگە بارارمىش ، ئۇ يەردە ‹‹رەڭلىك قۇچقاچلار›› بەك چىرايلىقمىش . توۋا دېمىسەك بۇ جاھانغا ئەمدى !
- شۇنى دەڭە ئاچا ، ئۆتكەندە مەن بىر ئادەمنى  شۇ يەرگە ئاپىرىپ قويغانىدىم  ، يولدا كېتىۋېتىپ دېگەن گەپلىرىدىن تەنلىرىم شۈركىنىپ كەتتى . ئىنساپ تىلەيلى ئۇلارغا .
- شۇ ئۇكام ، ئۇلارغا ئىنساپ تىلەيلى ! ئۇلارنىڭمۇ خوتۇن -بالىلىرى ، ئاچا -سېڭىللىرى باردۇر ؟!
- ئاچا ،مەن ئەمدى سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن خوشال بولۇپ يېغلىغىنىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم . ئەسلىدە يولدىشىڭىزدىن سۆيۈنۈپ يېغلاپسىز-دە !  يولدىشىڭىزغا بارىكاللا . . .
مەن ئۇنىڭغا ‹‹ھەئە›› دېگەن نەزەردە قاراپ قويدۇم .
ماشىنا بىر ئىسكەتتە قاراڭغۇلۇقنى يېرىپ كېتىپ باراتتى . كۆز ئالدىمدا يولدېشىمنىڭ سىماسى پەيدا بولۇپ ، يۈرىكىم سۆيۈنۈش ئىچىدە تېپچەكلەپ ، بىر ئىسسىق ئېقىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى كۆيدۈرۈپ ئۆتكەندەك بولدى . قۇلاق تۈۋۈمدە بايامقى ئادەمنىڭ ‹‹ يارىماس ئېرىڭىز ›› دېگەن سۆزى قايتا جاراڭلىغاندەك بولۇپ خىياللىرىم ئۇزاقلارغا كەتتى ...

تۇنجى يولدېشىم قۇدرەت ماشىنا ھادېسسىگە ئۇچراپ ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي تۈگەپ كېتىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ھازىرقى يولدېشىم ئىنال بىلەن تاساددىبىي تونۇشۇپ قالغانىدىم .
شۇ كۈنى يولدېشىم تۈگەپ كەتكىنىگە توپتوغرا ئىككى يىل بولغان كۈن ئىدى . شۇ كۈنى سەھەردە مەھەللە جامائەتلىرىنى چاقىرىپ يولدىشىمنىڭ روھىغا ئاتاپ ماي پۇرۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ، قېيىنئاپامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم . گەرچە مەن بۇ ئائىلىگە كېلىن بولۇشقا ئارانلا ئۈچ ئاي نېسىپ بولغان بولسىمۇ ، ئەمما قۇدرەت تۈگەپ كەتكەندىن كېيىنمۇ قېيىنئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتاتتىم .
ئۇ كۈنى ھاۋا شۇنداق سۇغۇق بولۇپ ، لەپىلدەپ قار يېغىۋاتاتتى . ئاپتوبوس بېكىتىدە خېلى ئۇزاق تۇرغان بولساممۇ ، ئەمما ئاپتوبوسنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى .  قېيىنئاپامغا ( قېيىنئاتام قۇدرەت تۈگەپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تۈگەپ كەتكەنىدى ) ئاتاپ ئېلىۋالغان تامىقىمنىڭ سوۋۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ، تاكسى توسۇپلا مېڭىش قارارىغا كېلىپ ، كېلىۋاتقان تاكسىغا قول كۆتۈردۈم . تاكسى شوپۇرى دەل ھازىرقى يولدېشىم ئىنال ئىدى .  
مەن ئۆيگە كىرىپ خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، يانفونۇمنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلدىم . ئويلاپ باقسام ئۆيدىن چىققۇچە قېيىنئاپامغا ماڭغانلىقىمنى ئېيتىپ تېلېفون قىلغانىدىم . ئۆزەمچە ‹‹ ئۆيدە قويۇپ قويغان ئوخشايمەن›› دەپلا ئويلاپ ، ئۆيلەرنى  تازىلاش ، كىر -قاتلارنى يۇيۇش ۋە تاماق ئېتىش  بىلەن بولۇپ كېتىپ ، تېلېفون ئىشلەتكىدەكمۇ بولمىغانىدىم  . كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ ئەمدى قايتاي دەپ تۇرۇشىمغا ، ئۆينىڭ تېلېفونى جىرىڭلاپ كەتتى . مەن قېرى مەزلۇمنى مالال قىلمايلا بېرىپ تېلېفوننى ئالدىم .
-ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم !
- ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام . مەن تاكسى شوپىرى بولىمەن . ئەتىگەن بۇ تېلېفون ماشىنىدا چۈشۈپ قاپتىكەن ، تېلېفون خاتىرسىدىن بۇ نومۇرغا تېلېفون قىلىۋاتىمەن ، تېلېفوننى  قايتۇرۇپ بېرەي دەپ ئويلىغانىدىم .
- ھە... سىز ئەتىگەنكى شوپۇركەنسىز-دە ؟ مەن تېخى تېلېفونۇمنى ئۆيدە قالغان چېغى دەپتىمەن ، رەھمەت سىزگە . سىز نەدىرەكتە ھازىر ؟
- مەن شۇ ئەتىگەنكى سىز چۈشۈپ قالغان قورۇنىڭ ئالدىدا . ئەتىگەندىن بېرى بۇ تەرەپكە ئۆتۈپ بولالماي قالدىم . تېخى ھازىر بىرەيلەننى مۇشۇ قورۇغا ئەكەلگەنىدىم .شۇڭا تېلېفون قېلىشىم ئىدى .
- ئەمىسە مەن ھازىرلا چىقاي . مەنمۇ قايتاي دەپ تۇرغانىدىم .
شۇنداق قىلىپ بۇ ئاقكۆڭۈل تاكسى شوپىرى تېلېفونۇمنى قايتۇرۇپ بەردى . گەرچە تېلېفونۇم قىممەت باھالىق تېلېفون بولمىسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدا يولدېشىمنىڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغان ئۇچۇرلىرى بار بولۇپ ، ئۇنى ھەر كۈنى بىر رەت كۆرگۈنۈمدە يولدېشىم ماڭا يېقىنلا يەردە تۇرغاندەك ھېس قىلاتتىم .

ئارىلىقتىن بىرەر ئاي ئۆتتى بولغاي ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئۇلىمىز قادىر مۇئەللىمنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ ، ساۋاقداشلىرىم بىلەن رەسىملەرنى كۆزدىن كەچۈرۋاتاتتىم . توساتتىن بىر پارچە رەسىمگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ھېلىقى تاكسى شوپۇرىنى كۆرۈپ قالدىم . سەل ھەيرانلىق ئىچىدە ‹‹ شوپۇرلارمۇ گۈزەل سەنئەتكە قىزىقىدىكەن دېسە ›› دەپ ئويلاپ تۇرۇشۇمغا ، قادىر مۇئەللىم كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كۆرۈشكەندىن كېيىن :
- ساۋاقداشلار ، سېلەرگە بۇياقنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىنال ، ئۇ بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتتىنى پۈتتۈرگەن كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەتكار . ھازىر بىزنىڭ مەكتەپتە خىزمەت قېلىدۇ ،- دېدى .
مەن بۇ  تاكسى شوپۇرىنىڭ ئەسلىدە بىر گۈزەل -سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ، ئۇنىڭغا سوئال نەزىرىدە قاراپ قويدۇم . ئۇمۇ مېنى تۇنىدى بولغاي ، ماڭا كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويدى .
كۆرگەزمە ئاخىرلىشىپ ساۋاقداشلىرىم بىلەن خوشلىشىپ قايتىشقا تەمشەلدىم . بۇ چاغدا ئىنال يېنىمغا كېلىپ :
- قايتسىڭىز سىزنى ئاپىرىپ قوياي ،-دېدى .
-- رەھمەت سىزگە ، سىزنى ئاۋارە قىلماي بولدى .
- كىم بىكارغا مۇلازىمەت قىلىمەن دېدى ، قېنى ماشىنىغا چىقىڭە . باشقا ماشىنىنى كىرا قىلسىڭىزمۇ قىلىسىز ، ئۇنىڭدىن شۇ پۇلنى ماڭىلا بەرمەمسىز  -دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ .
مەن ئۇڭايسىزلىنىپ نېمە قىلىشنى بىلمەيلا قالدىم . بۇ چاغدا ئۇ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ مېنىڭ ماشىنىغا چىقىشىمغا ئىشارەت قىلدى . يولدېشىم تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن،  يات جېنىسلىقلارغا كۆپ گەپ قىلىشنىمۇ خالىمايدىغان بولۇپ قالغانىدىم . شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلمايلا ماشىنىغا چىقتىم .
يولدا ماڭغاچ ئۇ قادىر مۇئەللىم ۋە مەكتەپ توغرىلىق نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى . شۇنداقلا خىزمەتتىن سىرىت بىر ئاغىنىسىنىڭ تاكسىسىنى ھەيدەيدىغانلىقىنى دەپ بەردى .  ئۇنىڭ سوئاللىرىغا ‹‹ ھەئە ›› ياكى ‹‹ ياق ›› دەپلا جاۋاپ بەردىم . ئۇ ئالدىنقى قېتىم مېنى ئۆيگە ئەكېلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆيۈمنىڭ نەدىلىكىنىمۇ سورىماستىنلا ئۇدۇل ئىشىكىمنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ قۇيۇپ خوشلىشىپ قايتتى .

شۇندىن كېيىن ئىككى ئاي ئۆتكەن بىر كۈنى ، ساۋاقدىشىم  ئالىيە تېلېفون قىلىپ ، بىر قانچە ساۋاقداشلار قادىر مۇئەللىمىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ كەچتە بىرگە تاماق يېمەكچى بولغانلىقىنى ، كەچتە چوقۇم كېلىشىمنى ئېيتتى .
مەن ئىشتىن چۈشۈپ  ئۇلار دېگەن ‹‹ ھەرەمباغ تائاملار شەھەرچىسى ›› گە ئۇدۇللا باردىم . ساۋاقداشلىرىمدىن ئىككىسى كېلىپ بولغان بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىمىز كەلمىگەنىدى . بىز بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ، قادىر مۇئەللىم بىلەن ئىنال كىرىپ كەلدى . مەن سەل ھەيرانلىق ئىچىدە ئالىيەگە قارىدىم ، ئۇ ماڭا كۆزىنى قىسىپ قويدى . مەن ئۇنىڭ بۇ قىلىقىدىن بىر ئىشنى چۈشەنگەندەك بولدۇم . چۈنكى قۇدرەت تۈگەپ كېتىپ بىر يىلدىن كېيىن ، مەيلى ساۋاقداشلىرىم بولسۇن مەيلى  دوستلۇرۇم بولسۇن ھەتتا ئاتا -ئاناممۇ مېنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش ئىشىم توغرىسىدا ‹‹باش قاتۇرۇپ›› كېلىۋاتقانىدى .
تاماق جەريانىدا ھەممىىسى كېلىشۋالغاندەك ئىنالنى ماختىغىلى تۇردى . مەن ئىچىمدە :‹‹نېمىشقىمۇ كەلگەندىمەن ، ئەسلىدە بۇ  ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئويۇن ئىكەن›› دەپ ئويلىدىم ھەم تېزراق كېتىۋېلىش ئۈچۈن :
-  مەن قايتمىسام بولمايدۇ ، بۈگۈن ئىدارىدە قىلىدىغان ئىشلىرىمنى قىلىپ بولالمىغانىدىم . سىلەر ئالدىرىماي قايتارسىلەر ، - دېدىمدە ، ئۇلارنىڭ تۇتقىنىغا ئۇنىماي سىرتقا ماڭدىم . بۇ چاغدا ئىنال ئورنىدىن تۇرۇپ :
-  مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي گۈلقىز ،- دېدى كۈلۈمسىرەپ .
-  بولدى رەھمەت ، ئۆزەم كېتەلەيمەن ،- دېدىم چىرايىمنىمۇ ئاچماستىن .
- گۈلقىزنى ساڭا تاپشۇردۇق ئەمىسە ، -دەپ ئىنالغا مەدەت بەرگەندەك گەپ قىستۇردى قادىر مۇئەللىم . مۇئەللىمىنىڭ يۈزى چوڭ كەلگەچ ئارتۇق گەپ قىلالمىدىم . ئىچىمدە:  ‹‹خەپ سىلەرنى ›› دېگىنىمچە كەينىمگىمۇ قارىماستىن چىقىپ كەتتىم .
ئىنال كەينىمدىن گەپ قىلماي ماڭا ئەگېشىپ كېلىۋاتاتتى . ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى خۇددى ماڭا قاراۋاتقاندەك خۇدۇكسىنىپ ، بېشىمنىمۇ كۆتۈرمەستىن كېتىۋاتاتتىم . مۇشۇ ئىسكەتتە قانچىلىك ماڭدۇقكىن - تاڭ ، بىر چاغدا ئىنالنىڭ :
- گۈلقىز سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى ،- دېگەن ئاۋازى چېگىش خىياللىرىمنى بۇزدى . ئۇنىڭ تىتىرەپ چىققان ئاۋازى ۋە ماڭا تەلمۈرگەن كۆزلىرىدىن :‹‹ ئەجىبا بۇ يىگىت مەندەك تۇل خوتۇنغا كۆيۈپ قالغانمىدۇ؟ ›› دېگەن خىيال كاللامغا چاقماق تېزلىكىدە كەلدى-دە ، خۇددى مۇئەللىمنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىگەن ئوقۇغۇچىدەك ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل خېجىللىق ۋە ئالاقىزادىلىك چىرمىۋالىغانىدى .
       دەرۋەقە ، ئويلىغىنىمدەك ئۇ ئالدىنقى قېتىم مېنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېين ، قادىر مۇئەللىم ۋە يېقىن ساۋاقداشلىرىمدىن مېنىڭ ئەھۋالىمنى سۈرۈشتۈرگەن ھەم مۇشۇ بىر قانچە ئاي مېنى ئىزچىل كۈزۈتۈش جەريانىدا ماڭا كۆڭلى چۈشۈپ قالغان ھەتتا مەن بىلەن توي قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى ، قادىر مۇئەللىم ھەم ئالىيە قاتارلىق ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۇنىڭ بۇ قارارىدىن سۆيۈنگەنلىكى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ بۈگۈنكى يېغىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى .
شۇ ئەسنادا مەھەللىگە قانداق كېلىپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەي قاپتىمەن . مەن ئۇنىڭغا كەسكىن تەلەپپۇزدا :
-مەن ئۆيگە كىرىپ كېتەي . سىز بۇ خىيالىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ ، ئىككىمىزنىڭ توي قىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ،ۋاقتىڭىىزنى ۋە زېھنىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ ،- دېدىم ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولۇپ .
- سىزنىڭ يولدېشىڭىزنى تولىمۇ ياخشى كۆرۈدىغانلىقىڭىزدىن خەۋىرىم بار ، لېكىن سىز بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتمەكچىمۇ ؟ ئەجىبا يولدېشىڭىزنىڭ ئورنىنى باسالماسمەنمۇ ؟ بىلەمسىز ، مەن نەچچە كۈن ئىلگىرى قۇدرەتنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ كەلدىم ، بەلكىم ئۇمۇ سىزنىڭ بۇنداق ياشىشىڭىزنى خالىمايدىغاندۇ - دېدى ئۇ كۆزلىرىمگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ  .
- ياق ئىنال ، سىز دېگەن توي قىلمىغان يىگىت ، ئەمما مەن بولسام بىر نىكاھلانغان ئايال . ئەڭ مۇھىمى قۇدرەتنىڭ قەلبىمدىكى ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدۇ ،- دەپ جاۋاب بەردىم قەتئىيلىك بىلەن .
- سىزنىڭ بۇرۇن توي قىلغىنىڭىز بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمەن ، شۇنداقلا  سىزنى قۇدرەتنى  ھازىرلا ئۇنتۇپ كېتىڭمۇ دېمەيمەن . بىراق ئىشەنچەم كامىل ، ھامان بىر كۈنى سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئېرىشىمەن . مەن شۇ چاققىچە سىزنى ساقلاشقا رازى گۈلقىز ،-دېدى ئۇ چىرايىغا تەبەسسۇم يۈگۈرتۇپ . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىشەنچ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى .

شۇندىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ يۈردۈم . لېكىن ئاتا -ئانام ھەتتا قېيىنئاپاممۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇم توغرىلىق كۈندە گەپ قېلىپ بېشىمنى ئاغرىتقىلى تۇردى . قادىر مۇئەللىممۇ ئىنال توغرىلىق نەچچە رەت مەن بىلەن پاراڭلاشتى . ساۋاقداشلىرىممۇ  ئىنالغا پۇرسەت بېرىشىمنى قايتا -قايتا دەپ تۇرۇۋالدى . مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈرتكىسىدە ئىنال بىلەن ئاخىرى توي قىلدىم . ئەمما قەلبىمدە يەنىلا بۇرۇنقى يولدېشىم قۇدرەتنى ئۇنۇتالمايتىم . بەزىدە ئىنالغا قاراپ ئىچىم ئاغرىپمۇ قالاتتى . چۈنكى ئۇ ماڭا ھەقىقەتەن بەك  كۆيۈنەتتى ، گۈزەل سەنئەتتە ئوقۇغان كىشىلەرنى رومانتىك كېلىدۇ دېسە بۇرۇن ئىشەنمەيتتىم . ئەمما ئىنال بىلەن توي قىلغاندىن كېيىنلا بۇ گەپنىڭ راستلىقىغا ئىشەندىم . ئۇ ھە دېسە مېنى تۇيۇقسىز خوش قىلاتتى . دائىم دېگۈدەك گۈل سېتىۋېلىپ ، ئىشخانامغا ئەۋەتەتتى . تۇغۇلغان كۈنۈمدە پۈتۈن ئۆينى ئەتىرگۈل بىلەن توشقۇزۋەتكەنىدى . ئارام ئېلىش كۈنلىرىدە دالا تامىقى يېگىلى ، ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ ئايلاندۇرۇپ كېلەتتى . ئاتا -ئانامنى خۇددى ئۆز ئاتا -ئانىسىدەك ھۆرمەتلەپ ، ئۇلارنىڭ ھالىدىنمۇ ئوبدان خەۋەر ئالاتتى .  ئۇنىڭ بۇنچە قىزغىن مۇئامىلىسى مېنىڭ قەلبىمنى ھاياجانغا سالسىمۇ ئەمما بۇ مۇھەببەت ئەمەس ئىدى .
توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىمنى بىلدىم . شۇنداقلا قوشكېزەك ئىكەن . بۇنى ئاڭلىغان ئىنالنىڭ شۇ چاغدىكى خوشاللىقىنى تەسۋىرلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ . ئۇ قوللىرىمنى چىڭ سىقىمداپ تۇرۇپ :
- سىزگە مىڭ مەرتىۋە رەھمەت گۈلۈم ، مەن ئەمدى دادا بولىدىغان بولدۇم ،- دەپ ھاياجاندا كۆزلىرىگە ياش ئالدى . شۇندىن كېيىن ئۇ مېنى ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلدۇرماي ھالىمدىن تولىمۇ ئەتراپلىق خەۋەر ئالدى . ئاي كۈنۈم توشۇپ ، ساق -سالامەت بوشاندىم . باللىرىمىزمۇ شۇنداق ساغلام ، تېمەن تۇغۇلدى . ئۇلارغا ئىسىم قۇيىدىغان چاغدا ئۇنىڭ  ‹‹ بالىلارغا دوستۇم قۇدرەتكە يېقىن قەدىردىن ، قەدىرىيە دەپ ئىسىم قويايلى گۈلقىز قانداق قارايسىز ؟››دېگەن  بىر ئېغىز گېپى  نەچچە يىلدىن بويان ئېرىمىگەن يۈرىكىمنى ئېرىتىۋەتكەنىدى .
مانا بۈگۈنمۇ يولدېشىمنىڭ ئاشۇ ‹‹رەڭلىك ›› سورۇندا ئولتۇرۇشنى  خالىمىغانلىقىدىن ئىبارەت ۋاپادارلىقى ئۇنىڭ ھەقىقەتەن مېنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇرۇپ  يېغلىۋەتكەنىدىم .

شوپۇرنىڭ :
- ئاچا يېتىپ كەلدۇق ،- دېگەن سۆزى بىلەن خىيالدىن بېشىمنى كۆتۈردۈم . ھەم  ماشىنىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئېرىمنى كۆرۈپ :
-ئىنال ! - دېگىنمچە ئۆزەمنى ئۇنىڭ باغرىغا ئاتتىم .

مېھرىيە يازمىسى


تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10406
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 05:25:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[hr]تەپسىلى .ئوقۇپ چىقتىم [hr]


ياخشى چىقىپتۇ
[hr]

                                  ھەپ تەسىرلىك
[hr]

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104709
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2014-3-11
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 06:04:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە  بەك  ياخشى  چىقىپتۇ  ،  ئاللا  يىگىت  -  قىزلىرىمىزنىڭ  كۆڭلىگە  ئىنساپ  بەرگەي  ................  قولىڭىزغا  دەرت  كەلمىسۇن  !

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 966
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 256 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 06:08:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ھارمىغايسىز.ھەربىر جۈپلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ۋە مىھىر مۇھەببەتلىك قەلىپ يار بولۇشىنى تىلەيمەن .

ئىت قاۋاۋىرىدۇ، كارۋان يولىغا كىتىۋىرىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99189
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 812
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 814 سائەت
تىزىم: 2013-11-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 06:10:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم.ئەسەرغۇ خىلى ياخشى چىققان ئەسەركەن.بىراق ئىلگىرى بىر يەردە ئوقۇغاندەك قىلىمەن .بۇ ئەسەر ئىلگىرىمۇ يوللانغانمۇ ؟ (شۇغىنىسى قەيەردە ئوقۇغىنىم تازا ئىسىمدە يوق).

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 06:14:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايە تەسىرلىك چىقىپتۇ. سوراپ باقسام. بۇ توقۇلما ھىكايىمۇ ياكى بىراۋنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەقىقىي بولغان ۋەقەلىكمۇ؟ .

...قەلەم قۇۋىتىڭىز ياخشىكەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96232
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1539
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2013-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 06:19:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇن ئۆزگىچە ھەم تەسىرلىك چىقىپتۇ، رەھمەت!

كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ كۈتۈۋاتىمەن، ئۆتكەن كۈنلەر كۈتكەندەك ئەمەس، كۈتكەن كۈنلەر كەلگەندەك ئەمەس.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 06:31:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاتتا ئەسەرلەرنى يازالايدىغان تىل بايلىقىىڭىز،تەپەككۈرىڭىز بار ئىكەن.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 06:45:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ۋەقەلىكى ياخشىكەن ، تۇرمۇشنى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپسىز

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108598
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2014-7-20
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 06:49:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىككەن.
مۆمىنجاننىڭ ناخشىسىنىڭ نىمە ئۈچۈن يىغلاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم.....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش