  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					ياز پەسلى كېلىپ قالدى، قىشلىق چاپاننى تاشلىدۇق. مۇنبەردىكى بارچە دوستلار ، قوشاق ئېيتىشنى باشلىدۇق.     
بۇلبۇل شادىمان سايرىدى، گۈلگە تولغان بېغىمدا. مۇنبەردىكىلەرنى كۈيلەيمەن، ياڭرىغان شاد ناخشامدا.   
 بېغىمدىكى ئالمىلارنىڭ ، ئوخشاپ كەتتى دانىسى. چاخچاق بلىەن كۈلمەمدۇ، مۇنبەردىكى ھەممىسى.     
مېنى سورىساڭلار ئەگەر، ئاقسۇ دېگەن يەردە. ئەگەر مۇنبەر بولمىسا ، قوشاق يوللايمىز نەگە.   
مېھمان بولۇپ كېلىڭلار، ئاقسۇ دېگەن ياخشى جاي. خەۋەر قىلىڭلار كەلسەڭلار،، تۇتاي پىيالىدە سىنچاي.     
ھەر تەرەپكە ياڭرىسۇن، دوستلۇق كۈيى مۇنبەردە، جىدەل–غەۋغا كەتسۇن يىراق، كىر قالمىسۇن كۆڭۈلدە.   
مەنبە : ئۆزۈمنىڭ قېرى كاللىسى 
ئەسكەرتىش:‹‹مۇنبەرنى  جانلاندۇرۇپ،خۇش –چاخچاقلار بىلەن كۆڭلىمىزنى كۆتىرەيلى ››دېگەن مەقسەتتە يوللۇدۇم بۇ تېمىنى،تىل –ھاقارەتلەر بىلەن قوشاق يوللىغانغا تويغۇزىۋەتمەڭلار....ئىنكاس يازغاندا ئىلمىي بولغان چاخچاق ئارىلاش  قوشاقلارنى يوللىساڭلار...   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-24 02:10 PM  
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |