مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: mahatjan

مەخەت ئابدۇرېھىم:قىزىل گۈلنىڭ تەسىراتى  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108221
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2014-7-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 02:56:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەرۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيلىك 2-ئوتتۇر مەكتەپتە ئوقۇغان.

بىز ھاياتىمىزدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاشقا ئۇرنىمىز،ئەمما پىشانىگە پۈتۈلگەن كەلگۈلۈك كىلىۋىرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 04:29:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامانسا يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 01:08 PM
مىنىڭ بىر مۇئەللىمىم باتى مەخەت ئابدۇرھىم دەپ. ئەممازە ...

مۇشۇ مەخەت مۇئەللىم شۇ بولمىسۇن يەنە

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگە/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 04:36:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇقاپ كەتتىلىيە مەخەتكا

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 05:26:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sewdaye1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 04:29 PM
مۇشۇ مەخەت مۇئەللىم شۇ بولمىسۇن يەنە


بۇ مەخەت مۇئەللىم قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، يېقىننىڭياغى لۇشەنگە چۈشكەن كادىر بولدۇم دەپ تۈزۈك بىرنەرسىلەرنى يازمايدىغان بولۇۋالغانتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-24 05:30 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 07:33:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2014-7-24 05:26 PM
بۇ مەخەت مۇئەللىم قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئەدەب ...

مەن مەخەت مۇئەللىم قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ھازىرمۇ پىداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن.ئۆزلىرى بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىپ تۇرايلى.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355822
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 07:38:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-25 07:33 PM
مەن مەخەت مۇئەللىم قەشقەر پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئەدە ...

بۇ مەخەتكام ھېلىقى دۇتار چالىدىغان مەخەتكامنى ئەسلىتىپ قويدى . ھەي ... ئېسىل ئادەملەر بار ئىدى ...
بەشكېرەمگە چۈشتۇقما مەخەتاخۇنكا ؟

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 07:45:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Azizan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-25 07:38 PM
بۇ مەخەتكام ھېلىقى دۇتار چالىدىغان مەخەتكامنى ئەسلىت ...

ئاخشام بەشكىرەمگە بېرىپ كەلدىم ئۇكام.يۇرتىكىلەر تىچلىق ئىكەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355822
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 07:49:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-25 07:45 PM
ئاخشام بەشكىرەمگە بېرىپ كەلدىم ئۇكام.يۇرتىكىلەر تىچل ...

ئىشقا ماڭغۇچە قارىسام بەشكېرەمنىڭ ئەمگەككە ئامراق ، ئەمگەكتىن پۇلغا بەكرەك ئامراق بالىلىرى ئەتىگەندە تەڭلىدە ئەنجۈر ساتقىلى تۇرۇپتىكەن . ئون كويغا نەچچە دېسەم تۆت دەيدۇ ، تۆتى قانچە گرام كېلىدۇ دېسەم ئوخشىمايدۇ 301 گرامدىن 302گرامغىچە كېلىدۇ دەيدۇ . شۇنداق ھېسابلاپ كۆرسەم ئەنجۈرنىڭ باھاسىمۇ گۆشكە يېتىشىۋېلىشىدا ئۈمىد زور ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئەنجۈرنى قويۇپ مەخەتكامنىڭ گېپىنى قىلىلى دېسەم ، قايسى مەخەتكام دەيدۇ ، مىسرانىمدىكى مەخەتكام دېسەم ، ئۇزۇن بولدى كۆرمىدۇق ، دادۈينىڭ ئالدىدا ئۇچرىمىدى دەيدۇ ...
ئەنسىرەپ قالدۇق ...
سۈف~

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 07:51:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلار بايرىمىغا بىرىلگەن باھا     
                                                             (سۆز ئويۇنى)
              بالىلار بايرىمىغا بارغان بارلىق بۇرادەرلەر بۇ بايرامغا بەك بەلەن باھالارنى بەردى. بەرگەن باھالار- باھار بايرىمىنىڭ بەلگىلىمىسى  بىكىتىلىپ، بىجىرىم باشقۇرۇلغان. بالىلارنى بوۋايلار، باشلىقلار، بالا باققۇچىلار  باغچىلارغا بىۋاستە باشلاپ بارغان. بالىلارمۇ بىر-بىرىنى باشلىشىپ-باغاشلىشىپ باغچىلاردىكى بارلىق بوستانلىقلارغا بېرىپ، بۈگۈنگىچە بىلمىگەن بەزى بەلگىلەرنى بىلىۋالغان. بىر-بىرى بىلەن بىرلەشكەن. بۇنىڭدىن بىلىشكە بولىدىكى؛ بىز بارلىق بۇرادەرلەر بالىلارنى بارلىق بايراملارغا-بۈگۈنكىدەك بالىلار بايرىمىغا، باش باھاردىكىدەك باھار بايرىمىغا، بۇنىڭدىن باشقا بەزى بەلەن بايراملارغا باشلاپ بارساق، بالىلار بەك بەلەن بىلىملەرنى بىلىۋالىدۇ.
         بالىلار باغچىلارغا، باغۇ-بوستانلىقلارغا بېرىۋەرسە، بىز باشلىمىساقمۇ بارا-بارا بىۋاستە بارالايدىغان بولۇپ باغچىلاردىكى بىلىم بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولىدۇ. بالىلار بىلەلسە بارلىق بۇرادەرلەرگە بەك بەلەن بولىدۇ.
           بالىلار بايرىمىنىڭ بەلگىسىدىن بىلدۇقكى ؛ بالىلار بايرامنى باھالىمايدۇ بەلكىم ،بايرام بالىلارنى باھالايدۇ.
             بالىلار بايرىمىغا بارغان-بارالمىغان بارلىق بۇرادەرلەرنىڭ بالىلار بايرىمىغا بەرگەن باھاسى ؛-بالىلار بىزنىڭ بەختىمىز ، باغرىمىز، بالىللىرىمز بەلەن بولسا بىزگىمۇ بەلەن بولىدۇ،ن
        بىز بالىلارنى بۆشۈككە بۆلىۋالماي، بىلىمىزگە باغلىۋالماي بۆشۈك-باغلاقلاردىن بوشۇتۇپ، بىلىم بۇلاقلىرىنىڭ بېشىغا بارغۇزساق بالىلار بىلىملىك بولىدۇ. بالىلار بىلىملىك بولسا باشقىلارغا بوزەك بولمايدۇ.
       بۇرادەرلەر، بالىلار بايرىمىدا بالىلار بىلەن باغچىلارغا بارغىنىمىز بەك بەلەن بولغان بولسىمۇ ،بەزىلىرىمىز بىكار بولساقلا بارمىسىمۇ بولىدىغان بەزمىخانىلارغا بېرىۋالىمىز، بۇ بەك بىمەنىلىك، بىپەرۋالىق.
         بالىلار بىزنىڭ بەختىمىز، باغرىمىز، بىزنىڭ بارلىقىمىز بالىلارغا بېغىشلانسۇن!
                 ئاپتۇرى؛ مەخەت ئابدۇرېھىم.         

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-7 10:01:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹سالامنامە›› ــــ ئۆلمەس نەمۇنە
2010-08-2910:25شىنجاڭ گېزىتى
خۇدابەردى ئابدۇللا

   ئەجدادلىرىمىز مۇشەققەتلىك ھايات سەپىرىدە ئاجايىپ ماددىي كەشپىيات، ئابىدە، ئۆرنەكلەرنى، مول مەزمۇنلۇق، جەزبىدار، مەنىۋى بايلىقلارنى يارىتىپ، جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتقان. 18 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق ساتىرىك شائىر ئەخمەت شاھ قاراقاشنىڭ ‹‹سالامنامە››سى مانا شۇ مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئېسىل بىر قىسمىدۇر. 32 كۇپلېت، 160 مىسرادىن تۈزۈلگەن بۇ ساتىرانى بىزگىچە يەتكۈزۈپ كەلگەن قىممەت ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلا بولماستىن، يەنە ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ھېسسىيات، شېئىرىي ماھارەتنى نۇرلاندۇرغان نازۇك سۆز جىلۋىسى، يېقىملىق ئاھاڭ چەشمىسىدۇر.

   ئاپتور ئەسىرىدە ئاقسۇدىكى ساۋاقدىشى نەزەر مۇپتىغا بىر ئات ئەۋەتىپ بېرىشى ئۈچۈن 60 تەڭگە ئەۋەتكەنلىكى، نەزەر مۇپتىنىڭ ئۇنىڭغا بىر ئات ئەۋەتىپ بەرگەنلىكى، لېكىن ئەخمەت شاھ قاراقاشنىڭ ئۇ ئاتنى ئۆزىگە مەنزور كۆرمىگەنلىكى، ئاتنىڭ بەتخۇيلۇقىدىن ئۆزىگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىك كەلتۈرگەنلىكى، ساۋاقدىشىنىڭ دوستلۇققا مۇناسىپ ئىش قىلمىغانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلغان. ئاپتور ئەسەرنىڭ ئالدىنقى كۇپلېتىدا ئەدەپ يۈزىسىدىن قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە بىللە ساۋاق ئالغان نەزەر مۇپتىغا سالام يوللاپ، تەن – سالامەتلىكى، ئۆي ئىچى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سوراپ، مۇنداق باشلىغان:

‹‹دۇئايى بىئەدەد، خاجە نەزەر مۇپتىغە ئەلۋەتتە،

تەھىيياتۇ سالامىم ئانچۇنان ئاھۇ نەدامەتتە،

ۋىسال ئولغاي دۇئا بىرلە سەلامىم ياخشى سائەتتە،

سېنى ياد ئەيلەگۈم ھەر كۈن سەھەرلەردە ئىبادەتتە،

كى سەندىن ئۆزگە دوستۇم يوق ئىدى ئاقسۇ ۋىلايەتتە.

ساڭا مەن نامە يازدىم، نامۇناسىپ لەسزدىن، ئەي يار،

بىھەمدۇللاھ، تىرىكلىكتىن نىشانە ئەيلىدىم ئىزھار،

بىلىشنى ئىستىسەڭ، مۇندا شۈكۈركىم، بىز ئەمەس بىمار،

تېنىڭ ساقمۇ بۇ كۈنلەردە سېنىڭ، ئاندا نەھالىڭ بار؟

مۇشەققەتلىكمۇ سەن، يا ئۆتتىمۇ ئۆمرۈڭ پاراغەتتە؟››

   ئاندىن ئۇ ئەۋەتكەن ئاتنىڭ ئەيىبىنى بايان قىلغان:

‹‹بايان ئەيلەي يەنە بىر – بىر بۇ ئاتنىڭ ئەيىبىنى ئاڭقا،

قىڭىر قۇيرۇق، سىڭا سۆڭگەچ، پۇتى مايماق، بويى لاڭقا،

بىرى تەپكەك، بىرى مۆڭگەك، بۇ ئەيىبلەر ئۈستىگە ماڭقا،

ساماندىن بەش كۈشۈك يەپ، ھەر قەدەمدە بىر تۇرۇپ ساڭقا،

تۇغۇلماس ھېچ ۋىلايەت ئىچرە بىر ئات بۇ قىياپەتتە.››

   دەپ، ئاتنىڭ ئۆزىگە كەلتۈرگەن زىيانلىرىنى بايان قىلغان:

‹‹مىنىپ چىقسام ئالىپ ئۇردى، يىقىلدىم، نەچچە كۈن ياتتىم،

قويۇپ بەرسەم بۇزۇپ باغنى، ھەمىشە ئەلنى قاقشاتتىم،

سۇغارغاندا قېچىپ سۆرەپ، ئاران ھارغاندا توختاتتىم،

تېگىشتىم ئۇي بىلەن بەش – ئالتە نۆۋەت، ئون قېتىم ساتتىم،

قىلىپ دەۋا كېلىۋەردى، ماڭا ياندى شەرىئەتتە.

ئەگەر يولغا مىنىپ چىقسام تۈزۈك يۈگۈرۈپ چاپالمايدۇ،

ۋە يا ئۇي ھارۋىسى بىرلە باراۋەرمۇ ماڭالمايدۇ،

مۇبادا توختاپ ئالغاندا ئۇرۇپ قويسا چىچاڭلايدۇ،

مىنىپ تۇرغان كىشى شۇئان بېرىپ يەرنى قۇچاقلايدۇ،

خەتەرلىكتىن بۆلەك خىسلەت تېپىلماس بۇ كاساپەتتە.››

   شائىر ئاتنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەيىبىنى تەسۋىرلىگەندىن كېيىن، ‹‹ئاتنى تالاغا ئاچىقماي›› دەپ تۈۋرۈككە چىڭ باغلاپ قويسا، تۈۋرۈكنى قومۇرۇپ ئېغىلنىڭ ئاستىدا قېلىپ توكۇر بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئات سوراپ كەلسە، ئىلاج يوقلۇقىدىن بېرىپ تۇرسا، ئۇلارنىڭمۇ مىنەلمەي ئاۋارىچىلىك تارتقانلىقىنى تەپسىلىي، ئىنچىكە، جانلىق كىنايىلەردە ئىپادىلىگەن.

   ئەخمەت شاھ قاراقاشنىڭ بۇ ئەسىرىنى ئوقۇساق، ئۇنىڭ سۆزگە باي ھەم سۆز ئىشلىتىشكە ماھىرلىقىنى بىلىمىز. شائىرنىڭ 32 كۇپلېتلىق بۇ مۇخەممىسىدە ئىشلەتكەن سۆزلىرى رەڭدار، ئاددىي، ئەمما مەزمۇندار، ھەر بىر سۆز ئۆزىگە تۇشلۇق مەنە بىلەن مەلۇم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئالماشتۇرۇشقا، ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئۇنىڭدا مۈجمەل، خۇنۈك ئىبارىلەر يوق. ئۇنىڭدىكى تىل خۇددى خەلق داستان، ئېپوسلىرىدەك راۋان، ئاھاڭدار؛ ماقال – تەمسىللەردەك مەنىلىك، بېيىت – قوشاقلاردەك يېقىملىق، رىتىملىق، ئىخچام، ئوبرازلىق؛ قايغۇ – ھەسرەت بايان قىلىنغان مىسرالار بىلەن، قەھرى – غەزەپ بايان قىلىنغان مىسرالار پەرقلىق. چاقچاق – ھەزىلدە ئىشلەتكەن سۆزى يەنە باشقا تۈستە بولسا، مەسخىرىلىك كەيپىياتنى ئىپادىلەشتىكى سۆزلىرى تولىمۇ يۇمۇرلۇق:

‹‹بوشاپ چىقسا تالاغا، توختىماي سەكرەپ چىچاڭلايدۇ،

كىرەر بولسا چىمەننى چەيلەبان، بوستاننى چاڭلايدۇ،

كىشىنى كۆرسە كىشنەپ، كەلسە چىشلەپ تېخى قوغلايدۇ،

قاپاقۇ كوزىنى چەيلەپ، چۆگۈننى ئۆرە قويمايدۇ،

بالا – ئۇششاقلىرىم بۇ ئات بىلەن ھەردەم ئاداۋەتتە.››

   ئادەمنىڭ ئىچ – ئىچىدىن كۈلكە قوزغايدىغان بۇنداق شوخ، ئۇرغۇلۇق سۆزلەردىن تۈزۈلگەن مىسرالار شېئىرغا ساتىرىك تۈس ئاتا قىلىپ، شېئىرنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان. ئاپتورنىڭ ئىچكى ئەلىمى، ھەسرەت – نادامىتىنى ئىپادىلەشتە ئىشلەتكەن سۆز – ئىبارىلىرى يەنە باشقىچە:

‹‹بۇزۇپ ئەلپازىنى بىر كۈن قېچىپ بىر مەلىگە يەتتى،

كى قوغۇنلۇققا كىردى، ئىشتىھا بىرلە غاجاپ كەتتى،

جامائەت ئوۋلىشىپ شۇدەم ئېغىز – بۇرنۇمنى قان ئەتتى،

بەدەل بەردىم تاغار ئاشلىق، قوساقنى دەرد – ئەلەم ئەستى،

بۇ ئات بىلەن قالىبدۇرمەن ھەمىشەم كۆپ مالامەتتە.

مېنى زاڭلىق ئېتىشتى خەلق، بۇ ئات ئەھۋالى كۆپ تارقاپ،

ئالىپ چىقماسقا بەند قىلدىم، ئۇنى تۈۋرۈككە چىڭ باغلاپ،

قومۇردى، يۇلدى تۈۋرۈكنى، كېچە كىرسەم موڭۇپ قۇتراپ،

كاساپەتنى ئېغىل باسقاچ توكۇر بولدى پۇتى ئاقساپ،

دېدىم مەن: ئۆلسىمۇ ئۆلسۇن، خۇدا قىلغان ئىرادەتتە.››

   يۇقىرىقى ھەر بىر مىسرا پۈتۈن شېئىر بىلەن ئورگانىك ھالدا باغلانغان بولۇپ، ئاتنىڭ تەقى – تۇرقىنى تەسۋىرلەش، توغرا نام، ھەرىكىتىنى كۆرسىتىپ بېرىش، توغرا پېئىل، خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىش قاتارلىقلاردا سۈپەت سۆزلەر بەكمۇ مۇۋاپىق قوللىنىلغان.
   بىز ئەخمەت شاھ قاراقاشنىڭ بۇ ساتىراسىنى ئوقۇساق، ئوقۇردىكى داننى كىچىككىنە خورازدىن قىزغىنىپ پۇرقۇپ، ئالدى پۇتلىرى بىلەن تېپچەكلەپ سەت چىقىرايدىغان، سوۋۇتقىنى ئېلىپ چىقسا مۈگدەپ، كۆزىدىكى چاپاققا ئولاشقان چىۋىنلەرنى قورىيالمايدىغان، سىڭار قۇيرۇق، سىڭار سۆڭگەچ، پۇتى مايماق، پاكار، كۆرۈمسىز، قىرچاڭغۇ ئاتنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز ياكى خىيالىمىزدا قاچاندۇر بىر ۋاقىتلاردا كۆرگەن ئورۇق، خۇيى ئەسكى تەپكەك ئاتنىڭ قىياپىتى پەيدا بولىدۇ.

   مانا بۇ بەدىئىي چىنلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن دېتاللار جۇغلانمىسى بولۇپ، ئوقۇغان كىشىگە بولغان ئىشتەك، كۆرگەن ئىشتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. شائىر ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەردىن ئوخشىتىش، سۈپەتلەشنى، مېتافورالارنى جايىدا، مۇۋاپىق قوللانغان بولۇپ، كىچىك نەرسىنى مۇبالىغە قىلىپ كۆپتۈرمىگەن، چوڭ نەرسىنى ئاددىيلاشتۇرىمەن دەپ پۇچەكلەشتۈرمىگەن. ئەخمەت شاھ قاراقاشنىڭ بۇ ئەسىرى ساتىرا ئىجادىيىتىمىزنىڭ ئۆلمەس نەمۇنىسى، شۇنداقلا بىباھا تەۋەررۈك، ئەلۋەتتە.

( مۇھەررىر : شەرىپە )


تولۇقلىما مەزمۇن (2014-11-29 02:11 AM):
«بەشكېرەم» ئاتالغۇسى توغرىسىدا

/ t; D# n/ F. Q$ n& |- h9 g! _6 J

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق


- L+ p2 \8 `% ?+ I- x
ئەڭ قەدىمكى يۇرت ناملىرىدىن بىرى ــ «بەشكېرەم» ئاتالغۇسى تار ھەم كەڭ مەنىدە قوللىنىلغان بولۇپ، تار مەنىدە بۈگۈنكى قەشقەر شەھىرىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىنى، كەڭ مەنىدە بۈگۈنكى بەشكېرەم يېزىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئاۋات، يېڭئۆستەڭ، قوغان، دۆلەتباغ، نەزەرباغ، ئاققاش قاتارلىق قەدىمكى بەشكېرەم بەگلىكى زېمىنلىرىدا مەۋجۇد بولۇپ كېلىۋاتقان يېزىلاردىن تەشكىللەنگەن چوڭ بىر دائىرىنى كۆرسەتكەن. تەتقىقات ماتېرىياللىرىدا ۋە خەلقنىڭ جانلىق تىلىدا بۇ ئاتالغۇ ھازىرغىچە تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈلۈپ كەلدى.
5 b6 @: J7 `& H: p3 r7 V7 P0 J- Y. ]' B1.        «بەشكېرەم» ئەسلى «بېھىشكەرەم» بولۇپ، «جەننەت» مەنىسىدىكى پارىسچە سۆز «بېھىشىت»[1] بىلەن «باغ، تال، تەك» مەنىسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم»[2]نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇ «جەننەت بېغى» ياكى «بېھىشباغ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
' @% Y+ S' N( |+ R; v' y2. «بەشكېرەم» ئەسلى «بېھىشكېرەم» ياكى «بېھىشكىرام» بولۇپ جەننەت مەنىسىدىكى پارسچە سۆز «بېھىشىت» بىلەن «ئۇلۇغ، كاتتا، سېخى، مەرد» مەنىسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم» ياكى «كىرام»[3]نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇ «ئۇلۇغ بىھىشىت» ياكى «كاتتا جەننەت» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ." X& t6 e8 F) D7 p- o
3. «بەشكېرەم» ئەسلى «بېھىشكۆرەم» («بىھىشكۆرۈم») بولۇپ، جەننەت مەنىسىدىكى پارسىچە سۆز «بېھىشت» بىلەن «كۆرۈنۈش» مەنسىدىكى ئۇيغۇرچە سۆز «كۆرەم» («كۆرۈم»)[4] نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇ «بېھىشتەك كۆرۈنىدىغان ماكان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.1 ?- k; g. G/ W! f5 g
4. «بەشكېرەم» ئەسلى «بېيىشكېرەم» بولۇپ «تال باراڭ، باراڭ ياغىچى» مەنىسىدىكى پارسچە سۆز «بىدىش»[5] بىلەن «باغ، تال، تەك(ئۈزۈم)» مەنسىدىكى ئەرەبچە سۆز «كەرەم»نىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «د» تاۋۇشى «ي» تاۋۇشىغا ئالمىشىپ، «بىيىشكىرەم» بولغان.(بۇنداق «د» تاۋۇشى بىلەن «ي» تاۋۇشىنىڭ ئالمىشىشى قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئورتاق ھادىسە. مەسىلەن: ئاداققىچە-ئاياققىچە...) بۇ «بېدىشلىك باغ»، «تال باراڭلىق جاي»، «ئۈزۈمزار ماكان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
' g) v) Q$ Q3 z4 b5 [, W7 ]  eيۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەردىن باشقا، بەزى تەتقىقات ماتېرىياللىرىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا[6] «بەشكېرەم» دېگەن سۆزنى «بەش» سانى بىلەن «باغ ۋە بېدىشكە ئارتىلغان ئۈزۈم» مەنىسىدىكى «كەرەم» سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يۇرتتا ئەڭ دەسلەپ «بەشلا باغ بارلىققا كەلگەندىن كېيىن قويۇلغان» دەپ چۈشەندۈرگەنلەرمۇ بار ئىكەن.
; L5 z0 j  b! W7 H" I. o+ Vكۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، يۇقىرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشىتىش ۋە سۈپەتلەش مەنىسىدە بولۇپ، ئۇلار خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەرگە ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ئىلمىي پەرىزىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا، بۇ چۈشەندۈرۈشلەردە بەشكېرەمنىڭ «ھەممىلا يېرى باغ بىلەن قاپلانغان مېۋە-چېۋە ماكانى» بولۇشتەك ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇلغان. شۇڭا، تەزكىرىلەردە يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشلەر ئومۇملاشتۇرۇلغان ھالدا: «بەشكېرەم ئەسلىدە ‹بېھىشكېرەم› دېگەن سۆز بولۇپ، ‹جەننەتكە ئوخشاش مېۋە-چېۋىلەر مول جاي› دېگەن بولىدۇ. بەشكېرەم خەلقى ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ مېۋىلىك كۆچەت يېتىشتۈرۈپ، باغ بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەچكە، بۇ جايدىكى مېۋىلەرنىڭ تۈرى كۆپ، سۈپىتى ياخشى، ھۆل ھەم قۇرۇق مېۋىگە ئىش قوشىدۇ. بۇ جاينىڭ مەنزىرىسىمۇ ناھايىتى گۈزەل، ئۇزاق تارىختىن بېرى كىشلەر بۇ جاينى ‹مېۋە-چېۋە ماكانى› دەپ ئاتاپ كەلگەن. تىل يېزىقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ‹بېھىشكېرەم› دېگەن بۇ سۆز ‹بەشكېرەم›گە ئۆزگىرىپ، شۇ بويىچە ئاتىلىپ كەلمەكتە» دەپ خاتىرىلەنگەن[7].
. d' m8 D5 @1 _, c$ x* a& O) C0 p3 C' qبىراق، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە شۇكى، يۇقۇرىدىكى چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى بىر ئۇيغۇر يېزىسىنىڭ نامى «شالغۇت بېرىكمە» سۈپىتىدە شەرھلەنگەن. بۇ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى چاغلاردىكى ئومۇميۈزلۈك «ئىسلاملىشىش» تەشەببۇسىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇنداق ئىكەن، بۇ قەدىمكى يۇرت نامىنىڭ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تەلەپپۇزى، تىل تەۋەلىكى ۋە مەنىسى قانداق؟ ' A! `$ H8 \7 P  S% i
تارىخىي خاتىرىلەر ۋە بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، «بەشكېرەم» ھەرگىزمۇ ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەردىن بىرىككەن سۆز بولماستىن، بەلكى قەدىمكى ۋاقىتلاردا ئەجدادلىرىمىز «بەشكەرەم» دەپ تەلەپپۇز قىلىپ كەلگەن ئېنىق ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ[8]. كونكېرىت ئېيتقاندا «بەشكېرەم»نىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى «بەشكەرەم» بولۇپ، ئۇ «بەش» بىلەن «كەرەم»دىن ئىبارەت ئىككى سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي ئۆزىنىڭ شاھانە ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا، «بەش» دېگەن سۆزنى «ساناقتىكى بەش سانى»[9] دەپ ئىزاھلىسا، «كەرەم» دېگەن سۆزنى «گەمە»[10] دەپ ئىزاھلىغان. شۇڭا «قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى لۇغىتى»دە «كەرەم» دېگەن سۆز «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا يانداشقان ھالدا «گېرەم»، «گەمە» دېگەن مەنىدە ئىزاھلانغان[11]. بۇ يەردە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم مەسلە شۇكى، ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد كاشغەرىي «گەمە» مەنىسىدىكى «كەرەم» سۆزىنىڭ قايسى دائىرىدە قوللىنىدىغانلىقىنى «يۇقىرى ۋە تۆۋەن چىنلىقلار تىلىدا» دەپ ناھايىتى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويغان[12]. زامانىمىزدىكى يەنە بىر ئۇلۇغ ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا «مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تۆۋەن چىن دېگەندە قەشقەرنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقى كىتابنىڭ ئۈچ يېرىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن»[13] ئىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا «ساناقتىكى بەش سانى»نى كۆرسىتىدىغان «بەش» دېگەن سۆز بىلەن «گەمە» مەنىسىدىكى «كەرەم» سۆزىنىڭ قوشۇلىشىدىن تۈزۈلگەن ھەم «بەش گەمە» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «بەشكەرەم» ئاتالغۇسىنىڭ «تۆۋەن چىن» يەنى قەشقەردە مەۋجۇد ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتاقلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى شاھ مەھمۇد جوراسىنىڭ «تارىخ» («سەئىيدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار» دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان) ناملىق ئەسىرىدە[14]، موللا مىرسالىھ كاشغەرىي«قەشقەر تارىخى» («چىڭگىزنامە» دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان) ناملىق ئەسىرىدە[15]  ھەم ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن مۇھەممەد سىدىق زەلىلىنىڭ «سەپەرنامە» داستانىدا[16] ۋە ئابدۇرېھىم نىزارى داستانلىرىنىڭ «دىباچە» قىسىمىدا[17] ۋە يەنە شۇنىڭدەك، شائىر ھۈسەينى ھاجى داموللامنىڭ 1940-يىللىرىنىڭ ئاخىرى يېزىلغان شېئىرلىرىدا بۇ ئەزىز يۇرتنىڭ نامى «بەشكەرەم» شەكلىدە خاتىرلەنگەن. مانا بۇ تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، «بەشكېرەم» («بەشكەرەم») ھازىرقى تىلىمىزدا «بەشگەمە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەنە يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بەشكېرەم خەلقىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي دەۋرلەردىكى ئولتۇراق ئۆي مەدەنىيتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ.* S6 j* d; j/ c
ئەمدى «بەشكېرەم»دىن ئىبارەت قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ خەلق چۈشەنچىسىدە ئەرەب، پارىس تىللىرىغا مەنسۇپ، دەپ قاراپ كېلىنگەنلىكىگە كەلسەك، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئەرەپ، پارس تىللىرىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن نۇرغۇن ئەرەپ، پارىسچە ئاتالغۇلار ئانا تىلىمزغا ئېقىپ كىرگەن. كىشلەر ئېڭىدىكى دىنغا بولغان ئىتقاد ۋە ھۆرمەت تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ ئورنىنى تەدرىجى يوسۇندا ئەرەپ، پارسچە ئاتالغۇلار ئىگىلىگەن ياكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز- ئاتالغۇلار زورلاپ ئەرەب، پارىس تىللىرىغا تەدبىق قىلىنىپ شەرھلەنگەن. يەنە كېلىپ، تارىخىي ماتېرىياللاردا ئېيتىلىشىچە، سۇتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولۇپ، ئىسلام دىننىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەزگىللەردە قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ پايىتەختى بەشكېرەم خانئۆيدە[18] بولغاچقا ئىسلام دىنى تەسىرى بۇ يۇرۇتتا تېخىمۇ قويۇق ئىدى. شۇڭا ئىسلام ئەقىدىسى نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم ئۆلىمالار «بەشكېرەم» سۆزىنى «قۇرئان كەرىم»دە خەۋەر بېرىلگەن بېھىش باغلارغا يېقىن قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەرەب، پارس لۇغەتلىرىدىن جاۋاپ ئىزدىگەن. تاكى 20-ئەسىرگىچە بولغان تارىخىي ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەردە «بەشكەرەم» تەلەپپۇزى بىلەن خاتىرىلەنگەن «بەشكېرەم» سۆزىنىڭ «بېھىشكەرەم»، «بېھىشكۆرەم»، «بېھىشكۆرۈم»، «بىدىشكەرەم»، «بېھىشكېرەم» ۋە «بېھىشكىرام» قاتارلىق شالغۇت بىرىكمىلەرگە ئاھاڭ جەھەتتىن يېقىن كېلىدىغانلىقى، يۇقىرىدىكى ئىزدىنىشلەرگە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «يول» ئېچىپ بەرگەن. ئۇندىن باشقا مېھنەتكەش ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھالال ئەجرى بىلەن بۇ يۇرتتا مەيدانغا كەلگەن ئۇزاق تارىخقا ئىگە باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى «بەشكېرەم» سۆزىگە ئەرەب، پارس تىلى تەۋەلىكى بويىچە بېرىلگەن باغ ۋە باغۋەنچىلككە دائىر مەنە ۋە شەرھىلەرنى تارىخى ئۇيغۇنلۇققا ئىگە قىلغان. شۇڭا، جەمئىيەت ۋە تىل تەرەققىياتى نوقتىسىدىن كىشلەرنىڭ ئىدىيە-ئېتقادىنىڭ يېڭلىنىشى نەتىجىسىدە «بەشكېرەم» سۆزىنىڭ تارىخى ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن ھالدا يۇقىرىقىدەك يېڭى مەنە ۋە شەرھىلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.  ]: a" S! m; @/ ~$ L
يۇقىرىدىكى بايان ۋە مۇھاكىمىلەردىن، بۇ ئەزىز يۇرتنىڭ دەۋرلەردىن بۇيانقى تارىخىي قىسمەتلىرى ۋە ئىجىتىمائىي ئۆزگىرىشلىرى داۋامىدا «بەشكېرەم» ئاتالغۇسىنىڭ «بەشگەمە» دېگەندىن ئىبارەت ئېتنوگرافىيىلىك ئالاھىدىلككە ئىگە قەدىمكى مەنىسىدىن باشقا، ھازىرقىدەك كۆپ ئەسىرلىك باغۋەنچىلىك ئىگىلىكى تارىخىغا ماس كېلىدىغان «بېھىش باغلىرىدەك گۈزەل ماكان» دېگەن ئوخشىتىش ۋە سۈپەت خاراكتېرىدىكى يېڭى مەنىگە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.* J$ d* C8 O1 C  w: W  i
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ8 @4 _! u  i* O8 V2 s- p
ئىزاھلار:0 F* M% _+ q6 N" t6 q4 k3 r
[1] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۇك» 73-بەت. مللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىل نەشرى.
, v0 v* w/ _# c0 o5 y3 r3 p[2] مۇھەممەد سالىھ: «ئەرەپچە-ئۇيغۇرچە قىسقىچە لۇغەت» 311-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1992-يىل نەشرى.% e' h# G3 Q& ^' Y' M
[3] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۇك» 489-بەت. مللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىل نەشرى.3 p. ~( W- {& o3 b
[4] «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى» 351 –بەت. شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۇرلەر نەشرىياتى 1989-يىل نەشرى.
4 r! G$ w5 s0 H7 j[5] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك» 74-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىل نەشرى.
" D% W9 w$ k  ]; c3 g2 C( J5 p. W# V/ B! Y[6] سۇلتان مامۇت: «يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر» 49-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1999-يىل نەشرى.
- D8 Y( t6 _2 X[7] «كوناشەھەر ناھىيسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرسى» 277- بەت. 1986-يىل باسمىسى.9 h/ {0 f' Q2 ]! U( k+ e6 c3 E  s
[8] سۇلتان مامۇت: «يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر» 50-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1999-يىل نەشرى.( r2 f8 J6 `/ e( ?" u4 @3 W
[9] مەھمۇد كاشغەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم 420-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىل نەشرى.
$ D% ^5 n1 ~7 I9 s[10] يۇقىرىقى ئەسەر، 3-توم 172-بەت.6 V4 M& Q$ q1 O+ L3 {: R
[11] «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى» 338-بەت. شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۇرلەر نەشرياتى 1989-يىل نەشرى.& h- f& ], Z& p6 v" G% Q/ U' k
[12] مەھمۇد كاشغەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى» 1-توم 517-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىل نەشرى.- v) H& j+ r; P: N# S
[13] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن: «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا» 348-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىل نەشرى.% Q& G' @* J! G, [
[14] شاھ مەھمۇد جوراس: «سەئىيدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار» 42-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىل نەشرى.& v) z2 i. i. j9 b% s/ u
[15] موللا مىرسالىھ كاشغەرى: «چىڭگىزنامە» 112-بەت. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986-يىل نەشرى.; z. T8 ~4 }3 S0 S8 @
[16] مۇھەممەد سىدىق زەلىلى: «دىۋان زەلىلى» 599-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1985-يىل نەشرى. 1 V. L$ i, @- g; _$ |  t
[17] ئابدۇرېھىم نىزارى: «نىزارى داستانلىرى» 75-بەت. مىللەتلەر نەشرىياتى 1985-يىل نەشرى. " d- j8 o( g  Q  _9 o" m8 e
[18] مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق: «خانئۆي ـــ قەدىمكى قەشقەرنىڭ مەركىزى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» 2002-يىل 5-سان.+ k/ H6 m$ t7 D# G# ]7 y: R
4 }% G5 R- \- Z0 A( r% m
مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» 2003-يىل 5-سان. «بەشكېرەمنىڭ تارىخ-جۇغراپىيەسى» ناملىق ماقالىدىن ئۈزۈپ ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇغلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-24 17:49  
  N% l9 z' S! o+ l
, c9 W$ S& E3 s' \

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش