بۇ تور دېسكىسى (بوشلۇق دېسەكمۇ بولغۇدەك) نى بۈگۈن ئوقيا شىركىتىنىڭ بايلىق يولى لىكسىيە فىلىمىنى كۆرۈپ، چۈشۈرۋېلىش ئىستىكىدە ئەسلى ئادرىسنى ئىزدەش جەريانىدا تېپىۋالدىم، ئوقيا شىركىتىمۇ فىلىملىرىنى مۇشۇ بوشلۇققا چىقىرىپتۇ.
بۇ بوشلۇقنىڭ ماڭا ياققان يېرى سۈزۈك نۇسخىىكى فىلىم، ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى بىۋاستە ئۇلىنىش قىلغىلى ۋە چۈشۈرۈشكە تەمىنلىگىلى بولىدىكەن، ھېچقانداق تامغا بېسىۋەتمەيدىكەن ھەم سۈپىتىگە، سىغىمىغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمايدىكەن.تور بەت نۇسخىسىدا 500 مىگابايتتىن كىچىك بولغان ھۆججەتلەرنى چىقارغىلى بولىدىكەن ، ئۇنىڭدىن چوڭلىرىنى ئۆزىنىڭ قورالىنى قاچىلاپ تۇرۇپ چىقىرىدىكەنمىز.
مەن ھازىرچە پەقەت بىر دانە avi فورماتىدىكى 30 سىكۇنتلۇق فىلىمنى چىقىرىپ سىناپ باقتىم.
كۆرۈش ئادرىسى:
بۇ فىلىمنىڭ بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://rohlan.qiniudn.com/rohlan.comwww.rohlan.com.avi
كەمچىلىكى: ھەر ئايدا ئېقىم ھېسابلايدىكەن، ئەمما پۇل قاچىلاپ ئېقىم كۆپەيتىشكە بولىدىكەن، ھازىرقىدەك ناخشا-كىنو تور بېكەتلىرى مۇلازىمىتىر چىقىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقان شارائىتتا بۇمۇ بىر ياخشى تاللاش بولالايدىكەن، كىچىك تىپتىكى تور بېكەتلەرگە نىسبەتەن بۇلارنىڭ بەرگەن ئېقىمى يېتىپ قالغۇدەك.
تور بېكەت ۋە شىركەتلەر ئۆزى ئىشلىگەن مۇھىم فىلىم ۋە ئاۋازلارنى مۇشۇ بوشلۇققا چىقىرىپ، بىۋاستە تور بېكىتىگە ئۇلانما قىلسا بولىدىكەن.
گەپنى ئاز قىلاي، تۆۋەندىكى ئادرىستىن كىرىپ تىزىملىتىىپ بوشلۇق ئېلىۋاسىڭىز بولىدۇ.
تىزىملىتپ بولغاندىن كېيىن، ئىشلىتىشنى، ھۆججەت يوللاشنى بىلەلمىسىڭىز، روھلان تور بېكىتىدىكى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ.
تىزىملىتىش ئادرىسى:
مەرھەمەت
ياخشى نەرسە مەخپى قالمىسۇن، قېنى سىزمۇ تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇ ياخشى بولغان بوشلۇققا ئېرىشىۋېلىڭ.