ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن
(يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان روزى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان مۇھتەرەم ئاتىلارغا سالام يوللايمەن.)
ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
گەر يارالغان بولساڭ جاپاغا
ئۇچاڭدىكى توپىنى قېقىپ،
مەرھەمەت قىل تۆرگە سارايغا.
ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
خامانلاردا ئۆتمىسۇن كۈنۈڭ.
يەر سېلىنجا،ئاسمان يېپىنجا،
سۇ ياقىلاپ ئۆتمىسۇن تۈنۈڭ.
ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
سەرسان بولۇپ يۈرمە ھەر يەردە.
بىزلەر ئۈچۈن سەكپارە بولۇپ،
دەم ئالماستىن يۈرمە سەپەردە.
ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
ئۈستەللەردە تالمىسۇن بېلىڭ.
ئۆزۈڭمۇ كىي قېلىنراق كىيىم،
بوپ قالمىسۇن ئۇچاڭ بەك يېلىڭ.
ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
كۆزلىرىڭنىڭ نۇرى ئۆچمىسۇن.
كېچىلەردە ئۇيقۇسىز مېڭىپ،
رول قولۇڭدىن چىقىپ كەتمىسۇن.
ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
جاڭگاللاردا يۈرمە تەمتىرەپ.
ئاچچىق سوغدا،پىژ-پىژ ئاپتاپتا،
يۈرمە ئەمدى توڭۇپ ھەم تەرلەپ.
ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
زاۋۇتلاردا يۈرمە ئاچ قورساق.
تاپشۇر بىزگە ئارمانلىرىڭنى،
ئەنسىرەمسەن يەنە بىز تۇرساق.
ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
تۇتايلى بىز كەلگىن بېلىڭنى.
ئەقىل كىرىپ سەپكە قېتىلدۇق،
ئاغرىتمايمىز نازۇك دىلىڭنى.
ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
راھەت كۆرگىن تۆت كۈن بولسىمۇ.
چىشلىرىڭنىڭ قالمىدى سېقى،
لېۋىڭ بىزگە كۈلۈپ تۇرسىمۇ.
ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
مۇڭدىشىۋال ئانام بىلەن كۆپ.
تەشنالىقتا ئۆتتى كۈنلىرى،
چۈشلىرىدە سېغىنىپ جۆيلۈپ.
ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
ئوقۇۋالغىن كىتاپلىرىڭنى.
ئەنسىرىمە ئۇخلىغىن تاتلىق،
بىز قىلىمىز ھىساپلىرىڭنى.
ئارام ئالغىن ئەمدى جان ئاتا،
ئۆمرۈڭ بويى كۆيدۈڭ شام بولۇپ.
سەن يورۇتقان شۇ يولنى بويلاپ،
ماڭىمىز بىز زور كۈچكە تولۇپ.
2014. 7 قاراماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-23 03:55 PM