مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3749|ئىنكاس: 38

ھەقىقىي ئاناڭ _______ قېيىنئاناڭدۇر! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44322
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15934 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:03:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم


سۇئال : ئېرىم مەندىن يوشۇرۇنچە ئانىسىغا پۇل بېرىدۇ ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟

جاۋاپ : قىزىم ، سېنىڭ ھالىتىڭنى ئېنىقلا كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن . كۆزۈڭدىكى نەپرەتنىمۇ ۋە خالىغان قارغىشنى ئېيتىشقا تەييار تۇرغىنىڭنىمۇ ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن . يەنە ئىختىيارسىز سەن مېنىڭ قىزىم بولۇپ قالساڭ ، مەن نېمە قىلۋىتەتتىم ، دېگەنلارنىمۇ ئويلاپ قالدىم . ناۋادا كېلىنىم بولساڭچۇ ، قانداق يول تۇتاتتىم ؟ ھەر ئىككىلا ھالەتتە مەن نەق بالاغا يولۇققان بولاتتىم ! ھەر ئىككى ھالەتتە يۈركۈم پۇچىلىناتتى ، ياراتقۇچىمۇ مېنى جازالاپ قويغان بولاتتى ! چغنكى گۇناھلارغا كۆمۈلۈپ دىلى قېتىپ كەتكەن ئايالدىنلا سەندەك قىز تۇغۇلىشى مۈمكىن ، خۇدانى نارازى قىلغان قېيىنئانىلا سەندەك كېلىنگە يولىقىدۇ . ساڭا تېزرەك ئىنساب ۋە ئادىمىلىك بەرسۇن ، شەيتاندىن تېزرەك خالاس بولغىن ، خانقىز !

تزىڭدا ئولتۇرغان ياكى باغرىڭغا بېسىپ ئېمىتىۋاتقان بالاڭغا قارا ۋە بىر دەقىقە تەسەۋۋۇر قىل : شۇ بالاڭنى كەلگۈسىدىكى ساڭا بولدىغان كېلىنىڭ سەن ئېيتقان گەپنى ئېيىتتى ! خوش ، ھالىتىڭنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈردىڭمۇ ؟ ئۇرۇشتا يوق ، سوقۇشتا يوق كېلىن خاماندا ھازىر بولسا ھەم سەن ئۆمرۈڭنى ، جېنىڭنى ، مېلىڭنى سەرپلەپ چوڭ قىلىپ قويغان بالاڭ ساڭا نېمىدۇر ئىلىنسە ، « ھەي ، نېمىشقا مەندىن سورىماي ئاناڭغا ھىممەت قىلۋاتىسەن ؟!» دەپ قولىنى بېگىز قىلسا ، نېمە بوپ كېتەرسەن ؟ پىچاقنى ئاۋال ئۆزۈڭگە ئۇرۇپ كۆر ، ئاغرمىسا باشقىارغا ، دەپتىكەن !

سەن ئۇنىڭ ئوغلىدىن ئۆمۈر يولدىشىڭ سۈپىتىدە پايدىلنىۋاتامسەن ؟ بۇ ئەركەك ئۆمرۈڭنىڭ بۇ يېقىغىمۇ گېزى كەلسە قۇل ، گېزى كەلسە مەدىكار ، گېزى كەلگەندە پاناھ ۋە خالىسكارىڭ بولۇپ خىزمىتىڭنى قىلامدۇ ؟ بالىلىرىڭ ئاتا سۈپىتىدە ئۇنىڭدىن ئالارنى ئېلۋاتامدۇ  ؟ قويغىنىچۇ ، بۇ ئادەم بېشىدا ئەركىكى بار ئايال بولۇپ ، خاتىرجەم ياشىشىڭ ئۈچۈن كېرەكمۇ ۋە بۇ ئەركەكنى قېيىنئاناڭ تۇتقۇزدىمۇ ، تامام ! سەن بۇ ئايالدىن قىيامەتلىك قەرزسەن ! مەرھەممەت قىلىپ ، خىزمىتىنى قىلىپ قەرزىڭنى ئۈز ! بۇ ئىش بولسا ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرغىچە داۋام قىلىدۇ .قېيىنئاناڭنىڭ ئارقىسىدىنمۇ - نەزىر _ چىراق قىلىشلار ، ۋەسىيەتلىرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشلار سېنىڭ زىممەڭدە بولىدۇ .چۈنكى ئوغلىغا بۇ مەسئۇلىيەتنى ئەسلىتىپ تۇرغۇچى شىرىك سەن بولىسەن . قېيىنئاناڭنىڭ تېرىكى ھەم ئۆلىكى سەندىن رازى بولسىلا ، ئاللاھ سەندىن رازى بولىدۇ . يەنى تۇرمۇشۇڭدا ھالاۋەت ياياراشلار بولىدۇ : بالىلىرىڭ سالىھ پەرزەنت ، ئېرىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەر بولىدۇ ! بەخت - سائادەت ئىچىدە ياشايسەن !!!

«ئېرىمنىڭ ئانىسى» دەپ يوغانچىلىق قىلۋاتىسەن- ھە ؟! نېمىشقا ئۇنى «ئانام» دېمەيۋاتىسەن ؟! ئەسلىدە سەن ئۈچۈن ھەقىقىي ئاناڭ مانۇ شۇ قېيىنئاناڭ ! دەپ باقە قېنى ؟ ئاناڭ ساڭا ئۆي - جاي قىلىپ بىرەلىدىمۇ ؟ خوپ ، ساڭا جان بەردى ، مال بەردى ، ئەمما تىرىك ئىنساننى « مانا شۇ ئەركەك مەڭگۈلۈك ساڭا » دەپ قولۇڭغا تۇتقۇزالىدىمۇ ؟ بالىلىرىڭنىڭ شاۋقۇن سۈرەنلىرنىمۇ كۆزىگە قويۇپ  ئۆتىدىغان ، چىدايدىغانمۇ شۇ قېيىنئاناڭغۇ ؟ نېمىشقا ئۇنى «ئانا» دېمەيسەن ، نامەرد! ئېرىڭنىڭ تاپقان پۇلىغا ئەسلىدە سەندىنمۇ ، بالاڭدىنمۇ ئانىسى ، ئاتىسى ھەقدار ! نېمىشقا ئۆز بالىسىدىن ئېلىۋاتقان ھەدىيەنى قورقۇپ ،ئەنسىرەپ يوشۇرۇنچە ئېلىشى كېرەك ؟ ئەسلىدە يوشۇرۇن بىردىغان ئىش بولسا ساڭا بېرىشى مۈمكىندۇر ، ئەمما ئاتا- ئانىسىغا ئاشكارا بېرىشى ، ئۇلارنى ئاشكارا كېيىندۈرىشى ، ئاشكارا يېدۈرىشى كېرەك . ئۇلاردىن ئاشقىننى بالىلىرىڭ ۋە سەن يېيىشىڭ دۇرۇس .

پەرزەنت باركى ، ئاتا- ئانىسىغا ئۇنىڭ تېرىكلىكىدە كاتتا ياخشىلىقلارنى قىلۋالسۇن ، ھىممەتلەرنى كۆرسىتىپ سۆيۈندۈرۈپ شاتلاندۇرسۇن ، دۇئالىرنى ئىلۋالسۇن . ئۇ دۇئالار پەقەت سېنىڭ پايداڭغا ئىشلەيدۇ ، نامەرد كېلىن ! بالىلىرىڭ شۇ دۇئالار بىلەن ياشنايدۇ !

دۇئا قىلايلى ، كېلىنلىرمىزنى ، كېلىنلەرنى ، ئوغۇللىرمىزنى ، ئوغۇللارنى غاپىللىقتىن ، ئاللاھ ساقلىسۇن ، ئاسرىسۇن ! ئاللاھ رىزالىقى ھەم ئاتا- ئانا رازىلىقى بىلەن كامالەتكە يەتسۈن !

مەنبە : قىز - يىگىتلەرگە مەسلىھەتلەر
مۇنبەرگە يوللىغۇچى : تۇز
2014- يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى ئەزىزانە شەھرى قەشقەر


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
153` + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
پەرى + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108221
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2014-7-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:12:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈز ئەپەندىم. بەك ئەھمىيەتلىك تىما يوللايدىغان بوپ كەتتىڭىز جۇمۇ

بىز ھاياتىمىزدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاشقا ئۇرنىمىز،ئەمما پىشانىگە پۈتۈلگەن كەلگۈلۈك كىلىۋىرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103599
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 541
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:20:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى   تىما  يولاپسىز   مۇنبەر  باشقۇرغۇچى    ھازىقى جەمىيتىمىزدە  مۇشۇنداق  كىلىنلەرنى  يوق  دىگلى  بولمايدۇ   مەسلەن مەنمۇ  بىر مەزگىل   شۇنداق ئويلىغان  يولدۇشۇم ئانامغا پۇل بەرسە مىنىڭ  ئاچىقىم  كىلەتى كىين  پۇل بەرسە نىم   بوپتۇ  ئۇمۇ  مىنىڭ ئانامغا  ئوخششاش  ئۇنىڭ  ئانسى تۇرسا   مەن ھەركۇنى خىزمەت دەپلا ئىشقا چىقىپ  كىتىپ بارمەن ئويدە بار جاپانى ئاشۇ قەدىرلىك قىيىن ئانام قىلۋاتدۇغۇ  دەپ كالامدىن ئوتكۇزۋەتىم  ھەم مەنمۇ ئانچە مۇنچە مۇئاشىمدىن  بىر دىغان بولدۇم   

سۇكۇت ئاخىرقى نەتىجنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بولشىنى بەلگىلەيدۇ https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (25).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:21:36 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا ياخشى تىمىكەن!... ئەمما بۇ تاپتىكى كېلىنلەر نىزە،..بىر نىمە دەپ بولمايدۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100522
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-12-5
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:24:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەبەدى قىممەتكە ئىگە بايلىقىمىزدۇر. ئانىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋىلىش رىئاللىقتىكى ئەقەللى ساۋاتلارنىڭ بىرىدۇر، لىكىن كۆپلىگەن تەرەپلەردە بىز بۇ ئەبەدىيلىككە ئەمەل قىلالمىدۇق. سەھۋەنلىك ئۆزىمىزدە تۇرۇپمۇ، يەنە مەلۇم سەۋەپلەرگە ئارتىپ قويۇپ. مەسئۇليەتسىزلىك ۋە ئەقەللى تۇيغۇمىزنى يوقاتتۇق. يەنە قاچانغىچە بىز ئانىلىرىمىزنى باقماي، ئانىلىرىمىز بىزلەرنى بىقىپ ئۆتۈپ كىتەركىن.. تاڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92145
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:44:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپرېن! ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84162
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 923
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 980 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 02:36:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇنداق قېيىنئانىلارمۇ باركى  ھېچقانداق قىلىپ رازى قىلىپ بولمايدىغان.  ئېرىمنى مەجبۇرى پۇل بەر دەپ زورلاپ تۇرمەن. لىكىن شۇنداقتىمۇ مىنى ئوغلىغا چېقىشتۇرۇپ ھارمايدۇ.  ۋاي ئانا دەپ ئانامغا قىلىپ بىرەلمەيدىغانلىرىمنى قىلىپ بەرسەممۇ  يەنىلا مەن يامان. ئوغلىنى ئۆزەمگە قارتىۋاپتىمىشمەن.  بىر مەزگىل بۇتنىغانمۇ قېيدىغانمۇ بولدۇم. ئويلاپ باقسام  توغرا بولمىغاندەك . مەن ئەسلى  بەندىدىن ئەمەس اللە تىن رازىلىق كۈتۈشۈم كىرەككەن. شۇڭا ھازىر كۈچۈمنىڭ يىتىشچە ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىمەن.  بۈگۈن بولغان بىلەن ئەتە بارمۇ يوقمۇ ئۇلار .........
ا

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazpari + 10 قاچان توي قىلىۋالدىڭى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئالدى بىلەن اللە رازىلىقىنى كۆزلە. شۇندىلا ئىشىڭنىڭ بەركىتى راھىتى نەتىجىسى بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 93
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 02:42:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر تېما . مانا مۇنداق تېمىنى مەن ساقلىۋىلىپ ئوقۇيمەن . اللا سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 528
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1937
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 969 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 03:30:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېمىكەن،ياقتۇردۇم!

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10961
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2223 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 03:44:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشەنسە  ئاتا- ئانا  كىلىن ۋە ئوغۇلنىڭ ئاتا- ئانىسىدۇر..........  ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۇلارنىڭ ئورتاق بۇرچىدۇر......


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش