مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 812|ئىنكاس: 8

مـەۋھـۇم دۇنـيـا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100522
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-12-5
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 12:44:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




مـەۋھـۇم دۇنـيـا





ساڭا باغلانغان ئىككى يىللىق مۇساپەمنىڭ تاناۋىنى تارتىشنى ئويلىشىم قالدىم، كۈندىن-كۈنگە بولىنىۋاتقان چاقچاق ھەقىقەتلىرى يىزىلىۋاتقان مۇھەببەت لىرىكىلرى،قەدەمدە بىر ئۇچىراۋاتقان يۇمۇرىستىك قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىن مىھرىم قايىتتى، چۈنكى مەن مەۋھۇم دەرۋازىسىنىڭ سىرلىق ئىشىكىنى چەككەن شۇ مىنۇت ئۆزۈمگە بىر تالاي ۋەدىلەرنى بىرىپ، قەدىمىمنى ‹ بىسمىللا › دەپ ئالغىنىم، تا بۈگۈنكى قەدەر ئىسىمدە. قانچە رەت ئەمەل قىلالمىغان ۋەدەمنى ئۇنتۇشنى نىيەت قىلغان بولساممۇ، لىكىن مىنىڭ  ئەركەكلىك ۋىجدانى غۇرۇرۇم،شۇ ھەقىقەت نۇرىغا تىكىلب قاراشقا خىجىل قىلدى. مەن كىم دەپ ئۆزۈمگە ئۆزۈم قانچا رەت ئىما قىلدىم، قىنى دىگىنىە ۋىجدانىم مەن كىم ؟يۈرۈكۈڭدىكى چىن سەمىمىيتىڭ بىلەن ئىيىتقىن، يالغان ئىيتساڭ تىلىڭنى كىسىمەن دىگەندەك تەنە ئارلاش كىنايە سۆزلىرىمگە بۇ ساددا ئەمما ۋاپاسىز ۋىجدانىىم ماڭا ناتۇنۇش بىراۋدەك تىكىلمەكتە.



مانا قاراپ تۇرۇپتىمەن..؟ مانا دەرھەقىقەت ئۆزۈمنىڭ ئەركەكلىك ۋىجدانى غۇرۇدىن بىر پارچە بولسىمۇ ئىپادە چىقتىمۇ..؟ قاراپ تۇرۇشى شۇ ئەينا، نىمە دىگۈلۈك ؟ تەكلىماكاننىڭ قۇملىقىدا ئۇسساپ چاڭقىغان كارۋان ئەھلىمۇ  سەندىن يىقىشلىقراق قارايدۇ ماڭا.ۋىجدانىم سەن ماڭا خىيانەت قىلدىڭ، زادى دىگىنە..؟ سەن ماڭا شۇ ۋاختىدا يەنى شۇ دىكابىر ئىيىدا بەرگەن ۋەدەڭنى نىمىگە ئۇنتۇيسەن. مىنى قانچىلىك زور ئىستەك ۋە ئالى ئارمانلارنى يىپىنچاقلاپ مىنى بۇ مەۋھۇم دىگەن ھەقىقەت ئۆگزىسىنى ئۆرۈۋىتىدىغان، قاراپ تۇرۇپ يالغانچىلىق بىلەن تۈمەنلەرچە ۋەدىلەرنى ھىيىقماستىن ياكى خىجىل بولماستىن بىرىدىغان زامانغا بەرگەن كۆزلىرىنى مەۋھۇمدا ئايايدىغان.قەلبىنى پاك كۆرسىتىپ تىلى شىكەر دىلى زەھەرلىك بىلەن ياخشىلارغا قامچا ئۇرۇدىغان مانا مۇشۇنداق مەۋھۇمغا باشلاپ كىردىڭ.





ئاخشام تولۇن ئايغا قاراپ ۋە چەكسىز كەتكەن يۇلتۇزلارغا قاراپ، رەببىمنىڭ ھەقىقەتەن بىر قۇدرەت ئىگىسى بولغنىدىن بەكمۇ پەخىرلەندىم، تۈۋرۈكسىز يارالغان ئاسمانغا قەدەمدە بىر سۇئال قويغۇم بار، خۇددى ئالدىنقى كۈنىسى ساڭا سۇئال قويغىنىم يادىڭدا بارمۇ ئەي ئاسمان. مەن ساڭا سۇئال قۇيۇشقا ھەققىم ياكى ھەددىم بولمىسىمۇ. لىكىن قەتتىلىك بىلەن دادىل پىكرىمنى ساڭا ئاتىدىم، چۇنكى بۇنىڭدىن رەببىمنىڭ خەۋرى بار ئەمەسمۇ ؟ سىنى تۈۋرۈكسىز قىلىپ يارىتالىغان رەببىم بىزلەردىنمۇ بىر كۈنلەرى ھىساپ ئالالايدىغانلىقى بۇ بىر كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئىدىغۇ. كىشىلەر نىمە ئۈچۈن سېنىڭ تۈۋرۈكسىز تۇرۇپ، كىشىلەرگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىڭنى بىلىشمەيدىغاندۇ..ياكى بىلىشىپ تۇرۇپمۇ ،مەنسىتمەمدىغاندۇ؟

يالغانچىلىق بىلەن ساختىلقنى ئۆزىگە نىقاب قىلىۋالغان قىرىنداشلىرىم، سىلەرمۇ ئىنسانغۇ..سىلەرمۇ يارىتىلغان ئىنسانغۇ، كۆزۈڭلارنى نىمە ئۈچۈن ناشايەن ئىشلاردىن ئايرىپ، ھەقىقەت ئالىمى بولغان رەببىمىز قۇدرەتلىرىگە بىرىشتىن يىنىۋالىسىلەر.



كۆزۈمگە. مەۋھۇم دۇنياغا بىرلىپ، رەببىم قۇدرىتىگە ناقايىل بولغان شەخىسلەر توپلىمى بىر-بىرلەپ تىقىلىشقا باشلىدى، قاچانغىچە يۈرۈيمىز ئەي ئىنسسانلار بىز. بىز نەدىن پەيدا بولغان، قانداق بولۇپ چوڭ بولۇپ قالغان، ئىككى ئالەملىك تۇرمۇشىمىزنى  قانداق ئۆتكۈزۋاتىمىز. رىئاللىقىتىن قاخشايمىز..مەۋھۇملىقتىكى ئىنسانلارنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولىمىز، ۋە ئۇنىڭغا چەكسىز مىھرى-مۇھەببەت بىغىشلايمىز،ۋە بىردەمدىلا غايىۋى ئاخىرى چىقماس نىشانىمىزغا يىتەلمەستىن يىنىۋالىمىز، بىزلەر مانا مۇشۇنداق ئىنسانكەنمىز.كۆزىمىز كۆرگەنگە نارازىلىق كۆزىمىزنى ئۇۋلايدىكەنمىز، يوقىنى بار دىسە،ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىپ يالغانچىلىق شوتىسىغا تىنماي يامىشىدىكەنمىز، چۈشۈپ كىتىشكە ئازلا قالغاندا ۋاي خۇدايىم، مەن سىنىڭ بەندەڭ جۇمۇ، دەپ ۋىجدانىمىزنى تۇتۇپ باقىدىكەنمىز.



ئەي مەۋھۇم دۇنيا ! ساڭا بىقىنغان، رىئاللىقتىن قايغۇرغان كىشىلەرگە قاراپ ئىچىنىپ باقتىڭمۇ، ۋە ساداقەتلىك كۆزلىرىڭدە سەمىمىيەتلىك يىشىنى ئاقتۇرۇپ باقتىڭمۇ ؟ ساڭا ئالى جانابلىق بىلەن مىھرىنى بەرگەن ئىنسانلارنى سەن نىمە بىلەن تارتۇقلىدىڭ. دەب باقە قىنى ؟ دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مىنىڭ ۋىجدانىم كۆكرەك كىرىپ يالغانچىلىق دەيدۇ ؟ لىكىن سەن بۇنى ئىتراپ قىلمايسەن، بىلىمەن ئىتراپ قىلماسلىقىڭنى..چۇنكى سەن دىگەن مىليۇنلىغان ئالى جاناپ پەيلاسوپلارنى، تۈمەنلىگەن ئوماق خانىم-قىزلارنى، سانسىزلىغان ئۆزىنى ئەركەك بىلىدىغان داغدام يول دەپ قەدەم ئالغان ئىنسانلار توپىنى ئۆزۈڭگە بىقىندۇرۋالغان تۇرساڭ، سەن نىمىدىگەن بەخىتلىك ، نىمىدىگەن ئوماق، نىمىدىگەن ئالى-جاناب ھە، ئۆزۈڭگە كىر يۇقتۇرمايسەن. چۈنكى سەن دىگەن ئۆچمەس ھەم ئۆلمەس بىر مەۋھۇم دۇنيا تۇرساڭ.





تۈمەنلىگەن مەۋھۇم دۇنياغا بىرىككەن دوسلىرىمغا شۇنداق خىتاب قىلغۇم كىلىدۇ، ھەممەيلەن كىتىمىز ئەي مەۋھۇم ئەھلى..؟ قاراڭلار ۋە كۈزۈتۈپ بىقىڭلار ،تۈندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ .سىلەرمۇ كىچىمۇ كۈندۈز مەۋھۇم دۇنياغا بىرىككەن ۋە ئۇنى تۇرمۇشۇڭلارنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ ھىساپلىغان بىلەن.يۇلتۇزلار ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى يۇلتۇزلار سىلەردىن تولا،سىلەر كىچىمۇ-كۈندۈز مەۋھۇم دۇنيا دەرۋازىسىنى ئۇرغىنىڭلار بىلەن، يۇلتۇزلارچۇ، ئۇلار ھەقىقەت ئىگىسىنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا كۈندۈزى بىزلەرنىڭ ئىپپەتسىزلىككە تولغان كۆزلىرىمىزگە قارىمايدۇ. لىكىن بىزچۇ..؟ كىچىمۇ-كۈندۈز يالغانچىلىق ۋە ساداقەتسىزلىكنى ئۆزىمزگە ئۇستاز تۇتۇپ، ھەقىقەتنىڭ ئىگىلىدىغان ئەمما سۇنمايدىغانلىقىدىن كۆزلىرىمىزنى ئىلىپ قىچىۋاتىمىز.ھەممەيلەن بىر ‹ ئاللا › نىڭ بەندىسى ، بىر ياراتقۇچىنى بىلگەن ئىكەنمىز نىمىشقا ھەقىقەتنى بۇ مەۋھۇم دۇنيا رىۋايىتى بىلەن تۇشقۇزۇپ، ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلىمىز.

ياكى بىزگە مەۋھۇم دۇنيا بىر ئۆمۈر ھامى بولالامدىغاندۇ.

مەنبە : مۇڭلان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-23 12:48 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100522
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-12-5
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:15:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تېما يوللىغاندا قىستۇرۇش قولايسىز بولۇپ قالغانتى...



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1035
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 04:20:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك پاساھەتلىك چىقىپتۇ قەلىىمىڭىز ئۆتكۈركەن جۇمۇ بەك ياقتۇردۇم 1.gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1035
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 04:26:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن ئاللاھتەك ئاشقىنى قويۇپ يەنە قايسى مەزۇقنى ئىزلەيمىز بىر ئىنسان بىزگە قىلچىلىك ياخشىلىق قىپ قويسا خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئۇنىڭدىن خۇرسەن بوپ كېتىمىزيۇ بىزنى ياراتقان رەببىمىزنى بىر ئىنساننى سۆيگەنچىلىك سۆيەلمىزما ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34138
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4322
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2011-3-17
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 05:05:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ھارمىغايسىز

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10432
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 07:03:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alenur يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 04:26 PM
بىزگە جان تومۇرىمىزدىنمۇ يېقىن ئاللاھتەك ئاشقىنى قويۇ ...

ئەگەشتىم

شاھزاد

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10432
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 07:04:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچىمۇ كۈندۈز مەۋھۇم دۇنياغا بىرىككەن ۋە ئۇنى تۇرمۇشۇڭلارنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ ھىساپلىغان بىلەن.يۇلتۇزلار ئۇنداق ئەمەس،

شاھزاد

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12425
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32495
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4487 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 09:37:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى ئىنتايىن يېقىملىق،ئەھمىيەتلىك چىقىپتۇ لېرىكىڭىز.....

مەۋھۇمنىڭ مەۋھۇم بولغىنى ياخشى....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-24 08:10:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە قىلۋاتىسىز؟

ئەتراپقا قاراپ ئىلھام ئىزدەۋاتىمەن،بىرەر كۇپلىت شىئىرغا ئىلھامىم كىلىپ قالارمۇ دەپ،:

شېئىر يېزىپ نىمە قىلىسىز،
تورغا يوللايمەن،مەۋھۇم دۇنيادا نۇرغۇن تورداشلىرىم بار،ئۇلار كۆرۈپ باھا بىرىدۇ.؛

مەرھۇم دىگەن ئۈلۈپ كەتتى دىگەن گەپقۇ؟ئۇنداقتا ئۇلارغا شىئىرلىرىڭىزنى قانداق ئوقۇپ بىرىسىز؟

چىك،،ئا،،مەرھۇم ئەمەس مەۋھۇم،

ئەمىسە مەۋھۇم دىگەن قانداق گەپ-؟

ساڭا چۈشەندۈرۈپ بولالمايمەن قارا،كىيىنچە مەن بىلەن تورخانىغا كىرسەڭ ھەممىنى چۈشۈنۈپ قالىسىلەر؟

ھېلىقى پاھىشە قىزنىڭ مۇھاببىتى ناملىق تور ئەسىرىدىكى مۇشۇ قۇرلار قايسىڭلارنىڭ ئىسىدىن چىقىپ كەتمىدى؟


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش