مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3230|ئىنكاس: 33

غىرىپ ئانا ۋە تاكسى شوپىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107937
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 369
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2014-6-21
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 12:02:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىران – ئىراق ئۇرۇشىدا ، ئايرىلىپ قالغان ئېرىنىڭ توپلىغان ئىمكانلىرىنى خېلىدىن بېرى تۈگىتىپ بولغان ، بىر كۈن ئاچ ، بىر كۈن توق ياشايدىغان ھالغا كېلىشكەن ئىدى . ئۆزىغۇ مەيلى باشقا ئۈچ بالىسى يوقلۇقنى بىلمەيتتى ، قورسىقى ئاچقىنىدا پەرياد قىلىشقا باشلايتتى .  
كەركۈكنىڭ كوچىلىرىدا بولسا يوقسۇللۇق ھۆكۈم سۈرۈۋاتاتتى . كىم كىمگە ياردەم قىلاتتى ، قوللايتتى ؟..

بىر تەرىپى يېقىلىشقا يۈز تۇتقان كىچىككىنە ئۆيىنىڭ ئەينىكىدىن يولغا ئۈمۈدسىزلەرچە قاراۋىتىپ بىر تاكسىنىڭ توختىغىنىنى ، ئىچىدىن بىر يولۇچىنىڭ چۈشكىنىنى كۆرگەن ئىدى . دېمەك تاكسى شوپۇرىدا ئازدۇر كۆپتۇر پۇل باربولاتتى . چۈنكى تاكسىدىن  خېرىدار چۈشۈرگەن ئىدى . ھەممە جاسارىتىنى ۋە ئۈمىدىنى يىغىپ يولغا قاراپ يۈگۈردى . رولنى تۇتۇپ ماشىنىسىنى ھەركەتلەندۈرۈش ئالدىدا تۇرغان شوپۇرغا يېقىنلىشىپ مۇنداق دېدى :
-      
مېنى تىلەمچىمىكىن دەپ ئويلاپ قالماڭ . ئۈچ بالام بىلەن بىللە ئۈچ كۈندىن بۇيان ئاچ كېتىۋاتىمىز . بۇنداق كېتىۋەرسە نۇمۇسۇمغا داغ چۈشۈشىدىن قورقۇشقا باشلىدىم . اللە رىزالىقى ئۈچۈن ياردەم قىلىڭ . مەن ئاچلىقتىن ئۆلۈشكە رازى . ئەمما بالىلىرىمنىڭ پەريادىغا چىدىيالماۋاتىمەن ...

كۈتۈلمىگەن بىر يەردىن كەلگەن بۇ اللە رازىلىقى ئۈچۈن ياردەم تەلىپى ئاساسەن دېگۈدەك يوقسۇللۇق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىۋاتقان شوپۇرنى تەمتىرىتىپ قويغان ئىدى
ئويلىنىشقا باشلىدى .

يانچۇقىدا بىر بۆلەك پۇلىنىڭ بارلىقى بار . ئەمما بۇ پۇلنى نەچچە ئايدىن بېرى يىغىۋاتاتتى . چۈنكى تاكسىنىڭ تۆت كامىرى كونىراپ كەتكەن ئىدى . ئۇلارنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن تىركىشىۋاتاتتى . تېخى ئاخشىمى ئۆيگە كەلگىنىدە خانىمى داۋاملىق ئەسكەرتىشتىن كېيىن قالمايتتى :
- قاچان ئالماشتۇرىسەن بۇ كامىرلارنى ؟ ئازراق كېچىكىپ قالساڭ كۆڭلۈمگە يامان ئىشلار كېلىۋالىدۇ . يا بولمىسا بىر ھادىسە چىقارغانمىدۇ ئۇ قوپال كامىرلار بىلەن ، دەپ قورقۇنچ ئىچىدە ساقلايمەن .
ئۇ پەيتتە نەفسى ۋە شەيتانى بىر بولۇپ ۋەسۋەسە قىلىشقا باشلىدى :
- سەن ئۆزۈڭمۇ بىر قېيىنچىلىق ئىچىدىكى ئادەم . ياردەم بېرىدىغان ھالەتتە ئەمەسسەن .
ماشىنىنى ئوتئالدۇر ، ماڭ يولۇڭغا .
ئەمما ئىمانى ۋە ۋىجدانىمۇ نىدا قىلاتتى :
-      
پۇل دېگەن نەرسە مۇشۇنداق كۈندە لازىم بولىدۇ . اللە  رازىلىقىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنىق بولمايدۇ. يىغقان پۇلۇڭنى بۇ مۇھتاجغا بېرىشىڭ كېرەك . بۇ دەل ئورنى !
نىھايەت نەفسىنى ۋە شەيتاننى يەڭگەن ، يانچۇقىدىكى پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۇزىتىپ :
-  ئال ھەدە ، سەن نۇمۇسۇڭ بىلەن ياشىغىن . بىر پۇل بىر مەزگىل يېتىدۇ . كېيىنچە اللە باشقا بىرەر سەۋەبلەرنى يارىتار  دېگەن ، مىننەت قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دەرھال ماشىنىنى ئوتئالدۇرۇپ ئۇ يەردىن ئۇزاقلىشىۋېتىپ ، ئايالنىڭ :
- سەن مېنىڭ ئېھتىياجىمنى قاندۇردۇڭ ، اللە مۇ سېنىڭ ئىھتىياجىڭنى قاندۇرسۇن ... دېگەن دۇئاسىنى ئاڭلىغان ، كۈن بويى قۇلاقلىرىدا جاراڭلىغان بۇ دۇئاغا داۋاملىق ( ئامىن ) دەپ تۇرغان ئىدى . كەچتە ئۆيگە كەلگىنىدە  يەنە كۈتكەن سوئالغا دۇچ كەلدى :
- ماشىنىنىڭ كامىرلىرىنى تېخىچە ئالماشتۇرماپسەن ؟
ئۇ چاندۇرماستىن :
-      
بىر كامىرچى بىلەن پۈتۈشۈپ قويدۇم . يېڭى كامىرلار كەلگەندە دەرھال ئالماشتۇرىدۇ ... دەپ ئۆتكۈزۋەتتى .

بۇ ئۆتكۈزۋېتىش بىر قانچە كۈن داۋام قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر كېچىسى ئۆيگە كېلىۋېتىپ يەنە بەكلا بىئارام بولغان ، بۇ قېتىم نېمە دەرمەن دەپ ئويلاۋاتقاندا ھېچ كۈتۈلمگەن بىر ئەھۋالغا يولۇققان ئىدى .
خانىمى بۇقېتىم ئۇنىڭغا بىر ئادرىس يېزىقلىق قەغەزنى سۇنغان ، ئاندىن مۇنداق دېگەن ئىدى :
-      
بۈگۈن كامىرچى كەلدى ، بۇئادرىسنى بەردى . ئەتە قېشىمغا كەلسۇن كامىرلارنى ئالماشتۇرىمەن ، دەپ قايتىپ كەتتى . ئال بۇ ئادرىسنى ، دېدى .

ئاشكارە قىلمىغان بولسىمۇ بۇنى ئىزاھلاپ بېرەلمىگەن ئىدى . چۈنكى ئۇنداق بىر كامىرچى بىلەن سۆزلەشمىگەن ئىدى . ھەيرانلىق ئىچىدە سەھەرنى كۈتتى .

تۇنجى ئىش قەغەزدە يېزىلغان ئادرىسقا بېرىش بولدى . غۇربەتلىككە قاراڭلاركى،  رىمۇنىتچىنى ھاياتىدا ھېچ كۆرۈپ باقمىغان ، بۇ يەرگە ھېچ كېلىپ باقمىغان ئىدى . قۇلىدىكى قەغەزنى ئۇزاتقىنىدا بىر گاڭگىراش ئىككى بولدى .
ئۇ كىشى :
-      
ئۇ سەنمۇ ، دەپ بوينىغا ئېسىلدى ، ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاشقا باشلىدى . ئاندىن كېيىن مۇنداق داۋام قىلدى :
-      
توپتۇغرا ئۈچ كۈندىن بېرى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام چۈشۈمگە كىرىۋاتىدۇ ۋە ماڭا ، « بۇ ئادرىستىكى شوپۇرنىڭ كامىرىنى ئالماشتۇر ، ھەققىڭ سۈپىتىدە مېنىڭ شاپائىتىمگە نائىل بولغىن. » دەۋاتىدۇ . اللە رىزالىقى ئۈچۈن سۆزلە . سەن قانداق بىر ياخشىلىق قىلدىڭ ، قانداق بىر خەيرىلىك دۇئا ئالدىڭكى ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۈچ كۈندىن بۇيان مېنى ئاگاھلاندۇرىۋاتىدۇ ، سېنىڭ كامىرلىرىڭنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشىم ئۈچۈن ماڭا ۋەزىپە بېرىۋاتىدۇ ؟


گۈل بىلەن باغ گۈلىستان،گۈل قۇرىسا زىمىستان،تەۋبە قىلغىن ئەي ئىنسان،بارار جايىڭ قەبرىستان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83171
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3364
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:25:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەركىشى چۈشىدە رەسۇلىللانى كۆرسە راس بولۇر ، شەيتان ھەرقانداق نەرسىنىڭ سۈرىتىگە كىرەلىسىمۇ رەسۇلىللانىڭ سۈرىتىگە كىرەلمەس . رەسۇلىللانى چۈشىدە كۆرگەن كىشىنى ئاللاھ جەننەتنى شاپائەت قىلۇر . ..........(ھەدىستىن)

ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭ ھامان سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108221
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2014-7-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:39:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、ئەھمىيەتلىك تىمىكەن.  

بىز ھاياتىمىزدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاشقا ئۇرنىمىز،ئەمما پىشانىگە پۈتۈلگەن كەلگۈلۈك كىلىۋىرىدۇ.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:53:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ ياخشىلىق قىلغانلارنى يۆلەيدۇ....

ئەھمىيەتلىك ھەم تەسىرلىك تېمىكەن...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ياشا ھەم يەشاشقا يول قوي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29728
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:58:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھىم بىزگمۇ شۇنداق خەيىرلىك ئشلارنى قلغىلى نىسىپ ئەتسۇن ئامىين.تما ئگسنىڭ ئەجىرىگە كۆپ رەخمەتلەر بولسۇن

ئادەم ياشاش ئۇچۇن ئۆلۇشى كىرەكمۇ؟ياكى ئۆلۇش ئۇچۇنلا ياششى كىرەكمۇ؟
ئبادەت ئەسلى خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىش مەسچىت جەينامازدا ئەمەستۇر بۇ ئىش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5536
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 02:27:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alzapar0302 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 01:25 PM
ھەركىشى چۈشىدە رەسۇلىللانى كۆرسە راس بولۇر ، شەيتان ھە ...

ھەئە شۇنداق دىيىلگەن

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106479
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-4-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 02:53:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ يولىدا بىرىلگەن ھەر بىر سەدىغە ئۈچۈن ھەممىمىزگە شاپائەتلەر يار بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5536
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 02:55:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە:
«ئۈچ خىل كىشىنىڭقىلغان دۇئاسى شەكسىز رەۋىشتە ئىجابەت بولىدىغان دۇئادۇر:
ئاتىنىڭ بالىغا قىلغان دۇئاسى،
مۇساپىر ئادەمنىڭ دۇئاسى
زۇلۇمغا ئۈچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى» دىيىلگەن.

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83171
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3364
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 03:12:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulnuri يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 02:55 PM
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بى ...

قوللايمەن .

ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭ ھامان سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1875
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 940 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 03:37:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا بۇنى  ياخشىلىق يەردە قالماس دەيمىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش