مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1386|ئىنكاس: 17

رازۋېدكا خاتىرىسى— سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى (9) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 12:45:45 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ گەپكە دۇنەنخەي ھاڭۋاققىنىچە جاۋاب بەردى: «كەچۈرۈڭلار، ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ. »

«ئالدىنقى دۈشەنبە نېمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟ »

دۇنەنخەي بىرھازاغىچە ئويلىنىپ، ئېنىق ئېسىدە قالمىغانلىقىنى، ئېسىدە پەقەتلا ئۇ كۈنى دەرسى يوقلىقى ئىكەنلىكى، شۇڭا بىكار لاغايلاپ يۈرگەنلىكىنى، شۇڭا پىچاق دۇكىنىغا كىرگەنلىك ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئەسلا پىچاق ئالمىغانلىقى بولدى.

«مەن سېنىڭ پىچاق دۇكىنىغا كىرگەنلىكىڭنى  جەزىملەشتۈرەلەيمەن—  دېدى جى لىڭ گې—  چۈنكى پەقەت جىن ياڭلا ئەمەس، ۋېن ۋېنمۇ سېنىڭ ئۇ يەرگە كىرگىنىڭنى كۆرۈپتۇ»

«شۇنداقمۇ؟—  دېدى ئۇ پىسەنت قىلمىغان يوسۇندا—  بەلكىم شۇنداقتۇ. لېكىن مەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ قوياي، مەن ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن بۇيان پىچاق سېتىۋېلىپ باقمىدىم. »

جى لىڭ گې بېشىنى لىڭشىتپ قويۇپتۇ داۋاملىق سورىدى: «بىزنىڭ ھازىرقى تەھلىلىمىزگە ئاساسلانغاندا، قاتىل سىلەر ئۈچىڭلارنىڭ ئىچىدە. ئۈچىڭلاردىن، چىڭ جوۋنىڭ ئوڭ قولى ئىشلىمەيدۇ. بۇنى بىلىدىغانسەن ؟ »

دۇنەنخەي بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«شۇڭا بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، جىن ياڭ سېنى بىزگە قاتىل دېدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە سېنىڭ ئۇسۇل شېرىكىڭ جاڭ تىيەن بىلەن سېنىڭ،  لۈي يىشىننىڭ چېمپىيون بولغىنىغا قورساق كۆپۈكۈڭ باركەنغۇ، شۇڭلاشقا ئۇنى سەن ئۆلتۈرۈپسەن. »

«نېمە؟ »

دۇنەنخەي يەنە بىر قېتىم ھاڭۋېقىپ قالدى. ئاندىن كېيىن بىرنى ئۇلۇغ تىنىۋىلىپ، كۈلۈپ قويۇپ ئېيتتى: «ھەقىقەتەن جىنياڭكەندە،  ھى ھى، ھىيلىگەر تۈلكە، قۇيرۇقىنى ئاخىرى چىقىرىپ قويۇپتۇ دە. »

جى لىڭ گې ئۇنىڭ گېپىنى تازا چۈشىنەلمىدى: «سېنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭ؟ »

«يەنە سوراش كېتەمدۇ؟ قاتىل ئېنىقلا جىن ياڭدە !—  دېدى دۇنەنخەي—  ئۇ لۈي يىشىننى ئۆلتۈرۈپ بولۇپ، جىنايەت گۇماندارىدىن بىز ئۈچەيلەنلا قالغانلىقىمىزنى، ئارىدىن بىرەيلەننىڭ ئوڭ قولىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى پەملەپ، شۇڭا جىنايەتچىلىكىنى ماڭىلا دۆڭگىگىنى، بولمىسا ئۇنىڭ تۇتۇلغىنى تۇتۇلغان»

دۇنەنخەينىڭ دېمەكچى بولغىنى، جىن ياڭ جىنايىتىنى دۆڭگەۋېتىپتۇ.

«ئەسلى مەنمۇ ئۇنىڭ قاتىل بولۇشىغا ئانچە ئىشەنمىگەنتىم، ئۇنىڭ جىنايەتنى ماڭا دۆڭگىگىنىدىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قاتىل ئىكەنلىگە ئىشەندىم. ئۇ ئېنىقلا قاتىلنىڭ ئۆزى! »

«نېمىشقا مۇنداق جەزىملەشتۈرىسەن؟ »

«پەقەت قاتىللار مۇشۇنداق بىگۇناھلارغا قارا سۇۋايدۇ—  دۇنەنخەي ئۆز تەپەككۇر يولىنى سۆزلەشكە  باشلىدى—  مەن ئۆزۈمنىڭ ئادەم ئۆلتۈرمىگىنىمنى، توك كەتكەندە نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىمنى ئوبدان بىلىمەن، لېكىن جىن تاڭنىڭ نېمە قىلغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ. ئېنىقكى، چىڭ جوۋنىڭ گۇماندارلىقىنى چىقىرىۋەتكىلى بولغاندىكىن، ئۇنداقتا قاتىل مۇقەررەركى جىن ياڭ بولىدۇ.   ئۇ ماڭا <پىچاق دۇكىنىغا بېرىپ پىچاق سېتىۋالدى > دەپ بەتنام چاپلاپتۇ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ گۇماندارلىقىنى ساقىت قىلماقچىكەن. لېكىن  سىز ئويلاپ بېقىڭ، ئەگەر مەن ئادەم ئۆلتۈرمەكچى بولسام مۇشۇنداق ئوچۇق - ئاشكارە ھالدا پىچاق دۇكىنىغا بارار بولغىيمىتتىم؟ »

توغرا. پىچاق سېتىۋېلىشقا تېخىمۇ ياخشى ئامال بار. (راست بارما؟  مۈمكىن ئەمەستۇ....؟)

«ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە بىر ئىش مېنىڭ ئۇ كۈنى لۈي يىشىننى ئۆلتۈرۈش ئىمكانىيىتىمنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلىيالايدۇ. »

«نېمە ئىش؟ »

«ئۇ كۈنى، مېنىڭ ئۇسۇل ئۆيىگە پىچاق ئەپ كىرىش ئىمكانىيىتىم يوق. »

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كۈنى ئۇ سىنىپقا سومكىسىنى ئاپارماستىن ، بەلكى كىيىمىنى كۆتۈرۈپ ئۇدۇللا بارغانىكەن. كىيىم ئالماشتۇرغاندا، چىڭ جوۋ، جىن ياڭ ھەممىسى بىللە ئىكەن. كىيىم ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىۋاستە سىنىپقا كىرىپتىكەن.

«شۇڭا سىلەردىن سوراپ باقاي، مەن پىچاقنى سىنىپقا قانداق ئەكىرىمەن؟ پىچاقنى ئۇسۇل كىيىمىنىڭ ئىچىگە تىقىپ ئەكىرىشىم مۈمكىن ئەمەستە!—  دېدى دۇنەنخەي—  لېكىن چىڭ جوۋ بىلەن جىن ياڭ ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار ھەممىسى سومكىسىنى كۆتۈرۈپ كىرگەن. شۇڭا ئارىلىقىتا خالىغان ۋاقىتتا...»

«دۇنەنخەي، سەن ھىيلىگەرلىك قىلما! »

بۇ ئاۋاز دۇنەنخەينىڭ گېپىنى بۆلىۋەتتى. كۆپچىلىك ئۇ كىشىگە نەزىرىنى قاراتتى——  جىن ياڭ!

جىن ياڭ بۇيەردە نېمە قىلىدۇ؟

«ئەجەبا سەن ئەمدى يەنە چىڭ جوۋنى گۇناھكار دېمەكچىمۇ؟ ئۇنىڭ لۈي يىشىننى ئۆلتۈرۈشى مۈمكىنمۇ؟   مەن سېنىڭ پىچاق دۇكىنىغا كىرگىنىڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن  تۇرسام، سەن ئەمدى يەنە مېنىمۇ چىشلىمەكچىمۇ؟»

دۇنەنخەي جاۋابەن ئېيتتى: «ھىم!  كىيىم ئالماشتۇرغاندا مەن ئىككىڭلارنىڭ ئالدىدا ئالماشتۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىر قەدىمىممۇ سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردىن ئايرىلىپ باقمىغان ! ياخشىغۇ، سەن چىڭ جوۋنى قاتىل دېمىسەڭ، بەختىڭگە قارشى مەنمۇ قاتىل بولمىسام، ئۇنداقتا ئېيتىپ باقە، قاتىل سەن بولمىساڭ يەنە كىم؟ »

«مەن پەقەتلا سېنى قاتىل دەپ گۇمانلانسام، سەن مېنى قاتىل قىپ بېكىتەمسەن؟ ۋاي غوجام (تەنە سۆز) ، مەن ئۇنى نېمىدەپ ئۆلتۈرگىدەكمەن؟ »  

«مېنى بالاغا ئىتتىرىگىنىڭغۇ بۇ. سەن قاتىل بولغاچقىلا مۇشۇنداق قىلغانسەن؟ ئۇنى ئۆلتۈرۈشۈڭنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك، تولىمۇ ئاددىي، يەنى، ئۇ ئاشۇ قېتىملىق قوش كىشىلىك ئۇسۇل مۇسابىقىسىدە سېنى ئالدىغان!   مەن ئۇنىڭ سېنى ئىندەككە كەلتۈرمەكچى بولغىنىڭنى بىلىمەن. ئۇ ساڭا ئالدىنالا سەن بىلەن شېرىكلىشىمەن دەپ قويۇپ  چىڭ جوۋنىڭ قېشىغا كەتكەن. شۇڭا سېنىڭ غەزىپىڭ كېلىپ ئۇنى ئۆلتۈردۈڭ! »

«جۆيلۈمە! سەن بىلەن جاڭ تىيەن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغاندىكىن سەن ئىچى تارلىق قىلىپ قىلغان ئىش بۇ! »

«مەن ساڭا دېدىم، مېنىڭ سىنىپقا پىچاق ئەكىرىش ئىمكانىيىتىم يوق!»

جى لىڭ گې گەپ قىستۇرماقچى بولغانىدى، ئاقىۋەت دەرغەزەپ بولغان جىن ياڭنىڭ  ۋارقىرىشى ئۇنى توختىتىپ قويدى: «سېنىڭ سىنىپقا پىچاقنى قانداق ئەكىرگىنىڭنى مەن نەدىن بىلەي؟ ئىشقىلىپ سېنىڭ ئامالىڭ بار! مېنى ئادەم ېئۆلتۈردى دەيسەن تېخى! مەن ئەزەلدىن پىچاق ئەپ باقمىغان. مېنىڭ نەرسىلىرىمنى، قىسقىغىنىسى كىيىم ئىشكابىمنىمۇ باشقىلار خالىغان چېغىدا رەسىملىك كىتاپ (مەنخۇا 漫画)كۆرگىلى ئاچىدىغان تۇرسا. كىم مېنىڭ ھازىرغىچە پىچاق ساقلىغىنىمنى كۆرۈپتۇ؟  لېكىن مەن سېنىڭ پىچاق سېتىۋالغىنىڭنى كۆردۈم! »

ئۇلارنىڭ دەتالىشى بارغانسىرى قىززىشقىلى تۇردى. قاۋاقخانىدىكىلەرنىڭ نەزىرىمۇ  ئۇلارغا چۈشۈشكە باشلىدى.

«ھا ھا ھا! جىن ياڭ، سەن مېنى قەستلەيمەن دېسەڭ يەنە يۈزيىل موما يەپ كەلسەڭ بولىدۇ. گەپلىرىڭدىكى يوچۇقنىڭ كۆپلىكىنى دېمەي قوياي، سەن مۇنداق قىلىپ ساقچىلارنىڭ نەزىرىدىن  ساقىت بولىمەن دەپ خام خىيال قىلما—  دېدى دۇنەنخەي—  سېنىڭ دېيىشىڭچە، مەن ئاۋۋال پىچاق سېتىۋېلىپ، تىقىپ قويۇپتىمەن. شۇنداقمۇ؟ سېنىڭ بۇ ھىيلەڭ پەقەتلا ساقچىلارنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرالايدۇ جىن ياڭ. لېكىن ئەپسۇس، مەنمۇ، ساقچىلارمۇ دەلتە ئەمەس. سەن لۈي يىشىننى ئۆلتۈرمەكچى بولساڭ قانداقسىگە كىيىم ئىشكاپىڭغا قويىسەن؟ سەن تامامەن دېلو يۈز بەرگەن كۈنى پىچاق سېتىۋالالايسەن! »

ئىككى تەرەپنىڭ بۇ دەتالىشىغا ھېچكىم گەپ ئارىلاشتۇرالمىدى.

«چاقچاق قىلما!  مەن تۈنۈگۈن پىچاق دۇكىنىغا بېرىپ باقمىدىم!  تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇندىن تارتىپ مەن ۋېن ۋېن بىلەن بىللە ئىدىم. چۈشتىن بۇرۇن بىز ئۇيەردىن ئۆتكەندە تېخى ئۇ دۇكاننى ئاچماپتىكەن. چۈشتىن كېيىنمۇ ۋېن ۋېن بىلەن بىللە تاماق يەپ بوپلا  ئۇسۇل سىنىپىغا باردىم. ئەجەبا سەن مېنى تۈنۈگۈن كىيىم ئالماشتۇرۇۋاتقاندا پىچاق دۇكىنىغا باردى دېمەكچىمۇ؟  مەن ئىزچىل سىلەر بىلەن بىللە تۇرسام! »

«سەن بىلەن ۋېن ۋېن؟  ھىم!  سەن ئارىلىقتا ھاجەتكە چىقىپ كېرەي دېگەن باھانە بىلەن تامامەن بېرىپ كېلەلەيسەن! »

«دۇنەنخەي! سەن قاتىل بىگۇناھ ئادەمگە قان چاچما! »

«سەن قاتىل! »

«مەن ئەمەس، سەن! »

فاسەي جى لىڭ گې غا قاراپ قويۇپ، قولىدىكى تاماكىسىنى مىجىپ ئۆچۈرگەچ سورىدى: «قانداق قىلماقچى؟ »

جى لىڭ گې سەۋىرسىزلىك بىلەن ئېيتتى: «ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىنى تەكشۈرىمىزدە.»

شۇنداق قىلىپ، جى لىڭ گې ئۇلارنىڭ ياتىقىغا تەكشۈرۈشكە ساقچى ئەۋەتتى.

ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق قىلماي ئۆزگە چارە يوق ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 12:57:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wahima2 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 12:55 AM
مەن بىرىنجى بولۇپ ئوقۋالدىم مانا

دىلو قانداق بوپتۇ بىرىنچى بوپ ئوقىۋالغاندىكىن تەھلىلىڭىزنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقمامسىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100897
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:16:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازسا تۇللۇق يازمامدۇ  دەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101904
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 958 سائەت
تىزىم: 2014-1-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:24:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wahima2 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 01:00 AM
بايا دىۋان تالشىپ تىزلا يېزۋەتكەن ئىنكاسنى ھازىر قات ...

مەن گىپىڭىزگە ئىشىنىپ ئوقۇپ بولغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100966
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 394 سائەت
تىزىم: 2013-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 02:04:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇدۇنيالىقىڭ ئۇچۇن تىرىشقىن،گويا مەڭگۇ ياشايدىغاندەك:ئاخىرەتلىكىڭ ئۇچۇن تىرىشقدن ،گويا ئەتىلا ئۇدۇنياغا س ...

❤❤❤❤❤❤❤

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104115
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 336
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2014-2-26
ئاخىرقى: 2014-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 06:44:58 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەب ئۇزۇاقتا چىقتى بۇ باب ھە .


ئىپتىخار مۇنبىرىنىڭ تور  ئادىرىسىنى دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن. تور كۆرگۈچۈمنى يېڭىلىسام ئىپتىخارنى ھېچ تېپىپ كىرىپ بولالماي جىلە قىلىۋەتتى.

.Take hold your iman

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 08:38:44 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bilhux يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 01:16 AM
يازسا تۇللۇق يازمامدۇ  دەيمەن .

سىزنى ئوقۇڭ دەپ ھېچكىم زورلىمىغاندۇ؟

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108221
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2014-7-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 12:20:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زادى كىم قاتىلدۇ؟؟

بىز ھاياتىمىزدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاشقا ئۇرنىمىز،ئەمما پىشانىگە پۈتۈلگەن كەلگۈلۈك كىلىۋىرىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2990
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 02:33:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شامالدەكلا  ئۇقۇپ بۇلدۇمغۇ؟قاتىل كىمدۇ................

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 02:57:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆنۈگۈن ئىپتىخاردا ئوقۇغان ئىدىم،بۈگۈن يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋالدىم...

قاتىل چىڭ جوۋمىكىن دەيمەن.....؟

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش