مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14134|ئىنكاس: 83

گۋانتانامۇ تۈرمىسى(مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100221
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 787
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 07:02:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

           گۋانتانامۇ تۈرمىسىدىن چىققانلار                           نۇرشات ئابدۇرىشىت تەرجىمىسى

(مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە)

bax.jpg

      ئون يىل  ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيىسى گۋانتانامۇ بازىسىنى چەت ئەل تۈرمىسى قىلىپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، بۈگۈنگە قەدەر 779 كىشى بۇ تۈرمىگە قامالغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە سوت ئېچىلغان، بەزىلىرى  ھازىرغىچە قاماقلىق بولۇپ، يەنە بەزىلىرى ئاللا بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن. ئىلگىرى گېرمانىيە«چولپان» ھەپتىلىك  ژورنىلىنىڭ مۇخبىرى دۇنيا مىقياسىدا ئەينى ۋاقىتتا قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرنى ئىزدەپ ئۇلارنى زىيارەت قىلغان.                                                            


ساممىئېل-لېددى                                                                                                           مەھبۇسنومۇرى:287                                                         

دۆلەت تەۋەلىكى: مىسىر

قامالغان ۋاقتى: 3 يىل 10 ئاي

ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى: مىسىر

نىكاھلىنىش ئەھۋالى: نىكاھلانمىغان

     ساممىئېل-لېددىنىڭ بايانى: «مەن بېشىمدىن كەچۈرگەنلەرنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن، ئۇلار بىزنى يالىڭاچلاپ ئاسفالىت يولدا سۆرىدى، ئاپشاركىلار توختىماستىن بىزگە ھوجۇم قىلىپ تۇردى. بۇ خىل تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلاشلار بىز ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىشلار ئىدى. بىر  ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئافغانلارغا ئىنگلىز تىلى ئۆگەتتىم، ھەمدە ئۇلارغا ئامېرىكا چۈشىنى چۈشەندۈردۈم، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكىلىقلار ماڭا رەھمەت ئېيتسا بولىدۇ».                              

       ئۇ ئىلگىرى كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان، تولىمۇ ئۆتكۈر، ناھايىتى ئابرۇيلۇق بىر ئوقۇتقۇچى ئىدى، ناھايىتىمۇ ئابرۇيلۇق ئىدى. لېكىن ھازىر ئۇ پەقەت ئىلگىرىكى ئەقىل ـ پاراسىتىنىلا ساقلاپ قالغان. 56 ياشلىق ساممىئېل، ئانىسى ۋە ئەڭ كىچىك ئىنىسى بىلەن بىللە مىسىرنىڭ غەربىدىكى بىر كىچىك شەھەردىكى بوۋىسىدىن مىراس قالغان كونا ئۆيدە ياشاۋىتىپتۇ، بۇ ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىدىكى تۈۋرۈك ئاللىبۇرۇن ئەسلى رەڭگىنى يوقاتقان، ئۆي ئۆگزىسىدىنمۇ سۇ ئۆتىدىغان بولۇپ، تاملىرىمۇ  ئاساسەن چۈشۈپ بولغان ئىكەن. ھازىر ساممىئېل  پەقەت  چاقلىق ئورۇندۇقتىلا ئولتۇرىدىدىغان بولۇپ، ھەر بىر مىدىرلىسا ئۇنىڭ دۆمبە ۋە بويۇن قىسمى چىدىغۇسىز دەرىجىدە قاتتىق ئاغرىيدىكەن. ساممىئېل «ئامېرىكىلىقلار مېنىڭ ساغلاملىقىمنى، ئېتىقادىمىنى ۋە  مېنىڭ كەلگۈسۈمنى ۋەيران قىلدى» دېدى.                                         

       كېشىلەر ساممىئېلنىڭ قىلغان سۆزىنى ئاڭلىغىنىدا، ئۇنىڭ تىلىدىن  ئەرەب شېئىرلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە 14 قۇرلۇق ئېنگىلىزچە شېئىرلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ھىس قىلالايدۇ. ئۇ گۋانتانامۇ  تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن 38 كىشىنىڭ بىرسى ئىدى. ئۇنىڭ ئارخىبىدا: تەن سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، (ئامېرىكىغا نىسبەتەن) تەھدىت شەكىللەندۈرۈش دەرىجىسى بىرقەدەر تۆۋەن دەپ باھا سۆزى يېزىلغان. تۈرمىدە ئۇ قارمۇچ سۈيىنى پۈركۈش، دۇمبالاش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرىغان، ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىلىقلار ئۇنىڭغا تىزىغا كەلگۈچە ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈر ئۆتۈكنى كىيگۈزۈپ قويغان. ئۇ داۋالىنىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن (ساممىئېلنىڭ قارىشىچە جازانى ئىجرا قىلغۇچى ھەرگىزمۇ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا قۇتقۇزغۇچى بولالمايدۇ)، ئامېرىكىلىقلار ئۇنىڭ بېشىنى بېقىنىغا قارىتىپ زورلۇق بىلەن باسقان ھەم بوينىنى تاكى ئومۇرتقا سۆڭىكى زەخمىلەنگىچە كۈچ بىلەن بۇراپ ئۇنى قاتتىق قېينىغان. مەن ئۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ «ھېچكىم بۇنىڭ سەۋەبىنى بىزگە ئېيىتىپ بەرگىنى يوق، ئاشۇ بىر نەچچە يىل ئىچدە، پەقەت سوغۇق تۆت تاملا بىزنىڭ نىدايىمىزنى ئاڭلاپ كەلدى» دېدى.   

B4I%8Z]IJO@_TR8P]O_UDF4.jpg

       ساممىئېل بىر كۆڭلى تۈز، ئاغزى ئىتتىك ئادەم. 20 نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇ مىسىر مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن، پاكىستانغا بىرىپ بۇ يەردىكى سىڭلىسىنىڭ ئۆيىدە پاناھلانغان، كېيىن ئافغانىستانغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ساممىئېل كابۇلنىڭ بىر ئۇنېۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىلى ۋە ئېنگىلىز تىلىدىن دەرس بەرگەن، شۇنداقلا ئۇ يەنە ساقال ئۇزۇنلۇقى توغرىسىدىكى ئەمرىمەرۇپ (ئەرلەر ئامالنىڭ بارىچە بومبا ساقال قويۇشى كېرەك، ئۇزۇنلۇقى ئاز دېگەندىمۇ بىر مۇشتۇمچىلىك بولۇشى لازىم.) كە قارىتا تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن قارشىلاشقان. «9.11» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساممىئېل ئافغانىستان ئۇرۇشىدا پارتىلاشتا يارىلانغان، كېيىن ئۇ ئافغانىستان چىگرىسى ئەتراپىغا يۇشۇرۇنىۋالغان. لېكىن ئۇ بۇ يەردە  تۇتۇلۇپ قالغان ۋە ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. سوراققا تارتىلغاندا، ساممىئېل يېنىدىكى كېشى ئۇنىڭ كۆينىكىنى تارتىپ يېرتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ بۇنىڭدىن خورلىنىشقا ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىپ، ئۇلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان، شۇ سەۋەبلىك، ساممىئېل زوراۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈۋىتىلگەن.                                             


ئوما.دېگخايىس                                                                                                                            مەھبۇس نومۇرى: 727                                                                                                                     دۆلەت تەۋەلىكى: لىۋىيە                                            

قامالغان ۋاقتى: 5 يىل 7 ئاي                           

ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى: ئەنگىلىيە                                                                              

      ئوما.دېگخايىسنىڭ بايانى: «مەن توختىماستىن ئۆزۈمنى ئاقلاپ كېلىۋاتىمەن، مېنىڭچە ئۇلار ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلماسلىقى كېرەك. بىراق، مېنىڭ ھەرقېتىملىق قارشىلىق كۆرسىتىشىمدىن ئېرىشكىنىم بولسا تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق زوراۋانلىق بولدى. ئۇلار مېنىڭ بارماقلىرىمنى تاكى بارماق سۆڭەكلىرىم سۇنۇپ كەتكۈچە قىساتتى؛ ئاندىن لامپۇچكىنى كۈن بويى يۈزۈمگە قارىتىپ يورۇتۇپ قوياتتى. لېكىن مەن نالە قىلىپ ۋارقىرىمىدىم، مەن ئۇلارنىڭ مىنى  قىلغۇزماڭچى بولغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن».                    

      2007-يىلى 12-ئايدا دېگخايىس گۋانتانامۇ تۈرمىسىدىن چىققاندا،  ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز ساھىلى، قار ئۇچقۇنى ۋە كۈننىڭ ئولتۇرشى قاتارلىق گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىش ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ پەقەت بلىتونغا جايلاشقان ئاشۇ قاراڭغۇ ئۆيىدە ئولتۇرۇشقا، ئەتراپتىكى جىمجىتلىقنى زەن قويۇپ ئاڭلاشقا مەجبۇر ئىدى. ئۇنىڭ ئوڭ كۆزى قارمۇچ پۈركۈلگەنلىكتىن ئەما بولۇپ قالغان، بۇرنى ۋە قوۋۇرغا سۆڭىكىمۇ ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەنگەن. بارماقىلىرى تاماق سۇنۇپ بېرىدىغان سىرىلما رۇجەكتە قىسىلىپ ئېزىلىپ كەتكەن بولۇپ، بۈگۈنگىچە مىدىرىتالمايدۇ.

      بۇ يىل 42 ياشلىق دېگخايىس، بوي بەستىنىڭ قاۋۇل بولىشىغا قارىماي، ناھايىتىمۇ سىلىق سىپايىلىق بىلەن سۆز قىلاتتى، ئۇ:«ئۇلار ھەر كۈنى مىنى سوراق قىلاتتى، بۇ خىل سوراق ئۇدا 6 يىل داۋاملاشتى. ئاقىۋەتتە، ئۇلار ھېچقانداق جاۋابقا  ئېرىشەلمىدى» دېدى. ئەگەر پەقەت ئۇنىڭ ئاشكارا ئارخىبىغىلا قارايدىغان بولسا، كىشىلەر ئۇنى چوقۇم بىر ئىنتايىن قۇۋ تېررورچى دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئۇ چېچېن ئۇرۇشىغا قاتناشقان، مۇتەخەسسىسلەردە ھەتتا ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنمە چاستوتىمۇ بار، لېكىن كېيىن ئۇ ئىسپانىيەگە قىچىپ  بېرىپ، يەرلىكتىكى بىر تېررورچىلار تەشكىلاتىغا قوشۇلغان.                                                                     

      گۋانتانامۇدا، دېگخايىس ئامېرىكىلىقلار «ئىنتايىن قىزىقىدىغان» تۈردىكىلەرگە تەۋە. سوراق جەريانىدا، ئامېرىكىلىقلار ھەتتا لىۋىيە ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ ئۇنى زورلۇق بىلەن قىستاپ ئىقرار قىلدۇرشىغا روخسەت قىلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئالدىنىقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى لىۋىيە ئىستىبدات مۇستەبىتى كازافىنىڭ قول ئاستىدىكىلەر تەرىپىدىن يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن، كېيىن ئۇلار ئائىلە بويىچە بۈيۈك برىتانىيەگە كۆچۈپ كەتكەن. ئۇ بىرمىنگامدا قانۇن ئۆگەنگەن بولۇپ، داىدىسىدەك ئادۋوكات بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى.                                  1999-يىلى، بىر يىللىق جىددى ئېمتىھاندىن كېيىن، دېگخايىس ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مالايسىيە، پاكېستان قاتارلىق يەرلەردە جاھان كېزىپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا ئافغانىستانغا كەلگەن. ئۇ بۇ تالىبانلار كونتۇرۇللىقىدىكى كابۇلنىڭ تۇرمۇش رېتىمى ئاستا، لېكىن كىشىلىرىنىڭ ئىنتايىن قىزغىنلىقىنى؛ مەنزىرىسى گۈزەل ۋە ئىنتايىن تەبىئىيلىكىنى ياختۇرۇپ قالغان. دېگخايىس ئۇ يەردە توي قىلغان، ھەمدە ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشقا كىرىشىپ كەتكەن. ئۇ غەرب قانۇنى ۋە يەرلىكنىڭ ئېتىقادى ئوتتۇرسىدا كۆۋرۈك بولۇشنى ئويلايتتى. «9.11» ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئايالى ھامىلدار بولۇپ، ئاي كۈنى توشۇپ قالغان ئىدى. ئافغانىستاندا ئۇرۇش پارتىلاشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئايالىنى ئېلىپ پاكىستانغا كېلىۋالدى. 2002-يىلى باھاردا، بىر توپ قارا رەڭلىك كېيىم كېيگەن ئەسكەرلەر ئۇنىڭ ئۆيىنى قورشىۋالدى ۋە ئۇنى ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ تۈرمىيىسىگە قامىدى، ئۇ ئالدى بىلەن قەندەخارغا، ئاندىن باغران بازىسىغا ئاپىرىلدى، ئاخىرىدا گۋانتاموغا ئاپىرىپ قامالدى. ئەنگىلىيە ئاپپاراتلىرى ئۇ ئۇچرىغان خورلۇقلارنى بىلىپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالغانلىقى ئۈچۈن، قۇيۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇ بۇنى ئاساس قىلىپ سوتقا ئەرز سۇندى. كېيىن، ئۇ ۋە 15 نەپەر باشقا كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئەنگىلىيە ھۆكىمىتى بىلەن سوت سىرتىدا كېلىشتى، شۇنداقلا سانى ئېنىق بولمىغان تولۇقلىما پۇلغا ئېرىشتى. دېگخايىس پۇلنى ئالغاندىن كېيىن، تېخىچە گۋانتانامۇ تۈرمىسىدە قاماقلىق كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا باشلىدى.         


مۇھەممەت.ئېل-گاررانى                                                                                                                   مەھبۇس نومۇرى: 269                                                                                                                     دۆلەت تەۋەلىكى: چاد                                                                                                                       قامالغان ۋاقتى:8 يىل 6 ئاي                                                                                                                     ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى: غەربىي ئافرىقا                                         

       مۇھەممەت.ئېل-گاررانىنىڭ بايانى: «ئۇلار مېنى پاكىستاندا بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت سوراق قىلدى، ئۇلار مىنى ئېسىپ قۇيۇپ تۇرۇپ، مەندىن بازا تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى سورىدى. ئۇ چاغدا مەن ئاران 16 ياشتا بولۇپ، بۇ تەشكىلات توغرىسىدا ئەسلا ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. ئۇلار مېنى كۈنىگە تۆت قېتىم ئۇراتتى، ھەتتا بەزىدە ئون نەچچە ئادەم تەرىپىدىن تاياق يەيتتىم، ئەھۋالىم كۈندىن كۈنگە ناچارلىشىپ كەتتى. بىر كۈنى كېچىدە، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالغىلى تاسلا قالدىم. سوراق جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ماڭا دىيىشىچە، ئۇلار ئەسلىدە مېنىڭ ئافغانىستانغا بېرىپ باقمىغانلىقىمنى، بازا تەشكىلاتى بىلەن ئالاقەم يوقلىقىنى بىلىدىكەن. ھازىر مەن غەربى ئافرىقىدا تۇرىۋاتىمەن، بۇ يەردە مەن ھىچكىمنى تونۇمايمەن. مېنىڭ خېزمىتىم يوق، پاسپورتىم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازىنىم ناھايىتى قاتتىق ئاغرىيدىغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم ئۇزۇن مەزگىل يېتىپ ئارام ئېلىشىم  كېرەك.»               

       ئېل-گاررانى ھازىر غەربى ئافرىقىنىڭ چەت بىر يېرىدە ياشاۋاتىدۇ، ئۇ ھەر قېتىم ئېنگىلىزچە گەپ قىلغاندا،  ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسى دائىم «ئاڭلا، بۇرادەر » دېگەن ئىككى سۆز بولۇپ، بۇنى ئۇ سوراق جەريانىدا ئۇنى سوراق قىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن ئۆگىنىۋالغان ئىدى.  گۋانتانامۇغا قامالغان يىلى ئۇ ئاران 16 ياشتا بولۇپ، كېىشلەر ئۇنى 1998-يىلى لوندۇندا يۈز بەرگەن بىر تېررورلۇق ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئەيىبلىگەنىدى، شۇ چاغدا ئۇ ئاران 12 ياشتا ئىدى.        

       گاررانىنىڭ دېلۇسى بولسا ئاز ئۇچرايدىغان ئامېرىكا يەرلىك سوتچىسى تەكشۈرىدىغان بىر نەچچە دېلۇنىڭ بىرسى بولۇپ، سوتچىلارنىڭ قارىشىچە گاررانى ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەت ئاساسەن «ئىشەنچىلىك بولمىغان گۇۋاھلىق سۆزى» ـــــــ  گۋانتانامۇدا ئېرىشكەن ئېغىزچە ئىقرارىدىن كەلگەن بولۇپ، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ يېرىم يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. شۇنداقلا ئۇ ئۆزى ئەزەلدىن ياشاپ باقمىغان، لېكىن نامدىكى ۋەتىنى ـــــ چادقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.                                                         

      گاررانى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇغۇلغان، 9 يېشىدىن تارتىپ، مۇقەددەس شەھەر مەدىنەنىڭ بىر رەستىسىدە كېرەكسىز بۇيۇملارنى سېتىش ئارقىلىق ھايات كەچۈرگەن. ئۇ بالىلىق ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ: «ئەگەر بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە، مەن ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالالايتتىم، چۈنكى ئۇ مېنىڭ غۇرۇرۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى» دېدى. بالدۇر يېتىلگەن ھەم سودا ئېڭى كۈچلۈك بولغان گاررانى ياخشى بولغان كەلگۈسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدىن تەييارلىق قىلىش كېرەك ئىكەنلىكنى بىلەتتى. ئۇ بەك كۆپ تەربىيەگە ئېرىشمىگەن، 15 ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇ بىر پارچە خاتا پاسپورت ۋە بىر نەچچە يىلدىن بېرى كوچا بويىدا قىلغان كىچىك سودىلىرىدىن يىغقان پۇللىرىنى ئېلىپ، پاكىستانغا بېرىپ ئالتۇن چايقاش يولىغا قاراپ يول ئالدى. «9.11» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كاراچىدىكى بىر مەسچىتتىن ئۇنى تۇتۇپ كېتىشتى. گاررانى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئەسلەپ «بىرىنچى قېتىملىق سوراقتا، مەن ئۇلارغا ئوتتۇرلۇقتىكى ئۇقۇشماسلىقنى چۈشەندۈرەلەيمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن ئىككىنچى قېتىملىق سوراقتا، ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىمنىڭ بىر خام خىيال ئىكەنلىكنى ھىس قىلدىم.» دېدى.   

5.jpg

   

        گاررانىنىڭ گۋانتانامۇدىكى ئارخىبىدا خاتىرىلىنىشىچە، ئۇ 60 قېتىم قاراۋۇلغا ھوجۇم قىلغان، 385 قېتىم قاتتىق جازاغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ دىيىشىچە، تۈرمە ئىچىدە كېيىم يوق، دۇئا تىلاۋەت قىلىدىغان ۋاقىتمۇ يوق، كەچتىكى ئۇخلاش ۋاقتىمۇ يوق بولۇپ ھەتتا بىر قېتىم ئەسكەرلەر ئۇنىڭغا دورىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرىۋەتكىنى ئۈچۈن، ئۇ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئاران ھوشىغا كەلگەن ئىكەن. بۇلارغا قارىتا، ئۇ «پەقەت كۈرەش قىلىشىملا كېرەك ئىدى» دەيدۇ . بىر قېتىم، قاراۋۇل ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا، ئۇ قاراۋۇلغا بىر پارچە ئەسكى لاتىنى قىستۇرۇپ قويىدۇ، لاتا ئۈستىگە: «سىلەر مىنى ۋەيران قىلماقچى، لېكىن مەن ھەرگىزمۇ باش ئەگمەيمەن. مەن داۋاملىق كۈرەش قىلىمەن.» دەپ يىزىلغانىدى.     

        گاررانى پاسپورتى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاۋاتقان ئائىلىدىكىلىرى بىلەن بۈگۈنگە قەدەر قايتا يۈز كۆرۈشەلمىگەن. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاشقازان كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەن. تەلىيىگە، بىر خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ ياردىمىدە،  ئوپراتسىيەنىمۇ قىلدۇرغان. ھازىر گاررانى 24 ياشتا بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ 24 يىللىق ئۆمرىنىڭ ئۈچتىن بىرى گۋانتانامۇ تۈرمىسىدە ئۆتكەن. كەلگۈسى توغرىسىدا، ئۇ: «مېنىڭ دورىگەرلىك ئېلمىنى ئۆگەنگىم بار» دېدى.  


داۋىد.ھىكىس                                                                                                                                 مەھبۇس نومۇرى: 2  

دۆلەت تەۋەلىكى: ئاۋسترالىيە                                                                                                                 قامالغان ۋاقتى:5 يىل 5 ئاي                                                                                                                     ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى:  ئاۋسترالىيە            

نىكاھلىنىش ئەھۋالى: نىكاھلانغان                     

       داۋىد.ھىكىسنىڭ بايانى: «مەن ئەزەلدىن ئىقرار قىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم، لېكىن گۋانتانامۇدا 5 يىلدىن ئارتۇق قامالغاندىن كېيىن، ئادۇۋگاتىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئەگەر مەن چىقىپ كەتمەكچى بولسام، پەقەت ئىقرارنامىغا قول قويۇشتىن باشقا ئامال يوق ئىكەن. بۇ مىنى قاتتىق ئازابلىدى، ئۇ چاغدا قەلبىمدىكى مەلۇم ئېتىقاد ئاللا بۇرۇن ئۆلگەن. ئىشىنىمەنكى، ئەگەر ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشمىسام، ئۇلار مىنى بىر ئۆمۈر مۇشۇ تۈرمىگە سولايدۇ. لېكىن ئاخىرى، مەن يېنىپ چىقتىم، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، مېنىڭ ۋەتىنىم ئاۋسترالىيە مېنى تېرورچى دەپ قارىدى، ئەمما مېنىڭ گۋانتانامۇدىكى تۈرمىداشلىرىم مېنى خائىن دەپ قارايدۇ. بۇگۈنكى كۈندە، مەن ئۆز ئۆزۈمنى يوقاتتىم، ھەر كۈنى ۋەھىمە ۋە ئۆلۈۋېلىش خىيالى بىلەن كۆرەش قىلىش تەرىقىسىدە ئۆتۈشكە مەجبۇرمەن. گۋانتانامۇ مېنى پۈتۈنلەي يۈتۈۋەتتى .»                                                                                   


مۇراد.كوئولناز                                                                                                                                            مەھبۇس نومۇرى: 061

يېشى: 29                                             

دۆلەت تەۋەلىكى: تۈركىيە (گېرمانىيەدە تۇغۇلغان)   

ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى: گېرمانىيە                                                                                                         نىكاھلىنىش ئەھۋالى: نىكاھلانغان، بىر قىز پەرزەنتى بار      

      مۇراد.كوئولنازنىڭ بايانى: «مەن ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ  قەندەخاردىكى تۈرمىسىدە بىر نەچچە ھەپتە قامالدىم، كېيىن گۋانتانامۇ تۈرمىسىگە يۆتكەلدىم. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئېلىپ بارىدىغىنى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى سوراق ئەمەس. ئۇلار  ئۇرۇپ- تەپمەي ياكى توكنى بەدەنگە سوقماي تۇرۇپ سوراق قىلىشنى ئەسلا بىلمەيتتى. مەن ھەتتا ئۆلۈپلا تۈگىشەي دەپمۇ ئويلۇدۇم.  ئاخىرىغا كەلگەندە مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ ساراڭ بولۇپ قالماسلىقىمنىلا ئۈمۈد قىلاتتىم.»   


موللا .ئابدۇل.سالام.سەييىد                                                                                                              مەھبۇس نومۇرى: 306   

دۆلەت تەۋەلىكى: ئافغانىستان                                                                                                         قامالغان ۋاقتى:3 يىل 8 ئاي                                                                                                                ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى:  ئافغانىستان            

نىكاھلىنىش ئەھۋالى: نىكاھلانغان، ئىككى ئايالى، 11 پەرزەنتى بار     

       سالام.سەييىدنىڭ بايانى: «مەن ئىلگىرى مەھبۇسلار ۋەكىلى ئىدىم. ئەينى چاغدا بىز ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، بەزى بىر كىتاب، ياخشىراق يېمەكلىككە ئېرىشمەكچى بولدۇق، شۇنداقلا يەنە قاراۋۇلنىڭ ئىنسانپەرۋەرەك بولۇشىنى تەلەپ قىلدۇق. كېيىن، ئامېرىكىلىقلار بۇ تەلەپلىرىمىزگە قوشۇلدى، ۋە تاماق تىزىملىكىنى يېڭىلىدى، يەنە تىخى يىڭى تاماق تىزىملىكىدىكى بەزى يېمەكلىكلەر بىلەن بىزنى تەمىنلىدى، ئۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەمى خېلى ياخشى ئىدى. بىز قارشىلىق كۆرسىتىشىمىز غەلبە قازاندى دەپ ئويلاپ، تۈرمە كامىرىغا قايتىپ كەلگىنىمىزدە بولسا، بۇنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى ئايرىۋىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ھىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. قارشىلىق يەنە داۋاملاشتى، بۇنىڭ نەتىجىسى، ئۇلارنىڭ مېنى ئايرىم بىر كىچىك كامىرغا سولاپ قويىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. مەن ئەمدى ھەرگىزمۇ ئامېرىكىلىقلارغا ئىشەنمەيمەن، مەن ئۇلاردىن يىرگىنىمەن.»                    


مۇخازام.بەگ                                                                                                                                                         يېشى: 44                                                                                                                                           مەھبۇس  نومۇرى: 558                                                                                                                       دۆلەت تەۋەلىكى: ئەنگىلىيە                                                                                                                    قامالغان ۋاقتى:3 يىل                                                                                                                                 ھازىر تۇرۇشلۇق ئورنى:  ئەنگىلىيە                                                                                               نىكاھلىنىش ئەھۋالى: نىكاھلانغان، 4 پەرزەنتى بار                                                

       مۇخازام.بەگنىڭ بايانى: «مەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ‹9.11› ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەندەك بىر كابۇلدا ياشاۋاتقان چەت ئەللىكنى سوراق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىمەن، شۇنداقلا مەن يەنە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنىمۇ چۈشىنەليمەن، لېكىن، مەن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىزنى بۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت سولاپ قويىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم، بىر قانۇن بىلەن باشقۇرىلىدىغان دۆلەتتە، بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئاقلايدىغان پۇرسىتىمىزمۇ يوق. »      

                                       4.jpg

      گۋانتانامو تۈرمىسى: كۇبانىڭ جەنۇبىدىكى گۋانتانامۇ قولتۇقىغا جايلاشقان، ئۈچ تەرىپى دېڭىزغا قاراپ تۇرىدىغان تىك يار بولۇپ، 1903-يىلى ئامېرىكا بۇ يەردە ئەڭ بۇرۇنقى چەت ئەل ھەربىي ئىشلار بازىسى قۇرۇپ چىققان. ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن، گۋانتانامۇ جۇغراپىيىلىك ئورنىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە جەھەتتىن نازارەت قىلىشىغا ئۇچرىمايدىغانلىقى ئۈچۈن، مەخسۇس تالىبان ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋە بازا تەشكىلاتى ئەزالىرىنى قامايدىغان جازا لاگېرىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇ تۈرمە قۇرۇلغاندىن تارتىپ، مەخپىي مەشخۇلات ئېلىپ بىرىش، مەھبۇسلارنى خورلاش سەتچىلىكى ۋە جاۋابكارنىڭ قانۇنى ھوقۇقىغا سەل قاراش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆپچىلىكنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى.            


         «مەن ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن،  گۋانتانامۇ دەرھال تاقىلىشى كېرەك، ئازراقمۇ ئوشۇق ساقلاشقا بولمايدۇ دەپ ئويلىدىم. ئۇ بىزنىڭ ئامېرىكا ئەدلىيە سىستېمىسىغا بولغان ئېتىقادىمىزنى ۋەيران  قىلدى.» ـــــــ ئامېرىكا  سابىق  دۆلەت  مۇداپىئە مىنىستىرى كولىن.پوۋېل .   

______________________________________

     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ‹‹بىلىم-كۈچ›› ژورنىلى 2012-يىللىق 7-سانىدا ئېلان قىلىنغان. تور دۇنياسىغا  تۈنجى قېتىم يوللىنىشى !

                           


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   NRXTنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-22 07:03 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
riqat + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

مەنىلىك ئۆتسۇن ھايات !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1320 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 11:43:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇبا دىگەن قايسى شىمالىي ئامرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان تۇرسا، بۇ تۈرمىنى پارتىلىتىۋىتىش كاستىرونىڭ قولىدىن كىلەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 12:15:28 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن...مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن..

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 12:20:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەرگە قامالغانلار ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ھوقۇق ئىمتىيازلىرىغا قارشى قوپقان ئىسيانچىلار . شۇڭا ئامېرىكىلىقلار ئەڭ سېزىمچان سىياسىي ۋاسىتە بىلەن بۇلارنىڭ ئىددىيىسىنى ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىپ ، ھەر بىر كىشى ئۈستىدە مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزۇپ ، جەددى-جەمەتىگىچە ئېنىقلاپ چىقىدۇ . پايدىلانغىلى بولغۇدەكلىرىدىن پايدىلىنىدۇ . باشقىلىرى ناچار كۈنلەرنى كۆرۈپ سىياسىي مەھپۇس بولۇپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ ياكى ئۆچۈپ كېتىدۇ .
ئامېرىكا ئىندىۋىدۇئالىزىم ۋە لىبېرالىزىم كۈچلىرى بۇ خىلدىكى سىياسىي تەقىپكە ئىزچىل قارشى . لېكىن ئامېرىكىدىكى ئاساسىي سىياسىي كۈچ يەنىلا جۇمھۇرىيەتچىلەر ، چۈنكى جۇمھۇرىيەتچىلەر چوڭ كاپىتالىستلارنى يەنى بۇ دۆلەتنىڭ ھاياتلىق تومۇرىنى ئىگىلىگەن . شۇڭا بۇ خىل ھادىسە شەكلى ئۆزگەرسە ئۆزگىرىدۇكى ، تارىختىن ئالدىراپ چېكىنىپ چىقمايدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xatuti + 10 سۈف...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4028
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 12:20:41 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تۈرمىگە ئامرىكىدىكى،  يادرو ئالىملىرىنىمۇ سۇلايدۇ،  تەمىناتى بەش يۇلتۇزلۇق مىمان سارايدەك،  كىتاپ دىگەن تاغدەك بار،  ئەمما تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلغۇلى قويمايدۇ دەپ ئاڭلىغان،  ياكى نەچچە خىل تۈزمى بارمۇ؟   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   .0102 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-23 12:39 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4028
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 12:36:12 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 11:43 PM
كۇبا دىگەن قايسى شىمالىي ئامرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان  ...

پارتىلتىۋىتىپلا ئىش تۈگمەيدۇدە،   يەنە ياشاش كىرەك،   مۇشتىمى زورلارلا بىربىرى بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل سۇقىشالايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103984
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:06:52 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىركا دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشى ياۋۇز دولەت .ئامرىكا دۇنيانىىڭ تىنچلىقنى خالىمايدۇ.ئۇرۇش بولشنى ئارزۇ قىلدۇ چۇنكى ئامىرىكا ھەر يىلى نۇرغۇنلىغان دولەتلەرگە قۇرال سىتىپ بىردۇ.ئامرىكىنىڭ ئەسلى تەرەققياتىمۇ قۇرال سېتشتىن كەلگەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103984
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:07:37 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.0102 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-23 12:20 AM
بۇ تۈرمىگە ئامرىكىدىكى،  يادرو ئالىملىرىنىمۇ سۇلايدۇ، ...

ھەممە دولەتتە شۇنداق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103984
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:09:49 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 11:43 PM
كۇبا دىگەن قايسى شىمالىي ئامرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان  ...

پارتىلتىۋەتسە كاستىرونى ئاتوم بومبىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ كۇباغا يولغا سەپ قۇيادى ھەقاچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90741
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 588
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 01:35:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىڭ ياخشىسى  سۈكۈت قىلىۋالاي............

دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنداقلا ئىبرەت ئامىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش