مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 761|ئىنكاس: 13

بابارەھىم مەشرەپ غەزەللىرىدىن(2) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 02:52:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىڭ ئوتىدا كۆيگەلى كەلدىم
ئايدەك يۈزۈڭنى كۆرگەلى كەلدىم
يېشىمى:ئايدەك يۈزۈڭنى كۆرگىلى، ئىشق ئوتۇڭدا كۆيگىلى كەلدىم.

سەۋدايى زۇلفۇڭ تۈشتى باشىمغا
سەندىن دەۋاسىن سورغالى كەلدىم
يېشىمى:بېشىمغا چېچىڭنىڭ سەۋداسى چۈشتى، سەندىن شىپالىق سوراپ كەلدىم.

بەﻫرىڭگە كىردىم غەۋۋاسى بولاي دەپ
بىر دۇررى مەقسۇد ئالغالى كەلدىم
يېشىمى:غەۋۋاس بولۇپ دېڭىزىڭغا چۈشتۈم، بىر مەقسەت ئۈنچىسىنى سۈزۈپ ئالغىلى كەلدىم.

مەندىن سوراساڭ ئەي گۈلئۇزارىم
مەﻫۋى جامالىڭ بولغالى كەلدىم
يېشىمى:ئەي گۈل يۈزلۈكۈم، مەندىن سورىساڭ، جامالىڭنىڭ ﻫەيرانىسى بولاي دەپ كەلدىم.

كۆردۈم جەمالىڭ كەتتىم ئۆزۈمدىن
مەجنۇنى شەيدا بولغالى كەلدىم
يېشىمى:جامالىڭنى كۆرۈپ ئۆزۈمدىن كەتتىم، ساڭا كۆيگەن شەيدا مەجنۇن بولغىلى كەلدىم.

ساقىي قەدەﻫنى قىلغىل مۇﻫەييا
ۋەﻫدەت مەيىدىن ئىچكەلى كەلدىم
يېشىمى:ساقىي، قەدەﻫنى تەييارلا، بىرلىك(ۋەﻫدەت)شارابىدىن ئىچكىلى كەلدىم.

رەﻫمەت ئىشىكىن مەشرەبكە ئاچغىل
ئشىقڭ كويىدا ئۆلگەلى كەلدىم
يېشىمى:مەشـرەبكە رەﻫمەتلـىك بولـۇش ئىشىكـىنى ئېچـىپ بەرگـىن، ئىشقىڭنـىڭ كوچىسـىدا ئۆلگىلى كەلدىم.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

تا كىيدى قىزىل ئۆزىنى زىيبا قىلايىن دەپ
ئوت ياقتى جەﻫان مۇلكىدە غەۋغا قىلايىن دەپ
يېشىمى:ئۆزىـنى زىـيبا قىلـىمەن دەپ قـىزىل كىيىنگەنـىدى، نەتىجـىدە، جاﻫـان مەملىكىتـىگە غەۋغا ئوتىنى ياققان بولدى.
            
مەششاتە بىلە جىلۋەدە كۆرسەتتى قەددىنى
مەندەك نەچە دىۋانەنى شەيدا قىلايىن دەپ
يېشــىمى:مەنــدەك نەچچــە مـەجنۇننى شـەيدا قــىلاي دەپ، پـەرداز قىلـىپ، جــىلۋە بـىلەن بويــىنى
كۆرسەتتى.

زىبا سەنەمىم گۇل يۈزىدىن پەردەنى ئاچتى
ئەلەم ﻫەمە كۆز سالدى تەماشا قىلايىن دەپ
يېشىمى:ئۇ گۈزەل سەنىمىم گۈل يۈزىدىن پەردىنى ئاچتى، پۈتكـۈل ئەلـەم ئـۇنى تاماشـا قىلـىش
ئۈچۈن كۆز تىكتى.

زۇلفىنى تاراپ قاش ئۇچۇرۇپ جىلۋەلەر ئەتتى
ئاشۇ بى بەلا فىتنەنى بەرپا قىلايىن دەپ
يېشىمى:بالا–قازا ۋە پىتنە–پاسات ئوتلىرىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن، چاچلىرىنى تاراپ، قاشلـىرىنى
ئېتىپ، جىلۋىلەر قىلدى.

تا ئەيلەدىم ئالدىغا بارىپ ئەرزى نىيازىم
چىن سالدى جەبىنىغە تەمەننا قىلايىن دەپ
يېشىمى:مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ﻫاجەتمەنلىكىمنىئىزﻫار قىلغانىدىم، ئۇ ئۆزىگە تەمـەننا
قويۇپ، قوشۇمىسىنى تۈردى.

مەستانە سەمەند سەكرەتە كەلدى شاﻫى خۇنزىر
شەمشىرى جەفانى يەنە بۇررا قىلايىن دەپ
يېشىمى:ئۇ قان ئىچكۈچىلەرنى شاﻫى جاپا شەمشىرىنى ئۆتكۈرلەشـتۈرۈش ئۈچـۈن، مەسـتلەرچە
ئات چاپتۇرۇپ كەلدى.

كۆپ يىلكىبۇ قۇل خىزمەتىنى قىلمادى بەرجا
كەلدىكى غەرەب بىرلە چۇ سەزا قىلايىن دەپ
يېشىمى:كۆپ يىلدىن بېرى بۇ قۇل ئۇنىڭ خىزمىتىنى بەجا كەلتۈرەلمىگەنـىدى، شـۇڭا«سـازايى»دەپ، غەزەپ بىلەن يېتىپ كەلدى.

باشىمنى كەسىپ ئالغىلۇ خۇشﻬال بولۇپ كەت
قانىمنى تۆكۈپ لالەئىسەﻫرا قىلايىن دەپ
يېشــىمى:بېشــىمنى كېسىۋالىغــىن–دە، قېنــىمنى تۆكــۈپ سەﻫرادىــكى لالــىگە ئوخشىتــىپقويغانلىقىڭدىن خۇشال بولۇپ كەت.

خەنجەر قولىدا مەشرەبىن ئۆلتۈرگەلى كەلدى
غەۋغايى قىيامەتنى ﻫۇۋەيدا قىلايىن دەپ
يېشـىمى:ئـۇ«قـىيامەت غەۋغاسـىنى پەيـدا قـىلاي»دەپ،خەنجـەرنى كۆتۈرگـەن ﻫالـدا، مەشـرەبنى
ئۆلتۈرىۋەتكىلى كەلدى.


مەنبە: ئابدۇرەئوپ تەكلماكانىي ئەپەندى تۈزگەن‹‹ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى›› ناملىق كىتاب.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 07:11:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى بوپتۇ قېرىنشىم!.. يەنە مەشرەبنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشقا مۇۋەپپەق بولغىنىمدىن خۇشالمەن!...
مەھۋى جامالىڭ بولغالى كەلدىم،

مەھۋى دېگەن ئۆچۈرۈش مەنىسىدە كېلىدۇ، ئەرەپچىدە.
بۇنى مۇنداق دېسەك قانداق بولار؟
ئەي گۈل يۈزلۈكۈم، مەندىن سورىساڭ،
سېنىڭ گۈزەللىكىڭنى باشقىلاردىن يۈشۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90741
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 07:15:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم،بابا رەھىم مەشرەپنىڭ ئەسلى ئاپتۇرىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى بىلەمسىز،  ياكى ئەسەرنىڭ ئەسلى قامۇسى سىزدە بارمۇ؟
     مۇشۇنى بىر بىلەي دىگەن ئىدىم

دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنداقلا ئىبرەت ئامىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 07:16:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەجا سۆزى بەرجا دەپ، غەزەپ سۆزى غەرەپ دەپ يېزىلىپ قاپتۇ.
قەدىمكى تىل- يېزىقنى تېخىمۇ مۇكەممەل ساقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسلىيلىكىگە بەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم!..
مەششاتە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈۋەتكەن بولسىڭىز!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 08:16:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەششاتە: چاچ تارىغۇچى، زىننەت قىلغۇچى، پەردازچى
مەھۋ: يوقىلىش مەھۋى: ئۆچۈش
مەھۋى جامال بولۇپ كەلسە جامالىڭنى كۆرۈپ يوقالدىم، دېگەن مەنىدە بولامدۇ قانداق؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 08:17:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaysar123 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 07:15 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم،بابا رەھىم مەشرەپنىڭ ئ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم، بابارەھىم مەشرەپ ئادەم ئىسمى، ئەسەر نامى ئەمەس. ئۇ دەل ئۈستىدىكى غەزەللەرنىڭ ئاپتورى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90741
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 08:24:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuztekin يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 08:17 PM
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم، بابارەھىم مەشرەپ ئا ...

سىز بۇ غەزەللەرنى  ئەسەرنىڭ  ئۆزىدىن ئالماپسىزكەندە..........مەن بايىلا بۇ غەزەللەرنىڭ ئەسلى قامۇسىنى بىرسىگە ھاۋالە قىلغان ئىدىم،ھازىر قولومدا بار بۇ كىتاپ.  سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويوپتىمەن،كەچۈرۈڭ

دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنداقلا ئىبرەت ئامىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 08:55:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaysar123 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 08:24 PM
سىز بۇ غەزەللەرنى  ئەسەرنىڭ  ئۆزىدىن ئالماپسىزكەندە... ...

ھېچقىسى يوق. ئەسلىي قامۇسى دېگىنىڭىز قايسى كىتاب؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83136
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3606
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 72 سائەت
تىزىم: 2012-7-28
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 09:33:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئون ئىككى مۇقامنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ھەربىر تىكىلىرىدە ئۆزگىچە مەنالار بار جۇما، بولسا يەنە دۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ رەھمەت جاچەكتىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90741
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 11:15:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuztekin يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 08:55 PM
ھېچقىسى يوق. ئەسلىي قامۇسى دېگىنىڭىز قايسى كىتاب؟

«دىۋانى مەشرەپ»        بۇ كىتاپ ھىجىرىيە 1324- يىلى  ئاتاقلىق يازغۇچى موللا مىرزا ئەھمەد  ناجىمە ئىبنى مىرزا كەرىم تەرىپىدىن يىزىلغان،ھەم نەشىر قىلىنغان ئىكەن،مەنمۇ بۇرۇنقى شۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى مەنبەيىدىن بىر پارچە غەزەل تەييارلىغان ئىدىم،قارىسام سىزمۇ يوللاپسىز،شۇڭا تەكرار بولوپ قالمىسۇن دىگەن نىيەتتە يوللىمىغان ئىدىم،

دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنداقلا ئىبرەت ئامىغۇچىلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەنمۇ تولغان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش