مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1073|ئىنكاس: 8

كېسەلخانىدىن چىقىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16520
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3662 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 02:29:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               كېسەلخانىدىن چىقىش
                                                         (ھېكايە)
                                                   پەرھات جەمشىت
ھەي،موشۇكۈن –موشۇ ئايلاردا كېسەلخانىدا يېتىشمۇ قيىن،ياتقاندىن كېيىن چىقماق تېخىمۇ قىيىن بولۇپ كەتتى.نېمىشقا دەمسىز؟دوختۇرخانا سىزنى بىر كۈن ئارتۇق تۇتۇپ قالسا،بىر كۈلۈك پۇلنى ئارتۇق ئالىدۇ،دوختۇر-سېستىرالارنىڭ مۇكاپاتىمۇ كۆپۈيىدۇ ئەمەسمۇ.
    ئەسلى قائىدە بويىچە،ئوپىراتسىيە قىلىنغاندىن كىين يەتتىنچى كۈنى يىپ سۆكۈلىدى،يىپ سۆكۈلگەن ھامان كېسەلخانىدىن چىقىپ كېتىشكە بولىدۇ.ئەپسۇس مەن بىلەن بىر كېسەلخانىدا ياتقان بىمار مەندىن سەككىز كۈن ئىلگىرى ئوپىراتسىيە قىلىنغان ئىكەن.يەتتىنچى كۈنى،يارا ئېغىزىمۇ قېتىشىپ خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، دوختۇرلار تۈرلۈك باھانا- سەۋەبلەر بىلەن يىپنى سۆكۈشكە ئۇنىماي، ئونىنچى كۈنى يىپنى سۆكتى. ئۇ بىچارە ئامالسىز بىر نەچچە يۈز سومنى ئارتۇق خەجلەپ چىقىپ كەتتى...
       كېسەلخانىدىن چىقىشتا ئىككى ئادەمنىڭ دېگىنى دېگەن.بىرى مەسئۇل دوختۇر،يەنە بىرى سېستىرالار باشلىقى،چۈنكى دوختۇر قوشۇلغان ھامان سېستىرالار باشلىقى بالنىستتىن قىچىش ھېسابات تالونىغا قول قويىدۇ ،ئىككىدىن بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. ماڭا مەسئۇل دوختۇر بىر ساۋاقدېشىمنىڭ ئاكىسى،سېستىرالار باشلىقىمۇ يەنە بىر ساۋادېشىمنىڭ نەۋرە ھەدىسى شۇنداق بولغاچقا مەسئۇل دوختۇر كۈندە بىر نەچچە قېتىم  كېسەلخانىغاكىرىپ ئەھۋالىمنى ئىگىللەپ تۇرىدۇ.سېستىرالا باشلىقىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.ھەي،موشۇكۈنلەردە بىرەر ئىشقا يولۇققىنىڭدا تونۇش-بىلىشلىرىڭ بولغان بىلەن بولمىغاننىڭ ئاسمان-زىمىن پەرقى بار-دە.
بۈگۈن ئەتىگەن مەن كېسەلخانىدىن چىقىپ كېتىش خىيالىنى قىلىپ ياتاتتىم.
مەسئۇل دوختۇر كىرىپ كەلدى،ئۇ بۈگۈن  مېنىڭ يارامنى تەكشۈرمىدى ۋە چىرايىغا كۈلكە يۈگرۈتۈپ تۇرۇپ:
_ سىز بۈگۈن ياتاقتىن چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ دېدى.ئۇنىڭ گېپىدىن گۈل قەقەلىرىم ئېچىلىپ،قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم.
_ بۈگۈن بەشىنچى كۈنى تۇرسا!ئوپىراتسىيە قىلىنىپ يەتتىنچى كۈنى يىپ سۆكۈلىدىغۇ دېدىم ئۇنىڭغا .
__ ھېچقىسى يوق يارا ئېغىزى پۈتۈپ بوپتۇ،ئىككى كۈن ئاز ياتسىڭىز ئىككى كۈنلۈك خىراجەت تېجىلىدۇ،بىر دەمدىن كېيىن تەكشۈرۈش ئۆيىگە بېرىڭ يىپنى سۆكۈۋېتەي دېدى ئۇ.تونۇشۇڭ بولسا نېمىدىگەن ياخشى مەن ئۇنىڭ قارىسى يىتكەنگە قەدەر قاراپ تۇردۇم.مانا مەن بۇ زېرىكىشلىك جايدىن ھازىرلا كېتىدىغان بولدۇم،شۇلارنى ئويلىغىنىمدا ساۋاقدېشىمنىڭ ئاكىسى ۋە نەۋرە ھەدىسىگە بولغان ھۆرمىتىم ئېشىشقا باشلىدى.
نەرسىلىرىمنى يۇغۇشتۇرش ئۈچۈن كارىۋاتتىن چۈشۈپ ئەمدىلا   ئىڭىشىشىمگە، ئوپىراتسىيە قىلىنغان جاي ئاغىرىپ كەتتى،كېسەل كېيىمىنى پەم بىلەن قايرىپ تۇرۇپ يارا ئېغىزىغا سەپ سالدىم، ئويلىمىغان يەردىن يارا ئېغىزى قىزىرىپ، سارغۇچ بىر خىل سۇييۇغلۇق چىقىۋېتىپتۇ.دەل شۇ چاغدا   سېستىرالار باشلىقى كىرىپ كەلدى-دە،تەبەسسۇم بىلەن:
__ مۇبارەك بولسۇن! سىز بۈگۈن  كېسەلخانىدىن چىقىسىز،مەن ھېسابلاش ئورنىغا ھېسابات تالونىنى يوللاپ بەردىم دېدى. ئۇنىڭغا تەشەككۈرۈمنى ئېيتقاچ،ئۆزۈمنىڭ سەل ئەنسىرەپ قالغانلىقىمنى ئېيتتىم.
__ ئەگەر خاتىرجەم بولالمىسىڭىز يىپنى ھازىرچە سۆكتۈرمەي تۇرۇڭ،ئاۋال چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىڭ. چىققاندىن كېيىن ئائىلىدە بىر نەچچە كۈن كۈزىتىپ بېقىپ .ئاندىن كېيىن سۆكتۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ.__ بىر نەچچە يۈزسوم تېجىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ دېدى ئۇ.
ئادەملەر موشۇنداق تەتۈر بولىدىغان ئوخشايدۇ،چىقىشقا ئۇنىمىسا چىقىمەن،چىق دىسە چىقمايمەن دەيدىغان،مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم.بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ يارا ئېغىزىغا قايتا سەپ سالدىم ۋە يەنە بىر نەچچە كۈن يېتىش قارارىغا كەلدىم.شۇ پەيتتە بىر ئەر ،بىر ئايال بالنىستقا كىرىپ كېلىشتى،ئايالنىڭ چىرايى تامدەك سارغىيىپ كەتكەندى،ئەر بىر قولىدا سومكا يەنە بىر قولىدا،چايدان قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ.ئايال ئىشىكتىن كىرىپلا  يېنىمدىكى كارىۋاتقا ئۆزىنى يەڭگىل تاشلىدى.ئەر ئىشكاپقانەرسىلىرىنى سالغاندىن كېيىن،داس،ساپماكەش قاتارلىقلارنى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا قويغىنىچە ئۆرە تۇردى.بىر ھازادىن كېيىن ئۇ:
__سىز قاچان چىقىسىز ؟ دېدى سەل ئوڭايسىزلىنىپ.بىر نەچچە كۈندىن بېرى يالغۇز يېتىپ زېرىكىپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن ھەمراھتىن بىرى كەلدى دېگەن خىيال بىلەن قىزغىن پاراڭ سېلىشقا باشلىدىم.
__ دوختۇر بىلەن سېستىرا تونۇش بولغانلىقتىن،ئازراق بولسىمۇ پۇلۇمنى يېنىمدا قالسۇن دەپ، مېنىڭ چىقىپ كېتىشىمنى ئېيتقاندى.بىراق  يارا ئېغىزى تېخى ساقىيىپ كەتمىگەندەك قىلىدۇ،ئازراق پۇلنى دەپ،ئۆزۈمگە ئىش تېپىۋالماي دېگەن خىيال بىلەن يەنە بىر نەچچە كۈن ياتايمىكىن دەپ قالدىم دېدىم جاۋابەن.
ئۇ ئەر بېشىدىكى "شاپاق"دوپپىسىنى ئاستا قولىغا ئېلىپ بېشىنى بىر نەچچە قېتىم قاشلىغاندىن كېيىن:
__ بۇ ياتاقنى بىزگە بەرگەندى دېدى جاۋابەن.
__ نېمە؟ھەيرانلىق بىلەن سورۇدۇم مەن.
ئايالىمنىڭ كېسىلى ئېغىر بولغاچقا ئۇزۇنراق يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كېلىدىكەن.ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسام بولمايدۇ،قوشۇمچە كارىۋات يوق ئىكەن مەن  پۇلنى سەل كۆپرەك تۆلەشكە قوشۇلدۇم،شۇنداق قىلىپ بۇ ياتاقنى بىزگە بەردى  ئۇ جاۋابەن.
شۇندىلا مەن مەسئۇلا دوختۇر بىلەن سېستىرالار باشلىقىنىڭ مىنى چىقىپ كېتىشكە ئالدىراتقىنىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ يەتكەندەك بولدۇم.شۇئان مەندە يارا ئېغىزى بارغانچە چوڭىيىۋاتقاندەك، ئاغرىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا بولۇپ بېشىم قېيىپ كۆڭلۈم ئېلىشىقا باشلىدى.
ئۇيان ئويلا –بۇيان ئويلا يەنە ھېلىقى ئىككى ساۋاىدېشىمغا تېلىفون قىلىش قارارىغا كەلدىم-دە، دەرھاللا تېلىفونۇمنى ئېلىپ ئۇلارغا مەقسىدىمنى ئېيتتىم. ھايال ئۆتمەي ساۋاقداشلىرىمدىن تېلىفون قايتتى.ھەر ئىككىلىسى ئامال قىلىشالمىغانلىقىنى ئېيتىشتى_ ھەي!
شۇندىلا مەن بۈگۈنكى جەمئىيەتتەكىشىلەر
تونۇش-بىلىش،ئۇرۇغ-تۇغقاننى ئەمەس بەلكى پۇلنىلا تونۇيدىغانلىقىدىن ئىباراەت بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتىم...

دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11958
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7052
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 08:09:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر كۆپۇنچە ئادەم پەقەت ‹‹ ماۋزېدوڭ››نىلا تونۇيدۇ !      ئاتا -ئانىسى ياكى دوس- بۇرادەرلىرىنى  چىرايىنى قىزىل بۇياپ قويسا ئاندىن تۇنۇيامىكىن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83171
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3438
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 09:06:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىرايلىق گەپلەر بىلەن يولغا سالغان بىلەن كىيىن چاتاق چىقسا رەسمىيەتكە ئۈزىڭىز قول قۇيۇپتىكەنسىز دەپ مەسئولىيەتنى ئۈزىگە قويىشىدۇ شۇ !

ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭ ھامان سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5633
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1385 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 09:22:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆلۆم باشلىقى( جۆرۈن ) بولغان دوختورلارنىڭ قولىدىن كۆپ ئىش كىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن.

ئۇلارنىڭ ھىكايىدە تىلغا ئىلىنغان ئىشلىرىدىن تارتىپ، بالنىسىتتا ياتمىغان ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ كىملىك، داۋالىنىش كىنىشلىرىنى تىپىپلا، ئۇلارنىڭ كىسەللىك تارىخىنى پۈتتۈرۈپ، مەسئۇل دورىخانا باشلىقى (جۆرۈن ) بىلەن كىلىشىپلا نۇرغۇن پۇل تاپالايدۇ.
چىرايلىق، كىلىشكەن يىزا ئاياللىرى كەلسە، تىخى ھەقسىز، ياخشى داۋالاپ قويالايدۇ ھەم ھەددىدىن زىيادە كۆيۆنەلەيدۇ يەنە تىخى سۆيەلەيدۇ.
ئۇلارنىڭ ئىچىدىغان سوغوق ئىچىملىكلىرى ھەقسىز. داپەنجىلەر ھەقسىز، موتسىكىلىت، ماشىنا پىراۋىسى تەكشۈرۈلمەيدۇ ياكى تونۇش چىقىپ قىلىپ ئۆتكۆزىۋىتىلىدۇ.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 02:47:46 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىشقا تىگىشلىك تېما بوپتۇ...

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107937
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2014-6-21
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 04:19:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alvasti يوللىغان ۋاقتى  2014-7-22 08:09 PM
ھازىر كۆپۇنچە ئادەم پەقەت ‹‹ ماۋزېدوڭ››نىلا تونۇيدۇ !   ...

ئەگەشتىم ..بەك توغرا گەپ

گۈل بىلەن باغ گۈلىستان،گۈل قۇرىسا زىمىستان،تەۋبە قىلغىن ئەي ئىنسان،بارار جايىڭ قەبرىستان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100217
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 05:48:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ،
مەنمۇ قېرىندىشىمنىڭ كىسىلى تۈپەيلى ئايدا بىر قېتىم بالنىسىتقا كىرىپ چىقىپ يۈرۈۋاتىمەن، بۇ جەرياندا مەنمۇ كىسەللەرنىڭ مەن ساقايدىم ئەمدى بالنىستىن چىقىپ كىتىمەن دېگەنلىرىگە ئۇنماي دوختۇرلارنىڭ زورلاپ نەچچە كۈن ئارتۇق ياتقۇزغان ئەھۋاللىرىنى ئۇچراتتىم.

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ
               كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1129
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 07:00:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز .بۇنداق ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس.ھازىر پۇل بەزى  ئادەملەردىكى مىھىر مۇھەببەتنى سۇسلاشتۇرۇپ قويۇۋاتقان ئەھۋاللارمۇ بار.مىھېر مۇھەببەتلىك ياشايلى !

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-25 05:35:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈزەلمىكى تەس جاھان بۇ!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش