تۆتىنجى باپ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 J! O- Q: i6 l8 z- D2 P6 Tۋاشىنگۇتۇندا كۆرگەن-بىلگەنلىرىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! h/ v( r9 J6 X- D' z! K+ s$ M" Xئاپتورى: ئەھمەد ۋاھىدى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ P0 a0 h5 h6 L7 O9 r% I C3 Nبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 `) \$ ]2 J$ S/ n
2013 -يىلى 10-مارت، يەكشەنبە، ھاۋا سوغۇق، لېكىن ئاسمان قاشتېشىدەك سۈزۈك، قىشنىڭ تەرسا سوغۇقى بۇ گۈزەل زېمىندىن كەتكۈسى كەلمەي جاھىللىق بىلەن ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. ئاڭلىشىمچە بۇ يەردە زىمىستان قىشنىڭ دەھشەتلىك سوغۇقلىرىنىمۇ ئانچە بەك سەزگىلى بولمايدىكەن. ھەممىلا يەر ئىللىق قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇرىدىكەن. ئەتراپتىكى ياپيېشىل دەل-دەرەخ، چىملىقتىن باھار تۇيغۇسى كېلىدىكەن. ئاشۇنداق قىشتىمۇ باھار ھىدى كېلىپ تۇرۇۋاتقان ناتونۇش ماكاندا ئانا ۋەتەننىڭ ھېكمەتلەرگە تولغان چىرايلىق سېيماسى بىر مىنۇتمۇ كۆز ئالدىمدىن نېرى كەتمەيتتى. ئۈچ كۈندىن بۇيان ئايىغىم ئامېرىكا تۇپرىقىغا دەسسەپ تۇرسىمۇ، لېكىن كۆڭلۈم ۋەتەندە، ئۆزبېك شائىرى مۇقىمىنىڭ «ئۆزۈم ھەرجايدىمەن، كۆڭلۈم سەندەدۇر» دېگەن ھېكمىتىنىڭ چىن مەنىسىنى مۇساپىرچىلىقتا چۈشىنىپ يەتتىم.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 @9 d$ o: g9 v
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ Y/ z- f% `" Z5 a a. m/ @/ ~
بۈگۈن كۈيئوغلۇم بىلەن قىزىم دەم ئالغانلىقتىن مېنىڭ كۆڭلۈمنى بالدۇرراق ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن ۋاشىنگتوننى (Washington DC)ئايلاندۇرۇپ كەلمەكچى بولدى. مەن سەھەردىلا يۇيۇنۇپ ساقال-بۇرۇتلىرىمنى پاكىز قىرىپ، يېڭى كاستۇم-بورۇلكامنى كىيىپ، بوينۇمغا قىزىل گالىستۇكىمنى چىرايلىق تاقاپ تويغا جابدۇنغان يىگىتتەك ياساندىم. مېھمانخانىنىڭ ئۇدۇل تېمىدىكى تىكلىمە ئەينەك ئالدىغا كېلىپ، چىمەن دوپپامنى بېشىمغا كىيىۋاتسام ناشتىغا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئايالىم بىلەن قىزىم ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان نەۋرەم ماڭا قارىشىپ كۈلۈشكىلى تۇرۇپتۇ. -قاراڭ، ئاتىڭىز بېشىغا دوپپا كىيىۋاپتۇ، -دېدى ئايالىم قاقاقلاپ كۈلگىنىچە قولىدا يۈزىنى توسۇۋېلىپ. -بېشىغا نېمە سالدى؟ -سورىدى نەۋرەم دوپپامغا ھەيران بولۇپ، ئۇ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە يېنىمغا كەلدى. ئۇ ئۇيغۇرچىنى تازا ياخشى بىلمىگەنلىكتىن ئىچىدىكى پىكىرلەرنى ئېيتالماي كۆپ قىينالدى. -بېشىڭىزغا سالماڭ ... ئامېرىكىدا ئادەم ئۇنى سالمايدۇ، -دېدى قاقلاپ كۈلۈپ. ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنىنى بىلدىم. ئۇ تىلىمىزدىكى دوپپا دېگەن ئاتالغۇ بىلەن كەيمەڭ دېگەن پېئىلنى تاپالماي «كەيمەڭ»نى «سالماڭ»، دوپپىنى «ئۇنى» دەۋاتاتتى. ئۆيدە كۆتۈرۈلگەن كۈلكىنى ئاڭلاپ دولقۇن ياتاقخانىسىدىن چىقتى، نازىلەگە قاراپ: -ئەخمەت دادىڭىزنىڭ بېشىدىكى ئۇيغۇر دوپپىسى قىزىم. قارىڭا، ئاجايىپ چىرايلىق يارىشىپتۇ، -دېدى. -بىز بۈگۈن ۋاشىنگتوننى ئايلىنىپ كېلىمىز. -ھازىر قىش تۇرسا، -دېدى نازىلە، -ئۇنى ... بولمايدىكەن، مەن ... ھىم ... -بۈگۈن ئەخمەت دادىڭىزغا ئاقساراينى، پارلامېنت بىناسىنى كۆرسىتىپ كېلىمىز، سىزمۇ بىز بىلەن بىللە بارىسىز، -دېدى دولقۇن نازىلەنى زىيارەتكە قىزىقتۇرۇپ. -ئاتا،-دېدى تۇرسۇنئاي ئۈستى-بېشىمغا قىزىقارلىق بىلەن سەپسېلىۋېتىپ، -دوپپاڭغۇ بەك يارىشىپتۇ، ياش يىگىتلەردەك بولۇپ كېتىپسەن، لېكىن ... ئۇ كۆڭلىدىكى گېپىنى دېيەلمىدى، مەن ئۇنىڭ ئېغىزىنى كوچىلاپ: -ھە، نېمە لېكىن، ئېيتمامسىز؟ دەپ سورىدىم. -دوپپىنى كەيمىسەڭ بولامدىكىن ئاتا. -نېمىشقا؟-مەن ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا بۇرۇلدۇم. -ھەممە ئادەم ساڭا قاراپ قالارمىكىن. -ھەببەللى، ھەممە ئادەم ماڭا قاراپ قالسۇن، مېنى تونۇپ قويسۇن، -دەپ دوپپامنى كىيىۋالدىم، -دېدىم مەن جىددىي تەلەپپۇزدا، -يەر شارىدا مۇشۇنداق بىر خىل باش كىيىمىنىڭ بارلىقىنى، ئۇنى كىيىۋالىدىغان ئادەملەرنىڭ مېنىڭدەك ئۆلچەملىك ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلىشسۇن! –مەن سۆزلىگەنسېرى ھاياجانلىنىپ داۋام قىلدىم، -سىزمۇ بىلمەمسىز بۇنى. مەن شۇ دوپپامنى كىيىپ ئاقساراينىڭ ئالدىدىن گىدىيىپ تۇرۇپ «مانا مەن ئۇيغۇر، تەكلىماكان، تارىم دەپ ئاتىلىدىغان، يەر ئاستىدا ئالتۇن-كۈمۈشلىرى كۆمۈلۈپ ياتقان، نېفىتلىرى دەريادەك ئاققان، سۈيى ئەلۋەك، يېرى مۇنبەت، مېۋىلىرى ھەسەلدەك تاتلىق، تۆت پەسلى ئېنىق، گۈزەل يۇرتتىن كەلدىم، كۆرۈپ قويۇڭلار!» دەپ ۋارقىرىغىلى، ئاقساراينىڭ ئالدىدا دۇتارنى بولۇشىغا چېلىپ مۇقام ئېيتقىلى كەلدىم. -مەن سىلەرگە يەنە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ دوپپا مېنىڭ ئەجدادىمدىن قالغان تەۋەررۈك، ئاتا مىراس، ئۇنى مەن بىر ئۆمۈر كىيىمەن، ئەۋلادلىرىمغا، نەۋرەمگىمۇ بەخشەندە قىلىپ قالدۇرىمەن. ھېچقانداق ئادەمنىڭ دوپپامنى بېشىمدىن ئېلىۋېتىش ھەققى يوق، دوپپام بېشىم بىلەن بىللە كېتىدۇ. -بوپتۇ، بوپتۇ، -دېدى قىزىم پىلىموتنىڭ ئوقىدەك يېغىۋاتقان گەپلىرىمگە قايىل بولۇپ، -قاينىما، ئاتا مېنىڭ دېگىنىم، خىلمۇ-خىل ئېرىق، خىلمۇ-خىل مىللەت كىشىلىرى ئارىسىغا كىرسەڭ غەيرىي تۇيۇلۇپ، نەدىن كەلدىڭ، قايسى مىللەت دەپ گەپ سوراپ ئاۋارە قىلامدىكىن دەيمەن. چۈنكى بۇ ئامېرىكىدا كىشىلەرگە غەيرى تۇيۇلغان يېڭى بىر نەرسە كوچىدا پەيدا بولدىمۇ، شۇ زامانلا مۇخبىرلار ئەتراپىڭنى ئورىۋېلىپ سېنى ئاۋارە قىلىدۇ. پەقەت سېنى چارچاپ قالارمىكى، بۈگۈنكى پىلانىڭغا تەسىر يېتەرمىكى دەپ....... -ئۇنداقتا تېخى ياخشىغۇ، شۇنداقلار چىقىپ قالسا تەلىيىمنىڭ كەلگىنى شۇدە، ئۆزۈمنىڭ كىملىكى، دوپپامنىڭ تارىخى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەيدىغان پۇرسەت تۇغۇلىدۇ. ئەتراپىمغا بىرەر مىڭ ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ جىق ئادەملەر يىغىلسا، مەن بىر قېتىم نۇتۇق سۆزلىۋالسام پۇخادىن چىقاتتىم. بىر كىشىنى بولسىمۇ، ئۇيغۇر توغرىسىدا ساۋاتلىق قىلىپ قويالىسام ئامېرىكىغا كەلگىنىمگە ئاندىن رازى بولاتتىم. -دېگىنىڭ كەلسۇن، لېكىن ھازىر قىش، ۋاشىنگتوننىڭ دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلىرى تېخى ئويغانمىدى، خۇدايىم بۇيرۇسا 5-ئايلاردا سىنى مۇرادىڭغا يەتكۈزىمەن، -دېدى قىزىم تۇرسۇنئاي مېنىڭ قەلبىمدە ماگمىدەك قايناپ تۇرغان مىللىي روھ، مىللىي غۇرۇرۇمنىڭ ئاتەش يالقۇنلىرىنى كۆرگەندەك بولۇپ، ئۇ چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ داۋام قىلدى، -ۋەتەندىمۇ دائىم كىيىپ يۈرەمسەن؟ -مەن ئەتىياز كېلىشى بىلەنلا بېشىمغا دوپپا چىقىدۇ، تاكى زىمىستان قىشتا چۈشىدۇ، ماۋۇ گالستۇكنى قىش-ياز تاقىۋالىمەن، تاس قالىمەن كېچىسىمۇ تاقاپ ياتقىلى. -راست دەيدۇ، دوپپا كەيمەي، گالستۇك تاقىماي قەتئىي بىر يەرگە بارمايدۇ، -دېدى ئايالىم. -خەقلەر نېمە دەيدۇ؟ سورىدى قىزىم تەئەججۈپلىنىپ. -خەقلەر بىلەن كارىم نېمە، مېنى دوراپ دوپپا كىيسۇن، گالستۇك تاقىسۇن، بۇ نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس، -مەن سەل تۇرۇۋېلىپ قوشۇپ قويدۇم. -بۇ دېگەن ئەخلاق، پەزىلەت، مەدەنىيلىكنىڭ بەلگىسى. -ئۇغۇ شۇنداق، ئاتا سېنى كىشىلەر شۇنداق چۈشەنسە ياخشى، لېكىن ھەممە خەق ئۇنداق چۈشەنمەيدۇ-دە! -قانداق چۈشىنىدۇ، قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز!. -بەك ھاكاۋۇر، ياسانچۇق، ئادەمكەن دېسىچۇ؟ مەن بۇ گەپتىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم. -دېڭىزغا كۆۋرۈك سالغىلى بولمىغاندەك خەقنىڭ ئېغىزىنى توۋا قىلغىلى بولمايدۇ، -دېدىم مەن. ئاۋازىمدا، چىرايىمدا ھېچقانداق ئاچچىق تەنە-تاپا يوق ئىدى، خەققە نەسىھەت قىلمەن دېمەي ئۆزۈم ئۈلگە بولسام، ئۆزۈمنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلسام بولدى. ئاستا-ئاستا قايىل بولىدۇ. -تۇرسۇنئاي، -دېدى دولقۇن، -ئۆزىڭىزنىڭ ئامېرىكىدەك دېموكراتىك دۆلەتتە ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ، -ھە! -بىز ئەنە شۇنداق شاد-خۇراملىقتا ناشتا قىلدۇق. مەن ۋەتەندىن ئېلىۋالغان «ئارمان ياڭاق قۇۋۋەت تالقىنى» بىلەن قىزىم دۇخوپكىدا پۇشۇرغان قىپقىزىل ناندا قورساقنى خۇددى ۋەتەندىكى ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ توقلىغاندەك توقلىۋالدىم، -دە، بەخت ۋە تۈمەنمىڭ خىل ئارزۇ-ئارمانلارغا چولغانىغىنىمچە چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. قولۇمدا ئاخشام دولقۇن بەرگەن بىر ماتېرىيال بار ئىدى. دولقۇن ماتېرىيالنى كۆرۈپ: -قانداق، ماتېرىيالنى بىر كۆرۈپ چىقتىلىمۇ؟ دەپ سورىدى مەندىن. -كېچىدىن ئۇخلىماي كۆرۈپ ئامېرىكا توغرىسىدا خىلى ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشتىم، رەھمەت سىزگە، -دېدىم، -ئامېرىكا بەك مۇرەككەپ دۆلەت ئىكەن، تالاي ئۇرۇشلار، قان تۆكۈشلەردىن كېيىن پەن-تېخنىكىغا يۈرۈش قىلىپ بۈگۈنكىدەك قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىپتۇ. قۇلۇمدىكى تەرجىمە ماتېرىيال ئامېرىكىنىڭ قىسقىچە تارىخى ئىدى. دولقۇن بىلەن تۇرسۇنئاي مېنى كېلىدۇ دەپ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن خېلى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلغانىكەن. بولۇپمۇ مېنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشۇمغا ئوبدان كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇ، كومپيۇتېر، ئايپەد ۋە نۇرغۇن كىتابلارنى تېپىپ قويۇپتۇ. ئىنگلىزچە تور بەتلەرنى ئاختۇرۇپ ئامېرىكىنىڭ تارىخى، دۆلەت نامى، دۆلەت گىربىدىن تارتىپ تاكى پەن-تېخنىكىسى، مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ-ئادەتلىرىگىچە، ھەتتا يېزا ئىگىلىك، سانائەت، قاتناش-ترانسپورت، دىن، مائارىپ، مەشھۇر سەيلىگاھلارغىچە تونۇشتۇرۇلغان ماتېرىياللارنى تەخلەپ قويغانىكەن. -بۇ ماتېرىياللار سىلىگە بەك پايدىلىق، -دېدى دولقۇن ماڭا ئىلھام بېرىپ، -ساياھەت قىلىشتىن ئىلگىرى بۇ ماتېرىياللارنى ئوبدان ئىگىلىۋالسىلا ئاندىن ئامېرىكىغا كەلگەندەك بولىلا، بىر نەرسە يازسىلىمۇ كىشىنى قايىل قىلغۇدەك بىرنەرسە چىقىدۇ، -دولقۇن سۆزلەۋېتىپ ماڭا ئالاھىدە جېكىلىغاندەك ئەستايىدىللىق بىلەن داۋام قىلىدى، -بۇلارنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقسىلا ئامېرىكا توغرىسىدا قىسقا مۇددەتلىك بىر قېتىملىق كۇرسنى تاماملىغاندەك بولىلا. ئۇ گېپىدىن ھۇزۇرلىنىپ قاقاقلاپ كۈلدى. -كەم دەپ قويدىڭىز، قىسقا مۇددەتلىك كۇرس ئەمەس، بىر نەچچە يىللىق ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەندەك بولىدىكەنمەن، -دېدىم مەن. ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشتۇق، مەن دولقۇنغا تەكرار-تەكرار رەھمەت ئېيتتىم. ئۇ ھەقىقەتەن بەك ئەستايىدىل، تىرىشچان، قاۋۇل ئادەم بولسىمۇ، لېكىن ئادەتتە قويدىن ياۋاش، ناھايىتى كەم سۆز، ئاددىي ئادەملەر قاتارىدا يۈرىدىغان يىگىت ئىدى. چاقچاقنى، ناخشا-مۇزىكىنى ياخشى كۆرەتتى. ئۆزى تەبىئىي پەنچى بولسىمۇ، ئەدەبىياتقا، تارىخقا ناھايىتى قىزىقاتتى. ئاپئاق چىرايىدىن ھەمىشە سەبىيلەرچە كۈلكىسى كەتمەيتتى. ئاغزىنىڭ چۆرىسىنى سۇس، كۆكۈش ساقال-بۇرۇتلار ئىزى قاپلاپ تۇراتتى. قۇندۇزدەك قاپقارا چاچلىرىغا بىلىنەر-بىلىنمەس ئاق سانجىلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ قەلبىدە ياشلىقنىڭ ئىستېدات بۇلىقى ھېلىمۇ قايناپ تۇراتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنراق بىللە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىمدىن خۇشال ئىدىم. يولغا چىقىدىغان ۋاقىت يېقىنلاشقانسېرى مېنىڭ يۈرىكىم شادلىقتىن تېخىمۇ قاتتىق سوقۇشقا باشلىدى، چۈنكى مەن دۇنيانىڭ خوجايىنى مەن دەپ ھۆركىرەۋاتقان مىڭبىر مۇشەقەتتە، كۆپلىگەن بەدەل تۆلىگەن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوننى كۆرىمەن، -ھە! قىزىم تۇرسۇنئايمۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئېشىۋاتقىدىندىن قەۋەتلا خۇشال ئىدى. ئۇ سەپەردە يەيدىغان نان-پان، مېۋە-چېۋە، ئىچىملىكلەرنى تەييارلاش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئاغزىدىن «ئانا مېھرى» دېگەن ناخشا چۈشمەيتتى. خۇددى يۈرىكى خۇشاللىقتىن ھازىرلا ئېتىلىپ كېتىدىغاندەك بۆلەكچىلا ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. دولقۇنمۇ شۇنداق خۇشال ئىدى. ئۇنى شۇنداق خۇشال قىلغىنى تۇرسۇنئاينىڭ چىرايىنىڭ بارغانسېرى نۇرلىنىپ ۋەتەندىكى ھالىتىگە قايتقاندەك بولۇپ قالغىنى ئىدى. ئۇلار ھازىر خۇددى بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى قايغۇ-ھەسرەتلىرىنى، تۇرمۇشنىڭ قىيىن تاغ-داۋانلىرىدىكى مۈشكۈلاتلارنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. تۇرسۇنئاي خۇددى ئەركە قىزلاردەك ئۈستۈنكى ئۆيلىرىگە يۈگۈرۈپ چىقىپ-چۈشكەنلىرىدە پۇت-قولى يەرگە تەگمەي، خۇشاللىق كۈلكىسى ئۇنىڭ چىرايىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۋەتكەن ئىدى. كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزىمىزنىڭ «كالا بېشى» ماركىلىق ساياھەت ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا قاراپ يولغا چىقتۇق. مېنىڭ يۈرىكىم يېڭى ئۈمىد، يېڭى خۇشاللىقنىڭ ھاياجىنى ئىچىدە ئۆزۈمگە ئاڭلانغۇدەك شۇنچىلىك شوخ، شۇنچىلىك قاتتىق تېپىچەكلەيتتى. مېنى مۇشۇنداق بەختىيارلىقتىن بەھرىمەن قىلىۋاتقان قىزىمغا پات-پات قاراپ قوياتتىم. يېنىمدا ئامېرىكا ھەققىدە سۆزلەپ مېڭىۋاتقان دولقۇنغا، كەينىمدە غىڭشىپ ئىنگلىزچە ناخشا ئېيتىۋاتقان يەتتە ياشلىق نەۋرەم نازىلەگە قاراپ قوياتتىم. ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ ئاۋارە قىلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىناتتىم، چۈنكى ئۇ ئۇيغۇرچىنى بىلمىگەنلىكتىن گەپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. خاتا سۆزلەپ قويسا كۈلۈشسەك تېرىكىپ سەكرەپ يىغلاپ كېتەتتى. دولقۇن خۇددى كونا شوپۇرلاردەك ئالدىغا تىكىلىپ قاراپ، رولنى مەھكەم تۇتۇپ جىم ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئېغزى سەل ئېچىلىپ قالغانىدى. ھاۋا ئىللىدى، ئەتراپ كۆز يەتكۈسىز ئورمانلىق بىلەن قاپلانغان كەڭ دالا، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەينەكتەك تۈز، ئاسفالت يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ياپيېشىل دوپ، قارىغاي، ئارچا، ئېرەن دەرەخلىرى قىيپاش چۈشۈپ تۇرۇۋاتقان كۈن نۇرىدا يالتىراپ كۆزلەرنى قاماشتۇراتتى. ماشىنىنىڭ ئاستىدىن توختاۋسىز ئاڭلىنىپ تۇرۇۋاتقان شىپىلدىغان ئاۋازلار بارغانسېرى قۇلاققا يېقىملىق ناخشىدەك تۇيغۇ بېرىپ تۇراتتى. مەن دولقۇننىڭ يېنىدا ئىككى تەرىپىمگە، ئالدىمدىكى يول بەلگىلىرىگە ھەۋەس بىلەن قاراپ، ئىمكانقەدەر دولقۇندىن سوئال سورىماسلىققا تىرىشاتتىم. رازىيە بولسا ۋەتەندە كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ-ئارمانلارنىڭ بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئېشىۋاتقىنىغا ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمۈپ ۋە ھاۋانىڭ زۇمرەتتەك ئوچۇقلۇقى، كۆزلىرىگە كۆرۈنۈۋاتقان گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپلەرنىڭ مەززىلىك پۇراقلىرىدىن سۆيۈنۈپ كۈلمەيدىغان گەپلەرگىمۇ كۈلۈپ ئولتۇراتتى. بۇ خۇشاللىق ئۇنىڭغا بالىلىق چاغلىرىدىكى سەبىي كۈلكىلىرى بىلەن شوخ قىلىقلىرىنى ئەسلىتىپ تۇرۇۋاتاتتى. ماشىنا ئىچىدە دىمىقتىن بىئارام بولۇۋاتقان، گەپ قىلالمىغىنىدىن، سەكرەپ ئوينىيالمىغىنىدىن ئىچى پۇشۇپ كەتكەن نازىلە ئازابلىرىنى ئۇنتۇپ ئاتا-ئانا، دادا-ئانىلىرىنىڭ خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇۋاتاتتى. مەن ماشىنىدا جىمجىت كېتىۋېتىپ شېرىن خىيالغا كەتتىم. شۇ تاپتا ئامېرىكىنىڭ تارىخىغا يېزىلغان باياتىنقى ماتېرىيالنىڭ ھەر بىر بەت، ھەر بىر قۇرلىرى كۆڭۈل ئېكرانىمدا خۇددى كىنو لېنتىلىرىدەك تىزىلىپ ئۆتۈۋاتاتتى. گوياكى بېشىمدا گېگانت بىر كىشى ئامېرىكىنىڭ ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتى توغرىسىدا سۆزلەۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى: قۇلاق سال، ئى، ئامېرىكىغا يېڭى قەدەم قويغان ئاسىيالىق، ياق، تارىملىق كىشى، قۇتلۇق قەدىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، -دەيتتى ھېلىقى گېگانت كىشى داۋام قىلىپ، -ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى 50 شتات ۋە بىر فېدراتسىيە ئالاھىدە رايۇنىدىن تۈزۈلگەن بۇلۇپ، 317 مىليون (2013 ) نوپۇس، 9 مىليون 372 مىڭ 615 كۋادرات كىلومېتىر زېمىنغا ئىگە كۆچمەنلەر دۆلىتى، ئۇنىڭ چوڭلۇقى رۇسىيە، كانادا، جۇڭگودىن قالسا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاھالىسىنىڭ %57 خرىستىئان دىنىغا، %28 كاتولىك دىنىغا، %2 يەھۇدىي دىنىغا، %4 باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ. %9 ھېچقانداق دىنغا ئېتىقاد قىلمايدۇ. 100 نەچچە مىللەتتىن تەركىب تاپقان بۇ ئاھالە دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئېرىق ۋە ھەر خىل ئارىلاشما تەركىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ «مىللەتلەر قوشۇلمىسى» دەيدىغان نامى بار. نېگىرلار تەخمىنەن %13 نى، ئاسىيالىقلار %3.3 نى (بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگولۇقلار 1 مىليون 600 مىڭ)، ئامېرىكىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئىندىئانلار1 مىليون 400 مىڭ بولۇپ ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %0.8 نى ئىگىلەيدۇ. بىلىۋال دۆلەت بايرىقى يۇلتۇزلۇق بالداقلىق بايراق بولۇپ، يەتتە تال قىزىل، ئالتە تال ئاق جەمئىي 13 تال تەڭ يوللۇق بالداقتىن تەركىب تاپقان. بايراق خادىسى يېنىدىكى كۆك رەڭلىك كاتەكچە ئىچىگە 50 دانە ئاق يۇلتۇز توغرىسىغا توققۇز قاتار قىلىپ تىزىلغان. 13 تال بالداق ئامېرىكىنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىكى 13 شتاتقا، بەش يۇلتۇزنىڭ سانى بىلەن قوشما شتاتلارنىڭ سانى ئوخشاش بولۇپ، قىزىل رەڭ كۈچ قۇدرەتكە، ئاق رەڭ پاكىزلىققا، كۆك رەڭ ئادالەتكە سىمۋول قىلىنغان. دۆلەت تىلى ئىنگلىز تىلى، دۆلەت گۈلى ئەتىر گۈل، ئامېرىكا شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. ئامېرىكا زېمىنى كەڭ، ئادىمى ئاز دۆلەت بولۇپ، شىمالىي ئالياسكا بىلەن تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىمالدا كانادا بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبتا مېكسىكا قولتۇقىغا يۆلىنىپ تۇرىدۇ. غەربتە تىنچ ئوكيان بىلەن، شەرقتە ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن چېگرىلىنىدۇ. سەنمۇ جۇغراپىيىدىن خەۋىرىڭ بولسا بىلىشىڭ مۇمكىن، ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا، جەنۇب قىسمى سۇبتروپىك بەلۋاغ كىلىماتىغا تەۋە. ئوتتۇرا-شىمالىي قىسىم تۈزلەڭلىكنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى زور بولۇپ، چىكاگونىڭ 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ئۈچ سېلسىيە گرادۇس، 7-ئايدىكى 24 سېلسىيە گرادۇس، مېكسىكا قولتۇقى بويلىرىنىڭ 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11 سېلسىيە گرادۇس، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 28 سېلسىيە گرادۇس كېلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ دەريا-كۆللىرىنى سورىساڭ سۇ بايلىقى ئىنتايىن مول دۆلەت بولۇپ، مىسسىسپىي دەرياسى ئامېرىكا تۈزلەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ ئۇزۇنلۇقى 7300 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريادۇر. شەرىقى شىمال قىسمىدا بەش چوڭ كۆل بولۇپ، دۇنيا بويىچە مەشھۇر تاتلىق سۇ كۆلىدۇر، ساڭا بۇلار ئانچە مۇھىم ئەمەستى، ساڭا ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكىنىڭ تارىخى ئىدى، تارىخ سۆزلەشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى بىلۋالغىنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولدى. ئەمدى ئامېرىكىنىڭ قىسقىچە تارىخىغا قۇلاق سال. ئامېرىكا ئەسلىدە ئىندىئانلار ئولتۇراقلاشقان مۇقەددەس ماكان ئىدى. 1492-يىلى كولومبو ئامېرىكا قىتئەسىگە كېلىپ بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنى تاپقاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى ئىسپانىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ كۆچمەنلىرى ئارقا-ئارقىدىن شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىگە يېتىپ كېلىشكە باشلىدى. 1773-يىلى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ دېڭىز بويلىرىدا 13 مۇستەملىكە قۇرۇپ، يەرلىك ئاھالە بولغان ئىندىئانلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلدى، ھەمدە ئافرىقىدىن نېگىرلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتۇپ كېلىپ قۇل قىلدى. 1775- يىلىغا كەلگەندە مۇشۇ مۇستەملىكىدىكى خەلقلەر گىيورگى ۋاشىنگتوننىڭ قوماندانلىقىدا ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەمچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى قوزغىدى. 1776-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدە «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنىپ «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاندى. 1787-يىلى «ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى» ماقۇللىنىپ بىرلەشمە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. 1788-يىلى ۋاشىنگتون تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلاندى. 1776-يىلىدىن كېيىنكى 100 يىل ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ تېررىتورىيىسى ئون ھەسسىدەك كېڭەيدى. 1861-يىلى ئابراھام لىنكولىن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ جەنۇب شىمال ئۇرۇشى پارتلىدى. ئۇرۇش تۆت يىل داۋاملىشىپ شىمالنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. 1862-يىلى، نېگىرلارنى قۇل قىلىشنى بىكار قىلىش خىتابنامىسى ئېلان قىلىنىپ، نېگىرلار قۇللۇقتىن ئازاد قىلىندى. بۇ غەلىبە پۈتۈن ئامېرىكا دۆلىتىدە كاپىتالىزمنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش يولىدىكى بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 35 يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ سانائېتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ئامېرىكا يۈكسەك تەرەققىي قىلغان بازار ئىگىلىكىگە ئىگە دۆلەت بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى، دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ۋە تاشقى سودا سوممىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئامېرىكا دۇنيا بويىچە يېزا ئىگىلىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ يەرلىرى مۇنبەت، ھاۋا كىلىماتى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپلا، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى، ھەربىي كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى.مۆتىدىل، گەرچە ئارانلا 5 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلاتلىرى يىلسېرى ئاشتى. دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدى. ئامېرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىللىق ئېكسپورت قىممىتى 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. 1991-يىلى دانلىق زىرائەتلەردىن بۇغداي 54 مىليون توننىغا، قوناق 190 مىليون توننىغا، گۈرۈچ 7 مىليون 200 مىڭ توننىغا، پۇرچاق 53 مىليون توننىغا، قوتاندىكى چارۋا 97 مىليون 400 مىڭ تۇياققا، گۆش تۈركۈمدىكى مەھسۇلات 29 مىليون 470 مىڭ توننىغا، سۈت مەھسۇلاتى 67 مىليون 410 مىڭ توننىغا يەتتى. ئامېرىكىنىڭ پولات، ئاپتوموبىل، بىناكارلىق، ئېنېرگىيە، ماشىنىسازلىق، ئاۋىئاتسىيە ۋە يۇقىرى تېخنىكا سانائەتلىرى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكا سانائىتى گۈللەپ ياشناپ، يۇقىرى سۈرئەتتە راۋاجلىنىپ يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ. ئېلېكترون، كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكا ساھەسىدە ئامېرىكا ھامان دۇنيانىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. 1990-يىلى كومپيۇتېر مەھسۇلاتىنىڭ قىممىتى 94 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىللىق ئۈسۈش نىسبىتى %17.8 كە يەتتى. 1986-يىلى دۇنيادىكى 100 ئۇچۇر كارخانىسى ئىچىدە ئامېرىكا 74 نى ئىگىلىگەن. 1994-يىلى ئامېرىكىنىڭ كومپيۇتېر سانائىتى يەنە بىر قېتىم ياپونىيىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سانائەتكە ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا خىمىيە، بىئولوگىيە قۇرۇلۇشى، يادرو ئېنېرگىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى ئورۇننى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. قاتناش-ترانسپورتنى سورىساڭ ئامېرىكا ھەيران قالارلىق تەرەققىياتقا ئېرىشكەن دۆلەت. تۆمۈر يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 320 مىڭ كىلومېتىر، تاشيولى بۇندىن بىر ئەسىر ئىلگىرى راۋان، زامانىۋى ترانسپورت تورىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ ئۇزۇنلۇقى 6 مىليون 400 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ. پۈتكۈل ئامېرىكىلىق ئاھالىنىڭ بىردىن كىچىك ماشىنىسى بار بولۇپ، 1500 ترانسپورت شىركىتى، 150 مىليون يولۇچىلار ئاپتوموبىلى قاتنايدۇ. مېترو قاتنىشى نىيوروك، بوستۇن، فىلادىفىلىيە، ۋاشىنگتون، چىكاگو قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە كەڭ ئومۇملاشقان، ئاۋىئاتسىيە دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. 50 تىن ئارتۇق ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدە 1300-1400 گىچە شەھەر ئايرىپورت مۇئەسسەسىسىگە ئىگە. نىيۇيورۇكتىكى كېننىدى خەلقئارا ئايرىپورتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايرىپورت بولۇپ، بىر يىلدا 10 مىليون ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇيدۇ. ئومۇمەن دۇنيادىكى بارلىق چوڭ شەھەرلەر بىلەن نۆۋەتچى ئايروپىلان ئالاقىسى بار. ئامېرىكا دۆلەت بويىچە تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى 1000 دىن ئاشىدۇ. سىملىق تېلېۋىزىيە تورى 7900 دىن ئاشىدۇ. رادىئو ئىستانسىلىرى 8807، ئامېرىكىدىكى تۆت چوڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە تورىنى ئوبدانراق بىلىۋال: مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتى (NBC)، كولومبىيە رادىئو شىركىتى (CBS)، ئامېرىكا رادىئو شىركىتى (ABC) سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات رادىئو شىركىتى (CNN). گېگانت ئادەمنىڭ لېكسىيىسى تاماملاندى. بۇنداق يولدا مېڭىش نېمىدېگەن راھەت ۋە كۆڭۈللۈك ھە! –دېدى رازىيە ماشىنىدا كېتىۋېتىپ خۇشاللىقىنى باسالماي، -مەن ھازىر ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك بولىۋاتمەن. مېنىڭ شېرىن خىياللىرىم ئۈزۈلدى. ئالدىمغا قارىسام ئاسمان سەتھىسىگە تاقىشىپ قالغاندەك ئېگىز، ھەيۋەتلىك ئايلانما كۆۋرۈك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. نەچچە يۈز ماشىنا ئۇچار كۆۋرۈكتىن ئوڭ ۋە سولغا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. سول تەرىپىمگە قارىسام نەچچە يۈزلىگەن ماشىنا توپى تۆت يولدا بىزگە قارىمۇقارشى كېتىۋاتاتتى. يول شۇنداق كەڭ ۋە داغدام ئىدىكى، ھېلىقى بىھېساب ماشىنىلار قوشۇنى ئۈن-تۈنسىز، سۈرەن-شاۋقۇنسىز بىر خىلدا كېتىۋاتاتتى. مەن مۇئەللەقتىكى ئايلانما كۆۋرۈكتىن ئۆتىۋېتىپ ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ مۇشۇ باسقۇچقا يېتىپ كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالدىم. -يەنە ئون مىنۇتتىن كېيىن ۋاشىنگتون شەھىرىگە كىرىمىز، -دېدى دولقۇن ئالدىدىكى كىچىككىنە يول كۆرسەتكۈچىنىڭ ئاستىدىكى سائەتكە قاراپ، -يېرىم سائەت ماڭدۇق. ھەقىقەتەن ئون مىنۇتتىن كېيىن قەدىمى ياۋروپا پاسوندىكى ئىمارەتلەر ياپيېشىل دەل-دەرەخلەر ئارىسىدىن غىل-پال كۆرۈنۈشكە باشلىدى. كۈن نۇرىدا پوتىمەك دەرياسىنىڭ يۈزى چىمىلداپ تۇراتتى. قىرغاقتا توختىتىپ قويۇلغان كېمىلەرنىڭ ماچتىلىرى بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىۋاتقاندەك ئاسمانغا بوي تارتىپ تۇراتتى. قاتار كېتىۋاتقان ماتورلۇق كېمىلەرنىڭ يەلكەنلىرى شامالدا تولۇق كۆپۈپ كۈن نۇرىدا ئالاھىدە پارقىراپ كۆرۈنەتتى. بىرنەچچە مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن ئالدىمىزدا ئېگىز ھەيۋەتلىك ئاق بىنا كۆزىمىزگە چېلىقتى.
سۈرەتتە: ئاپتور ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ۋاشىنگۇتۇندىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا -مانا بۇ كۆرۈنگەن پارلامېنت بىناسى! –دېدى دولقۇن ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ. بىز بىر قىزىل چىراغقا دۇچ كېلىپ قالدۇق. شۇ چاغدا ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا قولىغا كىتاب ياكى يان تېلېفون كۆتۈرۈۋېلىپ يۈگۈرگەندەك كېتىۋاتقان قارا، ئاق تەنلىك كىشىلەرنى كۆردۈم. بۇ قەدىمى پايتەخت كوچىلىرىدىكى ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان خەتلەر، رەڭلەر بىلەن ئىپادىلەنگەن يول بەلگىلىرى، يۆنىلىش، ئېغىز ۋە ئەسلىھە بەلگىلىرىنى مېنىڭدەك ساۋاتسىزلارمۇ بىر قاراپلا بىلگۈدەك ئېنىق ئىكەن. بىز قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ قايسى تەرەپكە بۇرۇلۇشىمىزنى، ماشىنىنى نەدە توختىتىپ، نەدىن ئىش باشلىشىمىزنى بىلەلمەي بىردەم تۇرۇپ قېلىپراق ئالدىمىزدىكى دەل-دەرەخ بىلەن پۈركەنگەن كىچىك بىر باغنىڭ يېنىدا توختىدۇق. دولقۇن ماشىنىدىن چۈشۈپ ئىككى قەدەم ئالدىغا مېڭىپ يول بويىدىكى بىر ئىنگلىزچە خەت يېزىلغان تاختايدىن ئىككى سائەتلىك ماشىنا توختىتىش ئورنىنى تاپتى. مەن كۆڭلۈمدە ئىككى سائەتتە بۇ شەھەرنىڭ نېمىسىنى كۆرگىلى بولار –دەپ ناخۇش جىمىپ قالدىم. دولقۇن تەڭگە پۇلنى ئاپتوماتىك بېلەت ساتىدىغان بىر تۆشۈككە تاشلاپ خاتىرجەم ئالدىمىزغا كەلدى. مەن سول تەرىپىمگە قارىسام بىر قارامتۇل ئادەم ھەيكىلى ئېگىز سېمونت تۈۋرۈك ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا ئاسمان پەلەككە شارقىراپ كۆتۈرۈلۈۋاتقان فونتان كۆرۈندى. بىز ئۇ يەرگە ھېچقانداق رەسمىيەتسىزلا كىرىپ كەلدۇق. شۇنچە كەڭ، يېشىل چىملىق بىلەن قاپلانغان ئازادە باغچىدا بىزدىن باشقا بىرمۇ ئادەمزات كۆرۈنمەيتتى. دولقۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە بۇ باغچا ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ سىمۋولى بولغان «ئەركىنلىك ئايال ئىلاھى ھەيكىلى» نى ۋە ئامېرىكىدىكى مەشھۇر بوتانىكا باغچىسىنى لايىھىلەپ ياسىغان تۆھپىكار ئاۋگوست بارسولدىنىڭ ھۆرمىتىگە ياسىغان كىچىكرەك خاتىرە باغچە ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. مەن بۇ تۇنجى كۆرگەن ئەتىيازلىق گۈزەل مەنزىرىدىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ سىياسى، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كېلىۋاتقان ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ ئورمانلار، گۈل-گىياھلار بىلەن قاپلانغانلىقىنى، بىناكارلىق، گۈزەل-سەنئەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك مىراسلىرىغا باي دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئىنگلىزلارنىڭ مەنىۋى گۈزەللىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى، تارىخى ئاسارئەتىقىلەرنىڭ كۆپلۈكىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, H8 r: R# P* P
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" b* h5 h; Y9 h( X- \# q0 T" w
سۈرەتتە: ئاپتور ئايالى بىلەن ئاۋگوست بارسولدىنىڭ خاتىرە باغچىسىدا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, `, G3 z1 x- N بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-22 07:41 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ i7 j. N+ h3 m5 j- H1 K9 H! \. hبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 o5 Y* Q) u: A% X
|