|
|
|
|
ھېلىماخۇننىڭ ھاراقكەشلىك ھاياتى
<<ھ>> ھەرىپى بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى
ھەي ھاماقەت، ھاياسىز ھاراقكەش ھارامزادىلەر: ھالىڭلار ھازىرمۇ ھەقىچان ھېلىقىدەك ھەسرەتلىك ھالەتتە ھە!
ھەي ھەزىلكەش ھارامتاماق ھاراقكەشلەر: ھاراق ھاياتقا ھامان ھەسرەتلىك ھەدىيەدۇر. ھاراق ھېلىمىكىرلىرى ھاراقنى ھالاللاپ، ھاللىقلارنى ھالسىزلاندۇرۇپ، ھالسىزلارنى ھەقىقەتەن ھاماقەت، ھاياسىز، ھوشسىزلاندۇردى.
ھاللىق ھېلىماخۇن ھاراقنى ھالاللاپ، ھاياتنىڭ ھەپسىلىنى ھاراقنىڭ ھاينىغا ھەدىيلىدى . ھەقەمسايىللىرىگە ھۆكىرەپ ھومايدى. ھەزىلكەش ھەمرالىرىغا ھېجايدى . ھالسىزلىنىپ ھاسىراپ، ھۆمىدەپ ھارغاندا، ھۆكىمەت ھېلىماخۇننىڭ ھالىنى ھاللىقلاندۇردى . ھېلىماخۇن ھاراقتىن ھارسىندى. ھاياسىز ھاراقكەشلىك ھاياتى ھېمرىلدى. ھۆرمەتلىك ھايالىق ھەقەمسايلىرى ھېلىماخۇننى ھەسسىلەپ ھۆرمەتلىدى .
ھېلىماخۇننىڭ ھېكىمەتلىرى:
ھاراق ھارامدۇر، ھاراقنىڭ ھاراملىغى، ھاماقەتلىك، ھاياسىزلىق، ھالسىزلىق، ھۆرمەتسىزلىكتۇر.
ھۆكۈمەتكە ھەشقاللا!
ھاراققا ھۆ!
مىجىت قادىر 2002.9.19
|
|
|
|
|
|