مەن كۆيگەن شۇ ئوتتا كۆيگەن چېغىڭدا ،
شۇ ھىجران ئازاپنى تارتقان چېغىڭدا ،
ئۇيقۇدىن بىدار بوپ بوققان چېغىڭدا ،
بۇ ئاشىق قەلبىمنى بىلىپ قالارسەن .
يوللاردا يىگانە يۈرگەن چاغلىرىڭدا ،
جۈپ يۈرگەن ئاشىقنى كۆرگەن چېغىڭدا ،
كۆزلىرىڭ ياش تولغان غېرىپ چېغىڭدا ،
بۇ ئاشىق قەلبىمنى بىلىپ قالارسەن ،
دەرىزەڭدىن ئاي نۇرى كۆرگەن چېغىڭدا ،
ئايغا قاراپ دەردىڭنى تۆككەن چېغىڭدا ،
يۇلتۇزدىن سىمايىمنى كۆرگەن چېغىڭدا ،
بۇ ئاشىق قەلبىمنى بىلىپ قالارسەن .
خاتىرەڭدىن رەسىمىمنى كۆرگەن چېغىڭدا ،
تەبەسسۇمدىن ساڭا قاراپ تۇرغان چېغىمدا ،
ئىختىيارسىز لەۋلىرىڭگە باسقان چېغىڭدا ،
بۇ ئاشىق قەلبىمنى بىلىپ قالارسەن ،
چۈشلىرىڭگە ئاق ئاتلىق بوپ كىرگەن چېغىمدا ،
شۇ چۈشۈڭدە لەۋلىرىڭگە سۆيگەن چېغىمدا ،
كۈلەڭگۈدەك غايىپ بولۇپ كەتكەن چېغىمدا ،
بۇ ئاشىق قەلبىمنى بىلىپ قالارسەن.
ياش ۋاقىتلىرىمدا بىر قىزغا كۈيۈپ يۈرگەن ئىدىم ، ھاماقەت يارىم 3 يىل يۈرۈپ ئاخىرى كىچىككىنە نەپسىنىڭ كەينىدىن ئازغىنە مال دۇنياغا بىرىلىپ ، مىنىڭدىن يۈزئۆرىگەن ئىدى . شۇۋاقىتلاردا ئىچىپ چىكىپ يۈرۈپ دەرت ھەسرەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە يازغان شىئىر ئىدى . بۈگۈن ئايالىم ئۆي يىغىشتۇرۋېتىپ شۇ ۋاقىتلاردىكى شىئىر خاتىرەم قانداق قولىغا چىقىپ قالدىكىن ،،قارىسام ھىجىيىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇغۇلى تۇرۇپتۇ . خاتىرىنىڭ تۇنجى بىتىدە مۇشۇ شىئىر بار ئىدى .
ھەي توۋا ... ئىشقى مۇھەببەت دىگەن ئاجايىپ نەرسىدە ، ...
مەنبە : ئۆز قەلىمىم . 2011. 6.ئاي