ئېلانچى
ئەنگەر
ساختا مالنى "ئېلىڭ" دەپ زورلاپ كەتكەن ئېلانچى،
چەتنىڭكىنى ئەيمەنمەي داڭلاپ كەتكەن ئېلانچى،
"سۇڭەك يىگەن ئىتلاردەك" قاۋاپ كەتكەن ئېلانچى،
ئېلان بىلەن يېنىنى چىڭداپ كەتكەن ئېلانچى،
پايدا ئۈچۈن كۆڭلىمۇ قارداپ كەتكەن ئېلانچى.
**
ياخشى مالغا نە ھاجەت،ئېلان بېرىش-كۆپتۈرۈش،
چەتتىن كىرگەن دەپ يەنە ،ماختاپ-كۆككە كۆتۈرۈش،
شەرتىمىكىن ئېلاندا "بىزنىڭ"كىنى چۆكۈرۈش،
كاملىق قىلار ئۇلارنىڭ يۇزلىرىگە تۈكۈرۈش،
ئۆز خەلقىنىڭ كۆزىنى باغلاپ كەتكەن ئېلانچى.
**
ۋەتەنسىزلىك تارايدۇ ئۆلارنىڭكى سۆزىدىن،
شۈملۈق ياغار سەپ سالساق ئېلانچىلار كۆزىدىن،
"يۇرتۇڭ قەيەر،ئۆزۈڭ كىم؟"سورىمايدۇ ئۆزىدىن،
پايدا ئۈچۈن ئېنىقلا يۈگرەپ چىقار گۆرىدىن،
"چەتنىڭ"كىنى ئېسىل دەپ ماختاپ كەتكەن ئېلانچى.
**
ئېسىل بولسا چەتنىڭكى،ئېيتىڭ بىزگە ئاشامدۇ؟!
ئېلان بېرىپ بەس-بەستە تۆكمە قىلىپ ساتامدۇ؟!
شىپا بەرسە دورىسى،دوختۇرخانا ئاچامدۇ؟!
بىزنىڭكىمۇ ئۇلارغا بىلەمسىزكىن ياقامدۇ؟!
ساختا سۆزدە خەلقىنى ئالداپ كەتكەن ئېلانچى.
**
ئالدىنىمىز بىزمۇ ھەم "ئېلانچى"لار ئالدىسا،
چاپلىشىمىز سالجىدەك "چەتنىڭ"كى دەپ داڭلىسا،
سۇ كىرمەيدۇ بۇرۇنغا،"بۈركۈت ئالساق،سا چىقسا"،
غىڭ قىلمايمىز بىر قېتىم ،ئېلان بىلەن چايلىسا،
بۇ خۇيلارنى بۇرۇنلا پايلاپ كەتكەن ئېلانچى.
**
تېلۋىزوردا، رادىئودا ئېلاندىن كۆپ نەرسە يوق،
بىرى ماختار پىرەنىك ،-بۈگۈن باردۇر ئەتە يوق،
بۇنى يىگەن جىمغۇرمۇ ،بوپ كېتىدۇ بەكمۇ شوق،
دىيەلمەيدۇ ھېچكىممۇ ئەتە يەيچۇ،- قوساق توق،
چەتنىڭكىگە ئاشىقتەك توۋلاپ كەتكەن ئېلانچى.
**
پالان يەردىن كىرگەنمىش ،نامى ھەيۋەت ئىچىملىك،
قۇۋۋەت بېرەر ئەرلەرگە ،ئالامەتتۇر –تېتىملىق،
پەرى قىلار قىزلارنى ئىچىپ بەرسە رېتىملىق،
(ھۆ قىلىدۇ ئىچكەنلەر ،پەقەت بىرلا قېتىملىق)،
خائىنلارنىڭ خۇيىنى دوراپ كەتكەن ئېلانچى.
**
بەزىلەرگە توتىيا تۇپىسىمۇ چەتنىڭكى،
لاي سۈيىمۇ ھەسەلدەك تېتامدىكىن چەتنىڭكى!
كىيگىنى ۋە يىگىنى،مىنگىنىمۇ چەتنىڭكى،
ئويلىمايمىز بىز نىچۇن ئۇ بەرىبىر خەقنىڭكى!
ئۆز ئىلىنىڭ ھولىنى كولاپ كەتكەن ئېلانچى.
*
ئۆز يازمام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-21 09:07 PM