ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىنداشلار ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ x/ o1 {+ ~0 l3 l' e: y% g
بىر كومپىيوتىرغا بىر قانچە سىستېما قاچىلاش قارىماققا ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ ، ئەمما بىر قانچە سىستېمىنى (مەسلەن؛ ۋىندوۋس، ئۇبۇنتۇ ، ئالما ياكى ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان نەشىرلېرىنى ) بىر كومپىيوتىرغا بىرلا ۋاقىتتا قاچىلىۋىلىپ سىستېمىلار ئارا ئىختىيارىي ئىشلىتىش مەلوم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەلوم بىرىنى ئۈچۈرۈپ قايتا قاچىلىغاندا باشقا سىستېمىلار ۋە كومپىيوتىردىكى ھۈججەتلېرىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، بىر كومپىيوتىردا بىر قانچە سىستېمىنى خۇددىي بىر قانچا كومپىيوتىر ئىشلەتكەندەك ئىلىشتىش بۇ بىر ماھارەت، بۇ بىر ھەقىقىي كومپىيوتىرغا بولغان قىزىقىش، ئىشتىياق بولسا كېرەك. مەنمۇ ئەڭ دەسلەپ بەزىلەرنىڭ بىر كومپىيوتىرغا بىر قانچە مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلىۋالدىم دىگىنى ئاڭلاپ توۋا بىز تىخى بىر ۋىندوۋسنى ئىشلتىپ بۇلالمايۋاتساق ماۋۇنىڭ ئىشىپ -تىشىپ بىر كومپىيوتىرىغا ئۈچ،تۆت سىستېمىنى قاچىلىۋالغىنى دەپ قالاتتىم. كىيىنىچە كومپىيوتىر بىلەن ھەپىلىشىش ۋاقتىمنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن بارا-بارا بۇ خىل ئەھۋال مەندىمۇ يۈز بېرىشكە باشلىدى. بۇ خۇددىي بىر كومپىيوتىرىڭزنى ئۈچ،تۆت قىلىۋالغىنىڭىزغا ئوخشايدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر سىستېمىنىڭ رولى ۋە ھۇزورى ئوخشىمايدۇ. " ئىشلەتمىسەڭ بىلمەيدىكەنسە ، ئىشلتىپلا قالساڭ ئايرىلالمايدىكەنسەن' ھى ھى ........ تىلۋىزىيە ئېلانلېرىنىمۇ قىستۇرۇپ قويدۇمغۇ....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- V8 @ ^5 ?8 k3 D+ U' V, e لىنۇكىس سىستېمىلېرى ئايرىم يادرولۇق بىر مەشغۇلات سۇپىسى بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ۋەكىل خارەكتىرگە ئىگە باشلامچىسى دەل- ئۇبۇنتۇ (ubuntu )دۇر. ئەڭ دەسلەپ ئۇبۇنتۇ ئېلان قىلىنغاندىن ھازىرغىچە ئون يىل ۋاقىت ئۈتتى . بۇ جەرياندا ئۇبۇنتۇ كۆپىنچىمىزگە تۇنۇش ۋىندوۋس بىلەن تەڭلىشەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما ئۈزلۈكسىز يىڭىلىنىپ ئىشلەتكۈچىلەرمۇ داۋاملىق كۆپىيىپ ماڭدى. دۇنيادىكى داڭلىق كومپىيوتىر Dell ۋە دۆلىتىمىزدىكى كومپىيوتىر ئىشلەپچىقارغوچى داڭلىق كارخانا lenovo ئىشلەپچىقارغان كومپىيوتىېرلېرىغا ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاپ بازارغا سالىدۇ. ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيادا ھىندىستان ، جوڭگو ۋە ئەنگىلىيەلەردە ئۇبۇنتۇ خاتىرە كومپىيوتىرلېرى بازارغا سىلىنغانلىقى مەلۆم. نۆۋەتتە ئىلىمىز ئۇبۇنتۇغا قىزىقىۋاتقان چوڭ كىشىلەر توپى. گىرمانىيدە بولسا ئاللىبۇرۇن ئۇبۇنتۇ نۇر دىسكىسىنى ئىدارە-ئورگانلارغا بىر قانچە قىتىم ھەقسىز تارقىتىلىپ بىرىلگەن ۋە بېرىلىۋاتىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ E1 p6 {7 W5 R( R0 z* p% Y
يانفۇن ئىلىتىشىمىزنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئىقىم يەتمەي بوغچىلارنى سىتىۋالىدغان بۇلۇپ كەتتۇق. بۇنىڭ بىلەن بارا-بارا ئۇچۇرلىشىش شىركەتلېرىمۇ ئابونتلارنىڭ ئىھتىياجىغا ۋە ئەمەلىي شارئىت بۇيىچە مەسلەن كۈچمە تىلگىرافنىڭ 30 يۈئەنگە 500 مىگا ، 50 يۈئەنگە 1 ج ئىقىم سوۋغا قىلىدىغان، ۋە 10 يۈئەنگە 100 مىگالىق قۇشۇلما بوغچا مۇلازىمىتىنى ئېلان قىلدى. ئەلۋەتتە بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئەرزان چۈشىدىكەن، ئەمما بىر قىسىم جايلاردا سىگىنالى كۆچمىنىڭكىدەك ئەمەس. ( مەن بۇ يەردە پەقەت ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان ۋە بىلىدىغنلېرىنىلا دىدىم پەقەت ) يانفۇندا تور چىقىش ئىنتايىن قۇلاي ھەم راھەت ئىش بولسىمۇ ئەمما بىر قەدەر كۆپرەك خەت يىزىشقا توغرا كەلگەندە سەل قۇلايسىزراق ئۇندىن باشقا بىر قىسىم ئۇيەر-بۇ يەرلەردە يۈتكىلىپ يۈرىدىغانلار سىسسىز تور ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدۇ ئەمما شۇ سىمسىز تور كارتا جازىسىنى يەنە پۇل تۆلەپ ئالىدىغان گەپ ( مەسلەن 120 يۈئەن .) ئەمما سىز يانفۇننى كومپىيوتىرغا چىتىش ئارقىلىقلا بۇ ئاۋارىچىقلاردىن قۇتۇلىشىڭىز مۇمكىن. مىنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم ھەممە يەردە پۇتلىشىپ تۇرىدىغان xp دا ياكى win7 دا يانفۇن ئارقلىق تورغا چىقىش بولماستىن ئۇماق ۋە يىقىملىق ئۇبۇنتۇدا يانفۇن 3G تورى ئارقىلىق تورغا چىقىشتۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 z) _. k" g2 S: F; C
ئەمەلىيەتتە مەشغۇلات جەريانىنىڭ سۆزلىگۈدەك ھىچقانداق بىر مۇرەككەپ يېرى يوق، يەنى سىز ئۇبۇنتۇ ئورگان تورى
www.ubuntu.com ياكى
www.omgubuntu.co.uk تىن ئۇبۇنتۇ نىڭ خالىغان بىر نەشىرىنى چۈشىرىسىز ياكى
www.auyghurix.com دىن ئۇيغۇرئىكىس (يەنى بارلىق تەڭشەكلېرى، يىڭىلانمىلېرى تەييار قىلىنغان قۇلايلىق ئۇبۇنتۇ ياكى گوست ئۇبۇنتۇ دەپ قارىسىڭىز مۇ بۇلىدۇ) نى چۈشىرىسىز ۋە ئەگەر بۇرۇن قاچىلاپ باققان بولسىڭىز قاچىلايسىز ياكى تەييار قاچىلاقلىق بولسا ئاندىرويىد يانفۇنىڭىزنىڭ 3G ئۇچۇق ھالەتتە كومپىيوتىرىڭىزغا چىتىپ سىستېما تەڭشىكىدىن ( 系统设置 )دىن يەنىمۇ كۆپ ( 更多 ) نى تاللاپ 网络共享与便..دىن USB 共享网络 نىڭ ئۇدۇلىغا تۇغرا بەلگىسىنى چىكىپ قويسىڭىزلا سىستېما ئاپتۇماتىك تورغا ئۇلىنىدۇ. مەن بۇ يازمىنى يانفۇن تورىدا يىزىۋاتاتتىم شۇڭا بىر قىسىم رەسىملەرنى چىقىرىش سەل قۇلايسىز بۇپ قالدى. مۇشۇنچىلىكلا بۇ مەشغۇلاتنى باشلانغۇچنى پۈتتۈرمىگەن بالىلارمۇ قىلالايدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 K) t& N5 i) `# T8 c* \3 v0 [
ئەمدىكى گەپ ئەگەر سىز بۇرۇن ئۇبۇنتۇ دىگەن بۇ نەرسىنى ئاڭلاپمۇ، كۆرۈپمۇ باقمىغان بولىشىڭىز ۋە بۇ سەۋەپتىن خاتا مەشغۇلات قىلىپ قۇيۇپ كومپىيوتىرىڭىزدىكى ماتىرىيالىڭىزنىڭ ئۈچۈپ كىتىشىدىن ئەسىرەۋاتقان بۇلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ، سىز ئۇبۇنتۇنىڭ Iso ھۆججىتىنى چۈشۈرگەندىن كىيىن ئۇنى كومپىيوتىڭىزغا قاچىلىمايمۇ بارماق دىسكىدىن قوزغىتىپلا ئىشلىتەلەيسىز، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ!!!! بىر كومپىيوتىردا بەش سىستېمىنى ئىشلىتلەلەيسىز. پەقەتلا سىناپ بىقىشقا جۈرئەت بولسىلا بولدى. كىسىپ ئىيتىمەنكى مەن بۇ يەردە تۇنۇشتۇرۋاتقان بۇ بىلىملەر تورداشلارغا قۇلايلىقلار ۋە ۋە ئىشلېرىدا ئەھمىيەت ئىلىپ كىلىدۇ. ئۇبۇنتۇ تۇغۇرلۇق ئۇيغۇرچە بىكەتلەر :
www.auyghurix.com مەلوم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قۇلايلىق ئۇبۇنتۇ لار ۋاقىتلىق چۈشمەس بۇلۇپ قالغان . ئەگەر جىىدىي كېرەك بۇلۇپ قالسا پوچتىدىن ئەۋەتىپ بەرسەك بۇلىدۇ.
www.qutbeg.com ئۇبۇنتۇ ھەققىدىكى ھەممىگە تۇنۇشلۇق ئۇيغۇرچە تور بىكەت.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 B, S! V2 r, f# n& J7 c# J0 U
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 F4 s! e, v: K$ i' ?0 i