مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 808|ئىنكاس: 19

بابارەھىم مەشرەپ غەزەللىرىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 05:37:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۆھرەت ئەيلەپكىم ئالاردەك خۇدنەمالارنى كۆرۈڭ
زاھىرۇ شۆھرەتپەرەست نائاشنالارنى كۆرۈڭ

يولنى بىلمەس ئۇمممىلەرنىڭ كۆزىگە ئارىف بولۇپ
ئۆزى مەنزىلگە يېتەلمەي بىنەۋالارنى كۆرۈڭ

بارچەگە ئەيلەر نەسىھەت ئۆزىنى دەنا ئېتىپ
يولدا قالغان بىكەسۇ بىررەھنەمالارنى كۆرۈڭ

كۇفرىۋۇ ئىماننى بىلمەسلەر    كەرامەت ئەيلەبان
تائەتۇ تەقۋا بىلەن ساھىب رىيالارنى كۆرۈڭ

ھەر كىشى سورسا نەسەبتىن دەم ئۇرارلار نەفس ئۈچۈن
باتىنى فىرئەۋنۇ زاھىر ئەۋلىيالارنى كۆرۈڭ

لاپ ئۇرارلەر ئارىفى يەكدىلەمەن دەپ خەلق ئارا
خەلقنى گۇمراھ قىلىپ يۈزى قارالارنى كۆرۈڭ

زاھىرىدە سۇفىمەن دەپ تەركى دۇنيا ئەيلەگەن
باتىنى دۇنياغە مايىل بەختى قارالارنى كۆرۈڭ

خەلقنىڭ كۆزىگە ھەردەم سۈرەتىن دىگەر قىلىپ
نەفس ئۈچۈن شەيتان بىلەن يۈرگەن گەدالارنى كۆرۈڭ

ئۆزىنىڭ ئەۋلادىنى خەلق ئىچىدە ئىفشا قىلىپ
تەندە يوق مەئنا قۇرۇق نامى سەرالارنى كۆرۈڭ

شۆھرەتىم ئافەت بولۇر دەپ مەشرەبىڭ قول ئالمادى
كۆزدە ياشىم قەترەسى دۇررى بەقالارنى كۆرۈڭ

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ھەر كىشىنىڭ دەردى بولسە يىغلاسۇن يار ئالدىدا
قالماسۇن كۆڭلىدە ئەرمان بەلكى ئىزھار ئالدىدا

ئەندەلىبى بىنەۋادەك نالەۋۇ ئەفغان ئىلە
ئايلانىپ سايراپ يۈرۈرمەن ئەينى گۈلزار ئالدىدا

مەنسۇرى ھەللاجىدەك ئىچىپ شەرابى ئەنتەھۇر
چەرخ ئۇرۇپ يىغلاپ تۇرۇرمەن ئۇشبۇ دەم دار ئالدىدا

ھەركىشى بىر قەترەئى نۇش ئەيلەسە ئول بادەدىن
ئول قىيامەتدە قىلۇر ئەرزىنى جەففار ئالدىدا

تەلبە مەشرەپ قىلماغىل سىررىڭنى زاھىدغە ئەيان
ئايتىپ ئايتىپ يىغلاغىل سەن ئاشىقى زار ئالدىدا

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ-
ئەگەر ھەر يەردە بولسام مەن  كۆڭۈل سەندىن جۇدا بولماس
مەگەر مىڭ يىل نەۋا قىلسام سېنىڭ دەردىڭ ئەما بولماس

تىلەرمەن ۋەسلىنى تىنماي نەچە يىللار يۈرۈپ سەرسان
بارىپ ئەيتىڭ ئاشۇ يارغە جۇدالىقدەك بەلا بولماس

خەلايىقلار ئەيتۇرلەر         بۇ دەردىڭگە دەۋا يوقمۇ
ئۆزىدىن ئۆزگە ئەي دوستلار مەڭا ھېچبىر دەۋا بولماس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 06:14:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارامەت ياخشى قىلىپسىز، قېرىندىشىم. خەلقىمىز مەشرەبنىمۇ تۇنۇسۇن!..
بىزنىڭ كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنى بىلسۇن!.. ئۇلار ئىشلەتكەن سۆز- ئىبارىلەرنىمۇ بىلسۇن!..
ئەمما سىز بىر قىسىم ئىبارىلەرگە ئىزاھات بېتىۋەتكەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتى...
مەسىلەن:
ئەندەلىپ، خۇدنەما، بىناۋا، نائاشىنا، ئىفشا، ئالار دەك،
سارا، دېگەندەك سۆزلەرگە.

جەببار دەپ ئېلىنسا توغرا بولاتتى،  سىز جەپپار دەپ ئېلىپ قويۇپسىز. جەببار دېگەن اللەنىڭ توقسان توققۇز سىپاتىنىڭ بىرىدۇر.
مېنىڭ بۇ ئاتىكاچىلىقمنى كەچۈرگەيسىز!
ھەمكارلاشماقچى بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا!..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16665
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2585 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 06:16:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوغۇزتېكىن، دۈنياۋى غەزەللەرنى مۇنبەرگە يوللاپ  زەكى شائىر مەشرەپنىڭ روھىنى خۇرسەند دىللارنى ھېيت قىلغان ئەجرىڭىزگە رامىزانلىق تەشەككۈر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 06:17:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
99sahrayi99 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 06:14 PM
كارامەت ياخشى قىلىپسىز، قېرىندىشىم. خەلقىمىز مەشرەبنى ...

رەھمەت قېرىندىشىم.  جەببار سۆزىنىڭ ئىملاسىدا مەنمۇ ئىككىلىنىپ قالغان، شۇڭا جەففار دەپ ئالغان ئىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 06:30:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىر بابارەھىم ئاپاق خوجا زامانىسىدا ياشىغان يەكەنلىك ئۇستاز شۇغۇ ھە؟

بابارەھىمنى دەھرىيلىكتە ئەيىپلەپ دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىدۇ ئاپاق خوجا مۇناپىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 06:33:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەندەلىپ: بۇلبۇل
خۇدنەما:شۆھرەتپەرەس
نائاشنا: يات، ناتونۇش
ئىفشا:ئاشكارا قىلىش
ئارىف: ئويغاق
رىيا: ئىككى يۈزلىمىچىلىك
بىكەس: يالغۇز
بىررەھنەما:ھىمايىچىسىز
سەرا:قەسىر؛دۇنيا
ئالار: ئۇلار
قەترە: تامچە
ئەفغان: نالە قىلىش
ئەنتەھۇر: پاك ، ساپ
نۇش : ئىچىش
بادە: مەي
بىنەۋا: يوقسۇل، كەمبەغەل؛بەھرىسىز،مەھرۇم؛بىچارە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 06:40:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hujayin1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 06:30 PM
شائىر بابارەھىم ئاپاق خوجا زامانىسىدا ياشىغان يەكەنلى ...

بابارەھىم مەشرەپ نەمەنگاندا تۇغۇلغان. كېيىنچە قەشقەر-يەكەن تەرەپتە ياشىغان. ئافاق خوجىغا قول بېرىپ مۇرىت بولغان، ئۇنى ماختاپ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان، كېيىنچە ئافاق خوجىنىڭ تىل-دىلى بىر ئەمەسلىكىنى سەزگەن. شۇجەرياندا ئۇنىڭ ھەرىمىدىكى بىر كېنىزەككە ئاشىق بولۇپ قالغان، ئافاق خوقا بۇنى بىلگەندىن كېيىن قاتتىق ئاچچىقلانغان ۋە تۆمۈر تامغىنى بوينىدىكى شەھۋەت تومۇرىغا بېسىۋەتكەن. بۇ شائىرغا چوڭ ھاقارەت ئىدى. شۇندىن كېيىن مەشرەپ ئافاق خوجا بىلەن ئۈزۈل-كېسىل بولۇپ، بۇرۇن سەزگەنلىكلىرىنى شېئىر قىلىپ پۈتۈپ چىقىپ، ئىشانلارنىڭ بەتبەشىرە قىياپىتىنى ئېچىپ تاشلىغان. ئاخىرى  بەلختە بەلخ ھاكىمى تەرىپىدىن دارغا ئېسىلغان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3572
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 06:45:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hujayin1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 06:30 PM
شائىر بابارەھىم ئاپاق خوجا زامانىسىدا ياشىغان يەكەنلى ...

شا  مەشرەپ   يەكەنلىك ئەمەس،   نەمەنگانلىقمىدۇ  ... ئىشقىلىپ  شىنجاڭ تەۋەسىدىن ئەمەس    ئۆزبەك زىمىنلىرىدىنغۇ دەيمەن ،    بۇرۇن ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبەكنىڭ پەرقى يوق  زاماندا ياشىغان ئادەم.    شۇڭلاشقا يۇرتىدىن يامانلاپ قەشقەرغە كىلىپ  تىل ئۈگەنمەي ياشىيالىغان.    ھەجەپ يامانكەن  سىتالىن    بىزنى ئۇيغۇر قىلىپ  ئۇلارنى ئۆزبەك قىلىپ  ئايرىۋەتكەن.    بىر قەۋىمنى پاچىلاش ئۈچۈن  ئۇلارنىڭ پەرقىنى زورايتىپ  ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83744
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4068
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 664 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 06:47:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hujayin1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-21 06:30 PM
شائىر بابارەھىم ئاپاق خوجا زامانىسىدا ياشىغان يەكەنلى ...

بابارەھىم دېگەن شائىرنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمىغۇ دەيمەن.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4232
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20184
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1676 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 07:08:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ئېسىل ئەسەر ئېلىپ كەپسىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش