قىل ئۈستىدىكى ئىپپەت (پوۋسىت) ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىمىز ئەڭ چوڭ دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلە ئىپپەت بولۇپ قالماقتا، مەيلى تەرەققي قىلغان چوڭ شەھەرلىرىمىز بولسۇن، مەيلى چەت يېزا-قىشلاقلىرىمىز بولسۇن نۇرغۇنلىغان قىز-ئاياللىرىمىز ئىپپەت دېگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۇنتۇۋاتىدۇ ياكى ئۇنتۇشقا مەجبۇرى بولىۋاتىدۇ. خوش. بىر ئىنساننىڭ كەلگۈسىنى ئۇنىڭ ئۆيمۇشىدىن ئايرىپ قارغىلى بولمايدۇ، كىچىكىدە ئۆسۈپ يىتىلگەن مۇھىتنىڭ قانداق بۇلىشى بەزىدە شۇ ئادەمنىڭ تەقىدىرىنى بەلگۈلەپ قويۇشى مۇمكىن.
1. قوش نىكاھلىق دادا - ئاپا، دادام نىمىشقا ئۆيگە كەلمەيدۇ؟ - ئاپا، دوسلىرىمنىڭ دادىسى كۈندە ئۆيگە كىلىدىكەن، دادام نىمىشقا بۇ ئۆيگە ھەپتىدە بىر نەچچە كۈنلا كىلىدۇ؟ -ئاپا، دادامنىڭ ئۆيگە كەلمىگىنىگە 3كۈن بولدى، ئۇنى سېغىندىم، دادامغا دېگىنە ئۆيگە كۈندە كېلىپ تۇرسۇن. - ئاپا دادام شۇنچە ئالدىراشما؟ نىمىشقا بىزگە ھەمراھ بولمايدۇ؟- مېنىڭ كىچىك ۋاقتىم ئاپامدىن ئەنە شۇنداق سۇئاللارنى سوراش بىلەن دادا مېھرىگە قانماي ئۆتۈپ كەتتى، ئاپام ئىنتايىن ياۋاش-يۇمشاق، ئاقكۆڭۈل ساددا ئايال ئىدى، كىچىگىمدە سورىغان سۇئاللىرىمىغا «دادىڭىز بەكلا ئالدىراش» دەپلا جاۋاپ بېرىپ مېنى قانائەتلەندۇرەتتى. لېكىن مەن چوڭ بولۇشۇمغا ئەگىشىپ كوچا-كويلاردا دادام توغۇرلۇق ھەرخىل مىش-مىش گەپلەرنى ئاڭلاپ قالىدىغان بولدۇم. - ھەي، ماۋۋ نۇسرەتخاننىڭ ئېرىنىڭ شەھەردە يەنە بىر ئۆيى باركەن دەپ ئاڭلايمەنغۇ؟ - سىلى نەدە قالدىلا، قاي زاماندىكى گەپ بۇ، مەن بۇرۇنلا بىلەتتىم، سادىركامنىڭ شەھەردە ئايالى، بالا-چاقىسى بار، شۇڭا بۇ يەردە تۇرمايدۇ. - ھە... شۇڭا پات-پات پەيدا بولۇپ قالىدىكەندە. - توۋۋا دېمىسە بىكاردە، نۇسىرەتخان ئۇقمامدىغاندۇ بۇ ئىشلارنى. - ئۇقمامدىغان، بىز بىلگەن يەردە ئۇ بىلمەي قالامدا. - بىلىپ تۇرۇپ قانداق مەيلى دەپ ئولتۇرىدىغاندۇ بۇ ئايال. - ئولتۇرماي ئامالى يوقتە، سادىركامنىڭ خوتۇنى بارلىقىنى بىلەن تۇرۇپ تەككەندىن كېيىن. - نېمە، دىمەكچى بولغانلىرى نۇسىرەتخان سادىركامنىڭ ئىككىنىجى ئايالىكەندە. - .... ئەتتىگەندىلا ئەرلىرىنى يولغا سېلىۋىتىپ. ئۆز ئىشلىرىنى قىلىپ بولۇپ، بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ ئوسما دىگەننى دەمدەك قويۇۋىلىپ، سايىغا توپلىشىپ ئولتۇردىغان بۇ ئاياللارنىڭ ئاغىزىغا ئاپام، دادام، يەنە شەھەردىكى ئۇ ئايال پات-پات چىقىپ قالاتتى، مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاپامدىن قانداق ئىشلىقىنى سورىسام ئۇ يەنىلا جاۋاپ بەرمەي «سىز تېخى كىچىك، چوڭ بولغاندا ئالدىرماي چۈشۈنىسىز» دەپلا قوياتتى. مەنمۇ خىجىل بولۇپ، ئارتۇق گەپ قىلمايتتىم. مەن ئەمدى تولۇقسىزغا چىققان يىللىرىم ئىدى، دادام بىزنى پەقەتلا كۆرگىلى كەلمەس بۇلىۋالدى، مېنىڭ ئوقۇشۇمغا ۋە ئائىلە ئىقتىسادىمىزغا قىينىلىپ قالغان ئاپام مەھەللىمىزنىڭ كادىرلىرى يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، ئېيىغا 800يۈەندىن بېرىدىغان تازلىق ئىشچىسى بولدى. ئاپامنىڭ جاپاسىنى كۆرۈپ ئىچىم سېرىلىپ، دادامنى ئىزدەيمەن دەپ تۇرۋالغىنىمدا ئاپامنىڭ كۆز-ياشلىرى مېنى توسۇپ قويدى. بىر كۈنى مەكتەپتىن يېنىپ دەرۋازىمىز ئالىدىغا بىر مۇنچە ئادەمنىڭ توپلىشىۋالغىنىنى كۆرۈپ ھويلىغا يۈگۈرۈپ كىردىم. - ۋۇ، بۇزۇق نەچچە يىلدىن بېرى ئېرىمنى ئازدۇرۇپ، ئۆيۈمنى بۇزغىنىڭ يەتمىگەندەك، يەنە يوغان سۆزلەيسەنغۇ؟- ئاپامدىن ياشتا سەل چوڭۇراق بىر ئايال تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالغان ئاپامنىڭ چېچىدىن تۇتىۋىلىپ سۆزلەۋاتاتتى، يەنە بىر چەتتە 20ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا بىلەن ئۇنىڭدىن كىچىكىرەك بىر قىز ئاپامنى يەتكىدەك بولۇپ چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى. مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئاپامنىڭ قېيشىغا يۈگۈرەپ باردىم. - ئاپا، جېنىم ئاپا نېمە بولدىڭىز،- ئاپام بېشىنى كۆتۈرمەي يىغلاپ ئولتۇراتتى،- سىلەر زادى كىمۇ؟ نىمىشقا ئاپامنى ئۇرىسىلەر،- سورىدىم ئۇ ئايالدىن يىغلاپ تۇرۇپ. - ھە ئەسلى ھېلىقى ھارامدىن بولغان شۇم سەنكەنسەندە،- گىپىم تۈگىشىغىلا ھېلىقى 20ياشلار چامىسىدىكى بالا كەلگەندە ياقامغا ئېسىلدى. - زۇبەيدە قىزىم، سىلەردىن ئۆتۈنەي قىزىمنى قويۇپ بېرىڭلار، ئۆتۈنۈپ قالاي،- دېدى ئاپام ئۇ ئايالغا قاراپ ئېسەدەپ تۇرۇپ. - ياخشى ئاڭلاش، سەن خەقنى يەنە ئېرىمنىڭ قېشىدا كۆرۈپ قالسام بۇ يۇرىت-مەھەللىدە تۇرغىسىز قىلىۋىتىمەن، ئۇقۇشتىڭمۇ.- ئۇ ئايال ئاچچىق بىلەن غۇنداق دەپ بالىلىرىنى تارتۇقلىغىنىچە ئېلىپ چىقىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ باياتتىن بېرى ئىشىك تۇۋىدە ئويۇن كۆرۈپ تۇرغانلار بىر-بىرلەپ تارقاشتى، مەن يىغلاپ يۈرۈپ ئاپامنى يۆلەشتۇرۇپ ئۆيگە ئەكىردىم. - ئاپا ئېيتە ئۇلار كىمۇ؟ نىمىشقا سىزنى ئۇرىدۇ؟ نىمىشقا «ئېرىمدىن يىراق تۇرۇش» دەيدۇ؟-كۆڭلۈم بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولۇپ ئاپامدىن سورىدۇم. - بىلمەيمەن قىزىم، بىلمەيمەن،- ئاپام يەنىلا توختىماي يىغلاۋاتاتتى. - يالغان سۆزلىدىڭىز، چوقۇم بىلىسىز، ئۇ ئايال دادامنىڭ شەھەردىكى ئايالى، ئۇ ئىككى بالا دادامنىڭ شەھەردىكى بالىلىرى شۇنداقمۇ؟ - سىز، سىز نەدىن بىلدىڭىز؟ - ھەممە يەردە شۇ گەپ ئاپا خەق يۈزۈمدىن-يۈزۈمگە«ھارامدىن بولغان» دىيىشتى، ئاپا سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا راسىت گەپ قىلىڭ ماقۇلمۇ؟ سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي،-ئاپام مېنىڭ يىغلاپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ گىپىنى باشلىدى. داۋامى بار....
مەنبە: پىروزە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پىروزە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-21 03:58 PM
|