|
|
|
|
ئەردوغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنى گىتلېرغاسېلىشتۇردى
جۇڭگو خەۋەر تورى7-ئاينىڭ 20-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: پەلەستىن ئىسرائىيە توقۇنۇشىدا پەسىيىش ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە غەززەگە قاراتقان يەر يۈزى ھۇجۇمىنى كېڭەيتكەن. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ھۇجۇمىغا قارىتا، غەززەنى كونترول قىلىۋاتقان خاماس قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۇرۇش توختىتىشنى رەت قىلدى. پەلەستىن پرېزىدېنتى ئابباس ئۆزى مىسىر ۋە تۈركىيەگە بېرىپ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قاتناشتى، ئابباس فرانسىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خاماسنىڭ ئىتتىپاقدىشى قاتار ۋە تۈركىيەدىن تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشقا دەۋەت قىلدى، خاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىشقا نەسىھەت قىلدى. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى قاتتىپ ئەيىبلىدى، يەھۇدىيلارنى گىتلېر بىلەن سېلىشتۇردى. ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى ئوردۇ شەھىردە:«يەھۇدىيلارنىڭ ۋىجدانى يوق، ئىناۋىتى يوق، غورۇرى يوق، ئۇلار گىتلېرنى كېچە-كۈندۈز تىللايدۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ياۋايىلىقى قەبىھلىكى گىتلېردىن ئېشىپ كەتتى» دېدى.
مەزكۇر خەۋەرنى جاھان ئۈندىدار سالونى تەمىنلىدى. (ئىزدەش نامى:jahan2014)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jahan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-20 10:59 PM
|
|
|
|
|
|