2014- يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 5:00دە 2014-يىللىق جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى 15-ئايلانما مۇسابىقىسى ئوينالدى.
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى ئۈرۈمچى ئەرگۇڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا چىڭدۇ تىيەنچىڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 92-مىنۇتتا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ماھىرى جوننى توپ ئۇرۇپ چېڭدۇ تىيەنچىڭ كوماندىسىنى 1-0 بوغۇزلىدى. چىڭدۇ تىيەنچىڭ كوماندىسى مېھمان مەيدان بەش مەيدان ئۇتتۇرۇپ، ئۈچ مەيدان تەڭلەشكەن، ھازىرغىچە بولغان 14 مەيدان مۇسابىقىدە ساھىبخان مەيدان پەقەت بىر مەيدان غەلبە قىلغان، جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىدە 16-ئورۇندا تۇرىۋاتقان كوماندا.
شىنجاڭ كوماندىسى تۆت مەيدان ئۇتۇپ، بەش مەيدان تەڭلىشىپ، ئالتە مەيدان ئۇتتۇرۇپ بىرلەشمىدە 14 نومۇرغا ئېرىشىپ جۇڭگو ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە 11 ئورۇندا تۇرغان. شىنجاڭ كوماندىسىدىن 9- نومۇرلۇق چەتئەللىك ماھىر جوننى، 25-نومۇرلۇق بارى، 29-نومۇرلۇق يەھيا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى.
مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككى تەرەپنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ئاكتىپ بولدى. 4-مىنۇتتا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 9-نومۇرلۇق ھۇجۇمچىسى جوننى قارشى تەرەپ قاپقىچىسى بىلەن يەكمۇ-يەك ھالەت شەكىللەندى، ئۇنىڭ ۋارتاغا تەپكەن توپى كۈچلۈك بولمىغانلىقتىن جاڭ يىنو توسىۋالدى، توپ قولىدىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، جاڭ يىنو تېزلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇپ توپنى تۇتىۋالدى. ئارقىدىن شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقە رىتىمىنى كونترول قىلىپ ئوينىدى. چىڭدۇ كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىش ئارقىلىق ۋارتار ئالدىدا پۇرسەت كۈتتى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاياقلىشىدىغان ۋاقىتتا چىڭدۇ كوماندىسى ۋارتار ئالدىدا بىر قانچە قېتىملىق ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشتى. 44-مىنۇتتا چىڭدۇ كوماندىسىنىڭ 11-نومۇرلۇق توپچىسى جاڭ جىچاۋ توپ ئېلىپ چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ يىقىلىپ كەتتى، باش رېپىر يالغان يىقىلىش دەپ ھۆكۈم قىلدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە داۋاملىشىپ 90-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ئەرگۈڭ تەنتەربىيە مەيدانىدىكى بارلىق توپخۇمارلار 0-0 تەڭلىشىپ مۇسابىقە ئاياقلىشىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ تۇرغاندا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 7-نومۇرلۇق ماھىرى ۋان ۋېنخۇا ئوتتۇرا يولدىن توپ ئېلىپ مېڭىپ چەكلەنگەن رايونغا ئېسىپ پاس بەردى، جوننى تېزلىكتە مۇداپىئەچىدىن ئۆتۈپ توپنى ۋارتاغا قارىتىپ تەپتى، چېڭدۇ كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى جاڭ يىنو بىر پۇتىنى چىقىرىپ توسىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما توپ دومىلاپ قاپقا ئىچىگە ماڭدى، چەكلەنگەن رايون سىزىقى ئۈستىدىكى جاڭ يوڭخەي توپنى توسىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى، پەقەتلا توپنىڭ ئۆز ۋارتاسىغا كىرىپ كېتىشىگە قاراپ تۇردى. شىنجاڭ كوماندىسى 92-مىنۇتتا جوننىڭ بىر توپ كىرگۈزىشى بىلەن 1-0 نەتىجىدە رەقىبىنى بوغۇزلىدى. شىنجاڭ كوماندىسى يازلىق ئارام ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان ساھىبخان غەلبىگە ئېرىشتى. شىنجاڭ كوماندىسى تۆت مەيدان ئۇتۇپ، بەش مەيدان تەڭلىشىپ، ئالتە مەيدان ئۇتتۇرۇپ بىرلەشمىدە 17 نومۇرغا ئېرىشىپ ۋاقتىنچە دەرىجە چۈشۈش رايونىدىن قۇتۇلۇپ چىقتى. مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ساھىبخان مەيدان چېڭداۋ جۇڭنېڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالىدۇ.
|