مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1475|ئىنكاس: 2

شەرقشۇناسلىقنىڭ ئىسلامغا بولغان قارىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 02:39:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شەرقشۇناسلىقنىڭ ئىسلامغا بولغان قارىشى
پروفېسسور دوكتۇر، تالىپ ئۆزدەش/ قۇتلۇق بىلگە
تەرجىماننىڭ ئىلاۋىسى: پەخىرلىك ئالىمىمىز ئەركىن سېدىق ئەپەندىنىڭ «دىن ۋە زامانىۋىلىق» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردا دىنى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئىسلامىي نۇقتىينەزەردىن ئەمەس، شەرقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قاراپ تەھىل قىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەزكۇر ماقالە ئارقىلىق توغرا ئىشقا خاتا نۇقتىينەزەردىن چاقىرىق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن كەڭ ئوقۇمەرنلەرنىڭ شەرقسۇناسلىق ئىلمىنىڭ ماھىيىتىنى يورىتىپ بېرىدىغان تۆۋەندىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
شەرقشۇناسلىق (ئوريانتالىزىم) شەرق بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شەرققە تەۋە، شەرق مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان « شەرق» سۆزىدىن تۈرلەنگەن ئاتالغۇدۇر. كەلىمىنىڭ ئىسلام مەنبەلىرىدە ئوخشاش مەنىنى بىلدۈرىدىغان «شەرىقىات» ۋە ئوريانتالىست مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «شەرقشۇناس» كەلىمىلىرىمۇ ئوخشاش شەكىلدە «شەرق» كەلىمىسىدىن تۈرلەنگەن.
شەرقشۇناسلىقنىڭ (ئوريانتالىزىم)ئىسلامغا بولغان قارىشى ۋە مۆتىدىل ئىسلام ئېقىمى
رىم ئىپمېرىيەسى دەۋرىدە يىراق شەرق مەدەنىيىتى بىلىنمىگەنلىكى ئۈچۈن كۈنىمىزدە ئوتتۇرا شەرق سۈپتىدە بىلىنىۋاتقان رايون شەرق سۈپىتىدە بىلىنەتتى. كۈنىمىزدە شەرق، جۇغراپىيىلىك جەھەتتە تۈركىيەدىن باشلاپ ياپونىيەگىچە سوزۇلغان رايونلارنى ۋە ھەتتا ئافرىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرق (ئوريانت) تەبىرى، شەرقنى غەرب مائارىپى ۋە ئاڭ ساھەسىگە ئېلىپ كىرىشنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئاتالغۇ. يەنى شەرقشۇناسلىق (ئوريانتالىزىم)، يىراق شەرق بولۇپ شەرق جەمئىيەتلىرىنىڭ دىنى، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلىرىنىڭ غەرب مەركەزلىك ئاڭ ۋە ئىستراتېگىيىسى بىلەن باغلانغان ئاساستا تەتقىق قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ مەيدانغا كېلىشى غەرب كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مۇنداقچە قېلىپ ئېيتقاندا خىرىستىيانلىقنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن سېلىشتۇرۇلۇشىنىىڭ نەتىجىسىدۇر. ئويانتالىزىمغا (شەرقشۇناسلىق) ئىنكاس سۈپتىدە شەرقچە قاراشنى مەركەز قىلغان ئوكسىدېنتالىزىم ئاتالغۇسى تۈرلىنىپ چىققان. غەربتە شەرقنى تېما قىلغان بىلىمنى مەقسەت قىلغان ئوبيېكتىپ ۋە مۇسبەت تەتقىقاتلاردىن باشقا ئەرەبچە ۋە ئىسلام تەتقىقاتلىرى ئوتتۇرا ئەسىرىدە ئىسپانىيىدە ۋە غەرب مەركەزلىرىدە ئاساسەن دېگۈدەك مىسسئونېرلىق پائالىيەتلىرىدىن مۇستەقىل ھالدا ئېلىپ بېرىلمىغان. ئوتتۇرا ئەسىردە چېركاۋ، ياۋروپانىڭ نوپۇزلۇق ئۇنۋېرسىتېتلىرىنى شەرق مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا ۋە شەرق تىللىرىنى ئوقۇتۇشقا تەشۋىق قىلغان. 1709- يىلى فرانسىيە ئىنستىتۇتىدا ئەرەبچە ئوقۇتقۇچىسى گاللاندنىڭ 1704- يىلى قۇرئان كەرىمنى فرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىشىدىن باشقا مىڭ بىر كېچە مەسەللىرىنىمۇ تەرجىمە قىلىشى بىلەن شەرققە بولغان قىزىقىش تېخىمۇ ئاشقان. مىسىرنىڭ 1798- يىلى فرانسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىشى شەرقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. ئارقىدىن 1830- يىلى ئالجىرىيىنى بېسىۋېلىشى، ئافرىقا قىتئەسىنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا كېڭەيگەن مۇستەملىكلەر شەرقشۇناسلىق ساھەسىگە بولغان قىزىقىشنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن. ماراكەش، تۇنىس قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاش ئەھۋال مەيدانغا كەلگەن. نەتىجىدە مۇستەملىكىچىلىك فرانسۇز شەرقشۇناسلىقىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرگەن. شەرقشۇناسلىق ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش بىر نام ئاستىدا ئىپادىلىنىشى 19- ئەسىرىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئۇچرايدۇ. فرانسىيىدە « شەرقشۇناسلىق» ئاتالغۇسى تۇنجى قېتىم 1799- يىلى ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، فرانسىيە تىل تەتقىقات ئاكادېميىسى مەزكۇر ئاتالغۇنى 1835- يىلى كۈنىمىزدە بىلدۈرگەن مەنىسىگە ئوخشاش قوبۇل قىلغان. مىسسئونېرلىك پائالىيەتلىرى ۋە مۇستەملىكە نىشانلىرىغا چېتىشلىق ھالدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى 19- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىن ئېتىبارەن 20- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا يۇقىرى پەللىگە چىققان. شەرقشۇناسلىق، سانائەت كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىي قىلىش ئىدىيىسى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن، ئامېرىكىلىق ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ شەرق تەتقىقاتلىرىغا ئېنىقلىما بېرىشتە ئىشلىتىلگەن. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەرقشۇناسلىق ئاتالغۇسى، مەرىپەت ئويغىنىش ئېقىمىدىن كېيىن غەربلىك ئاق تەنلىكلەرنىڭ شەرق جەمئىيەتلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى نېرىقىلاشتۇرۇش،ئۆزگىلەشتۈرۈش، تۆۋەن كۆرۈش ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پوزىتسىيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشلىرىغا ۋە باھالىرىغا ئىشارەت قىلىدۇ. شەرقشۇناسلىق ئاتالغۇسىنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نۇقتىئىنەزەر ياكى قاراشقا مۇناسىۋەتلىك ھالدا سەلبىي مەنىدە ئەسەرلىرىدە، بولۇپمۇ « شەرقشۇناسلىق» ناملىق كىتابىدا (1978) ئىشلەتكەن كىشى ئېدۋارد سايىد ئىدى. بېرنارد لېۋىس قاتارلىق بىر قىسىم غەربلىك تەتقىقاتچىلار ئېدۋارد سايىد تەرىپىدىن شەرقشۇناسلىق ئاتالغۇسىغا بەرگەن سەلبىي مەنىسىنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، كۆپلىگەن ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى ئېدۋارد سايىدنىڭ قارىشىغا قوشۇلماقتا. سايىد شەرقشۇناسلىقنى ئاكادېمىك بىلىم، تەتقىقات مېتودى ۋە قانۇنىي بىر ئورگان سۈپتىدە پەرقلىق ئۈچ نۇقتىدا ئىزاھلايدۇ. سايىد، شەرق جەمئىيەتلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرىگە ئائىت مەلۇمات ۋە چۈشەنچە بىلەن مۇستەملىكچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ۋە تارىخىي مۇناسىۋەت ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ. شەرقشۇناسلىق، ئېقىم سۈپتىدە غەربكە قارشى «ئۆزگىلەرنى»، يەنى شەرقنى يارىتىپ چىقىدۇ. بۇ ئايرىمدا شەرق يالغۇز ئىسلام دۇنياسىدىن ئىبارەت بولماستىن جۇڭگو، ھىندىستان، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوشۇلۇپ غەرب تەرىپىدىن چەتلەشتۈرۈلۈپ ئوخشاش تۈردە كۆرۈلگەن بارلىق كۈلتۈر ۋە مىللەتلەر ئورۇن ئالغان بىر دائىرىنى ئىپادە قىلىدۇ. غەرب، بۇ زېتلىقنىڭ ئىمتىيازلىق ۋە ھاكىم قۇتۇبى سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ قۇتۇپلىششىتا غەرب، ئىلگىرىلەشكە يەنى تەرەققىياتقا، شەرق بولسا قالاقلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
يېقىنقى ئىككى ئەسىر ئىچىدىكى شەرق - غەرب مۇناسىۋەتلىرىدە مىسسئونېرلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكەتلىرى كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تەسىر پەيدا قىلغان. شەرقشۇناسلىق مۇستەملىكىچىلىك ۋە مىسسئونېرلىك پائالىيەتلىرىنى مۇھىم ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن. شەرقشۇناسلىق ئىلمىي غەربنىڭ ئىشغالىيەت ۋە مۇستەملىكە سىياسىتى يولغا قويۇلغان يەرلەردە بىر تەرەپتىن يەرلىك ئىنسانلارنى خىرىستىيانلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ رايونلارنىڭ دىنى، مەدەنىيەت، ئېتنىك ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى تونۇش ئۈچۈن مۇھىم تەتقىقاتلار ۋۇجۇدقا چىقارغان. بۇ رايونلاردا شەرقشۇناسلىق - چېركاۋ مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلغان. چۈنكى مىسسىئونېرلىك پائالىيەتلىرى مۇستەملىكچىلەردىن كېلىدىغان ياردەمگە ئېھتىياجى تۇغۇلۇشتىن باشقا، شەرقشۇناسلاردىن كېلىدىغان مەلۇمات ۋە ياردەمگىمۇ ئېھتىياجى تۇغۇلغان. ئىران ئىنقىلابى، ئەرەب- ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە پەلەستىن مەسىلىسى، لىۋىيىدىكى ئىچكى توقۇنۇش، چېچىنىستان، بالقانلار، پەلەستىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەقەلەر، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئىراق ئىشغالىيىتى، سۇدان، سومالى، نېگىرىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا كۈنىمىزدىكى شەرقشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات قىلىش دائىرىسى ئۆزگەرگەن، تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ھەققىدە غەربتە كۆپلىگەن ئەسەر نەشىر قىلىنغان. كۆپىنچە ھاللاردا بۇ ئەسەرلەردە ھەقىقەتلەر بۇرمىلىنىپ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا نۇرغۇنلىغان بۆھتانلار چاپلانغان.
دۇنيا مېدىياسىدا ئىسلامنىڭ مۇقەددەس قىممەت ئۆلچەملىرى مەسخىرە قىلىنغان پروگروممىلارغا ئورۇن بېرىلمەكتە. تارىختا ئەھلى سەلىپ سەپەرلىرىدە ئېلىپ بېرلغىنىغا ئوخشاش، شەيتانلاشتۇرۇلۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىنىۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئارقىلىق ئىسلامنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش ياكى قورقۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلۈشكە ھەرىكەت قىلىنماقتا. شەرقشۇناسلىق، غەرب ۋە ئىسلام دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئېقىمدۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شەرقشۇناسلىق خرىستىيان غەرب دۇنياسى بىلەن مۇسۇلمان شەرق دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى دىنى ۋە ئىدېئولوگىيىلىك توقۇنۇشنىڭ تارىخىي سۈپىتىدىمۇ ئانالىز قىلىنىدۇ. شەرقشۇناسلىقنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غەرب دۇنياسىغا تەھدىتنى ۋە خەۋپىنى يوق قىلىش مەقسەت قىلىنغان. غەربلىكلەرنىڭ شەرقلىقلەرگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ شەكىللىنىشىدە، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا بولغان ئىدىيە ۋە ئوبرازلارنىڭ يارىتىلىشىدا شەرقشۇناسلار مۇھىم رول ئوينىغان. شەرقشۇناسلىقتا ئىسلامىيەت ئىلمىنى تەرەققىياتنى چەكلەيدىغان قالاق بىر دىن ، مۇسۇلمانلار بولسا مەدەنىيەتسىز كۆرسىتىلگەن. فرانسىيە ئاكادېميىسى ئەزالىرىدىن ئېرنست رېنان 1883- يىلى « ئىسلام ۋە بىلىم » تېمىلىق ماقالىسىدا ئىسلامنىڭ بىلىمگە ۋە تەرەققىياتقا قارشى بىر دىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شەرقشۇناسلارنىڭ بارلىق تەتقىقاتلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرى بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىش، قۇرئاننىڭ چىنلىقىغا داغ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ ۋەھىي ئىكەنلىكىگە دائىر ئېتىقادنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، قۇرئاندىن كېيىن ئىسلامنىڭ ئىككىنچى پايدىلىنىش مەنبەسىنى تەشكىل قىلغان سۈننەت ۋە ھەدىسلەرنى، مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە شەكىللەنگەن ئىسلامىي بىلىم ۋە پەنلەرنى ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە ھېچبىر سۈننەت ياكى ھەدىس قالدۇرۇپ كەتمىگەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامدىن كېيىن تۇنجى ئىسلام جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن سۈننەتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بولماستىن قۇرئان ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئەرەب ئۆرپ ئادەتلىرى، دېگەن شەكلىدە تارقىتىشقا ئۇرۇنغان ياكى ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. يېقىنى مەزگىللەردە ئىسلامنى پروتېستانلىققا (پروتېستانت دىنى) ئۆزگەرتىشكە ۋە سېكۇلەر (دىندىن خالى) تۈسىنى ئالغان بىر ئىسلامنى بەرپا قىلىش مەقسىتىگە پاراللىل ھالدا قۇرئاننىڭ مۇئەييەن ۋاقىتقا تەۋە ئىكەنلىكى، كۈنىمىزدىكى جەمئىيەتلەرگە ۋە دەۋىرگە خىتاب قىلالمايدىغانلىقى، قۇرئاندىكى ئايەت ۋە ھۆكۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش زېمىنىنىڭ ياكى شارائىتىنىڭ يوقلىقى ۋە بۇلارنىڭ دىننىڭ ئۆزى ئەمەسلىكى دېگەندەك قاراشلارنى تەرغىپ قىلىۋاتقانلارنىڭ نىيىتىمۇ قەتئىي پەرقلەنمەيدۇ. پۈتۈن بۇ ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا، مۇستەملىكچى سىياسەتلەرنىڭ دائىرىسىدە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسلىرىنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلۇشى، مۇسۇلمان جامائىتىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنىڭ يوق قىلىنىشى ياتىدۇ. ئوسمانلىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىن ئېتىبارەن بۇ خىلدىكى قاراشلار ۋە ئېقىملار بىر قىسىم ئوسمانلى ۋە مۇسۇلمان زىيالىلىرىغا ئىنتايىن تەسىر كۆرسەتكەن. ئىتائەت ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئىدىيىلىرى ۋە پائالىيەتلىرىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. بۇ خىلدىكى ئېقىملارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋاسىتىلىك يوللار ئارقىلىق ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار نىشانغا ئېلىنغان.
مەلۇم بىر دىننىڭ ئىنسان ۋە جەمئىيەت تەرىپىدىن ئىتىقاد قىلىنىپ چۈشۈنۈلىشىدە، ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىق قىلىنىشىدا، ئەنئەنە ۋە ئورگانلارنىڭ شەكىللىنىشىدە تەڭشەش ۋە يېڭىلىنىشنى تەقەززار قىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بولۇشى نورمال بىر ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ تارىختا پەيغەمبەرلەر ۋاسىتىسى بىلەن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن ۋەھىيلىرى بىلەن، بۇ دائىرىدە قۇرئان ۋە ۋەھىيگە ئىمان ئېيتقان، چۈشەنگەن ۋە تەدبىق قىلغان رېئاللىقتىكى جەمئىيەت ئوخشاش ئەمەس، يەنى ئىسلام بىلەن مۇسۇلمان ئوخشاش بىر نەرسە ئەمەستۇر. ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ ماھىيتىىدە بىرەر مەسىلە، تەبىئىتىدە نامۇۋاپىقلىق ۋە قۇرئانى كەرىمىدە باتىللىق مەۋجۇت ئەمەس تۇرۇپ، مۇسۇلمان شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ دىن چۈشەنچىسىدە، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ شەكىللەنگەن ئەنئەنە ۋە ئورگانلاردا بىر قاتار ئامىللارنىڭ قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە تەڭشىلىشى ۋە تۈزىتىلىشى تىگىشلىك بولغان بەزى نۇقتىلار ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. ئىسلاھ قىلىنىشى تىگىشلىك بولغان بۇ نۇقتىلارنىڭ دىنى ئاساسلارغا، ئۆز ماھىيىتىگە زىيان بەرمەستىن ئىسلاھ قىلىنىشى، خاتالىقلارنىڭ تۈزىتىلىشى تامامەن مۇمكىندۇر. ئىسلام ماھىيىتى نۇقتىسىدىن بۇ خىلدىكى مۆتىدىلىققا، دىنامىكلىققا ۋە بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغان مېخانىزملارغا ئىگە. مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، ئىسلامنىڭ بەزى شەرقشۇناس ۋە مىسسئونېرلارنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن قاراشلىرىدا تەكىتلىنىگىندەك ئىسلاھ قىلىنىشقا پەقەتلا ئېھتىياجى يوق. بىراق دىنى چۈشەنچە ۋە ئىدىيە يېڭىلانسا ۋە ئىسلاھ قىلىنسا بولىدۇ، يەنى مۇشۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك. قۇرئان مۆجىزىۋىلىكى، چىنلىقى، دۇنياۋى جەھەتتە ماھىيەتكە مۇۋاپىق ھالدا ئىنسان ۋە جەمئىيەتنى ھەر جەھەتتىن تولۇق يورۇتۇپ بېرىپ ئىنسانىيەتنى ھىدايەتكە چاقىرىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ھۆكۈملىرىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى، ئىناۋەتسىزلىكىنى ۋە تارىخقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى نىشان قىلغان بارلىق نەزەرىيە ۋە ئېقىملارنى چۈرۈتۈپ تاشلاشتەك ماھىيەتكە ئىگە. دەرۋەقە، ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەندىن كۈندىن تارتىپ ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن، نىشانغا ئېلىنغان، بەس - مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندۇرۇلغان قۇرئان، كۈنىمىزدىمۇ ئۈستىدە ئەڭ كۆپ بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، باھا ۋە ئانالىزلار ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بىر تېما سۈپىتىدە دۇنيا كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالماقتا. شەرقشۇناسلىقنىڭ « قۇرئاننىڭلا ئىسلامىلىقى» نامى ئاستىدا بىر ئاتالغۇ ئىجاد قىلىپ چىقىپ دىننىڭ قۇرئاندىن قالسىلا ئىككىنچى دەرىجىلىك مەنبەسىنى تەشكىل قىلىدىغان سۈننەت ۋە ھەدىسلەر ھەققىدە گۇمان ۋە شۈبھە پەيدا قىلىشنى نىشان قىلىشى، قۇرئاننىڭ ۋە دىنىنىڭ توغرا بىر شەكىلدە چۈشۈنۈلۈپ ئانالىز قىلىنىشىدا سۈننەت ۋە ھەدىسلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشتەك قىلمىشى، ھىندىستان ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مودېرنىزم ئىدىيىلىرىنى تەرغىپ قىلىشى قاتارلىقلار، يەنىلا بۇ ئېقىم ۋە ئىدىيىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولمايدىغانلىقىغا، شەرقشۇناسلىقنىڭ تەسىرى ئاستىدا شەكىللەنگەن ئىدىيە ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە كېلىپ قېلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. ئەسلىدە ۋەھىي چۈشكەندىن ئېتىبارەن ئىسلامنىڭ تەبلىغ قىلىنىپ ئۆگىنىلىشى ۋە تۇرمۇشقا تەدبىق قىلىنىشىدا تەپسىر، فىقىھ،  كالام، تەسەۋۋۇپ قاتارلىق ئىلىم ساھەلىرىنىڭ، ئىسلامىي ئەنئەنە ۋە ئورگانلارنىڭ شەكىللىنىشىدە قۇرئان - سۈننەت ۋە ھەدىسلەر ئوتتۇرىسىدا بەدەن ۋە روھقا ئوخشاش پارچىلانمايدىغان بىر باغلىنىشلىق ۋە بىر پۈتۈنلۈك مەۋجۇت. بۇ باغلىنىشلىق ۋە تەۋھىد بىرلىكى، بۇلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان بارلىق ئۇرۇنۇشلارنى يوققا چىقىرالايدىغان بىر ماھىيەتكە ئىگە. بۇنداق بولۇشى، ھەرگىزمۇ سۈننەتنىڭ ئاغزاكى شەكلى بولغان ھەدىسلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بىر قاتار تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر قاتارلىق شەرت - شارائىتلار ئىچىدە شەكىللەنگەن ئىسلامىي ئىلىملەرنىڭ، ئەنئەنە ۋە ئورگانلارنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلمەيدىغانلىقى، بۇلار ئۈستىدە قايتىدىن باھالار بېرىلمەيدىغانلىقى، تەنقىدىي پوزىتسىيە ۋە ئانالىزلار بىلەن تېخىمۇ بېيىتىشقا تېما بولمايدىغانلىقى مەنىسىگە كەلمەيدۇ. ھېكمەت ئىزىدىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى تىگىشلىك بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئىلىم جۇغلانمىلىرىغا ۋە دۇنياۋى تەجرىبىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشلىرى ئەسلىدە دىن تەشۋىق قىلىدىغان ئەھۋال. بىراق بۇ ئەھۋال، پەرقلىق تەجرىبىلەرنى ۋە ئىلىم جۇغلانملىرىنى ئۆز مەدەنىيەت دائىرىسىدە تۇرۇپ قوبۇل قىلىش، مەدەنىيەت ئاساسلىرىنى چىقىش قىلغان ئاساستا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. دەرۋەقە، بىر زامانلاردا ئېندۇلۇس، ئىستانبۇل ۋە باغدات قاتارلىق مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان غەربلىكلەر بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم ۋە مەدەنىيەت خەزىنىسىدىن پايدىلىنىشتا ئۆز مەدەنىيەت دائىرىسىدە تۇرۇپ ئىسلاھ قىلىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. تولىمۇ ئەپسۇسكى، غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشقان ئوسمانلى زىيالىيلىرى، مەغلۇبىيەت پىسخىكىسىنىڭ تەسىرى قوشۇلۇپ غەربلىكەردەك مۇشۇنداق بىر ئىسلاھاتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان. ئەسلى مەنبەلىرىدىن ئۇزاقلىشىپ زور دەرىجىدە تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئېڭىنى يوقىتىپ قويغان.
ئىنسان ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن پىكىر قىلىدىغان مەخلۇتتۇر. شۇڭا ھەر قانداق بىر كۈلتۈر مۇھىتىدىكى ئىنسان ياكى جەمئىيەتنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ياكى ئىسلاھ قىلىنىشى، يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ياكى مەۋجۇت ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنىڭ مۇئەييەن بىر مەقسەتكە ئاساسەن قايتىدىن تەڭشىلىپ لايىھىلىنىشى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنى ئۆزىنىڭ نىشان ۋە سىياسەتلىرىگە ماس ھالدا ئۆزگەرتىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان شەرقشۇناسلىق ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئېقىملار ۋە بىر قاتار « مەركەزلىرى » دەل بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىدۇ. ئىسلامنىڭ مەنبەسى ھەممىگە مەلۇم. قۇرئان ئسىلامى، ئەرەب ئىسلامى، تۈرك ئىسلامى، سۈنئىي ئىسلامى قاتارلىق ئاتالغۇلار مۇسۇلمان جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئېڭىغا ھۆكۈمران بولۇشىنى، مەۋجۇت ئاتالغۇلارنى ئەسلى مەنبەسىدىن بۇرمىلاپ ئۇنى ئۆزگەرتىش مەقسىتىدە ئىجاد قىلىنغان ئاتالغۇلاردۇر. ئىمان، ئىبادەت، ئەخلاق، مۇئامىلە ۋە قانۇن ساھەلىرىدە بېكىتكەن پىرىنسىپ ۋە ھۆكۈملەر بىلەن ئىنسان ۋە جەمئىيەت ھاياتىنى تەۋھىد پۈتۈنلۈكى ئارقىلىق ھەر جەھەتتىن قورشاۋغا ئالغان، گەرچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىدىغان مەسىلىلەر بولسىمۇ، مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بويىچە ئۈستىدە ئىتتىپاقلىق ھالىتىدە ۋە ئىزچىل ئەمەل قىلىشقا ۋە ھاياتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن ئىسلامنى « ئەرەب ئىسلامى»، ھەتتا تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇپ « ئەمەۋى ئىسلامى» دەپ ئاتاشقا ئۇرۇنۇشلار، دەل بىر ئاز بۇرۇن تىلغا ئۆتۈلگەن « مەركەزلەرنىڭ» تەسىرىدە ئاستىدا شەكىللەنگەن.
بۇ خىلدىكى ئېقىملارنىڭ، مىللەتنىڭ ۋە كۈلتۈرنىڭ شەكىللىنىشىدە دىن ئورنىغا ئېتنىك قۇرۇلمىنى ۋە تىلنى مەركەز قىلغان، دىننى ئۆرپ - ئادەت ۋە فولكلورلۇق ئامىل، دەپ قارايدىغان، ئىسلامنىڭ مەدەنىيەت لايىھلىرىنى، ئۈممەت روھىنى يوقىتىپ قويغان مىللەتچى قاتلاملاردا بازىرى چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز.
« مۆتىدىل ئىسلام » پىكىرىمۇ، شەرقشۇناسلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچى گۇرۇپپىلار ۋە بەزى « چوڭ مەركەزلەر» ۋاستىسى بىلەن ئىجاد قىلىنغان ئاتالغۇلار تىزمىسى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئىسلام ماھىيىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە رادىكاللىقنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدۇ، مۇبالىغە قىلىشتىن ۋە يۈزەكى قاراشتىن خالىي تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مۇسۇلمانلارنى ئوتتۇرا (مۆتىدىل، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ تۇرالايدىغان) ۋە ياراملىق بىر ئۈممەت \ مىللەت بولۇشقا تەشۋىق قىلىدۇ. ئىسلامنىڭ ماھىيىتى ئاساس قىلىنغاندا، مەزكۇر ئاتالغۇنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئاساسسىز ۋە سىياسىي غەرەزنى چىقىش قىلغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس. مۆتىدىل ئىسلام لايىھىسى، 1990- يىللاردىن كېيىن بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن دۇنيانىڭ قايتىدىن شەكللەندۈرۈلۈشىگە قارىتىلغان خىزمەتلەرگىچە سوزۇلسىمۇ، ئەسلىدە مەزكۇر لايىھىنىڭ ئىسمى قويۇلمىغان ھالەتتە خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سوزۇلغانلىقىنى قوبۇل قىلىش لازىم. مۇسۇلمانلارنىڭ مەدەنىيەت لايىھلىرىنىڭ ۋە كېلەچەككە دائىر قاراشلىرىنىڭ يوق قىلىنىشى، زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىكەرگە قارشى تۇرۇش ۋە ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئىگە بولغان دۇنيا قارىشىنىڭ ۋە تەسەۋۇرلىرىنىڭ زەئىپلىشىشى دەل مۆتىدىل ئىسلام لايىھىسى بىلەن بىۋاستە چېتىشلىق. مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھەمكارلىشىش زېمىنىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئۈممەت روھىنىڭ يوق قىلىنىشى، ئىسلامنىڭ ئېتنىك قۇرۇلمىنى ۋە تىلنى ئاساس قىلغان مىللەتچى ۋە سېكۈلەر (دىندىن خالى) مەنتىق زېمىنىدا دۇنيادىن ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىن خالىي ھالدا چۈشۈنۈلۈپ ھاياتقا ئەمىلىيلىشىنى نىشان قىلغان لايىكلىق (دىندىن خالىلىق) ئىدىيىسىنىڭ ھۆكۈمران بولۇشى بولسا غەربنىڭ ۋە شەرقشۇناسلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچى مەركەزلەرنىڭ ۋە مۆتىدىل ئىسلام لايىھىسنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانىدۇر. سامۇئىل خانتىڭتۇننىڭ « مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» نەزىرىيىسى ۋە 11- سېنتەبىر ۋەقەسى ۋە كېيىنكى چوڭ ۋەقەلەر ئاساس قىلىنىپ، بىر ئىسلام تېررورىزمى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇلغان. دۇنيانىڭ قايتىدىن شەكىللىنىشىدە مۇسۇلمانلار تېررورىزم بىلەن تامغىلىنىپ نىشان ئوبيېكتىغا ئايلانغان. بىر زامانلار ساددام ھۈسەيننى ۋە ئافغانىستاندا رۇسىيىگە قارشى كۈرەش قىلغان كۈچلەرنى قوللىغان غەرب ۋە ئامېرىكا، سىياسىتى ۋە نىشانىنىڭ تەقەزارسىغا ئاساسەن بۇ كۈچلەرنى جىنايەتچى، دەپ ئەيىبلەپ نىشان ئوبىيېكتى ئېلان قىلىپ ئىشغالىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى. قۇتراتقۇلۇق، زوراۋانلىق ۋە ئىشغالىيەتلەر بىلەن بىر تەرەپتىن تېررورىزىمنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىپ شەيتانلاشتۇرۇلۇشقا ئۇرۇنۇلغان بىر ئىسلام، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە ۋە مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقىلىق ئاتالمىش رادىكال ئىسلامغا قارشى بەرپا قىلىنىشقا ئۇرۇنۇلغان مۆتىدىل ئىسلام لايىھىسىدۇر.
يازغۇچى: پروفېسسور دوكتۇر، تالىپ ئۆزدەش، 2009- يىلى 11- ئاۋغۇست
پايدىلانمىلار
1. ئەھمەت كاۋاس، « ئۆتمۈشتىن كۈنىمىزگىچە فرانسۇز شەرقشۇناسلىقى ۋە قۇرۇلۇشلىرى»، دىنىي ئىشلار باشقارمىسى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2003
2. ئېدۋارد سايىد، « شەرقشۇناسلىق»، تەرجىمە قىلغۇچى: نەزىھ ئۇزەل، ئىرفان نەشرىياتى، ئىستانبۇل 1995
3. مەھمۇت مۇتمان، « شەرقشۇناسلىقنىڭ سايىسىدا: غەربكە قارشى ئىسلام»، ئىلەتىشىم نەشرىياتى، ئىستانبۇل 1996
4. رەجەپ شەنتۈرك، « شەرقشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەن نەزىرىيىسى» دىنىي ئىشلار باشقارمىسى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2003
5. مەھمەت دوغان، « غەربلىشىش: مەغلۇبىيەت ئىدېئولوگىيىسى»، 2008
مەنبە:ئاقھون تەرجىمىسى
www.koklem.biz

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 06:21:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس يازماقچى بولغانلارنىڭ ماقالىنى تولۇق ئوقۇپ ،مەيدانى ئىنىق ھالەتتە ئەقىلگە تايىنىپ ئىنكاس يىزىشىنى،قالايمىقان قۇرۇق ھاياجان شۇئارلارنى توۋلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن ، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوقۇغىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-20 07:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104740
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 939
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2014-3-12
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 05:40:40 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تەرجىمە    مەن تەرجىمىدىن سۆيۈندۈم
.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش