  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					 
 شەپەرەڭلەر قەلئەيىمگە شاھ ، 
ئۇۋا سالدىم چۆل جەزىر تاشقا . 
سۆيگۈ ھارۋام شوپۇرسىز قالغاچ، 
تۇرمۇش گېنرال قىينايدۇ يارغا . 
  سۈزۈك ئاسمان ئېتەكلىرىدە  ، 
تېنەپ يۈردۈم كاككۇك ئاتالدىم . 
نەپەس بولغاچ سېغىنىشلىق گاز ، 
ئۆز يۈركۈمگە مىخ بوپ قادالدىم. 
  جىمجىت كېچە گۈللۈكلىرىدە ، 
يىلتىز تارتسام يارچۈن ئەبەدىل . 
شەبنەم كەبى تامساڭ لېۋىمگە ، 
يەملىنەتتى يېرىلغان بۇ دىل . 
  نەۋ باھارنىڭ چېچەكلىرىدە ، 
ئوراي نىگار ساڭا ئاق لىباس . 
پىلانلارغا بېسىپ بەر تامغا ، 
چىن يۈرەكتىن سۇندۇم ئىلتىماس. 
  ھەر بىر كۈتۈش بىر سالام خەتتۇر، 
سۆيۈش ،ئەسلەش قەغەزدۇر قەلەم . 
ھەر بىر نەپەس بىر كۆڭۈل ئىزھار ، 
نەپەسلەرگە قوشۇل ئەي سەنەم . 
  باغراش كاككۇكى ! 
2014.07.20 
گۈزەل دىيار- باغراش       
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |