ئادەتتىكى ئەزا
شەھەرگە قايتىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم.ئاپتوبوس نۇرغۇن ئەگرى-بۈگرى تاغ يوللىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ،داۋانغا ياماشتى.دەل شۇ چاغدا شوپۇر ئۇستام يولۇچىلارنىڭ زېرىكىپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتتىمۇ،ئاپتوبوس ئىچىگە ئەپچىلگىنە جايلاشتۇرۇلغان ئاپاراتىنى ئاچتى.قويۇلغان پىلاستىنكا شىاڭگاڭنىڭ تېلىۋىزىيە فىلىمى بولۇپ،خەنزۇ تىلىدا ئىدى.«ئۇيغۇرچە پىلاستىنكا قويسىچۇ؟» دىدىم ئىچىمدە،ئەمما يولۇچىلارنىڭ كۆپى خەنزۇ يولداشلار بولغاچقا بۇ سۆزنى ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم. بىر ھازادىن كېيىن ئەتراپىمغا قارىسام بىر نەچچە ياش يىگىتتىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.«بۇلار ئەجەپ بۇ فىلىمنى كۆرمەپتىغۇ» دىيىشتۇق بىر نەچچىمىز ئەجەپلىنىپ ۋە شوپۇردىن ئۇيغۇرچە پىلاستىنكا قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈندۇق.«ۋاي خۇدا ئەمدى مۇقام قويدىغۇ بۇلار،ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ»دىدى يېنىمدا ئولتۇرغان يىگىت غۇدۇراپ،مەن ئۇنىڭ سۆزىگە مىيىغىمدىلا كۈلۈپ قويدۇم،،چۈنكى پىلاستىنكا ئالماشقاندا يۈز بەرگەن ئىشلار مېنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.بىر يۈرۈش مۇقام مۇزىكىلىرى باشلىنىش بىلەنلا بايا مۈگدەپ ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى قەددىنى رۇسلاپ، كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئېكرانغا تىكىلىپ قاراشتى.« بۇلار بۇ مۇزىكىنى چۈشىنەمدىغاندۇ؟»دەپ ئويلاپ قالدىم.مۇقام مۇزىكىلىرىدىن كېيىن ياش ناخشىچى شىرئەلىنىڭ«گۈزەلىم» دىگەن ناخشىسى بىلەن تەڭ تىمتاسلىققا چۆمگەن ئاپتوبوس ئىچىدىن«ئەستا، خۇدايا» دىگەن بوش ئاۋاز ئاڭلاندى.مەن ئىتتىك ئارقامغا بۇرۇلۇپ 50 ياشلار چامىسىدىكى يۈزلىرىنى قورۇق باسقان چېقىر كۆز يولداشقا قارىدىم.ئۇ مېنىڭ قاراپ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ ،«نىمە ھەيران بولىۋاتامسىز سىڭلىم؟-دىدى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەپ،-قاراڭ ئۇلارغا نىمىشقا شۇنداق كىيىنىپ ،غەلىتە ئۇسۇللارنى ئوينايدۇ؟ مەن كىچىگىمدىنلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولغان.ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە سەنئەت،مەدىنىيىتىنى ياخشى كۆرىمەن.بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەنجىگاھ،ناۋا دىگەندەك مۇقاملىرىنى شۇنداق بېرىلىپ ئاڭلايمەن.ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۇششاق ئۆرۈلگەن چاچلىرى ئۈستىگە ئەپچىل قوندۇرىۋالغان دوپپىسى ۋە چىرايلىق ئەتلەس كۆينەك ئاستىدىكى ئەۋرىشىم،زىلۋا قامىتى تولىمۇ چىرايلىق.ئۇلار مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن ھەرقانداق مىللەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نىمە ئۈچۈن غەيرى مىللەتلەرنىڭ كىيىنىشى ۋە ئۇسۇلىنى دورايدۇ، ئەجىبا ئۇلار ئۆزلىرىدىكى ئاشۇ ئارتۇقچىلىقلارنى ھىس قىلمامدىغاندۇ؟» دىدى ئېغىر ئۇھسىنىپ،«ئۇلار يېڭى ھەۋەسكارلار بولسا كېرەك» دىدىممەن ئىزاھات بېرىپ،ئەمما دەماللىققا ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە بەرگەن جاۋابىمدىن ئۆزۈممۇ خىجىللىق ھىس قىلدىم،شۇ تاپتا ئېكراندا بەدىنىنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك ئوچۇق قويۇپ قۇيۇندەك پىرقىراۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىمىزغا قاراپ كۈلىۋاتقان يولۇچىلار ماڭا خۇددى مېنى مازاق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ،چوغ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالغاندەك بىئارام بولۇپ ئولتۇرالمايلا قالدىم ھەمدە بۇ سۆزلەر مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.
مەنمۇ بىر ئۇيغۇر مەنمۇ بىزنىڭ ئۇسۇللىرىمىزنى ۋە مۇزىكىلىىرمىزنى ياخشى كۆرىمەن.رەيھان ئابلىز،تۇرسۇناي ھەدىمىز قاتارلىقلارنىڭ ئۇسۇلىنى،پاشا ئىشان ئاپپاي، ئابلىز شاكىر قاتارلىق پىشقەدەملىرىمىزنىڭ،ئۆمەرجان ئالىم،ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىق سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ناخشىلىرىنى سۆيۈپ ئاڭلايمەن.شۇ تاپتا مېنىڭ سەنئەتنى سۆيىدىغان ۋە سەنئەتكە قىزىقىدىغان بىر قىسىم ھەۋەسكارلارغا شۇنداق دىگۈم كېلىۋاتىدۇ.
پاش قىلىش
مەستانە ئـــەزا
دائىملىق ئــەزا
تىرىشچان ئەزا
99sahrayi99 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 12:55 PM دەل شۇنداق، بىز ئۆزىمىزنى تۇنۇشىمىز لازىم. مەن تېخى بۇ ...
شۈكىرى ئاللاھ
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ