مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1479|ئىنكاس: 9

ھىكايە-ئىسپىرتلانغان ئادەم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 01:29:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسپىرتلانغان ئادەم

كامىل توختى(چىۋىق)

(ھىكايە)     

       كەچتە ئولتۇرۇش باركەن،دىگەن دەبدەبىلىك ئۈقتۇرۇشنى ئاڭلاپلا خوشھال بولماي ئەكسىچە،بېشىمغا ئالەمچە چوڭ غەم چۇشتى.يەنە شۇ ئىچىدىغان گەپقۇ، دىدىم ئاچچىق بىلەن ئۆزەمگە.

      ئىشتىن چۇشتۇم.پۇتۇن ئەس-خىيالىم شۇ بولغۇسى ئولتۇرۇشتا.«ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەممۇ»دىگەندەك ھەر خىل خىيالنى قىلىمەن.ئامال بار بارماسلىقنىڭ قازىنىنى ئاسقۇم كېلىدۇ.بارمىسام قانداق بولار؟ باشلىق مېنى بارمىدى،مېنى قوللىمىدى،دەپ چوڭ قالپاق كەيگۇزەرمۇ؟ماڭا كىيىن سول كۆزىدە قارارمۇ؟...باشلىقنىڭ ئاچچىقى كەلگەن چىرايى كۆز ئالدىمغا كىلىپ تىنىم شۇركىنىپ,بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ،يۇرەكلىرىم دۇپۇلدەپ كەتتى.

      ئۆيگە كىرسەم،ئايالىم بار ئىكەن.ئۇ تەلىيىمگە لەغمەن ئەتكىلى تۇرۇپتۇ.لەغمەن يىسەم ھاراق خېلى سىڭەتتى.ئۇ مېنى كۇرۇپلا:

-ۋۇي،چىرايىڭىز ھەجەپ ئىشىك قىسىۋالغاندەك  بۇلۇپ قاپتىغۇ؟-دىدى ھەيران بولغان ھالدا چاخچاق قىلىپ.

     -نىمە ئىش بولاتتى.كەچتە ئىدارىنىڭ ئولتۇرۇش قىلىدىكەنمىز.

      گىپىمنىڭ ئايىقى چىقا-چىقمايلا ئايالىم كايىپلا كەتتى:

-بارماڭ،بارماڭ.ھەرقېتىم كاللىڭىز قاپاق كېلىسىز.ئۆزىڭىز ئاۋارە بولغاننى ئاز دەپ،بىزگە بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىق سېلىپ بېرىسىز. ئۆيگە كەلسە-كەلمەس ياندۇرۇپ،نەچچە ھەپتىگىچە سېسىق پۇراق كەتمىگەن.ئەتىسى يا قوپالمىغان. شەنبە-يەكشەنبە ھەممىمىزگە ئارامچىلىق يوق. بالىمۇ قورقۇپ كېتىدىكەن،نىمە سەتچىلىك شۇ بالىنىڭ ئالدىدا. ئىچالمىغاندىكىن بارمايلا قۇيۇڭا بولدى.

-بارمىسام بولمايدۇ.ھەممە كادىر بارىدىكەن.بارمىغاننى يوقلىما قىلىپ ئەتىسى جەرىمانە قويىدىكەن.ئوغۇ مەيلى،يەنە كىلىپ سىياسى ۋەزىپە قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىمىز،دىدى.

-ئوھۇش.مۇشۇ خەقنىڭ مۇشۇ قىلىقلىرىغا ھەجەپ ئۆچ بولدۇم.ئۆزى سەتلەشكەننى ئاز دەپ باشقىلارنىمۇ قېتىۋالغان.ئونداق بولسا ئىچمەي ئولتۇرسىڭىز بولمىدىمۇ؟بىرسى سىزگە زورلاپ ئاغزىڭىزغا قۇيمىغاندىكىن.

-ھەي،سىز بىلمەيسىز،تۇتقان ھاراقنى ئىچمىسە باشلىقنى قوللىمىغانلىق بولىدۇ، دەيمەن. باشلىقنىڭ كۆڭلى بەك نازۇك.

-ۋاي قۇۋۇرغامەي! زادى ئىچكۇڭىز بار سىزنىڭ ،شۇڭا باھانە تېپىۋاتىسىز.نەدىمۇ ئۇنداق زورمۇ-زور ئىچىدىغان ئىش بولسۇن.

       ئايالىمنىڭ بۇنداق ئىشلار كاللىسىدىن پەقەتلا ئۆتمەيتتى.بىز ئەرلەر ئۆزىمىزلا بىلىدىغان بۇ ھاراق قائىدىللىرىنى مىڭ چۇشەندۇرسەكمۇ ئۇلار چۇشەنمەيدۇ.چۇنكى بۇ ئەرلەر پىسخىكىغا تەۋە ھادىسە.

ئايالىم لازا،شوخلا،گۆش بىلەن يايلىدەك ئىنچىكە سۇزۇپ ئەتكەن لەغمەننى ھوزۇرلىنىپ يىدىم.لىكىن كاللامدا يەنە شۇ ھاراقنىڭ قورقۇنچى بولغاچقىمىكىن،بىر ئازدىن كىيىن ئاچقازىنىم باشقىچىلا بىئارام بولغاندەك ھىس قىلىپ،ھاراقنىڭ سېسېق بۇسى،ھاراق سۇرۇنلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ سۇرۇنغا بارمايلا مەس بۇلۇپ قالايلا دەپ قالدىم.

      مىڭ جىڭ تاشنى سۆرىگەندەك كېتىۋاتىمەن،كاللامدا يەنە شۇ يۇك.ئىچمەيمۇ يە، بىرىنىڭكىنى ئىچسەم يەنە بىر باشلىقنىڭكىنى ئىچىشىم كېرەك،ھەم تېخى بارلىق مۇئاۋىن،ئىشخانا-بۇلۇملەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئىچىشىم كېرەك.يەنە تېخى....

       تۇقۇنۇشچان خىياللار بىلەن رېستۇراننىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، ئىسىل سېلىنغان، شۇنچىلىك كۆركەم زىننەتلەنگەن بەش قەۋەتلىك بۇ رېستۇران شەھرىمىزدىكى رېستۇرانلارنىڭ ئالدى ئىدى.سىرتى مىللىيچە بۇلۇپ،كىشىگە مەسچىتنى ئەسكە سالاتتى.ئىشىك ئالدىدى مەر-مەر تاشلار،ئاللىقانداق داتلاشماس مىتاللار بىلەن قىلىنغان ۋالىلداپ تۇرغان ئىشىكلەر،قېتىشىپ تۇرۇشۇپ كەتكەن كۈتكۇچىلەر...سىرتتىن قارىغان ھەرقانداق ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلماي قالمايتتى. مانا بۇ بىزنىڭ بۇزۇپ-چاچار مەيدانىمىز ،مەست بۇلۇپ ياتار ماكانىمىز،ئىمكان بولسا تاشلاپ قاچار گورىستانىمىز.

ئۈچىنچى قەۋەتتىكى نۇرغۇن ئايرىمخانىلارنىڭ ئىچىدىكى «پانىيدىكى جەننەت» دىگەن ئىسىم ئويۇلغان ئايرىمخانىغا كىردىم.يەرگە بىز ئارزو قىلىپ سېتىۋېلىشقا قۇربىمىز يەتمەيدىغان تۇركىيەنىڭ ئىسىل گېلەملىرى سېلىنغان بۇلۇپ،كۆزنىڭ نۇرىنى يەيتتى،كەلگەنلەر ئاياق سالمىغاچقا،مەنمۇ ئىسىل گېلەمنىڭ يۇزىنى قىلماي ئاياق بىلەن دەسسەۋەردىم.بۇ بىر چوڭ ئايرىمخانا،15 كىشلىك يوغان ئىككى يۇمىلاق شىرە قۇيۇلغان ئىدى.شىرەگە ئاپپاق داستىخان، داستىخانغا ھەر خىل يالتىراپ تۇرغان سۇزۇك ئەينەك ئىستاكان-رومكىلار،پارقىراپ كۆزنى چاقىدىغان ھەرخىل كىچىك تەخسە،چوكا، قۇشۇقلار،پاكىزلىغىدىن  تۇتۇشقا  ئەيمىنىدىغان ئىسىل قەغەز-قولياغلىقلار رەتلىك تىزىلغان ئىدى.

كەلگەنلەر بىلەن بىر قۇر قول ئېلىشىپ قىزغىن كۇرۇشتۇم.باشلىقلار ھازىر كەلمەيتتى.ئۇلار باشقىلارغا ساقلىتىشقا ئامراق بۇلۇپ ھەممىدىن كىيىن كېلەتتى.شۇڭا باشلىقنى كۇتۇپ تۇرىشىمىز كېرەك ئىدى.بۇنداق كۇتۇش دائىملىق ئادەت بولغاچقا بىزمۇ بۇنىڭغا كۇنۇك.شۇڭا تاماكا چېكىدىغانلار تاماكا چەككەش گۇپپاڭ سۇقۇشۇپ ئولتۇرىشاتتى.باشلىق بولمىغاچقا كەڭ-كوشادە پاراڭ سېلىشقىلى بولاتتى.بىرى ئۆزىنىڭ قايسى رېستۇراندا قانداق ئولتۇرغانلىقىنى سۆزلىسە،بىرى ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىچكىنىنى،قانداق مەس بۇلۇپ كەتكىنىنى سۆزلەيتتى.يەنە بىرى پۇت يۇغۇزۇش ئورنىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلىشەتتى.ئاياللار يەنە بىر شىرەدە ئىدى.ئۇلارمۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ قىيا-چىيا كۇلۇشۇپ كېتەتتى.بەلكىم بىرەرسىنىڭ كىيىمىنى،ياكى گىرىمىنى زاڭلىق قىلىۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن.مەن يەنىلا شۇ ھاراق ئىچىش- ئىچمەسلىك مەسىلىسىدە ئويلىناتتىم.باشقىلارمۇ بۇگۇن بەك زورلاپ تۇرىۋالارمۇ- ھە؟دەپ ئەنسىرىشىۋاتاتتى.توۋا دەيمەن،بۇ باشلىقلار نىمانداق كۇتۇرۇشلۇكتۇ؟

باشلىقلىرىمىز دەرىجىسى بۇيىچە بىر-بىرلەپ قوساقلىرىنى سىلىغىنىچە كەلگىلى تۇردى.ھەممىمىز ئىگىلىپ تازىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۇرۇرۇشتۇق.ھەممە كىلىپ بولغاندىن كىيىن قورۇمىلار تارتىش بۇيرۇقى چۇشۇرۇلدى.ئالدى بىلەن سۇغۇقلىرى، ئارقىدىن قىزىقلىرى كەلتۇرۇلدى.بۇ مۇسۇلمانچە رېستۇران بولسىمۇ،لىكىن باشقا قۇرۇمىلارنىمۇ چىقىرالايتتى.قۇرۇمىلار ئىچىدە بىزلەر ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان، ئۆمرىمىزدە يەپ باقمىغان،ھەتتا ھالال-ھاراملىقىدىن گۇمانلىنىدىغان توخو. كەپتەر، ئۆدەك،توشقان گۆشلىرى،راك،قىسقۇچ پاقا،تاش پاقا،بېلىق،يەنە ئاللاقانداق قۇرۇمىلار بار ئىدى.بەزىللىرىنى قانداق يىيىشنىمۇ بىلمەيتتۇق.ھەممىمىز باشلىقنىڭ يەڭلار، دىيىشىنى،ئەڭ ئالدىدا چۇكا سېلىپ بېرىشىنى كۇتۇپ تۇراتتۇق.باشلىغىمىزنىڭ ئەڭ چۇڭى خۇاڭ سېكرىتار ئاخىرى يەڭلەر،دىدى ۋە يەنە بىر شىرەدىكىلەرگىمۇ يەڭلار،دەپ ۋاقىرىدى.شۇنىڭ بىلەن يىيىش باشلاندى.ھەممە ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن يەيتتى. ھەرقانداق يېڭى ئەكىرگەن قۇرۇمىنى خۇاڭ كاتتىۋاش قول سالماي تۇرۇپ ئالدىن يېۋېلىشقا بولمايتتى.ئەگەر بۇ سۇرۇندا كاللىڭىزنى سەگەك تۇتمىسىڭىز،خاتا ئىش قىلىپ قويىشىڭىز،باشلىقنىڭ كۇزىگە سەت كۇرۇنۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ئىدى.شۇڭا ھەممە كۆڭلى خۇدۇك ھالدا قالايمىقان چوكا سالمايتتى،قالايمىقان گەپ قىلمايتتى، كاتتىۋاش كۇلسە كۇلەتتى، قاپىقىنى تۇرسە قاپىقىنى تۇرەتتى.گەپ سورىسا خۇشامەتكۇيلۇق بىلەن جاۋاپ بېرەتتى.

   تاماق ىىر ئاز يىيىلگەندىن كىيىن،ھاراق ئېلىپ كىلىندى.يىيىلدى دىگەندىن كۆرە يىيىش شەكلى كۆرسىتىلدى دىسە مۇۋاپىق.ئەرلەر قوساق تويغۇدەك تاماق يىمىدى. ئاياللار بولسا داۋاملىق يەۋاتاتتى.ھاراق شېشىسىنى كۇرۇپلا بۇرنۇمغا سېسېق بۇس گۇپپىدە بۇرىغاندەك بۇلۇپ،كۆڭلۇم ئېلىشىپ كەتتى.

-ھاراق قۇيۇلسۇن!

بۇ بۇيرۇق بىلەن كۇتكۇچى قىز ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدى ئىگىز رومكىلارغا تولدۇرۇپ تاشما كۆلدەك قۇيۇشقا باشلىدى.بۇ رومكىلار قارىماققا كىچىكتەك كۇرۇنگەن بىلەن 4-5 يۇتۇم ھاراق پاتاتتى.ھاراق قۇيۇلۇپ بۇلۇندى.ھىچقايسى كىشى ئالدىن رەت قىلىشقا پېتىنالمايتتى.كاتتىۋاش رومكىنى قۇلىغا ئېلىپ،تۆگە قۇشتەك بوينىنى سۇزۇپ، بۇرۇنقى قائىدىسى بۇيىچە ئورە تۇرۇپ قەدەھ سۆزى قىلىشقا باشلىدى:

-يولداشلار بۇگۇن بۇ يەردە ئولتۇرىشىمىزدىكى مەقسەت ئىككى،بىرى يېڭىدىن كەلگەن ئۆ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنى كۇتىۋېلىش،شۇنداقلا،يەنە بىرى با مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنى ئۇزىتىش....

ئۇ بۇرۇنقى با مۇئاۋىن باشلىقنىڭ خىزمەت ئەھۋالى،شان-شەرەپلىرى،يېڭى خىزمەت ئورنى توغرىسىدا سۆزلەش بىلەن بىرگە يېڭى مۇئاۋىن باشلىقنىڭ بۇرۇنقى خىزمىتى، ئارتۇقچىلىقلىرى، ئۇمىدى توغرىسىدا يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋالاقشىپ سۆزلىدى.ھەممىمىز ئۆرە ھالدا رومكىنى تۇتۇپ ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز،قوللار تېلىپ كەتتى. رومكىدىكى ھاراقلار دىماققا ئورۇلۇپ كۆڭۇلنى بىئارام قىلىۋاتاتتى.

سۆزلەپ ئاخىرىدا، ھەممەيلەن كۆتىرەيلى،بىرەرسىنىڭ ئىچمەسلىگىگە،ئاشۇرۇپ قۇيىشىغا روخسەت يوق،خوششە!!! دەپ سوقۇشتۇرىدىغانلار بىلەن سۇقۇشتۇرۇپ ئىچىشكە باشلىدى.قالغانلارمۇ ئىچىشكە باشلىدۇق.مەندىكى ئىچمەي دىگەن جۇرئەت شامال سوققان ماناندەك نەگىدۇ يوقالغان ئىدى.يېڭىپ بولمايدىغان بىر ئىچكى كۈچ مېنى ئىچ،ئىچ دەيتتى.كۇزۇمنى يۇمۇپ تۇرۇپ گۇپۇلدىتىپ ساناپ تۇرۇپ بەش يۇتۇم ئىچتىم.ھاراق كانىيىمدىن باشلاپ ئېچىشتۇرۇپ، ئاچقازىنىمنى پىژىلدىتىۋەتتى.تىزدىن بىر چىشلەپ نەرسىنى ئاغزىمغا سېلىپ كۇچەپ،تېز چاينىدىم. بولمىسا ھاراق يېنىپ كېتىشى،مېنى پۇتۇن رەسۋا قىلىشى مۇمكىن.

بىرىنچى رومكىنىڭ ئىچىلىش ئەھۋالى مۇپەتتىش قىلىندى.ئىشخانە مۇدىرى ئەركىن، يېقىندا ئۆت ئاپراتسىيەسى قىلىنغان مەردان،قەنت سىيىش كېسىلى بار شىياۋ ۋاڭ،يېشى 60تىن ئاشقان مامۇت ئاكا قاتارلىقلار قاپ يۇرەكلىك قىلىپ ئىچمەپتۇ.

باشلىقنىڭ سۆرۇن تەلەتى تۇرۇلۇپ مۇدھىش ھالەتكە ئۆتتى.ھەممە جىمجىتلىققا چوكتى.بۇمۇ بىر پىسخولوگىيە ئۇرۇشى،ئىس-تۇتەكسىز ئۇرۇش.

-ئەركىن بۇ نىمە قىلىق؟سەن يېڭىدىن ئۆستۇرۇلگەن كادىر تۇرۇپمۇ ئىچمەمسەن- ھە؟سەن يەنە داۋاملىق ئۆسىدىغان تۇرساڭ.سېنى تەكشۇرگەندە بۇ تەرىپىڭنى ھەجەپ تەكشۇرمەپتىمىززا! ئىچە تولا نازلانماي،رەھبىرى كادىر تۇرۇپمۇ ئىچمەيمەن دىگىنىنى بۇنىڭ.

-ئاخشام كۆپ ئىچىۋاپتىكەنمەن.شۇڭا بۇگۇن پەقەتلا مىجەزىم ...

-خەقنىڭ سورىنىدا ئىچىپ بىزنىڭ سۇرۇندا ئىچمەمسەن،كۆزگە ئىلمايۋاتامسەن- يا؟

-ياق ئۇنداق ئەمەس.شۇ ئىچسەملا يېنىپ كېتەرمىكىن دەپ.

-ئوغۇلبالا دىگەن ھاراق يانسىمۇ،ھاراقتىن يانماسلىق كېرەك.سەن ئىچمىسەڭ باشقىلارمۇ ئىچمەيدۇ.ئىچە!!!

ئەركىن ئۆپكىدەك قىزىرىپ گۇپۇلدىتىپ ئىچتى-يۇ ئىچىپ بۇلۇپلا ئاغزىنى تۇتقانچە سىرتقا ئۆزىنى ئاتتى. قۇسۇق بارماقلىرىنىڭ  ئارىسىدىن تىشىلگەن تۇربىدىن سۇ چاچرىغاندەك ئېقىپ گېلەمگە ئۇزۇلمەي ئاقتى.ھەممەيلەن پاراققىدە كۇلۇشۇپ كېتىشتى.

-مەن يېقىندا ئۆت ئاپراتسىيەسى قىلغان شوڭا دوختۇر مېنى ھاراق ئىچمە، دىگەن.-بۇ مەرداننىڭ يۇرەك سۇزى.

-مانا مېنڭمۇ ئۆتۇم يوق،دوختۇر دىگەن دەيدۇ يالغاننى،ئىچە تولا باھانە كۆرسەتمەي-دىدى سېكرىتار ھۆكىرەپ.

-مەن،بۇ...

-ئىچە تۇلا ئەزمەڭنى ئەزمەي،-تېخىمۇ كۇچىدى ئىدارە باشلىقى باسىت.

مەردان نىمە دىيىشىنى بىلمەي ئەترەپتىكىلەرگە ئىلتىجالىق بىلەن قارىدى. ئەركىننىڭ تەقدىرىنى ئويلىغان باشقىلار  ئىچە،باشلىق ئاتايىن دەۋاتسا،بۇ بىرنى ئىچسەڭلا بولىدۇ،دىيىشىپ سالا قىلىشقىلى تۇردى.مەردانمۇ  ئامالسىز ئىچشىكە باشلىدى.

شىياۋۋاڭ  بولسا كېسىلىنىڭ گېپىنى قىلىشقىمۇ پېتىنالمىدى.ئۇ بىر قېتىم ھاراق ئىچسە نەچچە كۈن ئاسما ئوكۇل سالمىسا بولمايتتى.ئومۇ ئىچتى.يۇزى بىردەمدىلا مايمۇننىڭ قۇڭىدەك قىزىرىپ كەتتى.

مامۇت ئاكا ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن:

-ئوكىللىرىم مەن ئىچمەي،يېشىم بىر يەرگە باردى.ئۇزۇن بولدى ئىچمىگىلى.ماۋۇ ياش باللىنىڭ يېنىدىمۇ سەت بولىدۇ.كىلىن،كۇيئوغۇل،نەۋرىللىرىم بار.سىلەرگە رەخمەت.

-ھەي مامۇت،سەن ياش ۋاقتىڭدا كۆپ ئىچەتتىڭغۇ،بۇگۇن ئۆ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى كەلدى،با مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى كىتىش ئالدىدا تۇرىدۇ.مۇشۇنداق سۇرۇندا بىر قېتىم ئىچىپ قوي.ئىچمىسەڭ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ جۇمۇ.دىدى خۇاڭ سېكرىتار.

-مامۇتكا،ئىچىپ قۇيۇڭ.سىز بىلەن بىز ئىچىپ يۇرگەن نىمە بۇ.قېرىغاندا پايدا قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ يۇزىنى قىلمىسىڭىزمۇ بىزنىڭ يۇزىمىزنى قىلىپ قۇيۇڭ.ھاراق، تاماكىنى تاشلاپ ھەرەمگە باراي دىگەنمۇ يا.سىز پارتىيە ئەزاسى جۇمۇڭ،بۇگۇن ئىچىمىسىڭىز بەش ۋاقكەن،دەپ قالىمىز.دەپ سالاغا قۇشۇلدى ئىنتىزام شۇجىسى قاسىم.

-بىز يۇلەپ ئاپىرىپ قۇيىمىز...

-قۇشناچىمغا چۇشەندۇرۇپ قۇيىمىز...

-كىلىنچەكتىن قورقماڭ جۇمۇڭ.

-نەۋرىلەرمۇ چوڭ بولغاندا قىلىدۇ بۇنى.

-كەچتە بەك شاشلىشىپ كېتىسىز...

تۇشمۇ-تۇشتىن قىلىنغان سالالار ئالدىدا مامۇت ئاكا رومكىنى قولىغا ئالماي بولمىدى.ئۇ رومكىنى يېنىدىكى شىياۋلىغا سۇنغان ئىدى،ھەممە بولمايدۇ،دەپ چوقىراشتى.ھەممىنىڭ كۇزى ئۇنىڭدا.ئۇ سالماقلىق بىلەن ئىچىپ بىر رومكا ۋەزىپىنى تۇگەتتى يۇ،ئىچىپ بۇلۇپ قاتتىق يۇتىلىپ كەتتى.لىكىن ھىچكىمنىڭ كارى بولمىدى.

ئەمدى ھېساپ –كىتاپ ئاياللارغا كەلدى.بۇ سۇرۇننىڭ باشلىقى خوڭمېي ئىچمىگەنلارنى دوكلات قىلدى.گۇلزار قۇشۇمچە دوكلاتچىلىق قىلدى.ئۇمۇ خېلى كۇتىرىدىغانلاردىن ئىدى.ئەمدىلا خىزمەتكە چۇشكەن ئالمىرە،گازلىق سۇنىمۇ ئىچىپ كۆرمىگەن باھارگۈل،ئېرىدىن قورقۇپلا يۇرىدىغان ياغلىقنى بېشىدىن ئالمايدىغان مايسەم،يۇزىگە دانىخۇرەك چىقىپ كەتكەن لىيۇ خوڭلار مۇقەددەس بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىمىغان ئىدى.ئالمىرە سالاغا تەڭ كېلەلمەي يىغلاپ كەتتى،لىكىن قىزىل ھاراقنى مەجبۇرى ئىچكۇزدى.باھارگۈل چاينى ئىچىمەن،دەپ جاھىللىق قىلىپ،ۋاقىرپ-جاقىراپ باشلىقلارنى يەڭدى. مايسەم گەپ-سۆزلەرگە چىدىماي ياغلىقىنى كۇزىگە چۇمكەپ ، سومكىسىنى ئېلىپ سۇرۇندىن يامانلاپ چىقىپ كەتتى.باشلىقلار ئۇنىڭ كەينىدىن سەت ئالىيىپ قاراپ قالدى. خىيالىمدا ئەمدى ئەتە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىدىغان بولدوڭ،دىدىم ئۇنىڭغا.لىيۇخوڭ ھەرقانچە قىلىپمۇ باھانە تېپىپ بېرەلمىدى.چوڭ باھانە«خەنزو قىزمۇ ئىچمىسە قانداق بولىدۇ؟ باشقىلار تېخى ئاق ئىچتى،سەن قىزىلنىمۇ ئىچمىسەڭ قانداق بولىدۇ.قىزىل ھاراق چىراينى گۇزەللەشتۇرىدۇ»دەپ ئۇنىڭ دانىخورەك باسقان يۇزىنى تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى.

       بىرىنچى رومكا مۇۋاپپىقىيەتلىك ئىچىلگەندىن كىيىن،ئىدارە باشلىقى باسىتقا نۆۋەت كەلدى.ئومۇ كۇماك تىلدا قەدەھ سۇزى سۆزلەپ،سېكرىتار ئېچىپ بەرگەن يول داغدام يول بىلەن باشقىلارغا ئىچكۇزدى.يۇقۇرىدىن تۆۋەنگىچە دەرىجىمۇ-دەرىجە ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلگەن ھاراقنىڭ سانىنىمۇ دىگىلى بولمايدۇ.

ئارقىدىن با مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى رومكىنى ئېلىپ تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلىپ، بۇرۇن قىلغان-ئەتكەنلىرىگە تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۇرۇم سورىدى.ئۆ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىمۇ ئىپادە بىلدۇرۇپ،بۇنىڭدىن كىيىن ياخشى ئىشلەشكە بىلىنى چۇمۇلىدەك چىڭ باغلىغانلىقىنى ئېيتپ ھەممە بىلەن رومكىنى چاراسلىتىپ سۇقۇشتۇرۇپ كانىيىگە قۇيدى.

      بىزلەر بولساق مەمەت ئاۋاق رومانىدىكىدەك«ئابدى كەتتى،ھەمزە كەلدى»دەپ تۇرىۋېرىمىز

بىر-بىرلەپ باشلىقلار كۆڭلى ئىچىلىپ بۇلۇنغاندىن كىيىن،ئۆزئارا ھاراق تۇتۇش باشلاندى. چوڭدىن باشلاپ ھاراق توتمىساق كىيىن ھاراق تۇتمىدى دەپ بىزدىن ئۆچ ئالىدۇ دەپ قورقۇپ، ھەممىسى بىلەن ئىچىدىغان گەپ.مەنمۇ چىشىمنى چىشىمغا چىشلەپ بىر بىرلەپ ھاراق تۇرۇشقا باشلىدىم.ھاراقنى ئۆز تەرتىۋى بۇيىچە تۇتالماي باشلىقتىن دەشناممۇ يىدىم.مەن بىر باشلىق،بىر ئادەتتىكى كادىر ئىككىسىگە تەڭ ھاراق تۇتۇپ قۇيۇپتىمەن.بۇنىڭ بىلەن باشلىقنىڭ كۆڭلى رەنجىپتىمىش.ئۇنداق ئىچسە ئىناۋىتى چۇشۇپ كېتەرمىش.

كۆڭلۇم ئېلىشىپ ئاچقازانغا توپلانغان ھاراقلار ھەزىم بۇلۇپ بۇلالماي،يېنىشقا بىشارەت بەردى. چىقىپ ھاجەتخانىغا ياندۇرىمەن.يەنە كىرىپ ھاراق تۇتىمەن،يەنە ياندۇرىمەن.شۇكرى،سۇرۇنغا ياندۇرمىدىم.شۇنىڭغا خوشمەن.باشلىقلارغا ھەيرانمەن، ئۇلار مىتمۇ قىلىشماي ئولتۇرىدۇ.توۋا،باشلىق دىگەن باشلىقكەندە!

ئارلىقتا ھاجەتخانىدىن چىقسام،سېكرىتار كارىدوردا بىرى بىلەن تېلىفۇندا سۆزلىشىۋېتىپتۇ.

-ھە،ھە ناھايىتى ياخشىكەن.يېرىم سائەت بۇرۇن بىر تال ئىچىۋالغان،ھازىر ھاراق ئىچمەي،سۇ ئىچكەندەكلا تۇرىمەن.شۇڭا ساڭا دىمىگەنمىدىم،بالدۇرراق شۇنداق قىل دەپ.شۇ باھاسى قىممەترەك.شۇ بىر ئايلىق مۇئاشىڭ كېتىدۇ.لىكىن خاتىرجەم ئىچەلەيسەن.تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئالدىدىمۇ پوچى تۇرالايسەن،ھا،ھا،ھا...

ھە،ئەسلىدە ئۇلار دورا ئىچىۋالىدىكەندە!

       ئىچىم ھاراقنىڭ ئاچچىغىدىن ئەمەس بەلكى باشلىقنىڭ قىلىقىدىن ئېچىشىپ كەتتى.توۋا!ئۆزى دورا ئىچىۋېلىپ بىزنى ئۇسۇلغا دەسسىتىپ،قىيناپ.مەن تېخى ھاراق كۆتىرىدۇ دەپ ماختاپ چۇقىنىپ كىتىپتىمىنا!نىمە پايدىسىدۇ ئۇنداق ئۆزنى،ئۆزگىنىمۇ قىينىغاننىڭ،ئالدىغاننىڭ! ئاز ئىچەيلى دىسىلا بولىدىغان ئىشقۇ بۇ!..ئۇ كۇزۇمگە بۇرۇنقىدىنمۇ بەك سەت،بەدبەشىرە كۆرۇنۇشكە باشلىدى.

      ئەمدى سۇرۇننىڭ ئەھۋالىنى ئەمدى تەسۋىرلەش قىيىن.قالايمىقان كۆڭۇل ئىزھار قىلىشلار،سۇرۇنغا ياندۇرۇشلار،ھەرخىل قىلىقلار...مەردان جوزىغىلا ياندۇرۋەتتى. ئەركىن يەردە قۇسۇققا مىلىنىپ ياتىدۇ. شىياۋۋاڭ  بولسا كۆلەڭگىسىگە قاراپ سۆزلەۋاتىدۇ.ئوزاتقۇچى بىلەن كۇتىۋېلىنغۇچىمۇ ۋاقىرىشىپ بىرنىمىلەرنى دىيىشىۋاتىدۇ.بىرنىڭ گىپىنى بىرى بىلمەيدۇ. مامۇت ئاكا ئاياللارغا چاخچاق قىلغىلى تۇردى.ئاياللار ۋاقىراپ كۇلۇشمەكتە. ئاياللارنىڭمۇ بىر نەچچىسى ياندۇرۇپتۇ.بىرى يىغلىغىلى تۇرۇپتۇ.ئىككى باشلىق بولسا تاماشا كۆرۇپ ئۇنى-بۇنى كۆرسىتىپ مازاق قىلىپ كۇلۇشكىلى تۇرۇپتۇ.مېنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىپ تۇرغىنىمنى ئۇلار بىلىپ قالدى بولغاي.باشتا سېكرىتار ماڭا ھاراق تۇتتى.خوشامەت قائىدىسى بۇيىچە ئۇنىڭ ھارىقىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزەم قۇيىۋېلىپ، خوششە،دەپ ئىچىۋەتتىم.ئۇنىڭدىن كىيىن ئىدارە باشلىقى باستنىڭ ئىككى رومكىنى كۆتىرىپ ماڭا قاراپ ھىجىيىپ كېلىۋاتقىنىنىلا بىلىمەن، كىيىن قانداق بۇلۇپ كەتكىنى پەقەتلا ئىسىمدە يوق.بىر چاغدا كۇزۇمنى ئاچسام كوچىدىكى بىر ھاجەتخانىنىڭ تېمىغا يولىنىپ يېتىپ قاپتىمەن.كىيىملىرىمنى قۇسۇق،توپا دەستىدىن كۆرگىلى بولمايدۇ.كوچا چىراقلىرى غۇۋا يۇرۇپ تۇرىدۇ.كاللام چېقىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىپ تۇرىدۇ.خۇددى دۇرا يەۋالغان چاشقاندەك بۇلۇپ قالدىم. ئاچقازىنىم پىژىلداپ،كانەيلىرىم قۇرۇپ كەتتى.سائەتكە قارىسام سائەت2:30 بۇلۇپتۇ. كىيىملىرىمنى قېقىپ-ئېرتىپ پۇسۇرلاپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم.ماڭغانسىرى يەر ئۆزىگە تارتىپ يېتىشقا مەجبۇرلايدۇ.تۇنۇشلار ئوچراپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ بۇلۇڭ-پۇچقاقلار بىلەن ماڭىمەن.يولدا كېچىچە سودا قىلىدىغان بىر ئۈگرىخانا ئۇچرىدى.بۇ كېچىدە كىم بولسۇن بۇ يەردە،دەپ كىردىم.بىر نان بىلەن ئۈگرە بۇيرۇتتۇم.نان ئەكەلدى.پاھ،نان دىگەن يەنىلا نان-دە!ئاشقازاننىڭ پىژىلداشلىرى توختىغاندەك بولدى.ئۈگرىنى ئەكەلدى.قىزىق ئۈگرىنى پۇۋلەپ ئىچىۋاتىمەن.نان بىلەن ئۈگرە تازا خوش ياقتى.رېستۇراندىكى ئاجايىپ-غارايىپ،قىممەت قۇرۇمىلارمۇ مۇشۇ نەچچە سوملۇق نان،ئۈگرىدەك سۇيۇندۇرەلمىگەن ئىدى.

      تۇيۇقسىز ئاشخانىدىكى ئىككىيلەننىڭ گەپ-سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. ئۇلار ھاراق توغرىلىق سۆزلەۋاتاتتى.ياشانغان ئادەم ياش بىرىگە تەربىيە بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى.

-بالام،ھاراق دىگەن ئىنتايىن ھارام نەرسە.شەيتاننىڭ ئىنساننى خاراپ قىلىشتىكى بىردىنبىر ئىجادىيىتى.بۇرۇن توپان بالاسى بولغاندا،نوھ ئەلەيھىسالام ھەممە جانلىقتىن بىر جۇپتىن،ھەممە ئۇسۇملۇكنىڭ ئورۇقىدىن ئالغان ئىكەن.شۇ چاغدا شەيتان ئۈزۈم ئۇرۇقىنى ئوغرىلىۋاپتۇ.نوھ ئەلەيھىسالام شەيتاننى تۇتۇپتۇ ۋە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ.شەيتان ئۈزۈم ئۈرىقىنى بېرىدىغانلىقىنى،ئەمما بىر شەرتى بارلىقىنى،يەنى ئۇرۇقنى ئۇنىڭ تېرىشىغا ھەمدە ئۇنىڭغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇيىشىغا روخسەي قىلىنىشىنى،ئۇنداق بولمىسا ئۈزۈم ئۇرىقىنى تاپشۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.نوھ ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولغاندىن كىيىن،شەيتان ئۈزۈم ئۇرىقىنى تېرىپتۇ.ئالدى بىلەن ئۈنىڭ ئۇنى تۇلكىنىڭ قېنى بىلەن،ئىككىنچى قېتىمدا يولۋاسنىڭ قېنى بىلەن،ئۈچىنچى قېتىمدا ياۋا توڭگۇزنىڭ قېنى بىلەن سۇغىرىپتۇ.شەيتان ئۈزۇمدىن شاراپ ياساپ ئىچىپتۇ ۋە  ئىنسانلارغا تارقىتىپتۇ.نەتىجىدە كىمدە كىم بۇ شاراپنى ئىچسە دەسلەپتە تۈلكىدەك زىرەكلىشىپ كېتىدىغان ھەمدە ئەسلا تۇنۇشمايدىغان كىشىلەر بىلەن دوست-بۇرادەر بۇلۇشۇپ كېتىدىكەن؛ئۇنىڭدىن كىيىن يولۋاستەك ھىچنەرسىدىن قورقمايدىغان ياۋۇز بۇلۇپ كېتىدىكەن؛ئاخىرىغا كەلگەندە توڭگۇزغا ئوخشاش مەينەت-ئىپلاس ئىشلارنى قىلىدىغان بۇلۇپ كېتىدىكەن...شۇڭا ئۇنىڭ كەيپى بەك ھارام.ئۇ يەنە كىلىپ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق.ھازىر ھاراق ئىچىشتىن كىلىپ چىقىۋاتقان كېسەللەر،ھاراق سەۋەپلىك كىلىپ چىقىۋاتقان ۋەقەلەر ئاز ئەمەس.بۇلۇپمۇ ياشلار بەك دىققەت قىلىڭلار.ھازىر كادىرلارنىڭمۇ ھاراق ئىچىش ئەھۋالى بەك ئېغىركەن.ھاراق ئىچمىسە بىر مەسىلىنى ھەل قىلمايدىكەن.كۇرىۋاتىسەن مانا ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن باشلىقلار ھاراق سەۋەبىدىن ئۆلۇپ كەتتى.شەھەر باشلىقى،بىر قىسىم ئىدارە باشلىقلىرى،يېزا باشلىقلىرى،مۇھىم ئۇرۇنلاردىكى كادىرلار شۇنچىلىك ئىسىل ئادەملىرىمىز،ئەل سۆيگەن يىگىتلىرىمىز ھاراق سەۋەپلىك بىز بىلەن خوشلاشتى.بەزىللىرىنىڭ ئۆلۇمى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق.ئۇلارنىڭ خۇتۇن-بالا، ئاتا-ئانا، ئورۇق-توغقانلىرى  ئەمدى قانداق قىلىدۇ؟ ھازىر ھاراقنىڭ باھاسىمۇ بەك قىممەت بۇلۇپ كەتتى.نۇرغۇن ئىقتىسادقا زىيان.پۇل تۆلەپ ھاراق ئېچىپ،تېخىمۇ چوڭ زىياننى تاپىدىغان گەپ.

-تاغا سىز بۇرۇن ھاراق ئىچىپ باقمىغانما؟-سورىدى ياش بالا ئۇ بوۋاينىڭ مويسىپىت تۇرقىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ.

-ئىچكەن. بۇنىڭدن بۇرۇن ھاراق ئىچمەكچى بولساق،'' ئەل-جامائەت كۆرۈپ قالسا سەت تۇرىدۇ'' دەپ نۇمۇس قىلىپ يۇشۇرۇن ئىچەتتۇق.ئۇ چاغلاردىكى ھاراقلار بەك ساپ،بەك ئىسىل،ھەقىقى ئېچىتىلغان ھاراقلار ئىدى.ئەڭ ئەرزان ھاراقلارمۇ كىشىگە زەرەر قىلمايتتى.ھازىر ھاراق ئىچىدىغانلار بەك كۆپ بولغاچقا،ھەم كۆپ ئىچىلىدىغان بولغاچقا ھاراق زاۋۇتلىرى ئولگۇرتۇپ بولالماي يېمەكلىك ئىسپىرتىغا سۇنىلا قوشىدىغان بوپتىمىش.ھەي!...ھاراق سۇرۇنلىرىمىز بەك قىزىيتتى.سۇرۇننىڭ تۇزۇمىمۇ چىڭ ئىدى.ھەممە ھۆرمەت قىلىدىغان ،گېپىنى ئاڭلايدىغان ئادەمنى ساقى قىلىپ سايلايتتۇق. ئاكا، ئوكا، دادا،بالا،قۇدا،باجا،ئىشقىلىپ قانداشلىقى بار يېقىن تۇغقانلار سەت بولىدۇ،دەپ ھۆرمەتلىشىپ،بىر سۇرۇندا ئولتۇرمايتتى.قورامىغا يەتمىگەنلەرنى سۇرۇنغا قوشمايتتى،ھەتتا قورامىغا يەتمىگەنلەر سىرتتا ئىچىپ قالغان بولسا كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئۇلارنى ئەيىپلەيتتى.سۇرۇندا ئەڭ ئاۋال تاماق تويغۇچە يىيىلەتتى.ئاندىن ساقىي ھاراقنى نۆۋەت بۇيىچە ئايلاندۇراتتى.سۇرۇندا يۇقۇرى-تۆۋەن مەرتىۋە يوق بۇلۇپ،ھەممە باراۋەر ئىدى. ئىچەلمەيدىغانلارغا زورلاش يوق ئىدى.ھاراقلار كەينى-كەينىدىن ئىچىلمەيتتى.ھەممە خوشاللىق ئۈچۈن ئىچەتتى. شېئېر- قوشاق، قىزىق يۇمۇرلار سۆزلىنەتتى،گەپ ئىتىشىش بولاتتى، دوتتار، تەمبۇر،داپلار بىلەن نەغمە قىلىناتتى.ھەممە زوقلىنىدىغان،ئىنتىلىدىغان سۇرۇنلار ئىدى.ھازىرقىدەك سورۇننىڭ گىپىنى ئاڭلىسا بېشى ئاغرىيدىغان،بارغىسى كەلمەي مەجبۇرى بارىدىغان،قارغۇلارچە ئىچىدىغان ئىشلار يوق ئىدى.ھەممە ساقىنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاچقا ئورۇش-تالاشلارمۇ ئاسانلا بېسىقاتتى.كىيىن نەدىن يۈقتى بۇ كېسەل ھەممە ئادەت ئۆزگۇرۇپ كەتتى. باشقىلارنىڭ ھاراق ئادىتىنى ئۆگۈنۇپ،ھەممە بۇزۇلۇپ كەتتى.مەنمۇ ھاراقىنى ۋاقتىدا تاشلاپ،بەش ۋاق ناماز ئۆتەيدىغان بولدۇم بۈگۈنكى كۈندە ھاراق ئىچمىسە ئەل قاتارى ئولتۇرۇش-قۇپۇشلاردىن قېلىپ،جامائەتتىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئادەت شەكىللىنىپتۇ. قىزلارمۇ ئىچىدىغان بولغاندىن بۇيان ھاراق ئىچمەيدىغان يىگىتنى يىگىت ھېسابلىمايدىغان بوپتۇ.دىمەك،ھازىر بىر قىسىم قىزلار ھاراق ئىچىشكە باشلىدى دىگەنلىك، كەلگۈسىدىكى ئانىلار بىزگە ھالاكەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ دىگەن گەپ،ھەي...ھازىرقى ھاراقكەشچىلىق نىمە دىگەن رەسۋاچىلىق!

-كىتاپتا ئوقۇشۇمچە، رۇسىيىلىك بىر ئالىم رۇس مىللىتى ئۈستىدە توختىلىپ : '' ناپالىئوننى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن روھى كۆتۈرلۈپ،تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ ماڭغان رۇس مىللىتى ھاراققا،بۇزۇقچىلىققا بېرىلىش نەتىجىسىدە چۇشكۈنلەشتى'' دەپ ھەسرەت چەككەن ئىكەن.يەنە بىر ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار ھەققىدە يېزىلغان بىر كىتاپتا ئىيتىلىشچە،ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمىي مەدىنيىتى ئۈچۈن ئاجايىپ بۈيۈك ،ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئىندىئانلار ھاراققا بېرىلىش نەتىجىسىدە ۋەيران بۇلۇپ،بارا- بارا مەھكۇملۇققا چۈشكەن .ئەسلىدە ئۇلار ئەڭ دەسلەپ ئەنگلىيەدىن بارغان دېڭىزچىلارغا ئامېرىكىنىڭ يېرىمىنى 500 پوتۇلكا ھاراققا تېگىشكەنىكەن ،-ياش بالا كىتاپ كۆرۇشكە ئامراقتەك قىلاتتى.

-شۇنداق بالام،بىزنىڭ مىللىتىمىزمۇ ھاراق،نىشە،خىروئىن سەۋەپلىك يۇقىلىپ كېتەرمىكىن دەپ بەك ئەنسىرەيمەن.ئولۇغ ئاللاھ بىزنىڭ بالا-چاقىللىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن.

      مېنىڭ كۆڭلۇمنى سۆزلەۋاتقان ئۇ ئادەم قارىماققا ساقاللىق،كىيىملىرى ئاددى،ئۆزىمۇ ئاددىيلا بىر ئادەم ئىدى.لىكىن ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزەمنىڭ ھارامغا ئوخشاپ قالغان تۇرقىنى ئويلاپ نۇمۇستىن يۇزلىرىم قىزىپ كەتتى.يەرگە كىرىپ كەتكۇدەك بولدۇم. باشلىقىمىز مېنى كېبىرى،ھوقوقى بىلەن ئۆزلىرىگە مەھكۇم قىلغان بولسا بۇ ئادەم ماڭا بىر ئېغىز گەپ قىلمايلا مېنى ئۆزىگە مەھكۇم قىلىۋاتاتتى. توۋا،مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، تەربىيە ئالغان،يەنە كېلىپ دۆلەت مەمۇرى بولغان تۇرۇقلۇق نىمىشقا شۇنچىلىك قائىدىنى چۇشەنمەيمەن؟نىمىشقا باشقىلاردىن قورقۇپ ئۆزەم جاپا تارتىپ يۇرىمەن؟ھاراق ئىچمىگەنگە مېنى خىزمەتتىن ھەيدىۋېتەلەمتى؟ھەيدىسە قانۇق بارغۇ؟...

     مەن ھېلىقى ئادەمگە ھۆرمەت نەزىرىم بىلەن يەنە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن، ئاشخانىدىن چىقتىم.سىرتنىڭ ساپ ھاۋاسى دىمىقىمغا ئورۇلدى.

ئاھ،ساپ ھاۋا!

      ئەتىسى ئاڭلىسام،مامۇت ئاكىنىڭ كونا يۇرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىپ قاپتۇ.ئەركىننىڭ يۇقۇرىغا ئۆستۇرۇش ئوبىكتى قىلىپ كۆرسىتىش ۋاقتى كەينىگە سۇرۇلۇپتۇ.ئۆ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بىلەن با مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بىر بىرى بىلەن مۇشتلىشىپ،ساقچىغا كىرىپ قالغىلى تاس قاپتۇ.مەردان بىلەن شىياۋۋاڭ بالنىستقا كىرىپ داۋالىنىشقا باشلاپتۇ.ئالمىرە سويگىنى بىلەن ئايرىلىپ كىتىپتۇ.لىيوخوڭ ئاجراشماقچى بۇلۇپتۇ،مايسەم خىزمەتتىن ئىستىپا سوراپتۇ.مەن ئاشقازان يارىسى بوپتىمەن.

                                               2008-يىل7-ئاي(كورلا پۇخۇي)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kamiljantohti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-20 01:37 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 q" N9 t8 A/ i, \; J9 v& d4 R

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  n) }8 O0 y, P: S" a

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6587
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 12:09:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىمى گۇناھلارنىڭ ئانىسى ھاراقتۇر....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83171
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3364
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 09:05:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ جەمىيىتىمىز دە چوڭلاردىن  تارتىپ باللارغىچە ئىسپىرتلىنىپ كەتتى ،، توۋا ...

ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭ ھامان سىنى ئىزدەپ كىلىدۇ.

ئۆلۈم ئۇ بىر يىڭى ھاياتلىقنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103796
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-20 09:20:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا قىلدىم....ھىلىمۇ بىزنىڭ يۇرتلار بۇنداق مەينەتچىلىكتىن كۆپ خالىيكەن

كىتاپ ئوقۇمىساڭ ،ھەرقانچە يول يۈرگىنىڭ بىلەنمۇ سەن بىر پوشتالىيۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 1344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12155
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 4588 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 09:09:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  شۇ  مەينەتچىلىكتىن  يىراق  قىلغايسەن

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 09:31:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق ئىچسە مەس بولدۇ قىلغان ئىشى پەس بولدۇ ، ھالال بولسا قانچە ئىچەتتى دەپ ئويلاپ قالىمەن ،

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108598
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2014-7-20
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-23 12:00:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا دەيمەن، ئۆزىنىڭ غەپلەتتە ئىكەنلىكىنى بىلمەي ئۆتكەنلەرگە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79517
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3038
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-4-30
ئاخىرقى: 2014-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 01:56:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسېلامۇ ئەلەيكوم .ياخشى تىمد يۇلللاپسىز .رەھمەت  .مەن كورلا ئاۋاتتىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 04:13:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lion17 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-20 01:56 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, d6 D$ K" G% W3 R$ ]
ئەسسېلامۇ ئەلەيكوم .ياخشى تىمد يۇلللاپسىز .رەھمەت  .مەن ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' |; E3 D" g( t  ~. f+ O
     تىچلىقمۇ؟ تۇنۇشقۇنۇمغا خوشالمەن.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-20 04:16:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kamiljantohti يوللىغان ۋاقتى  2014-8-20 04:13 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 N) k, N. b/ @3 dتىچلىقمۇ؟ تۇنۇشقۇنۇمغا خوشالمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  ^* ]5 {. Q: ?, z9 |* W
ھىكايە-ئىسپىرتلانغان ئادەم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 W& S) p; @) l' kمانان (مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 f4 G& r9 i" u/ ~ ئاناڭنى ئاتاڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  a- V) ?( B. h5 ~' O
ھېكايە-ئايالىغا ياتاق ئاچقۇزغان ئەربۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ y0 e  o+ ?: k8 ^
ھىكايە-شاپاق دوپپىلىق بالا .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# ~( R, M; [* D1 z! b1 A+ U  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 o. H; S1 G4 G+ x2 kمەن كورلا پۇخۇيدا ئىشلەيمەن، يۇقۇرقىلارمۇ مېنىڭ ئەسەرلىرىم كۆرۇپ باقارسىز.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش