قەدىرىنى بىلەلمىدىڭ سۆيگۈمنىڭ

ئەگىپ يۈرۈپ سېنى بىر مەھەل ،
ھېتىرقاشتا يۈردۈم يېنىڭدا .
شۇنچە كۆيسەم پاك مېھرىم بىلەن،
ساقلىمىدىڭ ھەي،،يۈرەك قېتىڭدا .

مەن ساڭا كۆيگەن ئاشۇ ۋاقىتتا ،
ئۈجمە كۆڭۈلنى قىلاتتىڭ سۆكۈپ.
ئازغىنە ۋاقىت ئۆتمەي تۇرۇپلا ،
قالدىڭ سەنمۇ ئۇلاردىن ئۆتۈپ .

بولماسمەن ئەمدى ساڭا مېھىرداش،
سىرى ئېچىلدى ساختا كۆيۇشنىڭ .
بايلىق ئىكەنغۇ ئەسلى مەقسىدىڭ ،
نىمە قىممىتى پۇلغا سۆيۈشنىڭ .

شاختىن -شاخقا سەكرەپ دىگەندەك،
جۆرە تاللاشتا قالدىڭ سەن كۆنۈپ .
ياشلىقىڭ ئۆتەمدۇ شۇنداق مەنىسىز ،
ھەسرەتتە ئۆتەرسەن ئاي-كۈنلەر ئۆتۈپ.
ئېيتاي ئەي نىگار ئاڭلىغىن بۇنى ،
كۆيگەن يۈرەك پەقەت ئۆزۈمنىڭ .
سالساڭمۇ جاپا مەيلىتى بىراق ،
قەدرىنى بىلەلمىدىڭ سۆيگۈمنىڭ.

ئايرىلىش

ئايرىلىش پەيتى كەلگەندە يىتىپ ،
بولالمىدىم سەن بىلەن دىدار .
ئاھۇ كۆزلۈرۈم يولۇڭغا تەشنا ،
كۆيگەنلىرىمنى قىلمىغىن ئىنكار .

كېتىپ قالدى دەپ رەنجىپ كەتمىگىن ،
شامال بوپ ئۈنەرمەن ئالدىڭدا يەنە .
ئويىلما ھەرگىزمۇ ۋاپاسىز ئىكەن دەپ،
قىلمىغىن پەقەت ئاچچىق سۆز- تەنە .
نىمىشقا،،،،

نىمىشقا ئۈمۈتلۈك باقىسەن ماڭا ،
يالغاندىن سۆيگۈ ئەقىدە تىلەپ .
نەپ ئېلىشقۇ سېنىڭ مەقسىدىڭ ،
مەندىكى بايلىق،پۇلۇمنى كۆزلەپ.

نىمىشقا ئۈمۈتلۈك باقىسەن ماڭا ،
بەرمىسەڭمۇ ھېچ قەلىپ سىرىڭنى.
بولدى قىل كۆزۈمگە كۆرۈنمە ئەمدى،
ئەسلەي پەقەت شاللاي يېرىڭنى .

ئەجدات قەدىرى

نە ئۈچۈن ياشىدۇق قىلىمىز نىمە ،
ئۆتەمدۇق سۇدىكى لاتقىلار كەبى.
تەگمەمدۇ ئاخىر باشلارغا پىچاق،
يۈرسەك ھەمىشە ناداندەك سەبى.

ئالىملار قالدۇرغان ئاشۇ ئېلىمنى،
ئۈگەنمەي خارلىدۇق ئۇنىڭ ئەكىسچە.
يېڭىلاپ ئۆتسەك بولاتتى ئەسلى .
كىرىلىپ يۈردۈق ئۆزىمىز مەيلىچە.

مەنبە ؛مەخمۇتجان مۇھەممەت تەشنائ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-19 10:13 PM