مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3448|ئىنكاس: 14

[قانۇن] تارىخ كىمگە لازىم ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 03:36:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
20.jpeg

تارىخ كىمگە لازىم؟

تارىخ مىسالى ئاقساقال بوۋايدۇر،كەلگۈسىدىن ئۈمىت ئۈزۈلگەندە، كەلگۈسى تارىخ يارىتىش ئىشەنچىسى قالمىغاندا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.ئۇنداقتا تارىخ كىمگە ،قانداق شارائىتتا لازىم ؟ بۇ سۇئاللارغا بىز ئەمدى جاۋاپ ئىزدەۋاتقان بىلەن ،دۇنيادا يول تاپقان قەۋملەر نەچچە يۈز يىلنىڭ ئالدىدىلا جاۋاپ ئىزدەشكە تۇتۇنغان . بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپرەك بۇ مەسىلىنى تەكىتلىگەن پەيلاسوپ ،گىتلىرنىڭ ئۇستازى يەنى گىتلىرنىڭ ئىدىديىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن گىرمانىيىلىك پەيلاسوپ فىدرىخ نىچشى بولسا كىرەك.ئۇنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقىۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا كۆرگەن بولغاچقا،گەرچە ناھايىتى بەك تەسىر قىلغان بولغاچقا داۋاملىق تەپەككۇر قىلىپ كىلىۋاتقان بولساممۇ،دىگەن سۆزىنىڭ ئۆزىنى ئەينى دەپ بىرەلمىسەممۇ ئاساسى قۇرۇلمىسىنى يۇرۇتۇپ بىرەلەيمەن دەپ ئويلايمەن.بۇ يەردە دىيىلگەنلىرى ھەممىسى ئۇنىڭ ئىددىيسى ئەمەس،بەلكى ئۆزەمنىڭ كۆزقارشى يۇغۇرۇلغان 、 ھەزىم قىلىنغان يەنى ئۇيغۇرلاشقان  بولغاچقا خاتىرجەم ئىستىمال قىلساڭلار بولىۋېرىدۇ.
ياخشى تارىخ بىخۇتلۇقتىن 、 يامان تارىخ ئۈمۈتسزلىكتىن باشقا نەرسە ئەكىلەلمەيدۇ.شۇڭا تەجىربە-ساۋاقنىڭ مۇھىملىغى كۆپ تەكىتلىنىدىغان،تەجىربە-ساۋاقلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ۋە ماختىنىدىغان جەمىيەت ۋە جەمىيەت ئەزالىرى، ئىنسانلار جەمىيىتىگە مەنپەئەت ئەمەس  يۈك بۆلىشى مۇمكىن.بىر ئىزدا توختاپ قالغان ھاياتلىق ،ئۇ ھاياتلىق ئەمەس ئۆلۈم بىلەن باراۋەردۇر! دىمەك، ھاياتلىق ئۈزلىكسىز ئىلگىرلەش 、تاغ-داۋانلاردىن ئېشىش 、يېڭى-يېڭى رىكورتلارنى يارىتىش دىمەكتۇر! ئەدەملەر ئىلگىرلەش  ئۈچۈن ئادەملەرچە تەپەككۇر قىلىشى،ئىلگىرلەش  ئۈچۈن ئۆتمۈشنى ھەتتا تەجىربە-ساۋاقلىرىنى يەنى تارىخىنى پاك-پاكىز ئۇنتۇشى كىرەك! يېڭىۋاشتىن ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرۈپ پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇرۇنقىنى (كونىنى)بۆسۈپ تاشلىغاندا ، ئاندىن نىجاتلىق كۆز ئاچقان بولىدۇ.ئالىملار چىكەتكىنى تەجىربە قىلغان ئىكەن: چىكەتكىنى بىر قاچىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئاغزىنى يېپىپ قويۇپ، مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئېچىۋەتسە، چىكەتكە ئادەتلەنگىنى بويىچە شۇ ئاغزى يېپىلغان يەرگىچىلا سەكرەيدىكەن،ھەرگىز ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆرلىيەلمەيدىكەن.مىنىڭچە تارىخ دەل مانا مۇشۇنداق نەرسە ،بۇ يەردىكى قاچىنىڭ يېپىلغان ئاغزى ئىنساننىڭ تارىخى 、ئىنساننىڭ تەجىربە-ساۋاقلىرى、 ئىنساننىڭ ئۆتمۈشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس! شۇڭا ئادەملەردەك تەپەككۇر قىلىپ (ھەرگىزمۇ چىكەتكىدەك ئەمەس) ئادەتلەنگەن ئاشۇ سىزىقتىن ھالقىش ئارقىلىقلا،ئىنسان ئۆزى ئىزدىگەن نىجاتلىققا ئىرىشەلەيدۇكى،ئەكسىنچە چىكەتكىدەك تەجىربە-ساۋاقنىڭ قۇلى بولۇپ ھەرقانچە سەكرىگەن بىلەن قاچىدىن تېشىغا چىقالمايدۇ.
تارىخ قانداق ۋاقىتتا ،كىمگە لازىم ؟ تارىخ — ئۇ تارىخ ياراتقۇچىلارغا تارىخ يارىتىۋاتقان پەيتنىڭ ئۆزىدە لازىم .چۇنكى تارىخ ياراتقۇچىلار تارىخ يارىتىۋاتقان پەيتنىڭ ئۆزىدە، قاتتىق يالغۇزلۇق ھىس قىلىشى مۇمكىن. دېڭىزدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەم بىرەر تال پاخال بولسىمۇ ئىزدىگەندەك، ئەتراپقا قاراپ بىرەر ياردەم كىلىپ قالامۇ دەپ قارايدۇ،بۇ چاغدا ياردەم ئەتراپىدىكىلەردىن ھەرگىز كەلمەيدۇ،دەل شۇ چاغدا ئۇ بۇرۇنقىلارنىڭ تارىخى يەنى تەجىربە-ساۋاقلىرىنى ئۆرنەك قىلىشقا مۇھتاج بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئەھۋالدا تارىخ ،بولۇپمۇ تارىخىغا ئىگە بولالمىغانلار ئۈچۈن  تېخىمۇ شۇنداق ، ئېغىر يۈك ۋە ھەركەت قىلىشتىكى توسالغۇ بولۇشتىن  باشقا ھىچقانداق پايدا بەرگەن ئەمەس.شۇڭا تارىخنىڭ قۇم-بورانلىرىغا كۆمۈلۈپ كەتمەيلى دەيدىكەنمىز،ياخشى - يامان بارلىق تارىخنى بىر ياققا قاتلاپ قويۇپ يېڭىدىن تارىخ يارىتىشىمىز كىرەك!
“ئەقىللىق كىشىلەر ئۈچۈن بۈگۈن يېڭى ئاتقان تاڭ، يېڭى بىر ھاياتنىڭ باشلىنىشىدۇر.”بۇ سۆزنى نەدە بىر يەدە كۆرگەندەك قىلغان ئىدىم،لىكىن كىمنىڭ قىللغىنى ئىسىمدە يوق.ئادەم يېڭى بىلىمگە ئىرىشىش ئۈچۈن، كونا بىلىمنى ئۇنتۇپ تۇرمىسا بولمايدىكەن.ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ،ئىنسان ھەركەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنتۇشى كىرەك ئىكەن.ھاياتى كۈچكە تولۇپ ھەركەت قىلىش ئۈچۈن، كىچىك بالىدەك بولىشى يەنى ھەممە ئىشنى يېڭى باشتىن باشلىشى كىرەك.بۇ خۇددى كومپىيۇتېردا كۈندە ھەركەت قىلىش جەريانىدا، يېغىلىپ تۇرىدىغان ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇرمىسا،كومپىيۇتېرنىڭ ھەركىتى ئاستىلاپ ئاخىرى مەشغۇلات قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە بارغاندەك بىر ئىشتۇر.كومپىيۇتېرنىمۇ ئىنسان ياسىغان بولغاچقا،مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام  ئۇنىڭ ئىنساننىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى、 خۇي-مىجەزىنى ئالماسلىغى مۇمكىن ئەمەس.ئىنسانمۇ ھاياتلىق ھەركىتى جەريانىدا ئۈزلىكسىز شۇنىڭدەك روھى –جىسمانى ئەخلەتلەرنى يېغىۋالغان بولىدۇ،بۇنى تازىلاپ جەڭگىۋارلىقنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن، ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭدە بەش ۋاخ يۇيۇپ تۇرسا بەدىنىدە ھىچقانداق كىر قالمىغاندەك،بەش ۋاخ ناماز ئىنساننى  روھى-جىسمانى جەھەتتىكى ئەخلەتلىرىنى تازىلايدىغان  ئامىل. تازىلاش-پاكلىنىش نىمىگە مۇھىم؟ ئۇ ئىنساننىڭ ھايات كەچۈرىشى ئۈچۈن، ھەركەت قىلىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن بەك مۇھىم.
ئىنسانلار تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىغى بىلەن ماختانغانلىغى خاتا ئەمەس،لىكىن قانچە ئۇزۇن دىگىنى شۇنچە قېرى دىگەنلىك بولىدۇ. قانچە قېرى بولسا، گورغا、 تۇپراققا شۇنچە يېقىن بولغان بولىدۇ.ئۇنىڭ مىجەز-خۇلقى قانلىرىدا ، تۇپراققا خاس يېقىن ئېلمىنىتلار、 يېقىن ئالامەتلەر شۇنچە ئېنىق ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ.كونا نەرسىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۇسۇلى قان ئالماشتۇرۇش、يېڭى ئىلمىنىتلارنى سەپلەپ تۇرۇش、تازلاپ تۇرۇش、دەرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش قاتارلىقلار.بۇ خۇددى زەردار ئۇستام ئالتۇننى ئوتتا تاۋلاپ ساپلاشتۇرغاندەك،كونا نەرسە بېشىغا كەلگەن قاتتىق كۈلپەت、 ئازاپ –ئوقىبەتلەر بىلەن تاۋلىنىپ قايتىدىن ھاياتى كۈچكە تولىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇللارنىڭ ھىچقاندىغىنى ئىشلەتمەي ياكى ئىشلىتىشكە ھورۇنلۇق قىلىپ ،ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان مىراس(تارىخ)قا تەييارغا ھەييار بولۇپ يەپ يېتىۋېرىدىغان ئەۋلات،ئۆزى يېڭىدىن تۇغۇلغان ياش بولسىمۇ مىجەز-خۇلقى قېرىپ كەتكەن ئەۋلات بولۇپ،كونا تارىخنى قۇچاغلىغان پېتى تۇپراققا كىرىشكە لايىق بولۇپ قالغان بولىدۇ.


قانۇن بىلەن ئويناشما !

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1091
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14045
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 512 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 06:28:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخنى ئالدىنقىلار كىيىنكىلەرنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ،

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 534
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1659
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 06:57:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ ھەقىقەتنى كۆرمەكچى،ئاچماقچى بولغانلارغا بەك لازىم.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1061
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 07:08:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخنى قەھرىماننى ئۆلتۈرۋەتكەنلەر يازىدۇ.

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104515
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2014-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 07:53:15 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ غەلبە قىلغۇچى تەرىپىدىن يېزىلىدۇ

مىللىتىم ئــۇيــغــۇر مــاكــانىم شىنجاڭ.  دىنىمدۇر ئــســلام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6583
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 08:10:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ يازىدۇ....

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 21374
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1163 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 09:52:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ بىزدەك قان بىلەن كۆز ياش بىلەن تارىخ ياراتقان شانلىق ھەن قانلىق تارىخى بار قەيسەر مىللەتكە لازىم .
بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ھەقىقى تارىخىمىز ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋىتىلىپ بارغان مۇشۇنداق پەيتتە ئەۋلادلىرىمىزغا ھەقىقى چىن تارىخنى يەتكۈزۈش بىزگە تېخىمۇ لازىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alzaman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-19 09:53 PM  


قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 21374
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1163 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 09:52:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولۇپمۇ مىڭ يىللارچە تارىخىمىزدىنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭلى يىقىنقى زامان تارىخىمىزنى بىلىش تولىمۇ زۆرۈر ،بۇ يۈزيىللىق قانلىق تارىخ گەرچە بىزگە ئەڭ يىقىن ،ئەڭ مۇناسىۋەتلىك تارىخىمىز بولسىمۇ بۇ تارىخقا قارايدىغان بولساق شۇنچىلىك چىگىش شۇنچىلىك غۇۋا يەرلىرى ئىنتايىن كۆپ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alzaman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-19 09:56 PM  


قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96611
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 819
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2013-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 11:31:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ ـ ئۇ ئۆتمۈش،ساۋاق ئىلىشقا بولىدۇ ،پەخىرلىنىشكە بولمايدۇ ،خۇددى تۈنۈگۇن ئىسىل غىزالانساق بۇگۈن ھىچنىمىگە پايدىسى بولمىغاندەك،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40708
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4133
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1847 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2015-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 11:38:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uz   tararihini quxanmigan kixi ..ata anisinig kimlikini bilmigan dak la bir ix ...

111
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش