ئاھ ، نېمانچە ئامراق سۆيگۈگە يۈرەك !
ئۇنۇتمايمەن ئاشۇ كۈننى ئاداققا ،
ئەڭ ئاخىرقى نەپەستىمۇ ئويلايمەن. تۈنجى سۆيگۈ نېمە دېگەن لەززەتلىك،
ۋېسالىڭغا يېتەلمىگەچ يىغلايمەن.
رەسىمىڭنى يۈرىكىمگە بېسىپ قانچىلىك ۋاقىت ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. ئورنۇمدىن تۇرۇپ، سەن بېلەن خەيرىلىشىشكە قانچىلىك تىرىشىپ كۆرگەن بولساممۇ ، لېكىن سېنىڭ سىرلىق قىسمەتلىرىڭ يۈشۈرۈنغان جىسمىڭدىن قەلبىمگە مەلھەم ئىزدەشكە ئۇرۇنغان ۋۇجۇدۇم ساڭا باغلان ئىدى . مەن سۈكۈتكە چۆمگەن تەنلىرىمنى ئىختىيارسىز سىلكىپ، قېتىپ قالغان جۈپ كۆزۈمنى رەسىمىڭدىن ئۈزدۈم .
سۈتتەك ئايدىڭ كېچە ، گۈزەل تولۇن ئاي ئۆزىنىڭ ئۇماق يۇلتۇزلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ،
قانداقتۇر بىر تاتلىق سۆيگۈنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى يايلىلداتقان بۇ كېچىدە ، يۈرىكىمگە تولغان بارلىق ئازاپلىرىمنىڭ شاھىدى سۈپىتىدە ساماۋى ئاسماندىن ماڭا تىكىلمەكتى ئىدى . يۈرىكىمدە ئازاپنىڭ چۆكمىسى قالدى. مەن سېنى خىيالىمنىڭ روجەكلىرىدىن ئىزدىدىم، تىتىلىپ كەتكەن ئارمىنىمنى قايتا ياماشقا ھەقىقەتەن قۇربىتىم يەتمىدى .سۆيگۈمنى قەلبىڭگە مەڭگۈلۈك يۇشۇردۇم. ھەر بىر كۈنلەر سېنى يېنىمدىن ئىزدېدىم . ئەپسۇس ، تاپالمىدىم . يۈرىكىم ساڭا تەلپۈندى .
ئەگەر مەن ئىشقىڭدا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتسەم قانداق قىلار بولغىيتىڭ ، ياكى كۈلۈمنى كۆككە سورۇپ خۇشال بۇلامتىڭ ؟ ۋە ياكى كۆز يېشىمغا جۆر بۇلۇپ ئاقامتىڭ؟ ئاشۇ ئوتلۇق كۆزۈڭدە مېنى سېھىرلەپ ئالغىنىڭدا سۆيگۈ ھەم كۆڭۈل ئاشىقى بۇلۇپ كېتىدىغانلىقىمنى بىلمىگەنمىتىڭ؟
يۈرىكىمدىكى غايە _ ئارزو ئىستەكلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ يېنىڭغا تىزىغان ئىدىم . تۇيغۇلىرىمدا چۈشەكەپ يۈرگىنىمگە خېلى ۋاقىت بولغان ئىدى . روھىيىتىمنى ئۈن-تىنسىز ئاختۇرۇپ ، سۆيۈملۈك رەسىمىڭنى يۈرىكىمگە سېزىپ چىققان ئىدىم . ھەر دەقىق سەن ئۈچۈن يېنىۋاتقان قەلبىمدىكى چوغلاننىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىغانسەن ياكى ھېس قىلىشنى خالىمىغانسەن؟ غەلىبە بىلەن مەغلۇبىيەت ئارىسىدا مەن يېرىم جان بولدۇم . سۆيۈشنىڭ ئورنىغا سۈكۈت قىلىشنى تاللىدىم .
ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقى بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتقىننى سىزىپ تۇرۇپمۇ ، سېنى قول سۇزۇپ تۇتالمىدىم. ساڭا باغلانغان مۇھەببەت يىپلىرىم ئۈزۈلۈشكە باشلىدى. ئالەمنىڭ تاتلىق چۈشىدە سەن ئۈچۈن قەدىمكى گۈللەرنىڭ لېۋىگە يامغۇر بۇلۇپ تۆكۈلدۈم. سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش پاسىلىدا قىينالغان جېنىمنى سەن ئۈچۈن كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلىدىم. پىغانىمدىن تۆكۈلگەن ۋېسال توزانلىرى سەھەرنىڭ مەيىن شامىلىغا ئەگىشىپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتتى . ھېجران كۈيىنىڭ يۈرەكنىڭ قانداق يەرلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغىننى ، چىن مۇھەببەتنىڭ نىمىگە مەنا ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن ؟ ئۇ بىر ئاشىق سۆيگۈسىنىڭ چىن مۇھەببەتكە تەشنا قەلبىنىڭ يۈرەك سۆزى . كوچا - كويلاردا ، باغچا - ئۇرۇندۇقلاردا ، دەريا - ساھېللاردا جۈپ - جۈپى بېلەن كىتىۋاتقان ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ رومانتىك ھالىتى كۆز ئالدىڭدا زاھىر بولغاندا ، ئۆزۈڭنىڭ تەنھا قەدەملەر بېلەن كىتىۋاتقىنىڭدا يۈرىكىڭ ئېچىشمىدىمۇ؟ ئىشىق ئوتۇڭ قەلبىمگە باستۇرۇپ كىرگىنىدە ، يۈرىكىمدە ئەمدىلا يېلىنجاشقا باشلىغان ، چىن مۇھەببەتنىڭ ھەۋەس ئۇچقۇنلىرىنى ، روھىي جۇشقۇنلۇقۇمنى ئۇرغۇتقان ئىدى . قەلىب زىمىنىمدا يىلتىز تارتىپ قېلىشىڭنى ، مۇھەببەت بىرلىكىنىڭ تۇزىماس گۈللىرىنى يۈرەك بېغىمدا ئېچىلدۇردىغان ۋاپادار مەشۇقۇمغا ئايلىنىشىڭنى تولۇمۇ خالايتىم ، ئەپسۇس .. قاغجىراق يۈرىكىمنىڭ ۋېسالىڭغا ئىنتىلىشى ، ئۆمۈرلۈك ۋاپادارلىقىمنى قۇرداش قىلغان قەسەمنامەم، بۇنداق ئىنسان ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدىغان ، تۇمۇرلاردا ھېسيات دولقۇنى ھاسىل قىلىدىغان ، غەرەزسىز سۆيگۈمنىڭ مۇڭلۇق سىمپونىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭ ئىدى ، ئاي تولغان ئايدىڭ كېچىلەردىكى تەبىئەتنى ئىختىيارسىز ئويغۇتۇپ ، گۈل - گىياھلارنىڭ شەبنەم قونغان ياپراقلىرى يەڭگىل سۆيۈپ ئۆتۈپ ، تۇلۇن ئاينىڭ گۈزەل رۇخسارى ئاتاقىلغان شېرىن ھېسلار بېلەن مەستىخۇش بولغان ئاشىقىڭنىڭ گۈزەل ئارزو - ئارمانلىرىغا مەدەتكار بولار ئىدىڭ ! شۇنداق بىر سۆيگۈ بارئىدىكى ، ئۇ ھېسياتنى قاناتلاندۇرۇپ ، تۇيغۇغا كۈچ ، ھاياتقا مەنا بېغىشلايتى . كاشكى ، تەشنا قەلبىمنى قاندۇردىغان كەۋسەر بولۇپ كەلگەن بولساڭچۇ ، بۇ ، ئۇلۇغ مۇھەببەت يېلىنجىغان ئوتلۇق يۈرىكىمدىن ۋولقان كەبى ئېتىلىپ چىققان مۇھەببەت كۈيگە جۆر بولار ئىدىڭ !
ئۇيغۇرۇم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-19 04:50 PM
|