ئەسسالامۇ ئەلەيكوم:
نۇرغۇن پارچە -پۇراتلارنى يازغىم بار ئىدى ، يازاي دىسەم پارچە-پۇرات مىنى يېزىۋىتىدىغاندەك تۇرىدۇ . قېتىشقان قولنىڭ خۇمارىنى قاملاشمىغان شېئىر بىلەن قالدۇرۇپ قويدۇم ، كونا -يىڭىلارغا يەنە بىر قىتىم سالام.
ھەممە ئارتۇقچە ،
پەقەت ئۆزۈمنى تاپساملا بولدى ،
سورايمەن ، ئىيتقىنا كۆڭلۈم ؟!
كۆڭلۈم كۆڭلۈمنى نەگە قويدى.
*
ياش ئوتتۇزغا بارغاندا ،
ھىلىقى تەنتەكلىك مۆكىۋالدىغۇ ،
ھارغىچە قايناملار قاينىغان باشقا ،
بۇ ھايات غەلۋىسنى تۆكىۋالدىغۇ.
بەيگىدە شاش تۇلپار بولۇپ چاپساممۇ،
‹ ئاقساق ئات› ‹ يورغىلاپ› ئۆتىۋالدىغۇ.
ھاياتقا قەرزىم يوق ياشاۋاتىمەن،
ھاياتقا ئەرزىم يوق ياشاۋاتىمەن.
*
بىلىپ دەمدۇ ۋە ياكى بىلمەي،
چاقىرىپ قالىدۇ بالام دادا دەپ.
بىر ياشلىق بالىنىڭ دادا دىگىنى ،
بىر تاتلىق سېزىم ھە ،كۆيىدۇ ھەجەپ.
مەيلى ئەمەسمۇ بىلمەي دىسىمۇ،
ئەتىراپىم ياسالما ، بالام چىن پەقەت .
*
ياش ئوتتۇزغا بارغاندا ،
ئاتا-ئانامنى ئەسلەيمەن پات-پات ،
شۇ ئىللىق قولىنى تۇتقۇم كىلىدۇ ،
ئەسلىدە شۇ ئىدى ئەڭ تاتلىق ھايات.
ئىھ ،دادامنىڭ موخۇركا پۇراق تېنىقى ،
ھايات ئوت، دادام زىخ ، مەن يۇمشاق كاۋاپ.
ھاياتقا ۋىلىقلاپ كۈلگۈم كىلىدۇ ،
قولىنى چىڭ تۇتۇپ يۈرگۈم كىلىدۇ.
*
ياش ئوتتۇزغا بارغاندا ،
باھارنى ئۇزاتتىم ، ئەمدى ئوت يېزىم ،
مەيىن شامالنى قويدۇم مەيلىگە ،
كۆيەي دەپ خالىدى ئاپتاپنى تېنىم .
چىڭقى چۈش بېشىمدا قاتقان قوياشنى،
سالامەت كۆرۈشمۇ بەك تاتلىق سېزىم .
ھاياتتىن بادناشقا نىمە باھانە؟
ھايات ‹ نان › بىرىدۇ دانە-دانە.
*
ياش ئوتتۇزغا بارغاندا ،
باغلاردا گۈل پۇراش ئارتۇقچە قېلىق،
ھويلامدا باغچە بار ، قەلبىمدە بىر گۈل .
بەخىت شۇ ، قاراڭلا مۇھەببەت لىق - لىق .
شۇمۇدۇ ئۆمۈرنىڭ ئەڭ تاتلىق پەسلى ،
ئىككى كىشىدە ئوخشاش بىر تېنىق .
ھاياتتا كۈلكە جىق ، بىز ‹ھايات› بولساق،
ھاياتتا ئۆتنە جىق ، بىز ناباب بولساق .
*
ئارقامغا قارىسام يىللارنىڭ ئېزى ،
ئوتتۇز يىل چېچىمغا ئاق سالدىمۇ يوق ؟
قەلبىمدە قانچىلىك مۇھەببەت- نەپرەت،
تېنىمگە تەگدىكىن نەچچە پىچاق، ئوق .
مۇھەببەت دىلىمدە يەنىلا يالقۇن،
يۈرەككە خىتاب بار :‹ ئىنساب بىلەن سوق› .
ھاياتقا نەپرەتلىك باقمىغىن زىنھار،
ھاياتقا گۈل قىسقىن ، ساپ ياشاپ ئاشكار.
ئاشكار