مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 870|ئىنكاس: 20

ئىس سېغىندى تۇرخۇنلىرىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8661
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 604 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 01:08:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىس سېغىندى تۇرخۇنلىرىمىز


پىچىرلىشىش سۇندى تۇيۇقسىز ،
مىجەزىمىز بولدى تاغ سۈيى .
ئارلىقىمىز تۇغدى سوقما تام ،
ئاچچىق ئىكەن ئىشەنچ يېغى .

سېيرىتمىسى بۇزۇلغان ئازاب ،
سايىمىزنى شامالغا كۆمەر .
يەيدۇ بىزنى دوڭغاق كۆز قاراش ،
رەسمىيەتلىك دومسىيىش كۈلەر .


قىيسايماقتا ئۈمۈد مومىيى ،
ئۇيقىسىغا كەتتى رىئاللىق .
لاياقەتسىز بولۇپ يول قويۇش،
ئىشەنچلەر ساقلىدى ئارلىق .


تىرەجىگەن يالغانچى چۈشلەر ،
نوقىماقتا سېغىنىشلارنى .
تىل ھەجىلەر كاماك سېغىنىش ،
كۆڭۈل كىرى يۇيار سىرلارنى.


ئەر دەسسىگەن ئاياق ئىزىدا .
ئايال خالاپ قورساق كۆتىرەر.
چىن مۇھەببەت يازمىسا تارىخ،
شەجەرىنى ئەر ئايال كۆمەر .


يوغان –يوغان ساقلاش ئىچىدە ،
قورساق سالدى نازۇك ئىنتىلىش .
سوقۇلماقتا ئىككى سەييارە،
ئۈمۈدلەردە بولمىدى سىلجىش.


بىرىكىشتىن زېرىكتى ۋاقىت ،
چىشلىمەكتە بىزنى ھاياجان ،
جان ئۈزمەكتە ئارزۇ قۇشىمىز ،
سۆيگۈ گۈلى بولماقتا سامان .


دەرت ياسايدۇ قىيمىلىق تۇرمۇش ،
ۋىسال دىگەن تەملىك سۇيۇقئاش .
تاتلىق كېسەل بولىدۇ كۆڭۈل  ،
مىجەزلەردە بولمىسا ياماش .



كىرىشمەكتە ناتونۇش ھېسلار ،
يۇمشاپ –يۇمشاپ كىرەيلى سۆزگە .
ئىس سېغىندى تۇرخۇنلىرىمىز ،
قايتايلى تىز قەلئەيىمىزگە .



ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107868
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 09:36:04 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا ماېۇ شېئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ، باغۋەن.
قايتا ئوقۇپ چىققىدەك.... مەزمۇنى چۇڭقۇر......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 298 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 10:13:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1408 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 10:22:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ شېئىر يىزىش ئۇسلۇبىڭىزغا قايىلمەن . بەك ياخشى يازىسىز .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1689 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 10:47:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ بۇ شېئىرىڭىز. سىزنىڭ مۇشۇ خىل ئۇسلۇبىڭىزنى ياقتۇرىمەن باغۋەنكە

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

دۇنيانى مېھىر-مۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11435
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 760 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 10:52:09 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن ،  ئوخشىتىشىڭىز  ناھايتى  جايىدا !  
ھازىرقى  يوقۇلىۋاتقان  مېھىر-مۇھەببەت ، ئىشەنچ،  ئۇنتۇلغان  ئىسىل ئەنئەنىلەر،    بەك  جايىدا تەسۋىرلەپسىز   .
  قوللىرىڭىزغا   دەرت كەلمىسۇن   .

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3398
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12658
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 12:04:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيقىسىغا كەتتى رىئاللىق .

ئىشەنچلەر ساقلىدى ئارلىق .

مەن شېئىرىڭىزنى ئوقۇسام، مىسالغا يۇقۇردىكىدەك مۇشۇنداق بىر مىسرا-بىر مىسرادىكى ئوبرازلىق ئوخشۇتۇشلارنىلا چۈشۈنۈپ ماڭالايدىكەنمەن.
ھەم بۇ ئوخشۇتۇشلارنى قاندا ئويلاپ تاپىدىغاندۇ دەپ ھەيران قالىمەن.
قاچانمۇ بىر شېئىرىڭىزنىڭ پۈتۈن مەزمۇنى بويىچە چۈشەنگۈدەك بولارمەن.
لېكىن سىزنىڭ بۇ خىل شېئىر يېزىش ئۇسلۇبىڭىزغا راستلا قايىلمەن.

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104157
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2014-2-26
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 12:34:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ يېڭى كىيىمى ھەجەپ يارىشىپتۇ! كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1003
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 01:11:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ ئوبرازلىق ،ھىسياتلىق يېزىپسىز ...قايىلمەن...

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108221
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2014-7-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 02:05:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىكىرلىرى بەك چوڭقۇركەن

بىز ھاياتىمىزدىكى توسالغۇلارنى ئېلىپ تاشلاشقا ئۇرنىمىز،ئەمما پىشانىگە پۈتۈلگەن كەلگۈلۈك كىلىۋىرىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش