مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4212|ئىنكاس: 34

ئېرىمنىڭ ئالدامچىلىقى (ئاخىرى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105207
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2014-3-23
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 06:37:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇسىلەر؟ سىلەرنى كۆپ ساخلاتمايمەن دېگەن ئىدىم يەنە ساقلىتىپ قويدۇم مېنى كەچۈرۈڭلار ئەمدى ئەسىرىمنىڭ ئايىغنى يېزىپ تۇگىتەي مېنى كەچۈرۈڭلار سىلەردىن چىن  دىلىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن.
شۇنداق قىلىپ بىز بۇ ئاخشىمى كۆڭۈللۈك سورۇندىن بىرنى تۈزۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئىچ -باغرىمىزنى تۆكۈشتۇق. ئۇ ئەكىرگەن قىزىل ھاراقتىن 2 رومكا ئىچىپ مەسنى دوراپ ئۇنى تىللاپ ئۇرۇپ يىغلاپ دېگەندەك توي قىلغاندىن  بۇيان دىيەلمىگەن گەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى دەپ ئىچىمنى تازا بوشتۋالدىم. ئۇمۇ باشقا گەپ قىلماي مېنى كەچۈرۈڭلا دېگەن شۇ بىر ئېغىز گەپنى دېدى. قانداق قىلاي ئاياللا يەنىلا ئاجىز، يەنىلا ئۆچكە يېغى كېلىدىكەنمىز مەن يەنىلا ئۇنىڭ مېنى كەچۈرۈڭ دېگەن گەپلىرىنمى راس دەپ ئويلاپ مېنىڭمۇ ياغلىرىم ئېرىپ ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە باشلىدىم. ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلرىمگە ئەپسۇس. ئۇ مېنى يەنە ئالدىدى. مەن بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، مەن زادى نىمە بولدۇم. نىمىشقا ئۇنىڭغا ئىشنىمەن، نىمىشقا ئاجىرشىپ كەتمەيمەن. مەن نىمىشقا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتمەيمەن، زادى نىمىشقا دەپ؟ مەن ئۆزەممۇ بىلمەيمەن. ھەرقىېتىم ئۇ شۇنداق ئەسكىلىكلەرنى قىلغاندا، قالايمىقان يوللاردا ماڭغاندا ۋاي بولدىلا ئۇنىڭدىن ئاجىرشىپ، قىزىمنى ئۆزەم بېقىپ تەربىيلەپ، ئۇنىڭدىن بىراقلا قۇتۇلاي دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچ بولۇپ ئاجىرشىشنى ئويلايمەن. ئەمما دەل ۋاقتى سائىتى كېلىپ ئاجىرشىدىغاندا ئۇ ماڭا يىغلىغۇدەك بولۇپ يالۋۇردۇ. ئۇنىڭ يالۋۇرىشنىڭ بىردەملىكلىكىنى، ئىتنىڭ سۆڭەك غاجايدىغان ئادىتىنى تاشلىيالمايدىغانلىقنى بىلىپ تۇرساممۇ يەنە ئىشىنىمەن. زادى نىمىشقىدۇ؟ ئۇنىڭغا ئۆزەممۇ ھەيرانمەن ھەم ئۆزەمنىڭ بۇ ئادىتىگە ھەم ئۆز-ئۆزەمگە شۇنداق ئۆچلۈكۈم كېلىدۇ. ئەمدى نەق گېىپىمىزگە كەلسەك ئىككىمىز ئىچ-باغرىمىزنى تۆكۈشۈپ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن  ئېرىم يەنە گۈزەلنى ئىزدەپ قەلبىنى چۈشەندۈرۈپتۇ، گۈزەل ئۇنى تىللاپ، ھاقارەتلىسىمۇ ئۇ يەنىلا بېزەڭلىك بىلەن ئۇنى ئىزدەۋەرگەندىن كېيىن گۈزەل مااڭا يەنە تېلىفۇن قىلىپتۇ -ھەدە قەيسەر ماڭا بەك تولا تېلىفۇن قىلىپ ئىشىگىمنىڭ ئالدىغا كېلىۋېلىپ كۈرۈشەيلى ساڭا دەيدىغان گېپىم بار دەپ مېنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا بەك خىجىل قىلىپ كېتىپ بارىدۇ. (گۈزەل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتقا قايتىپ كېلىپ ھازىر ئۆيىدە ئىكەنتۇق) قانداقمۇ قىلا مەن.
-سىڭلىم ئۇنداق بولسا ئۇ يەنە سىزگە تېلىفۇن قىلسا ياكى ئۆيىڭىزگە سىزنى ئىزدەپ بېرىپ كۆرۈشەيلى دېسە ماقۇل دەپ كۆرىشىدىغان ئورۇن ۋە ۋاقىتنى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن ماڭا تېلىفۇن قىلىڭ ئۇ يەرگە مەنمۇ باراي ئۈچىمىز دەرقەمدە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ باقايلى دېدىم.
-ماقۇل ھەدە. بۇ بەك ياخشى تەكلىپ بولدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن دىيىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن سىزگە تېلىفۇن قىلاي ئۇنىڭغا ئۇقتۇرمايلى دېدى. شۇنداق قىلىپ گۈزەل قەيسەر بىلەن كۆرىشىدىغان ئورۇننى، ۋاقىتىنى بېكىتىپ بولۇپ ماڭا تېلىفۇن قىلدى. مانا بۈگۈن ئۇلار ئۇچىرشىدىغان كۈن. ئۇ جايغا كېتىۋاتىمەن. يۈرىگىم شۇنداق ئەنسىز سوقماقتا. قانداق بولا؟ قەيسەر ماڭا قانداقراق پوزىتىسىيەدە بولا؟ ئۇ گۈزەلنىڭ ئالدىدىلا مېنى ئەيىبلەپ كېتەمۇ دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ بىردەمدىلا ئۇلار كۆرۈشمەكچى بولغان ئايرىمخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن. ئايرىمخانىنىڭ ئالدىدا بويلىرى ئېگىز، نازۇك، ئۇزۇن چاچ قاش كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان زامانغا لايىق كىينگەن تولىمۇ قاملاشقان بىر قىز تۇراتتى. ئۇ مېنى كۆرۈپلا ھەدە بۇ سىزمۇ؟ مەن گۈزەل بولىمەن. دېدى ئۇ ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل قىز ئىدى. مەن خېلى بۇرۇنلا كەلگەن. مەن كەلسەم قەيسەرمۇ كېلىپ بوپتىكەن. ئۇ ھازىر ئىچىدە بار، مەن تازىلىق ئۆيىگە چىققان ئىدىم قارىسىام سىز ئۇدۇل مۇشۇ ئايرىمخانا تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتىسىز، بەلكىم سىزنى شۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ساقلاپ تۇردۇم، يۈرۈگە ھەدە كىرەيلى دېدى. مەن تارتىنىپراق  -كىرسەم قانداق بولا؟ قەيسەر نىمە دەپ قالا؟ كىرمەيمۇ يا دېدىم.
-ۋاي، ۋۇي ھەدە، يا سىز خاتالىق ئۆتكۈزمىسىڭىز، گۇناھنىڭ ھەممىسى قەيسەردە تۇرسا يەنە سىز نىمە دەپ خىجىل بولىسىز ئەسلى قەيسەر خىجىل بولسا بولاتتى. قارىسام سىز بەك ياخشىكەنسىز، كۆڭلىگىزمۇ ياخشىكەن. سىىز بىلەن تۇنۇشقالىقىمدىن بەك خوشالمەن قارىسام يېشىمىزمۇ ئانچە پەرقىلىنىپ كەتمەيدىكەن مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ توي قىلمىغان بىلەن يېشىم سىز بىلەن تەڭدەك قىلىدۇ. خالىسىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى ھەدە دېمەي ئىسمىڭىزنىلا ئاتاي. خالىسىڭىز دوست بولۇپ قالايلى. ھەراس مەن ھازىرغىچە سىزنى ھەدە ھەدە دەپلا ئاتاپ ئىسمىڭىزنى سورىماپتىمەن. ئىسمىڭز نىمە؟
-ئىسمم راھىلە دېدىم مەن.
راھىلە مېڭىڭە بىللە كىرەيلى دەپ قولۇمنى سۆرىگەنچە ئايرىمخانىغا باشلاپ كىردى. ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىمىزگىلا قەيسەر بىزنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ قالدى. ۋە راھىلە سەن بۇيەردە نىمە ئىش قىلىسەن؟ بۇ يەرگە قانداق بولۇپ كەپ قالدىڭ؟ گۈزەل نەگە باردىڭىز؟ تازىلىق ئۆيىگە چىقىپ كېرەي دەۋاتاتتىڭىز نىمىشقا شۇنچە ئۇزۇنغىچە كىرمەيدىكىن دېسەم ئەسلى ئايالىم راھىلەنى باشلاپ كەپتىكەنسىزدە، ئىككىمىزنىڭ بىللە تۇرغىنىنى ئايالىمغا كۆرسىتىش ئۈچۈن قەستەن مەن ئۇنمىساممۇ ئۇنىماي ماڭا كۆپ قېتىم تېلىفۇن قىلىپ بۇ يەردە كۆرۈشەيلى دېگەنمىدىڭىز؟  گۈزەل مەن سىزنىڭ بۇنداق ئىپلاسلىقىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. سىز راھىلەنىمۇ بۇ يەرگە باشلاپ كەلسىڭىز، ئايالىم ئىككىمىزنىڭ بىللە تۇرغىنىنى كۆرسە، ئۇ يىغلاپ چىقىپ كەتسە ..... ھا ھا ھا شۇنىڭ بىلەن مەن سىزنىڭ بولسام شۇنداقمۇ خىيالنى خام ئەيلەپ قاپسىز گۈزەل مەن ھېلقى كۈندىن باشلاپ سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى تولۇق ئۈزۈش ئۈچۈن ئايالىم راھىلەگە ۋەدە بېرىپ بولغان مەن ئەمدى ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلمايمەن. مەن راھىلەن ىسۆيىمەن. گۈزەل سىز يەنە قانداق ئويۇنلارنى ئوينىماقچى؟ مەن بۇنىڭدىن كېيىن گۈزەل ئىسىملىك ئادەمنى تونىمايمەن ئەمدى ماڭا چاپلىشۋالماڭ . ماڭا تېلىفۇنمۇ قىلماڭ. مېنى ئىككىنچى ئىزدىگۈچىمۇ بولماڭ. راھىلە ماڭ كېتىمىز دەپ قولۇمنى تۇتۇپ ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. توۋا مەن ھەيران قالدىم . كىمنىڭ گېپىگە ئىشىنىشنىمۇ بىلەلمەيلا قالدىم. گۈزەل يالغان گەپ قىلغانمىدۇ. قەيسەرمۇ؟ مەن جىملا تۇرۇپ قالدىم. گۈزەل بولسا ھېي نىمە دەۋاتىسەن؟ سەن ماڭا تېلىفۇن قىلدىڭمۇ مەن ساڭا تېلىفۇن قىلدىممۇ؟ توۋا توۋا جاھان قانداق بولۇپ كەتكەندۇ؟ تېخى كوزۇڭنى مىت قىلىپمۇ قويماي يالغان گەپ قىلىۋاتىسىنا؟ ئىسىت راھىلەدەك ئېسىل ئايالنىڭ ساڭا خوتۇن بولۇپ قالغىنى، راھىلە مېنىڭ گېپىگە ئىشنىڭ ئۇ بىر يالغانچى ئىپلاسكەن. توۋا توۋا راھىلە ئىككىمىز كېيىن ئالاقىلىشايلى خوش مېنىڭ بۇ ئىپلاسنىڭ چىرايىنى يەنە كۆرگۈم يوق خوش راھىلە دەپ يۈگۈرگەنچە چىقىپ كەتتى. مەن نىمە دىيىشنى بىلەلمەيلا تۇرغان جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم. قەيسەر بولسا كېلە خوتۇن ئەمسى ياخشى بولدى. ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇق. سېنى تازا بىر مېھمان قىلاي. توۋا گۈزەلنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. نەچچە كۈننىڭ ياقى كۈندە تېلىفۇن قىلىدۇ، ئالمىسام ئۇچۇر يوللايدۇ. قايتا قايتا تېلىفۇن قىلىدۇ. تۈنۈگۈن يەنە تېلىفۇن قىلىپ بىر كۆرۈشەيلى سىزگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم گېپىم بار دېسە ئىشنىپ كەپتىمەن. مېنى كەچۈر خوتۇن گۈزەلنىڭ سېنىمۇ بۇ يەرگە باشلاپ كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. قەيسەر سۆ‍زلەۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭغا ھېچنىمە دېىمەيلا سومكامنى كۆتۈرۈپ يىغلىغانچە چقىپ كەتتىم. قەيسەرمۇ راھىلە راھىلە توختا دېگىنىچە تېخى بىر چوكىمۇ تەككۈزۈپ قويمىغان قورۇمىلارنىڭ ھېسابىنى قىلىپ كەينىمدىن ئالدىراش يۈگۈرۈپ چىقتى. كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ھەرنىمە بولسا قەيسەر گۈزەلنىڭ ئالدىدا ماڭا قوپال تەگمىدى، قارىغاندا ئۇنىڭ گېپى راس ئوخشايدۇ. دەپ خوش بوسام يەنە بىريەرلىرىدە  لېكىن گۈزەل نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ نىمىشقا مېنى  ئالدايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ ئازاپلانغان ئىدىم. مانا قەيسەرمۇ چىقىپ كەينىمىدىن يېتىشىپ كەلدى. ئۇ ئۆيگە ماڭغاچ ماڭا چۈشەندۈرەتتى. ھەرخىل ۋەدىلەرنى بېرەتتى. مەن يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قالغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ ئۆيگىمۇ يېنىپ كەلدۇق. مەن يەنىلا ئۇنىڭغا تەسلىم بولدۇم. ئەتىسى مەن گۈزەلگە پۈتۈن ئاچچىقىم بىلەن تېلىفۇن قىلدىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم راھىلە ياخشىمۇسىز؟
-ھە ياخشى. گۈزەل سىز نىمىشقا بۇنداق قىلدىڭىز، ھە نىمىشقا مېنى ئالدايسىز؟ مەن سىزگە شۇنداق ئىشەنگەن ئىدىمۇ نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز دەپ سۆزلەپلا كېتىپتىمەن.
-ھەدە مەن قەيسەرنىڭ بۇ دەرىجىدە يالغانچى، ھىيلىگەر بىر ئىپلاس ئىكەنلىكنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. ئۇ بەك يالغانچى ئەبلەخكەن راھىلە، ئۆزەمنىڭ ھەم سىزدەك ياخشى بىرقىزنىڭ قەيسەردەك بىر ئىپلاسنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمىزغا ھەيرانمەن. مەن سىزگە ھازىرلا مېنىڭ يالغان گەپ قىلمىغانلىقمنى، قەيسەرنىڭ قانداق نومۇسسىز ئادەم ئىكەنلىكنى كۆرسىتىپ قويىمەن. ئۇ كېچىدىن سىز ئۇخلاپ قالغان ئوخشايسىز ماڭا بىر كېچە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ چىقتى. ئىشەنمىسىڭىز ھەممىسنى سىزگە يوللاپ بېرەي ئاندىن ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئېرىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكنى بىلىپ قالىسىز راھىلە. ئەمسە مەن تېلىفۇننى قويىۋەتتىم. ھازىر قەيسەرنىڭ قىسقا ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ بېرەي ھە راس مەن سىزنى ئىشەنمەي قالمىسۇن دەپ كېچىدىن ئۇ ماڭا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىشكە باشلىغاندا مەن ئۇنىڭغا قەيسەر مېنىڭ ھازىر بەك كۆڭلۈم يېرىم ئاۋازىڭىزنى شۇنداق بەك ئاڭلىغۇم كەلدى. خالىسىڭىز قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يازغان مۇشۇ گەپلىرىڭىزنى ماڭا ئاۋازلىق ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بەرسىڭىز ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ ياتسام دېسەم ئۇ مېنڭ بۇ گېپىمگە ئىشىنىپ ئاۋازلىق ئۇچۇر قىلىپ يوللاپتىكەن مەن سىزگە شۇنى يوللاپ بېرەي. راھىلە ئاڭلاپ بېقىڭ. ئاڭلاپ بولۇپ تېلىفۇن قىلاسىز. خوش دەپ تېلىفۇننى قويىۋەتتى. بىردەمدىن كېيىن گۈزەل ئەۋەتكەن قەيسەرنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ۋە ئاڭلاپ ئۇنىڭغا شۇنداق ئۆچ بولدۇم ۋە ئۇنىڭدىن شۇنداق سەسكىنىپ كەتتىم. ئۇچۇردا ۋاي جېنىم گۈزىلىم، ئاپپىقىم گۈزىلىم، مېنى كەچۈرگىن نىمىشقا ئۇ يەرگە راھىلە دېگەننى باشلاپ كېلىسەن سەن بىلمەيسەن گۈزەل راھىلە بەك ھازازۇل، بىشەم ئۇ سىرىتنى سىرت دېمەي بەك بىشەملىل قىلىدۇ. ئاخشام مېنىڭ ساڭا ئۇنداق مۇئامىلە قىلىشىم يەنىلا سەن ئۈچۈن گۈزىلىم، مەن ئاخشام ئۇنداق گەپلەرنى قىلمىسام راھىلە دېگەن بىشەم شۇ يەردىلا سېنى تىللاپ چاچلىرىڭنى يۇلۇپ سېنى سىرتلاردا سازايى بازايى قىلۋېتەتتى شۇڭا سېنى ئويلاپ مۇشۇنداق قىلدىم. مېنى كەچۈرگىن گۈزەل مەن راھىلەدىن ئاللىبۇرۇنلا ئاجىرشىپ كەتمەكچى ئىدىم لېكىن ئۇ بەك بىشەم بەك ھازازۇل ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم ئاجىرشايلى دېسەم ئۇ ھېلى ئۆلىۋالىمەن دېسە، ھېلى ئىدارەڭگە بېرىپ سازايى بازايى قىلىمەن ....... گۈزەل دېگەن نېمەڭنىڭ چېچىنى يۇلۇپ كوچىلاردا رەسۋا قىلىمەن دەپ تۇرۋالغاچقا ئۇنىڭدىن ساڭا بىرەر زەخمەت يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئاجىرشالماي كەلدىم. مېنى كەچۈرگىن گۈلۈم ئاز قالدى مېنىڭ ئۇ بىشەمدىن ئايرىلدىغان ۋاقتىم، بىز تېزلا بىللە بولالايمىز، ئاخشامقى قوپاللىقىمنى كەچۈرگىن، مەن سېنى سۆيىمەن، چىن دىلىمدىن سۆيىمەن گۈزەل ....... ئاھ خۇدا مەن نىمىلەرنى ئاڭلاۋاتىمەن، تېخى ئاخشاملا گۈزەلنى ماڭا تىللاپ بەرگەن ئېرىم، تېخى ئاخشاملا مەندىن كەچۈرۈم سوراپ مېنى باغرىغا چىڭ باسقان ئېرىم ..... توۋا توۋا ئەمدى ئۇنىڭغا نىمە دەي بۇ ئاۋازلىق ئۇچۇرنى ئۇنىڭغا ئاڭلاتسام ئۇ يەنە مېنى قانداق ئالدامچىلىقلار بىلەن ئالدار، مېنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرۋاتىدىغاندۇ، ئۇنىڭ مەن بىلەن ئۆي تۇتقىسى بولمىسا گېپىنى ئوچۇق قىلسا بولمامدىغاندۇ نىمىشقا بۇنداق ئالدامچىقلارنى ئويدۇرۇپ چقىردىغاندۇ. ھەي ئالدامچىلىق ئالدامچىلىق ھا ھا ھا شۇنداق قاتتىق قاتتىق يىغلىدىم. قانداق قىلاي ئۇنىڭ مۇشۇ تۈگىمەس ئالدامچىلىقلىرىغا سۈكۈت قىلىپ ئۆيۈمنى تۇتۇۋېرەيمۇ ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئاجىرشايمۇ دېگەن خياللار كاللامنى ئوچاق قىلۋېتبباراتتى. يەنىلا ئۇنىڭغا ئاللادىن ئۇنى بۇ  ئالدامچىلىقلاردىن بالدۇرراق قول ئۈزۈشىگە ياردەم بېرىشنى مەن سۆيگەن قەيسەرنىڭ ھەقىقى بىر غورۇرلۇق، ھەقىقى بىر ئەركەك سۈپىتدە ئالدىمدا قايتىدىن پەيدا بولۇشىنى تىلەۋاتاتتىم. ئويلاپ باقسام ئۇنىڭدىن يەنىلا ئايرىلالمايدىكەن ھازىر مەن ئۈچۈن قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىش پەقەت ۋە پەقەت ئۇلۇغ ئاللادىن قەيسەرنىڭ ئىنسابىنى تىلەش. ئۇلۇغ ئاللا ئۇنىڭغا ئىنساب ئاتا قىلغايسەن، مېنى بۇ ئالدامچىقلاردىن بالدۇرراق قۇتقۇزغايسەن ئاللايىم. بولسا قەيسەر ئەمدى باشقا بىر ئالدامچىلىقلارنى ئويدۇرۇپ چىقارمىسۇن.
قەيسەر سۆيۈملۈگۈم بۇ ئايىغى چىقماس ئالدامچىلقلارنى قاچانمۇ تۈگىتەرسەن!!!!!!

ئەسكەرتىش بۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ھەقىقى ئىشلار ئىدى.  ھەم تۇنجى قېتىم ئەسەر يېزىپ بېقىشىمئىدى ھېكايە شەكلىدە يازاي دېسەم ئانچە قاملاشتۇرالماي قالدىم. باشقۇرغۇچى ئۇستازلارنىڭ، تورداشلارنىڭ مېنى توغرا چۈشىنىپ ئەسەرلىرىمگە كۆپرەك ئىنكاس يېزىپ تەنقىد تەربيە بېرىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105207
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2014-3-23
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 06:49:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېرىمنىڭ ئالدامچىلىقى (تولۇق قىسىمى)

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ياخشىمۇسىز؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟
تېلىفۇندىن ئاڭلانغان بىر قىزنىڭ ياڭراق، سۈزۈك ئاۋازىدىن ئۆزەمنى يۇقۇتۇپ قويايلا دەپ قالغان بولساممۇ چاندۇرماستىن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدىم. -ھە سىز كىم بولىسىز؟
-سىز ئۆزىڭىز كىم؟ ئۆزىڭىز ماڭا تېلىفۇن قىلىپسىزغۇ؟ خاتا ئۇرۇپ قويدىڭىزمۇ يە؟
مەن نىمە دىيىشنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدىم. بۇنۇمۇرغا تېلىفۇن قىلىش قىلماسلىقنى نەچچە كۈن ئوبدان ئويلانغاندىن كېيىن ئاندىن تېلىفۇن قىلغان ئدىم. لېكىن تېلىفۇننى ئالغاندىن كېيىن ھەم قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنىڭ ئەر كىشىلا ئەمەس ئايال كىشىمۇ بىر ئاڭلاپلا ياقتۇرۇپ قالغۇدەك بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك ئاۋاز ئىكەنلىكنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يۈرىگىم تېىخىمۇ تېز-تېز سېلىشقا باشلىدى. -ۋەي، ۋەي سىز بارمۇ يە؟ گەپ قلىڭە سىز كىم؟ قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا تېلىفۇننى تېخىچە تۇتۇپ تۇرغانلىقىمنى ھېس قىلىپ، ھودۇقۇپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىشكە باشلىدىم. -ھە مېنى كەچۈرۈڭ سىزنى ساخلىتىپ قويۇپتىمەن. سىزنىڭ بۇ تېلىفۇن نۇمىرىڭىز تېلىفۇنۇمغا چىقىپ قاپتىكەن. دەماللىققا نىمە دېيىشىممى بىلەلمەي ئۇنىڭغا يالغان سۆزلەشكە باشلىغان ئىدىم.
- ھە شۇنداقمۇ؟ سىزنىڭ نۇمىرىڭىز قانچە؟ بىلىپ بىلمەي خاتا ئۇرۇپ قويدۇممۇ يە؟
-+++++++ دەپ يولدۇشۇمنىڭ نۇمىرىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېين ئۇ ھە شۇنداقمۇ بۇ دېگەن قەيسەرنىڭ نۇمىرىغۇ؟ قانداقسىگە قەيسەرنىڭ نۇمىرى سىزنىڭ نۇمىرىڭىز بولۇپ قالىدۇ؟ راس مەن قەيسەرگە تېلىفۇن قىلغان سىزگە تېلىفۇن قىلمىغان ئىدىمغۇ؟ دېدى قىز ھەيران بولغىنىچە.
-قەيسەر مېنىڭ يولدۇشۇم بولىدۇ.
-نىمە؟ نىمە دېدىڭىز؟ قەيسەر سىزنىڭ يولدىشىڭىزما؟ قەيسەر ئايالىم يوق دېگەن بىز ئارلىشۋاتقىلى بىر يىل بولاي دېدى.
        ئاھ خۇدا مەن نىمىلەرنى ئاڭلاۋاتىمەن. شۇ تاپتا قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاۋاتقان شۇ ۋاقىتتا قانداق ھالەتكە كىلىپ قالغانىقىمنى، مېنىڭ قانداق كەيپىياتتا ئىكەنلىكىمنى تەسۋىرلەشكە قەلىمىم ئاجىزلىق قىلاتتى. ۋەي؟ گەپ قىلىڭە؟ سىز ماڭا يالغان گەپ قىلىۋاتىسىز شۇنداقمۇ؟ قەيسەرنىڭ ئايالى يوق،  سىز مېنى ئالداپ قويدىڭىز شۇنداقمۇ؟ ھەدە گەپ قىلىڭە؟ مېنى بۇنداق ئازابلىماڭ بولامدۇ ھەدە؟ ھەدە مەن سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن.
   - ئۇنىڭ  قايتا قايتا دېگەن يىغا ئارىلاش گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئاندىن ئېسىمگە كەلگەندەك بولۇپ ئاندىن ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشكە باشلىدىم.-مېنى ھەدە دېگنڭىزگە قارىغاندا سىز مەندىن كىچىك ئوخشايسىز؟ ئۇنداقتا مەنمۇ سىزنى سىڭلىم دەپ چاقىراي. سىڭلىم مەن سىزگە يالغان ئېيتىمىدىم. مەن راستىنلا قەيسەرنىڭ ئايالى بىز توي قىلغىلى 7 يىل بولاي دېدى. بىزنىڭ تېخى ئوماق بىر قىزىمىزمۇ بار. مەن راس گەپ قىلسام سىزنىڭ نۇمىرىڭىزنى قەيسەرنىڭ تېلىفۇنىدىن كۆرۈپ ئاندىن تېلىفۇن قىلغان ئىدىم. ۋە تېلىفۇن قىلىپ ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىپ باقاي دېگەن ئەمما مەن سوراپ بولغىچە ئۆزىڭىز ھەممە گەپنى دەۋەتتىڭىز سىڭلىم. ئەمدى ماڭا راس گەپنى قىلىڭە ئىككىڭلار قانداق تۇنۇشقان؟ قاچاندىن باشلاپ ئارىلاشۋاتىسىلەر؟ مۇناسىۋىتڭلار تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا يەتتى؟ مەن سوئال دېگەننى ياغدۇرۇپلا ئەتكەن ئىدىم. ئۇ نىمە دېيىشنى بىلمەي بىر دەم ئېسەدەپ يىغلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن تەمكىنلىك بىلەن سۆزىنى باشلىدى. -ئىسمىم گۈزەل، قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇيمەن. بۇ يىل ئوقۇشۇم پۈتىدۇ، بىز قەيسەر بىلەن ئۆتكەن يىلى يازلىق تەتىلدە يۇرتقا كەلگەندە ئاكامنىڭ بىر دوستىنىڭ تويىدا تۇنۇشۇپ قالغان ئىدۇق، شۇنىڭدىن باشلاپ نۇمۇرۇمنى نەدىن تاپتىكىن ئۇ پات- پات ماڭا تېلىفۇن قىلىدىغان بولدى، يازلىق تەتىلىم توشۇپ مەكتەپكە ماڭىدىغانغا ھەپتە قالغاندا ئۇ مېنى بىر كەشلىكى تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز كۆرۈشۈشنى بىئەپ ھېس قىلىپ بىر نەچچە دوسلىرىم بىلەن بىللە چىقتىم. شۇ كۈنى بىز سورۇندىن تاقىغان ۋاقىتتا ئۇ مېنى ئۇنمىغىنمغا قارىماي ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويىمەن دەپ تۇرۇۋالدى. مەن ئازراق قارشىلىشىپلا ئۇنىڭدىن كېيىن ماقۇل بولدۇم. بىز دەسلەپتە ئۈن-تنسىزلا ماڭدۇق. بىردەمدىن كېيىن  ئۇ تۇيۇقسىزلا قوللىرىمنى تۇتۇپ گۈزەل مەن سىزنى سۆيىمەن. مەن سىزنى تۇنجى كۆرگەن كۈندىن باشلاپلا ياخشى كۆرۈپ قاپتىمەن. ماڭا ماقۇل دەڭ بىز ئارلىشايلى، ئاندىن كېلەر يىلى ئوقۇشۇڭىز پۈتكەندىن كېيىن توي قىلايلى بولامدۇ گۈزەل دېگەندەك شېرىن شېكەر گەپلىرى بىلەن ماڭا ئارلىشىش تەكلىپىنى قويىۋاتاتتى مەن نىمە دىيىشنى بىلەلمەيلا قالغان ئدىم راس گەپ قىلىسام مەنمۇ مۇشۇ يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭغا  ئازراق قىزىقىپ قېلىۋاتقاندەك قىىلغان ئىدىم. كۈندە ئەتتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرۇپ بولغىچە ئۇنىڭدىن ئادەمنى مەستخۇش قىلىدىغان تاتلىق-تاتلىق ئۇچۇرلار كېلىپ بولاتتى. كۈندە ئۈچ ۋاق يەنى تاماق ۋاقتدىلا جېنىم گۈزىلىم تاماق يېدىڭىزمۇ دەپ ماڭا تېلىفۇن قىلىپ بولاتتى. شۇڭا ھازىر ئۇنىڭغا ئالدىراپلا بىر نەرسە دېمەي مەن سىزگە ئەتە جاۋابىنى بېرەي دەپلا يۈگۈرگەن پېتى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. شۇ كۈنى كېچىسى ھاياجانلانغىنمدىن قانداق ئۇيقۇم كەلگەنلىگىنى بىلەلمەي تاڭ ئاتقاندىلا ئاندىن ئۇخلاپ قاپتىمەن.  ئەتىسى ئۇنىڭغا ئۇچۇر  يوللاپ تەلىۋىگە قۇشۇلغانلىقىنى ئېيىتتىم. قىسقىسى مەن قەيسەرنى ھاياتىمدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادەم دەپ قارايتىم. بىز ھازىر ئارىلاشقىلىمۇ بىر يىلدىن ئاشتى. ئۇ كۈندە ماڭا تېلىفۇن قىلىدۇ. بىز تېخى 7-ئايدا ئوقۇشۇم پۈتسىلا ئۇزاققا قالماي تويمۇ قىلماقچى بولۇپ پۈتۈشكەن ئىدۇق. ھەدە سىز ماڭا چاخچاق قىلىۋاتىسىز شۇنداقمۇ ؟
ئۇ دەيدىغانلىرىنى دەپ بولغاندەك قىلاتتى. مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغىچە لەۋلىرىمنى قانچە قېتىملاپ چىشلەپ بولغىىمنى، چاچلرىمنى قانچە قېتىملاپ يۇلغىنمنى بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ نىمىلا بولمىسۇن بۇ قىزغا بىر نەرسە دىيىشىم كېرەك ئىدى. مەن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ قەيسەر ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئىشلارنى سۆزلەشكە باشلىدىم.  
-سىڭلىم دەپ گېپىمنى باشلىدىم مەن. بىز شۇنداق قىزغىن مۇھەببەتلىشپ ئىككى ئۆيدىكىلەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي توي قىلغان ئىدۇق. تويدىن كېيىن تۇرمۇشىمىز ناھايتى كۆڭۈللۈك ئۆتكەن. بىز بىر-بىرىمىزنى بەك ياخشى كۆرگەچكە ھازىرغىچە بىر-بىرىمىزنى ناھايتى ھۆرمەتلىشىپ ئۆتۈپ كېلىۋاتاتتۇق. مەن قەيسەرنىڭ بىز شۇنداق بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋېتىپمۇ يەنە نىمشقا سىز بىلەن ئارلىشىپ قالغانلىقنى بىلەلمەيلا قالدىم سىڭلىم. ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز؟ دەپ سورىدىم. ( ئەسلى قەيسەر ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشى ئۇ دەرجىدە بەك بەخىتلىكمۇ، ئۇ دەرجىدە خاتىرجەممۇ ئەمەس ئىدى، بىزنىڭ خاتىرجەم، بەخىتلىك كۈنلىرىمىز پەقەت بىز توي قىلىپ بىر يىلغىچە يەنى قىزىم تۇغۇلغىچە بولغان ئىدى. قىزىم تۇغۇلغاندا ئۇنىڭ تېنى سەل ئاجىز تۇغۇلۇپ قالغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بەك يىغلاڭغۇ ئىدى. ئۇ كىچە كۈندۈز دېمەي يىغلايتتى. بەزى كېچىلىرى بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىدىن ئۇخلىيالماي قالغان چاغلاردا ماڭا ۋارقىراپ ۋاي مۇشۇمۇ ئۆي بولدىمۇ بولدىلا سىرىتىقا چىقىپ ياتاق ئاچقۇزۇپلا ئۇخلاپ كىرەي بولدى دەپ چىقىپ كېتەتتى. كېيىن بۇنداق ئىشلار تولا تەكرارلىندىغان، ھەتتا ھەپتە-ھەپتىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. مەن بولسام بالامنى بېقىش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ يولىغا قاراپ ئاۋارە ئىدىم. كېيىن ئۆيگە كىرسىمۇ مەس ھالەتتە كىرەتتى. ۋە كىرىپلا بالام بىلەن مېنى قوشۇپ تىللاپ ئۆيىنى بېشىغا كىيىپ بولاتتى، مەن بۇنداق ۋاقىتلاردا پەقەت ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش ئارقىلىقلا جاۋاپ قايتۇراتتىم. ھەيرانمەن شۇ ۋاقىتلاردا نىمىشقا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تۇرمىغاندىمەن، نىمىشقا ھەي بۇ بالا يالغۇز مېنىڭلا بالاممۇ، بالا يىغلىسىا ماڭا نىمە دەپ ئاچچىقلايسەن دەپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلمىغاندىمەن دەپ ئويلاپ قالىمەن. كېيىن شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئۇنىڭ بىر قىز بىلەن ئارلىشۋاتقانلىقنى بىلىپ قالدىم. ۋە ئۇ قىز بىلەنمۇ قەيسەرگە ئۇقتۇرماي كۆرۈشتۈم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يىگەچ پاراڭلىشىپ ئۇ قىزنىڭ ئېرى بىلەن ئاجىرشىپ كەتكەندىن كېيىن پەقەت قەيسەر بىلەن كۆڭۈل خوشى ئۈچۈن مۇنداقلا ئارلىشىپ قويغانلىقىنى، ئۆزنىڭ بىزنىڭ ئائىلىمىزنى بۇزۇش نىيىتى يوقلىقنى ئېيتىپ مەندىن كەچۈرۈم سوراپ بۇنىڭدىن كېيىن قەيسەرنى قەتئىي ئىزدىمەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ بۇ ئىشلارنىڭ قەيسەرنىڭ يۈزىگە سالمىدىم. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشلارمۇ شۇنىڭ بىلەن بېسىقىپ قالغان بولدى. ئۇ قىز قەيسەرگە بىر نەرسە دېگەنمۇ بىلمىدىم شۇنىڭدىن باشلاپ قەيسەرمۇ ئۆيگە ۋاقتىدا كىرىدىغان، ئۆيگە كىرسىمۇ ۋارقىراپ جارقىرمايدىغان بولدى.  لېكىن "ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە" دېگەندەك بۇ خوشاللىقىم ئانچە ئۇزۇنغا بارمايلا قەيسەرنىڭ يەنە بىر قىز بىلەن ئارلىشىپ قالغانلىقنى بىلدىم. بۇ قېتىم ئۇ قىز بىلەن تېلىغۇندا ئۇرۇشۇپ قالدۇق. ئۇنىڭغا شۇنداق ياخشى گەپلەرنى قىلسام "مال ئىگىسدىن ئوغرى كۈچلۈك" دېگەندەك ئۇ قىز مېنى شۇنداق سەت تىللار بىلەن تىللاپ كەتتى. مەنمۇ ب وش كەلمەي ئۇ قىزنى پۇخادىن چىققۇچە تىللاپتىمەن. ھەيرانمەن ئۆزەمنىڭ ئاغىزىدىمۇ مۇشۇنداق يامان گەپلەرنىڭ چىققىنىغا. ئىككىمىز تېلىفۇندا ھەدەپ تىللىشۋاتساق قەيسەر كىرىپ كەلدى. ۋە نىمە بولدى؟ نىمە دېگەن سەت گەپ بۇ ئاۋازىڭىز كارىدورنى بىر ئېلىپ بوپتۇ. كىم بىلەن تىللىشۋاتىسىز؟ دەپ سوراپ قالدى. مەن ماۋۇ ئاغزى بۇزۇق ئاشىقىڭ بىلەن پاراڭلىشۋاتىمەن. ئالە تېلىفۇننى ئۆزەڭ گەپ قىل دەپ تېلفۇننى ئۇنىڭغا تاشلاپ بەردىم. قەيسەر گەپ سۆز قىلمايلا تېلىفۇننى بېسىۋەتتى. مەن ھەدەپ يىغلاۋاتىمەن. تىللاۋاتىمەن. ئالدىنقى قېتىملىق ئىشتىن تارتىپ قۇشۇپ ھەممە ئىشلارنىڭ ھېسابىنى ئېلىۋاتىمەن. قىززىق ئۇ ئادەتتە شۇنداق نوچى ئادەم بۇگۈن خوتۇن خاپا بولماڭ مەن خاتا قىلىپتىمەن دېگەندىن باشقا ھېچنىمە دىمەيلا تۇرۋالدى. مەن يىغلاپ، تىللاپ، ۋارقىراپ ھېرىپ قالغاندىلا ئاندىن توختاپ قالدىم. ئۇ ئۆيدە پاي-پېتەك بولۇپ تاماق ئېتىپ، چاي دەملەپ دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ ماڭا خۇشامەت قىلىشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئۇرىشىشىمزمۇ مۇشۇنداقلا ئاياغلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ كەتتىم. ئۇنىڭغا شۇنداق تېلىفۇن كەلگەن ھامان كىمدىن كەپتۇ؟ نىمە ئىشى بار ئىكەن دەپ سورايدىغان، تېلىفۇن ئۆيدە قېپلا قالسا ئۇنى تېلىفۇننى تەكشۈرىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ ئىش ئۇزارغانسېرى ئۇنىڭ ئارلىشىدىغان قىزلىرىنىڭ پەقەت ئۇلا ئەمەسلىكىنى ئالاقە قىلىدىغان قىزلارنىڭ ناھايتىمۇ جىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئۇرىشىشمىز بارغانسېرى كۆپەيدى. ئۇ بەزىدە مېنى كەچۈرۈڭ دېگەن بولسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھە ئارلاشسام قانداق قىلاتتىڭ، مەن دېگەن ئەركىشى، ئاپام مېنى ئەركەك دەپ تۇغۇپتىكەن، ئارلىشىمەن قانداق، سېنىڭ قورسىقىڭنى ئاچ قويدۇممۇ؟ ئۇچاڭنى يالىڭاچ قويدۇممۇ؟ ھە دەپ بەرسەم نىماندا تۈگىمەيدىغان ئۇرۇش بۇ؟ تولا بېشىمنى ئاغىرتىماي تېپىپ بەرگىنىمنى يەپ مېنى ئارامىمدا قوي دەپ ۋارقىرايدىغان بولدى. مەن بۇنداق ۋاقىتلاردا ئاجىرشىپ كېتىشنى نەچچە قېتىم ئويلىغان بولساممۇ ئەمما بىزنىڭ توي قىلىشتىن بۇرۇنقى ئاپام دادامنىڭ " بالام ئارلىق يىراق ئىكەن، ئۇ باشقا ناھيىدە بىز باشقا ناھىيىدە تۇرساق، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگىلى تېخى ھېچقانچە بولمىسا ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمىتىڭىزمۇ ھەل بولمىسا ئالدىرمايراق توي قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ شۇنچە يىراق ناھىيىگە توي قىلىپ كەتسىڭىز بىزنى سېغىنمامسىز؟ ئۇنىداق قىلماڭ جېىنىم بالام" دېگەنلىرىگە ئۇنىماي قارشىلىق قىلىپ، ئۆيدىكىلەرگە ئۇقتۇرماي يۇشۇرۇن ھالەتتە توي خېتى ئېلىپ بولغاندىن كېيىنلا ئاپام دادام ئامالىسىزلىقتىن بۇ تويغا قۇشۇلغان بولغاچقا ئەمدىلىكتە بۇ ئىش بولغاندا ئاجىرشىپئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىشتىن خىجىل بولغانلىقىم ئۈچۈن ھەرقانچە ئىش بولۇپ كەتسىمۇ چىداپ تۇرۇپ بۇ ئۆينى تۇتۇش قارارىغا كەلگەن ئىدىم. شۇڭا ئاجىرشالمايتىتىم. شۇنداق قىلىپ بىزمۇ مۇشۇنداق ھېلى ئۇرۇشۇپ، ھېلى يارىشىپ دېگەندەك ئۆيىمىزنى تۇتۇپ كېتىۋاتاتتۇق. قىزىم چوڭ بولغانسېرى شۇنداق ئوماقلىشپ كېتىۋاتاتتى، قىزىمنىڭ تۇنجى قېتىم دادا دەپ تىلى چىققان ئىدى. قەيسەر قىزىمنىىڭ ئۆزىنى تۇنجى قېتىم دادا  دەپ چاقىرغاندىن كېيىن ئۇمۇ بارا-بارا قىزىم بىلەن بىللە ئوينايدىغان ، ئۇنى كۆتۈرۈپ نە-نەگە ئەكتىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزمۇ ئازراق ئىزىغا چۈشۈپ قالدى. شۇنداق قىلىپ قىزىم ئۈچ ياشقا كىرگەندە مەن قىزىم تۇغۇلغاندىن باشلاپ تاقىلىپ قالغان دۇكىنىمنى قايتا ئېچىش ئۈچۈن قەيسەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قىزىمنى ئاپامنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويماقچى بولدۇم. ئۇ دەسلەپتە قۇشۇلمىدى كېيىن مەن قايتا-قايتا دەۋەرگەندىن كېيىن ئۇمۇ ماقۇل بولدى. ئەسلى قىزىمنى باشقا ناھىىگە يەنى ئاپامنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ قويۇپ خاتا قىلغان ئىكەنمەن. قىزىمنى ب ناھىيىسگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن قەيسەر يەنە بۇرۇنقى يولىغا ماڭغىلى تۇردى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشلارغا بۇرۇنقىدەك ئېتىبار قىلىۋەرمەيدىغان بولدۇم. شۇ ھالەتتە نەچچە يىل ئۆتتى. قەيسەرمۇ ھېلى تۈزىلىپ، ھېلى قالايمىقان يوللاردا مېڭىپ يۈرۋاتاتتى. مانا  بۇ قىېتىم ئۇقۇپ قالغىنىم بولسا ئەسىرىمدە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن گۈزەل ئىسىملىك قىز بولدى. مەن بۇ قېىتممۇ بۇرۇنقىدەك بولدى قىلىۋېتەي دەپ ئويلىغان بولساممۇ ئەمما ئۇنىڭ كېچىلىرىمۇ گۈزەل، گۈزەل دەپ جۆيلۈشلىرى، كېچە-كېچىلەپ كارىدوردا تېلىفۇندا پاراڭلىشلىرىغا چىداپ بولالماي بىر ئاماللار بىلەن ئېرىمى كېچىلىرى ئۇيقىدىن بىدار قىلىۋاتقان بۇ قىزنىڭ تېلىفۇن نۇمىرىنى ئاخىرى تېپىپ چىققان ئىدىم. لېكىن مەن تېلىفۇندا گۈزەل بىلەن پاراڭلاشقاندىن كېيىن نىمىشقىدۇر ئۇنىڭغا تۇرمۇشۇمنىڭ خاتىرجەم ئەمەسلىگىنى، قەيسەرنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ مۇشۇنداق يولدا مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقنى، بىر قىز بىلەن مۇناسىۋتىنى ئۈزدۈرسەم يەنە بىر قىز بىلەن تېپىشۋالدىغانلىقنى ئۇنىڭغا قەتئىي بىلدۈرگۈم كەلمەي ئۇنىڭغا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ناھايتى خاتىرجەم، بىز ناھايتى بەخىتلىك ياشاۋاتىمىز دېگەن ئىدىم. قىسقىسى مەن گۈزەلگە ئۆزەمنىڭ بەخىتسز ئىكەنلىكمىنى بىلدۈرگۈم  ھەم يىغلاپ قاخشاپ تۇرۇپ قەيسەرنىڭ ماڭا قىلغان ئەتكەنلىرىنى دەپ ئۇنى رەسۋا قىلغۇممۇ يوق ئىدى) - گۈزەل بولسا ھەدە مەن ھازىر سىزگە نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەيلا قالدىم. راس مەن بەك تېڭىرقاپ قالدىم. مەن شۇنداق ئىشەنگەن، مېنى شۇنداق قوغلاشقان بىر ئادامنىڭ ئالدامچى بولۇپ قالغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ ھەدە مېنى كەچۈرۈڭ بۈگۈنچە بىز پاراڭلاشمايلى مەن سىزگە ئەتە تېلىفۇن قىلاي بولامدۇ دەپلا تېلىفۇننى قويىۋەتتى. مەنمۇ تېلىفۇننى قۇيۇپ بولۇپ ھارغىچە يىغلىدىم ۋە دۇكاننى بالدۇرراق تاقاپ ئۆيگە قايتىپ ئۇ ئەڭ ئامراق تاماق چۆچۈرە ئېتىشكە تۇتۇش قىلدىم. تاماق ئېتىۋاتىمەن كۆزلىرىمدىن ياشلار تاراملاپ قۇيۇلىۋاتىدۇ. ئۆز-ئۆزەمگە سوئال قويىۋاتىمەن، مەن ئۇنىڭغا نىمە يامانلىق قىلدىم؟ ئۇ نىمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئۇنى ياخشى كۆرگىنىم گۇناھمۇ؟ ئۇنى دەپ ئاپام-دادامدىنمۇ ئايرىلىپ بۇ ناتۇنۇش ناھىيىگە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۋاتقىلى نەچچە يىل بولدىغۇ؟ ئۇ نىمىشقا بۇنى ئويلىمايدىكىنە؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ ھەش-پەش دېگۈچە تاماقنىمۇ پۇشۇرۇپ بولدۇم. ئۇمۇ بۈگۈن بالدۇرلا كەلدى ۋە مەن كەچتە بىريەرگە بارماقچى ساڭا دەپ قوياي دەپ كەلدىم. تېلىفۇن قىلسام تېلىفۇنۇڭ ئېتىك دۇكانغا بارسام تاقاقكەن شۇڭا ئۆيگە كەلدىم دەپلا سىرىتقا ماڭماقچى بولدى. مەن ئاش پىشىپ قالغان ئىدى تاماق يەپ ئاندىن چىقىڭ دەپ تۇرسام ئۇنىڭ تېلىفۇنى ئەنسىز سايراپ كەتتى. ئۇ نۇمۇرغا قارىۋېتىپ بولدى تاماقنى ئۆزەڭ يەۋەر مەن سىرىتتىن يەيمەن دەپلا تېلىفۇننى ئېلىپ ۋەي دېگىنىچە چىقىپ كەتتى. مەن ئۇھ تارتىقىنىمچە جايىمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم. تاماققىمۇ ئىشتىھايىم يوق ئىدى. ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن ئۇ قولىدا ھاراق ۋە يەنە ئۇششاق يىمەكلىكلەرنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى. ھەمدە خوتۇن چاي دەملە بۈگۈن ئىككىمىز ئوبدانراق پاراڭلىشايلى ئەسلى مەن بىر يەرگە بارماقچى ئىدىم لېكىن باياتىن كەلگەن بىر تېلىفۇن مېنى ئۇ يەرگە بېرىشتىن يالتايىتتى دېدى. مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلمايلا بىر چەينەك قىززىق چاي دەملەپ ئەكەلگەن نەرسىلىرىنى ھەم ئوخشىغان بىر چىنە چۆچۈرىنى جوزىغا كەلتۈردۈم. ئۇ ئاۋۋال ئاشنى ئىچىتى ئاندىن ھارىقىنىڭ ئاغىزىنى ئېچىپ بىر تەرەپتىن ئىچكەچ خوتۇن گۈزەل بىلەن بولغان ھەممە ئىشلارنى ئۇقۇپسەن مەن بۇ ئىشنى گۈزەلنىڭ تېلىفۇننى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ھەممىنى بىلدىم. گۈزەل ماڭا ھەممە گەپلەرنى دېدى. مەن ساڭا شۇنداق يامانلىقلارنى قىلغان بولساممۇ لېكىن سەن مېنى يەنىلا گۈزەلگە ماختاپ بېرىپسەن ۋە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز شۇنداق خاتىرجەم، بىز بەك بەخىتلىك ئىدۇق توي قىلغاندىن بۇيان قەيسەر قەتئىي بۇنداق يولغا مېڭىپ باقمىغان بەلكىم بۇ قېتىم ئېزىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپسەن مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەك خىجىل بولدۇم ۋە شۇندىن كېيىنلا ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى ئوبدانراق ئويلىشىش قارارىغا كەلدىم. مەن ساڭا بۇ قېتىم مېنى كەچۈر دېمەيمەن مەن بۇ گەپنى دېسەممۇ سەن بەرىبىر ئىشەنمەيسەن، ھەممە ئىشلارنى ئەمەلىي ھەركىتىمدىن كۆرگىن ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز بۇنداق يولغا ماڭمايمەن. مەن بۇ ئىشلارنى بەك ئاددىي ئويلاپ قاپتىمەن. مەن خىيالىمدا سېنىمۇ ياخشى كۆرسەم، سىرىتتا باشقا قىزلار بىلەنمۇ ئارلىشىپ يۈرسەم ھەممە نەرسەڭنى تەل قىلىپ بەرسەملا بولىدىغۇ، شۇنداق تۇرسىمۇ يەنە نىمىشقا مېنىڭ كۆزۈمگە كىرۋېلىپ مېنى ئارامىمدا قويمايدىغاندۇ دەپ ئويلاپتىمەن. مەن دېگەن ئەر كىشى ئەركىشى دېگەن ئاشۇنداق ئويناپ كۈلۈپ ياشىشى كېرەك دېگەن خاتا ئىدىيە كاللامغا سىڭىپ قاپتۇ لېكىن گۈزەلنىڭ قەيسەر سىزمۇ ئادەممۇ؟ سىزمۇ ئوقىغان ، مەلۇماتلىق ئادەممۇ؟ قەيسەر ئايال كىشىمۇ ئادەم مېنى نىمىشقا مۇشۇنداق ئاخماق قىلىسىز؟ تېخى ئايالىڭىز قىزىڭىز تۇرۇپ مېنى ئالىمەن دەيسىزا؟ مېنى نىمە كۆرۈپ قالدىڭىز؟ ئىككى خوتۇنلۇق بولماقچىمىدىڭىز؟ قەيسەر مەن سىزگە دەپ دەپ قوياي ئادەمنىڭ يۈرىگىدە ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئادەم بولىدۇ بىز بۇ دۇنيادىكى چەكلىك ھاياتىمىزدا ئۆزىمىز تاللاپ سۆيگەن شۇ ئادەمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەملەر قاتاردىن ئورۇن ئالغۇزالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزمىساق، ئۆزىمىز تاللىغان جۈپتىمىزگە ئاسىيلىق قىلمىساق ئۇلۇغ ئاللامۇ بىزدىن رازى بولغان بولىدۇ. سىز شۇنداق قىلالالىدىڭىزمۇ؟ سىزنىڭمۇ قىزىڭىز بار ئىكەن ئەگەر سىزنىڭ قىزىڭىز چوڭ بولغاندا سىزگە ئوخشاش ئايالى بار بىرسى قىزىڭىزنى مېنى بوزەك قىلغاندەك بوزەك قىلسا سىز قانداق قىلىسىز؟دېدى مەن بەك خىجىل بولدۇم، مېنى كەۈرگىن خوتۇن دەپ مەندىن تاتلىق تالىق كەچۈرۈملەرنى سورىدى.  
شۇنداق قىلىپ بىز بۇ ئاخشىمى كۆڭۈللۈك سورۇندىن بىرنى تۈزۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئىچ -باغرىمىزنى تۆكۈشتۇق. ئۇ ئەكىرگەن قىزىل ھاراقتىن 2 رومكا ئىچىپ مەسنى دوراپ ئۇنى تىللاپ ئۇرۇپ يىغلاپ دېگەندەك توي قىلغاندىن  بۇيان دىيەلمىگەن گەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى دەپ ئىچىمنى تازا بوشتۋالدىم. ئۇمۇ باشقا گەپ قىلماي مېنى كەچۈرۈڭلا دېگەن شۇ بىر ئېغىز گەپنى دېدى. قانداق قىلاي ئاياللا يەنىلا ئاجىز، يەنىلا ئۆچكە يېغى كېلىدىكەنمىز مەن يەنىلا ئۇنىڭ مېنى كەچۈرۈڭ دېگەن گەپلىرىنمى راس دەپ ئويلاپ مېنىڭمۇ ياغلىرىم ئېرىپ ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە باشلىدىم. ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلرىمگە ئەپسۇس. ئۇ مېنى يەنە ئالدىدى. مەن بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، مەن زادى نىمە بولدۇم. نىمىشقا ئۇنىڭغا ئىشنىمەن، نىمىشقا ئاجىرشىپ كەتمەيمەن. مەن نىمىشقا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتمەيمەن، زادى نىمىشقا دەپ؟ مەن ئۆزەممۇ بىلمەيمەن. ھەرقىېتىم ئۇ شۇنداق ئەسكىلىكلەرنى قىلغاندا، قالايمىقان يوللاردا ماڭغاندا ۋاي بولدىلا ئۇنىڭدىن ئاجىرشىپ، قىزىمنى ئۆزەم بېقىپ تەربىيلەپ، ئۇنىڭدىن بىراقلا قۇتۇلاي دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچ بولۇپ ئاجىرشىشنى ئويلايمەن. ئەمما دەل ۋاقتى سائىتى كېلىپ ئاجىرشىدىغاندا ئۇ ماڭا يىغلىغۇدەك بولۇپ يالۋۇردۇ. ئۇنىڭ يالۋۇرىشنىڭ بىردەملىكلىكىنى، ئىتنىڭ سۆڭەك غاجايدىغان ئادىتىنى تاشلىيالمايدىغانلىقنى بىلىپ تۇرساممۇ يەنە ئىشىنىمەن. زادى نىمىشقىدۇ؟ ئۇنىڭغا ئۆزەممۇ ھەيرانمەن ھەم ئۆزەمنىڭ بۇ ئادىتىگە ھەم ئۆز-ئۆزەمگە شۇنداق ئۆچلۈكۈم كېلىدۇ. ئەمدى نەق گېىپىمىزگە كەلسەك ئىككىمىز ئىچ-باغرىمىزنى تۆكۈشۈپ ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن  ئېرىم يەنە گۈزەلنى ئىزدەپ قەلبىنى چۈشەندۈرۈپتۇ، گۈزەل ئۇنى تىللاپ، ھاقارەتلىسىمۇ ئۇ يەنىلا بېزەڭلىك بىلەن ئۇنى ئىزدەۋەرگەندىن كېيىن گۈزەل مااڭا يەنە تېلىفۇن قىلىپتۇ -ھەدە قەيسەر ماڭا بەك تولا تېلىفۇن قىلىپ ئىشىگىمنىڭ ئالدىغا كېلىۋېلىپ كۈرۈشەيلى ساڭا دەيدىغان گېپىم بار دەپ مېنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا بەك خىجىل قىلىپ كېتىپ بارىدۇ. (گۈزەل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتقا قايتىپ كېلىپ ھازىر ئۆيىدە ئىكەنتۇق) قانداقمۇ قىلا مەن.
-سىڭلىم ئۇنداق بولسا ئۇ يەنە سىزگە تېلىفۇن قىلسا ياكى ئۆيىڭىزگە سىزنى ئىزدەپ بېرىپ كۆرۈشەيلى دېسە ماقۇل دەپ كۆرىشىدىغان ئورۇن ۋە ۋاقىتنى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن ماڭا تېلىفۇن قىلىڭ ئۇ يەرگە مەنمۇ باراي ئۈچىمىز دەرقەمدە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ باقايلى دېدىم.
-ماقۇل ھەدە. بۇ بەك ياخشى تەكلىپ بولدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن دىيىشىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن سىزگە تېلىفۇن قىلاي ئۇنىڭغا ئۇقتۇرمايلى دېدى. شۇنداق قىلىپ گۈزەل قەيسەر بىلەن كۆرىشىدىغان ئورۇننى، ۋاقىتىنى بېكىتىپ بولۇپ ماڭا تېلىفۇن قىلدى. مانا بۈگۈن ئۇلار ئۇچىرشىدىغان كۈن. ئۇ جايغا كېتىۋاتىمەن. يۈرىگىم شۇنداق ئەنسىز سوقماقتا. قانداق بولا؟ قەيسەر ماڭا قانداقراق پوزىتىسىيەدە بولا؟ ئۇ گۈزەلنىڭ ئالدىدىلا مېنى ئەيىبلەپ كېتەمۇ دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ بىردەمدىلا ئۇلار كۆرۈشمەكچى بولغان ئايرىمخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن. ئايرىمخانىنىڭ ئالدىدا بويلىرى ئېگىز، نازۇك، ئۇزۇن چاچ قاش كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان زامانغا لايىق كىينگەن تولىمۇ قاملاشقان بىر قىز تۇراتتى. ئۇ مېنى كۆرۈپلا ھەدە بۇ سىزمۇ؟ مەن گۈزەل بولىمەن. دېدى ئۇ ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق گۈزەل قىز ئىدى. مەن خېلى بۇرۇنلا كەلگەن. مەن كەلسەم قەيسەرمۇ كېلىپ بوپتىكەن. ئۇ ھازىر ئىچىدە بار، مەن تازىلىق ئۆيىگە چىققان ئىدىم قارىسىام سىز ئۇدۇل مۇشۇ ئايرىمخانا تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتىسىز، بەلكىم سىزنى شۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ساقلاپ تۇردۇم، يۈرۈگە ھەدە كىرەيلى دېدى. مەن تارتىنىپراق  -كىرسەم قانداق بولا؟ قەيسەر نىمە دەپ قالا؟ كىرمەيمۇ يا دېدىم.
-ۋاي، ۋۇي ھەدە، يا سىز خاتالىق ئۆتكۈزمىسىڭىز، گۇناھنىڭ ھەممىسى قەيسەردە تۇرسا يەنە سىز نىمە دەپ خىجىل بولىسىز ئەسلى قەيسەر خىجىل بولسا بولاتتى. قارىسام سىز بەك ياخشىكەنسىز، كۆڭلىگىزمۇ ياخشىكەن. سىىز بىلەن تۇنۇشقالىقىمدىن بەك خوشالمەن قارىسام يېشىمىزمۇ ئانچە پەرقىلىنىپ كەتمەيدىكەن مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ توي قىلمىغان بىلەن يېشىم سىز بىلەن تەڭدەك قىلىدۇ. خالىسىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى ھەدە دېمەي ئىسمىڭىزنىلا ئاتاي. خالىسىڭىز دوست بولۇپ قالايلى. ھەراس مەن ھازىرغىچە سىزنى ھەدە ھەدە دەپلا ئاتاپ ئىسمىڭىزنى سورىماپتىمەن. ئىسمىڭز نىمە؟
-ئىسمم راھىلە دېدىم مەن.
راھىلە مېڭىڭە بىللە كىرەيلى دەپ قولۇمنى سۆرىگەنچە ئايرىمخانىغا باشلاپ كىردى. ئىشىكنى ئېچىپ كىرىشىمىزگىلا قەيسەر بىزنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ قالدى. ۋە راھىلە سەن بۇيەردە نىمە ئىش قىلىسەن؟ بۇ يەرگە قانداق بولۇپ كەپ قالدىڭ؟ گۈزەل نەگە باردىڭىز؟ تازىلىق ئۆيىگە چىقىپ كېرەي دەۋاتاتتىڭىز نىمىشقا شۇنچە ئۇزۇنغىچە كىرمەيدىكىن دېسەم ئەسلى ئايالىم راھىلەنى باشلاپ كەپتىكەنسىزدە، ئىككىمىزنىڭ بىللە تۇرغىنىنى ئايالىمغا كۆرسىتىش ئۈچۈن قەستەن مەن ئۇنمىساممۇ ئۇنىماي ماڭا كۆپ قېتىم تېلىفۇن قىلىپ بۇ يەردە كۆرۈشەيلى دېگەنمىدىڭىز؟  گۈزەل مەن سىزنىڭ بۇنداق ئىپلاسلىقىڭىزنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. سىز راھىلەنىمۇ بۇ يەرگە باشلاپ كەلسىڭىز، ئايالىم ئىككىمىزنىڭ بىللە تۇرغىنىنى كۆرسە، ئۇ يىغلاپ چىقىپ كەتسە ..... ھا ھا ھا شۇنىڭ بىلەن مەن سىزنىڭ بولسام شۇنداقمۇ خىيالنى خام ئەيلەپ قاپسىز گۈزەل مەن ھېلقى كۈندىن باشلاپ سىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى تولۇق ئۈزۈش ئۈچۈن ئايالىم راھىلەگە ۋەدە بېرىپ بولغان مەن ئەمدى ۋەدەمگە خىلاپلىق قىلمايمەن. مەن راھىلەن ىسۆيىمەن. گۈزەل سىز يەنە قانداق ئويۇنلارنى ئوينىماقچى؟ مەن بۇنىڭدىن كېيىن گۈزەل ئىسىملىك ئادەمنى تونىمايمەن ئەمدى ماڭا چاپلىشۋالماڭ . ماڭا تېلىفۇنمۇ قىلماڭ. مېنى ئىككىنچى ئىزدىگۈچىمۇ بولماڭ. راھىلە ماڭ كېتىمىز دەپ قولۇمنى تۇتۇپ ئېلىپ ماڭماقچى بولدى. توۋا مەن ھەيران قالدىم . كىمنىڭ گېپىگە ئىشىنىشنىمۇ بىلەلمەيلا قالدىم. گۈزەل يالغان گەپ قىلغانمىدۇ. قەيسەرمۇ؟ مەن جىملا تۇرۇپ قالدىم. گۈزەل بولسا ھېي نىمە دەۋاتىسەن؟ سەن ماڭا تېلىفۇن قىلدىڭمۇ مەن ساڭا تېلىفۇن قىلدىممۇ؟ توۋا توۋا جاھان قانداق بولۇپ كەتكەندۇ؟ تېخى كوزۇڭنى مىت قىلىپمۇ قويماي يالغان گەپ قىلىۋاتىسىنا؟ ئىسىت راھىلەدەك ئېسىل ئايالنىڭ ساڭا خوتۇن بولۇپ قالغىنى، راھىلە مېنىڭ گېپىگە ئىشنىڭ ئۇ بىر يالغانچى ئىپلاسكەن. توۋا توۋا راھىلە ئىككىمىز كېيىن ئالاقىلىشايلى خوش مېنىڭ بۇ ئىپلاسنىڭ چىرايىنى يەنە كۆرگۈم يوق خوش راھىلە دەپ يۈگۈرگەنچە چىقىپ كەتتى. مەن نىمە دىيىشنى بىلەلمەيلا تۇرغان جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم. قەيسەر بولسا كېلە خوتۇن ئەمسى ياخشى بولدى. ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇق. سېنى تازا بىر مېھمان قىلاي. توۋا گۈزەلنى بۇنداق قىلىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن. نەچچە كۈننىڭ ياقى كۈندە تېلىفۇن قىلىدۇ، ئالمىسام ئۇچۇر يوللايدۇ. قايتا قايتا تېلىفۇن قىلىدۇ. تۈنۈگۈن يەنە تېلىفۇن قىلىپ بىر كۆرۈشەيلى سىزگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم گېپىم بار دېسە ئىشنىپ كەپتىمەن. مېنى كەچۈر خوتۇن گۈزەلنىڭ سېنىمۇ بۇ يەرگە باشلاپ كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. قەيسەر سۆ‍زلەۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭغا ھېچنىمە دېىمەيلا سومكامنى كۆتۈرۈپ يىغلىغانچە چقىپ كەتتىم. قەيسەرمۇ راھىلە راھىلە توختا دېگىنىچە تېخى بىر چوكىمۇ تەككۈزۈپ قويمىغان قورۇمىلارنىڭ ھېسابىنى قىلىپ كەينىمدىن ئالدىراش يۈگۈرۈپ چىقتى. كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ھەرنىمە بولسا قەيسەر گۈزەلنىڭ ئالدىدا ماڭا قوپال تەگمىدى، قارىغاندا ئۇنىڭ گېپى راس ئوخشايدۇ. دەپ خوش بوسام يەنە بىريەرلىرىدە  لېكىن گۈزەل نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ نىمىشقا مېنى  ئالدايدىغاندۇ دەپ ئويلاپ ئازاپلانغان ئىدىم. مانا قەيسەرمۇ چىقىپ كەينىمىدىن يېتىشىپ كەلدى. ئۇ ئۆيگە ماڭغاچ ماڭا چۈشەندۈرەتتى. ھەرخىل ۋەدىلەرنى بېرەتتى. مەن يەنىلا ئۇنىڭغا ئىشىنىپ قالغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ ئۆيگىمۇ يېنىپ كەلدۇق. مەن يەنىلا ئۇنىڭغا تەسلىم بولدۇم. ئەتىسى مەن گۈزەلگە پۈتۈن ئاچچىقىم بىلەن تېلىفۇن قىلدىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم راھىلە ياخشىمۇسىز؟
-ھە ياخشى. گۈزەل سىز نىمىشقا بۇنداق قىلدىڭىز، ھە نىمىشقا مېنى ئالدايسىز؟ مەن سىزگە شۇنداق ئىشەنگەن ئىدىمۇ نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز دەپ سۆزلەپلا كېتىپتىمەن.
-ھەدە مەن قەيسەرنىڭ بۇ دەرىجىدە يالغانچى، ھىيلىگەر بىر ئىپلاس ئىكەنلىكنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. ئۇ بەك يالغانچى ئەبلەخكەن راھىلە، ئۆزەمنىڭ ھەم سىزدەك ياخشى بىرقىزنىڭ قەيسەردەك بىر ئىپلاسنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمىزغا ھەيرانمەن. مەن سىزگە ھازىرلا مېنىڭ يالغان گەپ قىلمىغانلىقمنى، قەيسەرنىڭ قانداق نومۇسسىز ئادەم ئىكەنلىكنى كۆرسىتىپ قويىمەن. ئۇ كېچىدىن سىز ئۇخلاپ قالغان ئوخشايسىز ماڭا بىر كېچە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ چىقتى. ئىشەنمىسىڭىز ھەممىسنى سىزگە يوللاپ بېرەي ئاندىن ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئېرىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكنى بىلىپ قالىسىز راھىلە. ئەمسە مەن تېلىفۇننى قويىۋەتتىم. ھازىر قەيسەرنىڭ قىسقا ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ بېرەي ھە راس مەن سىزنى ئىشەنمەي قالمىسۇن دەپ كېچىدىن ئۇ ماڭا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىشكە باشلىغاندا مەن ئۇنىڭغا قەيسەر مېنىڭ ھازىر بەك كۆڭلۈم يېرىم ئاۋازىڭىزنى شۇنداق بەك ئاڭلىغۇم كەلدى. خالىسىڭىز قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يازغان مۇشۇ گەپلىرىڭىزنى ماڭا ئاۋازلىق ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بەرسىڭىز ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ ياتسام دېسەم ئۇ مېنڭ بۇ گېپىمگە ئىشىنىپ ئاۋازلىق ئۇچۇر قىلىپ يوللاپتىكەن مەن سىزگە شۇنى يوللاپ بېرەي. راھىلە ئاڭلاپ بېقىڭ. ئاڭلاپ بولۇپ تېلىفۇن قىلاسىز. خوش دەپ تېلىفۇننى قويىۋەتتى. بىردەمدىن كېيىن گۈزەل ئەۋەتكەن قەيسەرنىڭ ئاۋازلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ۋە ئاڭلاپ ئۇنىڭغا شۇنداق ئۆچ بولدۇم ۋە ئۇنىڭدىن شۇنداق سەسكىنىپ كەتتىم. ئۇچۇردا ۋاي جېنىم گۈزىلىم، ئاپپىقىم گۈزىلىم، مېنى كەچۈرگىن نىمىشقا ئۇ يەرگە راھىلە دېگەننى باشلاپ كېلىسەن سەن بىلمەيسەن گۈزەل راھىلە بەك ھازازۇل، بىشەم ئۇ سىرىتنى سىرت دېمەي بەك بىشەملىل قىلىدۇ. ئاخشام مېنىڭ ساڭا ئۇنداق مۇئامىلە قىلىشىم يەنىلا سەن ئۈچۈن گۈزىلىم، مەن ئاخشام ئۇنداق گەپلەرنى قىلمىسام راھىلە دېگەن بىشەم شۇ يەردىلا سېنى تىللاپ چاچلىرىڭنى يۇلۇپ سېنى سىرتلاردا سازايى بازايى قىلۋېتەتتى شۇڭا سېنى ئويلاپ مۇشۇنداق قىلدىم. مېنى كەچۈرگىن گۈزەل مەن راھىلەدىن ئاللىبۇرۇنلا ئاجىرشىپ كەتمەكچى ئىدىم لېكىن ئۇ بەك بىشەم بەك ھازازۇل ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم ئاجىرشايلى دېسەم ئۇ ھېلى ئۆلىۋالىمەن دېسە، ھېلى ئىدارەڭگە بېرىپ سازايى بازايى قىلىمەن ....... گۈزەل دېگەن نېمەڭنىڭ چېچىنى يۇلۇپ كوچىلاردا رەسۋا قىلىمەن دەپ تۇرۋالغاچقا ئۇنىڭدىن ساڭا بىرەر زەخمەت يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئاجىرشالماي كەلدىم. مېنى كەچۈرگىن گۈلۈم ئاز قالدى مېنىڭ ئۇ بىشەمدىن ئايرىلدىغان ۋاقتىم، بىز تېزلا بىللە بولالايمىز، ئاخشامقى قوپاللىقىمنى كەچۈرگىن، مەن سېنى سۆيىمەن، چىن دىلىمدىن سۆيىمەن گۈزەل ....... ئاھ خۇدا مەن نىمىلەرنى ئاڭلاۋاتىمەن، تېخى ئاخشاملا گۈزەلنى ماڭا تىللاپ بەرگەن ئېرىم، تېخى ئاخشاملا مەندىن كەچۈرۈم سوراپ مېنى باغرىغا چىڭ باسقان ئېرىم ..... توۋا توۋا ئەمدى ئۇنىڭغا نىمە دەي بۇ ئاۋازلىق ئۇچۇرنى ئۇنىڭغا ئاڭلاتسام ئۇ يەنە مېنى قانداق ئالدامچىلىقلار بىلەن ئالدار، مېنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرۋاتىدىغاندۇ، ئۇنىڭ مەن بىلەن ئۆي تۇتقىسى بولمىسا گېپىنى ئوچۇق قىلسا بولمامدىغاندۇ نىمىشقا بۇنداق ئالدامچىقلارنى ئويدۇرۇپ چقىردىغاندۇ. ھەي ئالدامچىلىق ئالدامچىلىق ھا ھا ھا شۇنداق قاتتىق قاتتىق يىغلىدىم. قانداق قىلاي ئۇنىڭ مۇشۇ تۈگىمەس ئالدامچىلىقلىرىغا سۈكۈت قىلىپ ئۆيۈمنى تۇتۇۋېرەيمۇ ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئاجىرشايمۇ دېگەن خياللار كاللامنى ئوچاق قىلۋېتبباراتتى. يەنىلا ئۇنىڭغا ئاللادىن ئۇنى بۇ  ئالدامچىلىقلاردىن بالدۇرراق قول ئۈزۈشىگە ياردەم بېرىشنى مەن سۆيگەن قەيسەرنىڭ ھەقىقى بىر غورۇرلۇق، ھەقىقى بىر ئەركەك سۈپىتدە ئالدىمدا قايتىدىن پەيدا بولۇشىنى تىلەۋاتاتتىم. ئويلاپ باقسام ئۇنىڭدىن يەنىلا ئايرىلالمايدىكەن ھازىر مەن ئۈچۈن قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىش پەقەت ۋە پەقەت ئۇلۇغ ئاللادىن قەيسەرنىڭ ئىنسابىنى تىلەش. ئۇلۇغ ئاللا ئۇنىڭغا ئىنساب ئاتا قىلغايسەن، مېنى بۇ ئالدامچىقلاردىن بالدۇرراق قۇتقۇزغايسەن ئاللايىم. بولسا قەيسەر ئەمدى باشقا بىر ئالدامچىلىقلارنى ئويدۇرۇپ چىقارمىسۇن.
قەيسەر سۆيۈملۈگۈم بۇ ئايىغى چىقماس ئالدامچىلقلارنى قاچانمۇ تۈگىتەرسەن!!!!!!

ئەسكەرتىش بۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ھەقىقى ئىشلار ئىدى.  ھەم تۇنجى قېتىم ئەسەر يېزىپ بېقىشىم ئىدى ھېكايە شەكلىدە يازاي دېسەم ئانچە قاملاشتۇرالماي قالدىم. باشقۇرغۇچى ئۇستازلارنىڭ، تورداشلارنىڭ مېنى توغرا چۈشىنىپ ئەسەرلىرىمگە كۆپرەك ئىنكاس يېزىپ تەنقىد تەربيە بېرىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.   



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6587
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 09:57:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلمىدىم .......

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12389
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32435
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 11:46:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنتۇپلا كېتىپتىكەنمەن بۇ يازمىىڭزنى،ئوقۇۋېتىپ بېشى ئېسىمگە كەلدى.....

بۇنداق شاپاق مىجەز،سۇيۇق ،مەنتەڭگە نان چىلاپ يەيدىغان،ۋىجدانسىز،مەسئۇلىيەتسىز ئەركىشىدىن ئەڭ ياخشىسى ئايرىلىپ كەتكەن تۈزۈك،بولمىسا ئايال كىشى ئىچ-ئىچىدىن تۈگىشىپ كېتىدۇ....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 11:48:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىلىق ئۇزىراپ كەتكەچكە بېشى ئازراقلا ئېسىمدە قاپتۇ ،ئاۋال بېشىنى ئوقۇپ ئاندىن ئوقاي .

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 12:14:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى ئوقۇپ ئەجەپ كۆڭلۇم غەش بولدى،[ئېرى بىلەن ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىش]  

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5284
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7870
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 12:15:17 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-7-18 11:46 PM
ئۇنتۇپلا كېتىپتىكەنمەن بۇ يازمىىڭزنى،ئوقۇۋېتىپ بېشى  ...

Taza   tepixkan bir juplarkangu

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96441
يازما سانى: 494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5465
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 12:16:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مەن ئۈچۈن قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىش پەقەت ۋە پەقەت ئۇلۇغ ئاللادىن قەيسەرنىڭ ئىنسابىنى تىلەش. ئۇلۇغ ئاللا ئۇنىڭغا ئىنساب ئاتا قىلغايسەن، مېنى بۇ ئالدامچىقلاردىن بالدۇرراق قۇتقۇزغايسەن ئاللايىم. بولسا قەيسەر ئەمدى باشقا بىر ئالدامچىلىقلارنى ئويدۇرۇپ چىقارمىسۇن.

دۇئا ئىجابەت بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ھالال ئىستىمال قىلىش

بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر نىمە دىگۈم يوق

مەنپەئىتى يوق ئىلىم خۇددى «اللە» يولىدا سەرپ قىلىنمىغان بايلىققا ئوخشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5284
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7870
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 12:25:30 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Ar   kixi   degan ayaliga  sadik boluxi, uni yaman
Yol , ixlardin  tusup yahxilik, guzal ahlakka
Yetaklixi   kerak idi . Nadimu  hotuniga harak
Akrip kuyup  beridigan  ix bar .
Et   urguqisiga  amrak   desa  nema gapkin
Daptikanman .  Bir  kisim  kiz  ayallar  nadiki
Muxundak   gurursiz   hejkizlarga amrak
Kildikan

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102100
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4024
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 503 سائەت
تىزىم: 2014-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 05:12:34 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاياتنىڭ ھەممىنى ھىكايە قىلىشقا بوممايدۇ،   بۇ قىسمىتىڭىزنى ئۇقۇشقا تاقىتىم يەتمىدى،  بېشىنى ئۇقۇيمە تىرىكىمەن،  ئوتتۇرغا ئۆتتۈم ... ئاندىن يەنە ئاتلاپ ئاخىرىنى ئۇقىسام ئىنساپ تىلەپلا توختاپسىز.   مەلۇم بۇزۇقچىلىقلارنى تەسۋىرلىسىڭىزمۇ  ئاشۇنىڭ ئىچىدىن ھەقىقەتنى كۆرسىتەلىسىڭىز ئاندىن بۇنداق ئىشلاانى ھىكايە قىلىڭ،   ئۇلۇغ رامىزاندا ئىككى زىناخورنىڭ تۈپىگە چۈشۈپتىمەن.  ئەمما ھەممەمىلا ئىشنى ھىكايە قىممايمىز،  باشقىلارغا نۇرنى كۆرسىتىپ بىرەلىسەك،  ئاشۇ ئازغۇنلۇقتىن ساقلىنىشنى ئۈگۈتەلىسەك ئاندىن ھىكايە قىلىمىز.   سىزگە تەۋسىيە:  كۆڭلىڭىز بەكلا يېرىمكەن،  شۇڭا دەت ئېيىتقىڭىز كىپ قاپتۇ،  ئەگەر ئاجراشقان بولسىڭىز ئىمانلىق بىرە ئەر ئۇچقىسا تىگىۋېلىڭ،  بۇ غەملەر يۇقايدۇ.    ئىككىنجى تەكىتلەيدىغىنىم دۇئا بىلەن ئىش تاڭاتمايدۇ،   ئادەم شۇنداق ئەسكى نىمە،  بىراۋلارنى كۆردۈم  كاسسا دىگەننى سويمىدەك غادايتىپ  شەھۋەت ئۇچۇقى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ،   ئاتا ئانىمىز مۇسۇلمان بوپقاغاچقا ئاللاھ دەپلا دۇئا قىلمايمىز،   قۇساققا پوق كەپلەشكەندە ئامال يوق دۇئا قىممايمىز،  بەلكى تىمەن چاغدا توغرا يول ئىستەيمىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش