مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1282|ئىنكاس: 28

شېئىر ۋە ئۇنىڭ تۈپكى خۇسۇسىيەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 04:56:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە

شېئىر ۋە ئۇنىڭ تۈپكى خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىم
        
                                  ئابلەت ئابدۇرېھىم
قىسقىچە مەزمۇنى : شېئىر _ ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە تۈپكى ژانىرى، ئۇ كەڭ ئاممىۋىي ئاساسقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىيات نەزەرىيسىدە ئىزچىل مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلدى. مەزكۇر ماقالىدە، شېئىرنىڭ ئىنىقلىمىسى، كېلىپ چىقىشى توغرىلىق ئىزدىنىش بىلەن بىرگە،  شېئىردىكى تەسەۋۋۇر، ھېسسىيات ۋە ئوبراز ئامىللىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزىلىدۇ، شېئىرنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى كۆزقاراشلار ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شېئىر ؛  شائىر ؛ ھېسسىيات؛ تەسەۋۋۇر؛ شېئىرىي ئوبراز

        摘要: 诗歌是文学的最初和最基本的题材, 在文学历史和文学理论的形成和发展过程中占有重要的地位。本论文周到和全面地陈述了诗歌的定义, 诗歌的来源,以及诗歌中的想象,感情,形象因素等等。。。
本论还阐述了诗歌与其他体裁的差异和区别,同时以实用例句指出了诗歌具有其自己的根本特征。







مۇقەددىمە

   شېئىر _ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ مەزمۇن، ماھىيىتىنى باي تەسەۋۋۇر، قايناق ھېسسىيات ۋاسىتىسى بىلەن جانلىق، ئوبرازلىق ئېچىپ بېرىدىغان ئەڭ نازۇك،  ھەرىكەتچان بەدىئىي تۈر ، ئۇنىڭدا تەبىئەت بىلەن جەمىئيەت، تارىخ بىلەن رېئاللىق، خىيال بىلەن تەسەۋۋۇر، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئومۇمىي، ئورتاق ئېقىمى بىلەن كونكرېت شەخىسنىڭ ئارزۇ ، ئىنتىلىشى بىر پۈتۈن مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، شېئىر تەبىئەت ۋە جەمىئيەت ھادىسلىرىنىڭ نەزمىي كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس، لېكىن ئۇ شائىرنىڭ ئەنە شۇ  رېئاللىقىنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان ئەڭ نازۇك، ئەڭ  قايناق  ھېس ــ تۇيغۇسىنىڭ بەدىئىي مەھسۇلى، شېئىر پەلسەپە ئەمەس، لېكىن ئۇ ئەقلىي ھېكمەت بىلەن ھاياتىي پەلسەپىنىڭ تەبىئىي ماكانى، شېئىر- روھلار ئىسيانى. ئەقىدە ۋە ئىتىقادنىڭ پارلىشى، چىنلىق، گۈزەللىك ۋە ئىزگۈلۈكنىڭ نۇرلىنىشى،  ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي كامالەتكە يەتكەن ئالىيجاناپ ئادەمنىڭ ھاياتقا بولغان مۇھەببەت ۋە ساداقىتىنىڭ سادا بېرىشىدۇر .  
شېئىر _ ھاياتنىڭ ئۆزى، كىشىلەر مەنىۋى دۇنياسىنىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ ئارزۇ، ئىنتىلىشى بىلەن قايغۇ ۋە تەشۋىشىنىڭ ھېچقانداق پەدازلانمىغان ھالدا ساپ لىرىكىغا كۆچۈشىىدۇر.

شېئىرىيەت توغرىسىدا ئومۇمىي چۈشەنچە

1   . شېئىرنىڭ ئىنىقلىمىسى ۋە شېئىر چۈشەنچىسى
1. شېئىر ئاتالغۇسى:
شېئىر دېگەن بۇ سۆز ئەرەب تىلىدىكى«شوئور» دېگەن سۆزدىن ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىنغان سۆز بولۇپ، ئەرەبچە مەنىسى «سەزمەك»، «تۇيماق»، «ھېسابلىق» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ، يازما ئەدەبىياتتا «ئومۇمەن سۆزلەرنىڭ تەرتىپلىك يۇسۇندا بەلگىلىك قاپىيە بىلەن رىتىملىق ئورۇنلاشتۇرلۇشى....» دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ، بۇ  ئۇيغۇر تىلىدا <شېئىرىي ئەسەلەرنىڭ يىغىندىسى>دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .①
شېئىر ۋەزىن ، رىتىم، قاپىيە بىلەن يېزىلغان، ئايرىم مىسرالاردىن تۈزۈلگەن گۈزەل ھېس- تۇيغۇلۇق بەدىئىي ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىجتىمائي ھايات باي تەسەۋۋۇر ، كۈچلۈك لېرىكا ياردىمى بىلەن ئەڭ ئىخچام، ئەڭ جانلىق ۋە ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ،
شېئىر ئەڭ دەسلەپ خەلق قوشاقلىرى ئاساسىدا راۋاجلىنىپ يازما ئەدەبىياتقا سېڭىپ كىرگەن. شۇڭا ئۇنىڭ نامى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، بولۇپمۇ مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا «قوشۇغ»، «تاقشوت»،  «يىر » (جىر، يىر،)، «ئۆلەن» دەپ ئاتالغان.②
خەلقئارادا گېرىك تىلىدىكى دەپ قوبۇل قىلىنغان، ھازىرمۇ ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ مەلۇم ئورۇنلىرىدا  شۇ نام قوللىنىۋاتىدۇ، ③
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى <شېئىر >سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى«سەزمەك» ، «ھىس قىلماق»، «كۈيلىمەك» دېگەندىن ئىبارەت.
شېئىر يۇقۇرىقىدەك ئاتالغۇلار بىلەن ئىپادە قىلىنىدىكەن، ئۇنداقتا شېئىر دېگەن بۇ ئاتالغۇنى نەزەرىيە جەھەتتىن قانداق چۈشەنچە بىلەن تەبىرلەيمىز؟..
«شېئىر»نىڭ ئىنىقلىمىىسى ھەققىدە ئەدەبىيات نەزەرىيىچىلىرى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كۆز قارىشى ئاساسەن بىردەك. «شېئىر» ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل كۆز قاراش مەۋجۇت.
شېئىر دېگىنمىز : _ كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي ھاياتتىن كېلىپ چىققان، مەلۇم ئىدىيىۋى پىكىرنى رىتىملىق، قاپىيىلىك، ۋەزىنلىك بەدىئي سۆزلەر ۋاستىسى بىلەن ئەڭ ئىخچام، ئەڭ مەركەزلىك ۋە ئەڭ تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، ئىنتايىن باي ھېسسىياتقا، مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، شېئىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئەڭ مەركەزلىك ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدىغان، چوڭقۇر ئىدىۋي مەزمۇن، كۈچلۈك ھېسسىيات، مول تەسەۋۋۇر، جانلىق، ئوبرازلىق تىل، بەلگىلىك ئاھاڭ ۋە رىتىمغا ئىگە بولغان ئەڭ ئىخچام بەدئىي شەكىلدىن ئىبارەت.
كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېىئىر ھېس تۇيغۇنى لېرىك ئوبرازلار بىلەن ئىپادىلەش سەنئىتى ياكى ئوبرازلىق تىل سەنئىتى دېمەكتۇر، تار مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شېئىر نەسىرنىڭ ئەكسىچە، بىرەر ئوبرازلىق پىكىرنى رىتىم، ۋەزىن ۋە قاپىيە ئارقىلىق ئىخچام ۋە تەرتىپلىك ئىپادىلەش سەنئىتى دېمەكتۇر. رىتىم، ۋەزىن، قاپىيە شېئىرنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى بولسىمۇ، شېئىرنىڭ پوئېتىك ئالاھىدىلىكىگە نىسبەتەن ئېلىپ  ئيتقاندا، ئۇلار بىردىنبىر زۆرۈر شەرت ئەمەس، شېئىرنىڭ تۈپ ئامىلى سۇبيېكىتتا ھاسىل بولغان ئوبرازلىق پىكىر،  ھېس تۇيغۇ ۋە تەسەۋۋۇرنى ئۆزىگە خاس شېئىرىي تىل ۋاستىسى بىلەن ئىپادىلەشتىن ئىبارەت. شۇڭا مەلۇم ۋەزىندە كەلگەن قاپىيلىك سۆزلەر تىزمىسىنىڭ ھەممىسى شېئىر بولالمىغىنىدەك، ۋەزىن ۋە قاپىيىگە ئىگە بولمىغان دەبدەبىلىك ھېس ــ تۇيغۇلۇق ۋە ھاياجانلىق سۆزلەر تىزمىسىمۇ  شېئىر بولالمايدۇ. شۇ مەنىدىن ئالغاندا، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان شېئىرىي پىكىر ياكى مەنىنى شېئىرنىڭ جېنى، ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇردىن قۇرۇلغان پوئېتىك  ۋەزىن ھەم قاپىيىلەرنى شېئىرنىڭ قانىتى، پوئىتىك تىلنى شېئىرنىڭ قېنى ۋە تېنى دېيىش مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن رەسسام بۇيىقى بىلەن، مۇزىكانىت بارمىقى بىلەن، ئۇسسۇلچى بەدەن ھەركىتى بىلەن، شائىر ھېس تۇيغۇ، تەسەۋۋۇر بايلىقى بىلەن سەنئەتكاردۇر،
شېئىر ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىندىغان كىشىلەر «شائىر»، «شائىرە»(ئايال)> دەپ ئاتىلىدۇ، «شائىر» ۋە «شائىرە» سۆزىنىڭ مەنىسى «ھېسسىيات ئىگىسى»، «ھېس تۇيغۇلارنى ئىپادىلىگۈچى»، «ھېس تۇيغۇلارغا باي ئادەم» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
شېئىر  تۇرمۇشنىڭ ئەڭ نەپىس، ئەڭ ئىخچام ئىپادىسى بولغانلىقتىن، ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش، تېز تەسىر كۆرسىتىش ۋە يېقىملىق تەسىراتقا ئىگە قىلشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئۇنى ھەتتا بەزىلەر «ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ تاجىسى»دەپ ئاتايدۇ، شېئىرنڭ مەنىسى «ھېس- تۇيغۇ» بولغانلىقتىن ئۇنڭ ئستېمال مەنىسىدىنمۇ كۈچلۈك ھېسسيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ھەم مول تەسەۋۋۇر بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ. شېئىرنىڭ مەزمۇنى ئالىي دەرىجىدە تىپىكلەشكەن ھەم مەركەزلەشكەن بولغانلىقتىن، شائىر ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننى تولۇق بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىجادىي پىكىر يۈرگۈزگەندە شېئىر تىلىنىڭ ئىخچام، ئېنىق،  چۈشىنىشلىك،  كۆركەم بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شېئىر ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا، ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ تۈپ نەرسىدۇر.  سۇبيېكتىپ ھېسسىيات جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇ شائىرنىڭ قەلبىدە زور ھاياجان قوزغىغان ۋە تاۋلىنىشىدىن ئۆتكەن ۋەقە ياكى ھادىسىدۇر.

2. شېئىرنىڭ كېلىپ چىقىشى

شېئىر ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ تۇنجى ۋە  ئەڭ تۈپكى ژانىرى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىياتى بولغان شېئىر ئەمگەك جەريانىدا بارلىققا كەلگەن، بىزگە مەلۇمكى، باشلانغۇچ كوممۇنىزم جەمىئيىتىدە ياشىغان ئەجدادلىرىمىز ئۆملىشىپ ئەمگەك قىلغاندا، ئەمگەك ھەرىكىتىگە ماسلىشىش ۋە ھاردۇق چىقىرىش ئۈچۈن بىر خىل تەرتىپلىك ئاۋاز چىقىراتتى، كېيىن كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر  قابىلىيتى راۋاجلىنىپ تىل پەيدا بولغاندىن كېيىن، بۇنداق ئەمگەك سادالىرىغا مەنىلىك سۆزلەر قوشۇلۇپ ئەمگەك قوشاقلىرى پەيدا بولدى، مانا بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى بولۇپ، كېيىن مۇشۇ ئاساستا تۈرلۈك ئەدەبىيات شەكىللىرى مەيدانغا كەلدى، لۇشۇن بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«......بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز ھېسابلانغان ئىپتىدائىي ئادەملەر ئەسلىدە سۆز قىلىشنىمۇ بىلمەيتتى، ئۆملىشىپ ئەمگەك قىلىش ئۈچۈن ئۆز پىكىرىنى ئىپادىلەش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى، شۇڭا ئۇلار تەدرىجىي ھالدا مۇرەككەپ ئاۋازلارنى مەشىق قىلىپ چىقتى، ئۇلار ئۆملىشىپ يوغان ياغاچلارنى كۆتۈرگەن ۋاقىتتا، ياغاچنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ھارغانلىقىنى ئۇقتۇرالمايتتى، ئارىسىدىن بېرى « ھە- ھۇ...ھە...ھۇ» دەپ ۋارقىرايتتى، مانا بۇ ئىجادىيەت بولۇپ، كۆپچىلىكىنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ۋارقىرىغانلىقى نەشر قىلىنغانلىق ئىدى. ئەگەر بۇ قانداقتۇر بىرەر بەلگە بىلەن خاتىرلىۋېىلىنغان بولسا ئىدى، شۇنىڭ ئۆزى ئەدەبىيات بولغان بولاتتى..... »④ لۇشۇننىڭ بۇ سۆزى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىيات شەكلى ئەمگەك قوشاقلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، ئېلىمىزنىڭ تۈنجى شېئىرلار توپلىمى ھېسابلانغان «نەزمىنامە»دە ئەمگەك قوشاقلىرى ئالاھىدە زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ. كېيىن ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ناخشا- شېئىرلاردىن نەسىرى ئەسەرلەر بۆلۈنۈپ چىقتى. داستانلاردىن ھېكايە، رىۋايەت ۋە رومانلار بارلىققا كەلدى، ئېيتىشىش ۋە لەپەرلەردىن سەھنە ئەسەرلىرى بارلىققا كەلدى، شېئىرنى ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى، ئەڭ تۈنجى ۋە ئەڭ تۈپكى شەكلى دەپ ئېيتىشىمىزنىڭ سەۋەبى دەل شۇنىڭدىندۇر.
شېئىر دەسلەپ پەيدا بولغاندا مۇزىكا، ئۇسسۇل بىلەن بىرگەۋدە بولۇپ، ئۇلار ئۆز-ئارا زىچ باغلانغان ئىدى، ئىنسانىيەت جەمىئيتىدە تىل پەيدا بولغاندىن كېيىن، ھەرخىل ئەمگەك پائالىيەتلىرىنىڭ رىتىمىغا ماس بولغان رىتىملىق سۆزلەر بارلىققا كەلدى،
«كۈي»_ رىتىملىق سۆزلەرنىڭ ئاھاڭى بولۇپ، قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ ئىككىسى بىر نەرسە ئىدى، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر قابىلىيتى ۋە ئىستېتىك تۇيغۇسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تەدرىجى ھالدا مۇشۇنداق رىتىملىق ئاۋازلار بەلگىلىك مەنىگە ئىگە سۆزلەر بىلەن تولۇقلىنىپ شېئىر بولۇپ  شەكىللەندى.
يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا، شېئىرنى سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى بىر تۈرى دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ سەنئەتتىكى مەلۇم بىر ئامىلنىلا ئۆز ئچىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى ھەممە ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە بۇ ئامىللاردىن بىرلا ۋاقىتتا  پايدىلىنالايدۇ، مەشھۇر تەنقىدچى بىلىنىسىيكىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا «پوئزىيە، يەنى شېئىرىيەت سەنئەتنىڭ يۇقىرى خىلىدۇر، سەنئەتنىڭ باشقا تۈرلىرى ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيتىدە ۋاسىتە بولغان ماتېرىيال بىلەن ئازدۇر ــ كۆپتۇر چەكلەنگەن بولىدۇ...»①
شېئىرىيەت ئەركىن ئىنسان سۆزىدە ئىپادىلىنىدۇ، سۆز بولسا ھەم تاۋۇش ۋە كۆرۈنۈش، ھەم ئېنىق ۋە روشەن ئېيتلغان تەسەۋۋۇردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىرىيەت باشقا سەنئەت تۈرلىرىنىڭ ھەممە ئېلېمېنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، باشقا سەنئەت تۈرلىرىنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم رەۋىشتە بېرىلگەن ھەممە ۋاسىتىلاردىن بىردىنلا ۋە تولۇق پايدىلىنىدۇ، شېئىرىيەت سەنئەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ، ھەممە شېئىرىيەت تۈرلىرىنى ھەممە تەرەپلىرىنى يىغىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئايرىمىلىقلىرىنى ئوچۇق ۋە روشەن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ... دېمەك، شېئىر ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى، ئەڭ تۈپكى ۋە ئەڭ يۇقىرى بىر تۈرىدۇر.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا  شېئىرنىڭ كېلىپ چىقىشى ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئۈلگىلىرى قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ ھازىرقى زامانلارغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەمگەك قوشاقلىرى بولۇپ، بۇ  خىل قوشاقلار ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئېغىزدىن- ئېغىزغا چۈشۈرمەي ئېيتىپ كېلىۋاتقان خامان ناخشىسى، ئوما ناخشىسى، خاڭ قوشاقلىرى ۋە باشقىلار. بۈيۈك ئالىمىمىز، ئەدىب مەھمۇد كاشىغەرىي بوۋىمىزنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدىن بۇنىڭ نەمۇنىلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتەلەيمىز. كېيىنكى دەۋرلەردە يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نۇرغۇن قوليازما، كىتابلاردىن شېئىرىيەتنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئىجادىيەت ئۇلىنىڭ نەقەدەر پۇختا ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىيالايمىز. بۇ ھال ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ باشقا مىللەتلەر ئەدەبىياتىغا ئوخشاشلا ئەڭ قەدىمكى زامانلاردا- ئىپتىدائىي جەمئىيەت تۈزۈمى شارائىتىدا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۈچلۈك ئىسپاتلايدۇ.

3.شېئىرنىڭ تۈزۈلۈشى(ئامىللىرى)

شېئىر باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئۆزىنىڭ ئاھاڭدارلىقى، مۇزىكىلىقلىقى، رىتىم،  تۇراق، قاپىيە، مىسرا، كۇپلېتلارغا ئىگە بولغانلىقى بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، شېئىر  مۇشۇ ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. شېئىرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى نۇرغۇن ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك  بولىدۇ. مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن تۆۋەندە شېئىرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك، روشەن ھالدا كۆزگە چېلىقىدىغان ئامىللىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
بىرىنچى، رىتىم. مەلۇم ھادىسە، ھەرىكەت ياكى تاۋۇشلارنىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرتىپتە تەكرارلىنىپ تۇرۇشىدۇر. مەسىلەن: دېھقانلارنىڭ كەتمەن چېپىشى، سائەتنىڭ چىكىلدىشىدا،  پويىزنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازىدا رىتىم بار.  
بىر خىل مىقداردىكى سۆز بىرىكمىلىرى ياكى بوغۇملارنىڭ ھەر بىر مىسرادا بىر خىل تەكرارلىنىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئاھاڭ سېستىمىسى _ رىتىم(ۋەزىن) دەپ ئاتىلىدۇ.  مەسىلەن :                                                                                                                  
                      دىللاردا شادلىق ، تىللاردا ناخشا،  
باھار پەيزىدىن كۈلدى  گۈل –غۇنچە.     
ئېرىدى مۇزلار جانلاندى زېمىن،
   ئاقتى شوخ سۇلار چاچرىتىپ ئۈنچە. ⑤
دېمەك، رىتىم (ۋەزىن) شېئىرلاردا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ شېئىرنىڭ ئاساسىي كۈچ – ئېنېرگىيسىدۇر، بارماق ۋەزىندىكى شېئىرلاردا بوغۇم رىتىم ئۆلچىمى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى بوغۇملار دائىم تەڭ بولىۋەرمەيدۇ، رىتىمنىڭ ئەڭ قىسقىسى تۆت بۇغۇم، ئەڭ ئۇزۇنى 18 بۇغۇمدىن ئىبارەت بولىدۇ.
ئەل غېمىدە ،            ئۇرسا مېتىن،                 ياندى گۈلخان،
كۆڭلى كۆلدە.           چاقناپ چېقىن.              بولۇپ ھەيران.
ئۆزى چۆلدە،           كۈلۈپ ئېقىن،                 تاڭدا چولپان
سۇ ئىزدىدى.           تاغ تۈزلىدى.                   ئۇزسۆزلىدى. ⑥

يېڭى ئۇسلۇبتىكى شېئىرلار كۆپىنچە بارماق ۋەزىندە، كونا ئۇسلۇبتىكى شېئىرلار كۆپىنچە ئارۇز ۋەزىندە يېزىلىدۇ، ئۇ مەلۇم ئەندىزىگە سېلىنىپ، مۇقىم قائىدىلەشتۈرۈلگەن شېئىرلاردۇر، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى ئاساسەن بوغۇملارغا چۈشىدىغان ئۇرغۇلارغا ئېتىبار بېرىش، بوغۇملار تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنى ۋەزىن ئېتىبارى بىلەن ئۇزارتىپ ياكى قىسقارتىپ ئېيتىش جەھەتلەردە كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا يەنە مىسرالارنىڭ بۆلەكلەر ۋە تۇراقلارغا  بۆلۈنۈشى جەھەتتە كۆرۈلىدۇ.
ئارۇز ۋەزىندىكى شېئىرلاردا چەكلىمە مۇقىمراق، بارماق ۋەزىندىكى شېئىرلاردا ئەركىنرەك بولىدۇ،
ئىككىنچى، تۇراق. تۇراق شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ شېئىر ئارىلىقىدىكى قانۇنىيەتلىك توختاشنى، يەنى شېئىر مىسرالىرىدىكى بوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە گۇرۇپپىلىشىپ كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:

ۋەتىنىم كۆردۈممەن ئەتەڭنى،
بۈگۈننىڭ ئەڭگۈشتەر كۆزىدە.
ئۇ ساڭا راسىتلاپتۇ  پايانداز،
تەبەسسۇم جىلۋىسى يۈزىدە. ⑦
توققۇز بۇغۇملۇق بۇ شېئىر 3+3+3 بولۇپ گۇرۇپپىلىنىپ تۇراق ھاسىل قىلغان.
دېمەك، رېتىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مىسرالاردىكى بوغۇملارنى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈش، ھەر بىر گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا توختاش، ئاھاڭدارلىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش، ئايرىم بۇغۇملارنى يۇقىرى تاۋۇش بىلەن، بەزىلىرىنى پەس تاۋۇش بىلەن ئوقۇش لازىم بولىدۇ. بۇ ھال ھەر بىر مىسرادا مەلۇم دەرىجىدە ئىچكى ئۆزگىرىش ياساپ، يېڭىچە رىتىم ھاسىل قىلىدۇ.
بارماق ۋەزىندە، كۆپىنچە ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى ئۆلچەم قىلىش تۇراقنىڭ پرىنسىپى بولۇپ، بىر سۆز ياكى سۆز بىرىكمىسى، ئادەتتىكى گەپلىشىشنىڭ تەبىئىي توختاشلىرى بىر چىگرا قىلىنىپ تۇراققا ئايرىلسا، ئارۇز ۋەزىندىكى شېئىرلاردا سۆز ۋەزىن ئېتىبارى بىلەن بوغۇملارغا پارچىلىنىپ، تۇراقتا بۇغۇملار پارچىلىنىدۇ، پەقەت ئارۇز ۋەزىندىكى شېئىرلار تاللانغان بەھىرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە تۇراققا ئايرىلغاندا، ئاندىن ۋەزىنگە چۈشەلەيدۇ. مەسىلەن:

بىر قىلىچ بەرسە خۇدا كەس دەپ ئۇنىڭغا بۇيرۇسام،
ئۈزسە خەلقنىڭ بوينىدىن خارلىق كىشەن خەنجىرىنى.
گەر خارابكەن ئەل-ۋەتەن، كاللامنى ئۈزسۈن بۇ قىلىچ،
كۆرمىسۇن شەۋقى كۆزى قۇللۇقتا ئەل تەقدىرىنى. ⑧
(قۇتلۇق شەۋقى )
ئۈچىنچى، قاپىيە. شېئىر مىسرالىرنىڭ ئاخىرىدىكى سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى– قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
ئالدىراقسان كىشىنىڭ ،
ساپاسى يوق ئىشىنىڭ.      
ساقايمايدۇ ئاغرىقى،
ئۆمۈرۋايەت بېشىنىڭ. ⑨
قاپىيە بەزى ھاللاردا شېئىرنىڭ بېشىدىمۇ كېلىدۇ، قاپىيە شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن، يەنى شېئىر ئىجادىيتىدە بەدىئي شەكىلنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى. قاپىيە سۆزلەردە مۇناسىپ ئاھاڭداشلىق پەيدا قىلىپ، تىلنى تەسىرلىك، جاراڭلىق ۋە مۇزىكىلىقتىن ئىبارەت گۈزەللىكە ئىگە قىلىدۇ، شېئىرنىڭ رىتىملىقلىقى ۋە ھېسسىياتچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ.
قاپىيە شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شېىئردا چوڭ رول ئوينايدۇ. ئۇ شېئىرىي نۇتۇقنى تەسىرلىك ئاھاڭغا ئىگە قىلىدۇ، كۈيلەشكە، دېكلاماتسىيە قىلىشقا ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ. قاپىداش سۆزلەرنى ئەستە تۇتۇش ئوڭاي بولغانلىقتىن، خەلق قىسقا، ھېكمەتلىك سۆزلەردىن قاپىيلىك مىسرالارنى تۈزىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ  خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا شېئىرىي تۈس ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ  خېلى كۆپ قىسمى قاپىيگە ئىگە. مەسىلەن:
ياخشى سۆز ئېرىتەر مۇز بىلەن تاشنى،
توختىتار كۆزۈڭدىن تامچىغان ياشنى.
يامان سۆز ئىنسانغا زەرھەردىن ئاچچىق،
بەزى قان چىقارماي يارىدۇ باشنى.       ⑩
    (ت.نىياز)
بۇ مىسالدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، تىلدا تەلەپپۇز قىلىش ئورنى ۋە ئۇسسۇلى ئوخشاش بولغان تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن قاپىيە توق قاپىيە بولىدۇ.
تۆتىنچى، مىسرا، بېيىت، كۇپلېت (بەند). شېئىرنىڭ ھەر بىر سەتىرى(قۇرى) مىسرا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ شېئىرىدا مەلۇم مەنىنى ئىپىادىلىگەن بىر قۇر سۆزنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن:
<ئەلنى ئويغاتماق تىلەك،تاڭدابىر چوقان بىلەن> (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

لېكىن بىر قىسىم شېئرلاردا گرامماتىكىلىق قائىدە ۋە مەنتىقىي پىكىرنىڭ تەقەززاسى بىلەن، گاھىدا بىر پۈتۈن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان بىر جۈملە ئىككى مىسرا قىلىپمۇ تۈزۈلىدۇ.
شېئىرىي ئەسەرلەردە بىر– بىرىگە چىڭ باغلانغان ھالدا بىر پۈتۈن تەپەككۇرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئىككى مىسرانىڭ قوشۇلمىسى- بېيىت دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:
بارمىكىن ھېچنېمە ئالەمدى ھىجراندىن يامان،
ھەر نەكىم ھىجراندىن يامانراقتۇر بۇدۇر ئاندىن يامان.

مەككە تىللا ئىچىدە بىر تۈپ قىزىل گۈل،
قىزىلگۈلنىڭ ئىچىدە مەختۇمجان بۇلبۇل.

جۈملە قۇرۇلۇشى جەھەتتىن بىر-بىرىگە باغلىق بولغان بىر ياكى بىر نەچچە تۈگەل پىكىرنى ئىپادىلىگۈچى شېئىر مىسرالىرنىڭ گۇرۇپپىسى_ كۇپلېت (بەند) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە كۇپلېتلار ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى مىسرادىن ، كۆپ بولغاندا ئون نەچچە مىسرادىن تەركىپ تاپىدۇ.

4 . شېئىردىكى ھېسسىيات ، تەسەۋۋۇر، ئوبراز ئامىللىرى

مەلۇمكى شېئىر  باشقا ئەدەبىي تۈرلەرگە ئوخشاشلا بىر خىل سەنئەتتۇر، لېكىن ئۇ شائىرنىڭ ئىچكى سۇبيېكتى بىلەن قايناق ھېسسياتىدىن تۇغۇلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل بەدىئي تۈر بولغاچقا، ئالدى بىلەن ھېس –تۇيغۇ سەنئىتىدۇر.
شائىر تەبىئەت ۋە جەمىئيەتنى كۆزەتكەن، ھاياتتىكى رېئال ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئۈستىدە ئىزدەنگەن چاغلىرىدا ھامان تۇرمۇشنىڭ ماھىيەتلىك بىر نەرسىسىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ نەرسە ئۇنىڭ قەلبىدە گۈزەللىك تۇيغۇسى ياكى نەپرەت  تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خل تۇيغۇ ئۇنىڭدا يىرگىنىش، غەزەپ ياكى خۇشاللىق ۋە غورۇرنى مەزمۇن قىلغان بىر خىل ھاياجان بىلەن كەيپىيات بىنورماللىقىنى قوزغايدۇ. دەل مۇشۇنداق ھېسسىيات، ئالاھىدە مەزمۇنغا ئىگە بولغان مۇشۇنداق ھاياجانلىق ھېس- تۇيغۇ شائىرنىڭ بەدىئىي –غايىۋى مەقسىتىنى، شېئىرنىڭ بەدىئي مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇ نەرسىلەر شائىرنىڭ ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە بىر خىل ئوبرازلىق ئىجتىمائىي پىكىر تۈسىگە كىرىپ، رىتىم، ۋەزىن ۋە قاپىيىلەر ۋاستىسى بىلەن تېخىمۇ جانلىنىپ، كىتابخاندا بىر خىل ئېستېتىك سېزىم پەيدا قىلىدۇ. بىز دەۋاتقان بۇ رىتىم، ۋەزىن، قاپىيە قاتارلىق نەرسىلەر ئەسەرنىڭ شەكلىگە تەۋە بولغان بەدىئىي ئامىللار بولۇپ، ئۇ ھېچقانداق ۋاقىتتا شېئىرنىڭ ئورنىنى، ئۇنىڭدا ئەكىس ئېتىدىغان ئىجتىمائىي _ بەدىئىي پىكىرنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. شېئىرنىڭ مەزمۇنى يەنىلا شائىرنىڭ قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھەقىقىي لىرىك ھېسسىياتنىڭ رەڭدار بەدىئىي تەسۋىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭا ۋەزىن ۋە قاپىيىگە چۈشۈرۈلگەن دەبدەبىلىك سۆزلەرمۇ، مۇزىكىلىق تۈسكە ئىگە بولغان نەزمىي ئاخباراتلارمۇ شېئىر بولالمايدۇ، مىسرا ۋە كۇپلېتلارغا جايلاشتۇرۇلغان ھەر قانداق شوئار ۋە چاقىرىقلار تېخىمۇ شېئىر بولالمايدۇ. شېئىر بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قايناق ۋە ئويناق  شېئىرىي ھېسسىيات بىلەن جانلىق ۋە ئوبرازلىق بەدىئىي تىل بولۇشى كېرەك. بۇ ئىككى ئامىل ئۆز-ئارا قوشۇلۇپ يېڭى ۋە تىپىك زېمىندە بىر نەرسىگە ئايلىنىپ، يېڭى ۋە ئىجادىي بولغان ھەقىقىي لىرىك شېئىرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. شائىرنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان ئەمەلىي تەسىراتى بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترەتكەن ھاياجانلىق ھېسسىياتى قانچىلىك باي، چوڭقۇر ۋە نازۇك بولسا، ئۇنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىۋاتقان شېئىرىي تىل قانچىلىك ئوبرازلىق، جىلۋىگەر ۋە ئىچكى مەناغا ئىگە بولسا، ئۇ شېئىردا  يۇرۇتۇلغان لىرىك مەزمۇنمۇ شۇنچىلىك كەڭ ۋە چەكسىز بولىدۇ. خۇددى بىلىنىسىيكىنىڭ پۇشكىن شېئىرلىرى توغرىسىدا ئېيتقىنىدەك مۇشۇنداق شېئىرلارنى <ھەممە ئاددىي كىشىلەر چۈشىنىدۇ، لېكىن ئاددىي كىشى ئۇنىڭ تەكتىگە يېتەلمەيدۇ...>⑪ شېئىرنىڭ لىرىك مەزمۇنى قانچىكى كەڭ ۋە چوڭقۇر بولغانسېرى كىتابخاننىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەلپۈنىشى، ئۇنىڭدىكى شېئىرىي پىكىرلەر ئۈستىدىكى ئىزدىنىشى شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ، مۇنداق ئېستېتىك ئىنتىلىش بىلەن ئەقلىي ئىزدىنىش ئۇنى شېئىرىي ئوبرازلار ئاستىغا يوشۇرۇنغان ھاياتىي گۈزەللىكلەر بىلەن ئەقلىي ھېكمەتلەرگە بارغانچە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنى تېخى ھېس قىلىنمىغان يېپيېڭى بىر مەنىۋىي ئالەمگە باشلاپ كىرىدۇ.
شېئىر ئەركىن ۋە ئازاد ئىنساننىڭ بەدىئي پىكىرىنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا ئۇ ھېچقانداق ۋاقىتتا بىرەر ئۆتكۈنچى سىياسەتنىڭ ياكى گورۇھنىڭ كارنىيى، بىرەر نامدار شەخسنىڭ ئىرادىسىنىڭ قۇلى بولمايدۇ. ئۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلق بىلەن، ئۇنىڭ قايناق ھاياتى بىلەن بىللە ياشايدۇ، خەلق بىلەن بىللە كۈلىدۇ، خەلق بىلەن بىللە يىغلايدۇ، ئۇنىڭدىن  كۈچ ۋە ھاياتىي ئوزۇق ئېلىپ ئىنسان بەدىئىي پىكىرىنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا قاراپ تېنىمسىز ئىلگىرىلەيدۇ.
شېئىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مەزمۇن، ماھىيتىنىڭ شائىر سۇبيېكتىدا ئوبرازلىق ئەكس ئېتىشىدىن، ئۇنڭ ئەقىل ۋە ۋىجدانىدا تاۋلىنىپ چىققان يېڭى ھاياتىي پىكىرلەرنىڭ لىرىك ئوبرازلار ۋاستىسى بىلەن يارقىن يورۇتۇپ بېرىلىشىن بارلىققا كېلىدۇ، ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇر ئۇنىڭ بىرىنجى ۋە ئەڭ مۇھىم ئامىلى بولۇپ ھېسابلىندۇ، ھېسسىيات شېئىرنىڭ جېنى بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىجتىمائىي قىممىتى ئالدى بىلەن ھېسسىيات تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
ھېسسىيات دېگىنىمىز، شائىرنىڭ ھايات گۈزەللىكلىرىنى سېزىش ۋە ھېس قىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان ئەڭ قايناق، ئەڭ نازۇك، ئەڭ ئۆتكۈر بىر خىل ئىجتىمائىي سېزىمدۇر. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق، ئۇ شائىر سۇبيېكتىنىڭ مۇئەييەن بىر ۋاقىت ئىچىدىكى تۇيۇقسىز پارتلىشى، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ تېنچ ۋە مەيىن ھالەتتىن مەۋجلىك، دولقۇنلۇق ھالەتكە كۆچۈشىدۇر. شائىر ئىجادىيەتتە پەقەت مۇشۇنداق روھىي ھالەتكە يەتكەن چېغىدىلا، ئاندىن دۇنيانى بىلىش ۋە ھېس قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا، ھاياتىي ئىنتىلىش بىلەن ئىجادىي ئىزدىنىشنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىگە كۆتۈرلۈپ، كىتابخاننى  ھاياجانلاندۇرىدىغان يېڭى بەدىئىي ئالەم ئاچالايدۇ.
شېئىرىيەت ئىجادىيتىدە يالغۇز ھېسسىياتنىڭ بولۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە كۈچلۈك تەسەۋۋۇرمۇ بولۇشى لازىم، چۈنكى شائىر ئۆز ھېسسىياتىنى پەقەت تەسەۋۋۇر ئارقىلىقلا قاناتلاندۇرىدۇ، تەسەۋۋۇردىن پايدىلىنىپ يېڭى غايىۋى-سېھرىي دۇنياغا كىرىپ، رومانتىك ئالەم كۆكىدە پەرۋاز قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆز ھېسسىياتىنى تېخىمۇ بېيىتىپ ۋە جانلاندۇرۇپ، شېئىرنى تېخىمۇ يېڭى لىرىك مەزمۇنلارغا ئىگە قىلىدۇ.
مىسال سۈپىتىدە شائىر ئابلېكىم خېۋىرنىڭ «ئون» ناملىق شېئىرىدىكى ئانا مەزمۇنىدىكى مىسرالارغا قۇلاق سېلىپ باقايلى.
قەلبىمدە بىر دەريا ھۆرمەت ئاقىدۇ،
    بىر دەريا مۇھەببەت، بىر دەريا ھۆرمەت.
بىر ئانا ئۇلۇغلۇق ناخشىسى بولۇپ،
دىلىمدا ھاياجان قوزغايدۇ پەقەت.
ئانىنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغ تۆھپىلىرى ئاپتۇرنى ھاياجانلاندۇرىدۇ، ھاياتنىڭ ھەممە راھەت- لەززىتىنى پەرزەنتلىرىگە بېرىپ، ئۆزى جاپا مۇشەققەت ئىچىدە  ئۆتكەن ۋە بۇنى ئۆزى ئۈچۈن بەخت ۋە خۇشاللىق دەپ ھېسابلايدىغان بۇ ئالىيجاناپ ئانىغا بولغان ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت تۇيغۇسى شائىرنىڭ ۋۇجۇدىنى چۇلغىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدە يېڭى بىر شېئىرنىڭ  مەزمۇن ئۈندۈرمىسى پەيدا بولۇپ، ئۇنى ئانا مېھنىتىنى ئۇلۇغلاشنى مەقسەت قىلغان بەدىئي ئىنتىلىش يولىغا باشلايدۇ.⑫
قانچە ئون كېچىلەر تولغاق يەپ چىقىپ،
نەچچە يۈز قېتىملاپ كەتكەنسەن ھالدىن.
ھەر تولغاق ئازابى ساڭا بىر لەززەت  ،
جاكار ئۇ سۈبھىدىن-يېڭى بىر تاڭدىن.

شېئىر باشتىن –ئاخىرى ئەنە شۇنداق ئوبرازلىق مىسرالار بىلەن يەنى بەدىئىي تەسەۋۋۇر ئارقىلىق جانلاندۇرۇلغان ھېسياتلىق مىسرالار بىلەن داۋاملاشقان، ھەر بىر مىسرادا ئانىنىڭ ئالىيجاناپ ۋە بۈيۈكلۈك خاراكتېرى چوڭقۇر ھېسسياتلار قاينىمىدا ئوبرازلىق ۋە جانلىق ئېچىپ بېرىلگەن. ئاپتۇر  قايناق شېئىرىي ھېسسىيات بىلەن قۇدرەتلىك بەدىئىي تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ، ئۆز شېئىرىدىكى لىرىك باش قەھرىمان بولغان ئانىنى بەدىئىي يۈكسەكلىك ئىچىدە كۆز ئالدىمىزدا  نامايەن قىلغان.⑬
شېئىر ئىجادىيتىدە ھېسسىيات بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ تەبىئي بىرلىككە ئېرىشىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان مۇنداق بىر زۆرۈر شەرت بار، ئۇ بولسىمۇ شائىر ھېسسىياتىنىڭ ئالدى بىلەن چىن ۋە ھەقىقى بولۇشى، بەدىئي تەسەۋۋۇرنىڭ تۇرمۇشنىڭ تەرەققىيات مەنتىقىسى بىلەن شەيئى ــ ھادىسىلەرنىڭ مەزمۇن ۋە ماھىيتىگە ئۇيغۇن بولۇشىدىن ئىبارەت. مۇبادا ئاپتۇر ئادەملەر ۋە ھايات مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيتىگە نىسبەتەن توغرا ئېستېتىك قاراشتا بولمىسا، رېئال تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىگە يوشۇرۇنغان ھاياتىي ھېكمەتلەر ئورنىغا ئۆز ئېڭىدىكى تەييار سىياسىي چۈشەنچىلەرنى دەسسەتسە، ئۇنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرى تۇرمۇش قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن بولمىغان خىيالىي، سۈنئىي ۋەقەلەرنى ياساپ چىقىشتىن ئىبارەت بولسا، قىسقىسى ئۇنىڭ شېئىرىي ھېسسىياتى ساختا، بەدىئىي تەسەۋۋۇرى تۇترۇقسىز بولسا، ئۇ مەڭگۈ ھېسسىيات بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ بەدىئىي بىرلىكىگە ئېرىشەلمەيدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭدىن چىقىدىغىنى پەقەت ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ھادىسلەرنىڭ ماھىيتى بۇرمىلانغان، ساختا سەنئەت ھەلى بىلەن يالتىرىتىلغان قۇرۇق ۋە يالىڭاچ نەرسىلەردىن ئىبارەت بولىدۇ.
شېئىردا سەل قاراشقا بولمايدىغان مۇھىم بىر ئامىل بار، ئۇ بولسىمۇ  شېئىرىي ئوبرازدىن ئىبارەت. شائىر ئىجادىيەتتە ئۇقۇم ۋە چۈشەنچە تۈسىدىكى ئابىستراكت نەرسىلەرنىڭ ئادەتتىكى نەزمىي سۈرىتىنى سىزىپ بېرىشنى ئەمەس، بەلكى جانلىق تۇرمۇش مەنزىرسى بىلەن كۈچلۈك لىرىك ھېسسىياتنىڭ بەدىئىي بىرلىكى ئاساسىدا بارلىققا كېلىدىغان گۈزەل شېئىرىي مۇھىت يارىتىشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇ تاللانغان، ئىپادە قىلىش كۈچىگە باي بولغان ئىجادىي، بەدىئىي تىلدىن ۋە ھەر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، كىتابخان كۆرەلەيدىغان ۋە ھېس قىلالايدىغان شېئىرىي ئوبرازنى يارىتىدۇ، بۇ ئوبراز ئۇنىڭغا شېئىرىي مەزمۇننى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئەڭ ئىخچام بولغان ھەرىكەتچان بەدىئىي فورمىدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش ئىمكانىيتىنى بېرىدۇ. مەسىلەن،: مۇھەممەدجان سادىقنىڭ «نان» ناملىق شېئىرىغا قارايدىغان بولساق بۇ نۇقتىنى روشەن ھېس قىلالايمىز،
تاڭ شەپىقىدەك توقاچنىڭ ،
چىشلەپ يېدىم چېتىدىن.
ئاھ................
سەزگۈلەر ئويغاندى لەززەتنى تېتىپ،
يالقۇن ئۆرلىدى يۈرەك قېتىدىن.
نان !
نانسىز ئۆتەرمۇ ئالەمدە بىر كۈن،
كىملەر زىرىككەن تەمىنى تېتىپ؟!....⒀

ئاپتۇر بۇ شېئىرىدا مىللىي تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاددىي ناننى تېما قىلىپ، ھېسسىياتلىق شېئىرىي تىل ۋاسىتىسىدە يارىتىلغان جانلىق بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دېھقان ۋە ئۇلارنىڭ ئالىيجاناپ ئەمگىكىگە بولغان يۈكسەك مۇھەببىتىنى ئىپادىلىگەن.
يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان بۇ شېئىردا يېڭى ۋە ئىجادىي شېئىرىي ئوبراز يارىتىلغان، ئەنە شۇ لىرىك ئوبرازلار ۋاستىسى بىلەن شائىرلار ئۆزىنىڭ تۇيغۇ ۋە تەسىراتلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈپ  ئەڭ ئىخچام بەدىئىي فورمىغا سىغدۇرغان.
شېئىرنىڭ ھەجىم ۋە فورمىسى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەزمۇنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، بەزى شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى بىر شېئىرىي پىكىر بىلەن بىر ھېسسىيات يۆنىلىشى ئاساساسدا بارلىققا كېلىدۇ، بەزى  شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى بولسا ھەرخىل شېئىرىي پىكىر ۋە كۆپ لىنىيىلىك، مۇرەككەپ ھېسسىيات ئېقىمى ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ. تەبىئىيكى بۇنداق شېئىرلار ئۇزۇنراق، مەزمۇنغا مۇناسىپ ھەجىم كەڭلىكىگە ئىگە بولىدۇ، لېكىن بىر نەرسە ئىنىقكى، شېئىر مەيلى قىسقا بولسۇن مەيلى ئۇزۇن بولسۇن، ئۇلاردا ئوخشاشلا مەركەزلەشكەن پىكىر بىلەن يىغىنچاقلانغان ھېسسىيات  مۇئەييەن بەدىئىي ئىخچاملىقتا ئەكس ئېتىدۇ، شائىرنىڭ رېئال ھايات تەسىرىدە  پەيدا بولغان ھېس تۇيغۇسى يۈكسەك دەرىجىدە بەدىئىي ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان لىرىك ئوبرازلار ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ. شېئىر مۇشۇ ئالاھىيدىلىكنى ئۆزىدە تولۇق ئەكىس ئەتتۈرسىلا  ئۇ ھەجىم ۋە فورما يېقىدىن قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئوخشاشلا مۇئەييەن بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.


شېئىرنىڭ تۈپكى خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە

شېئىر شائىرنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقتىن ئالغان تەسىرات ۋە ھىسسىياتلىرى ئاساسىدا بىيېتىلىپ ۋە پىششىقلىنىپ ئىشلەنگەن مۇئەييەن تۇرمۇشنىڭ نەپىس، ئىخچاملانغان ئىپادىسى بولغانلىقتىن، ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش، تېز تەسىر كۆرسىتىش، گۈزەل، يېقىملىق تەسىراتقا ئىگە قىلىشتەك ئالاھىدە سىھرىي كۈچكە ئىگە بولۇشتىن تاشقىرى، قاپىيىلىك، رىتىملىق بولۇشتەك ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ئەدەبىياتنىڭ باشقا تۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرق قىلىدۇ.
ئۇنداقتا «شېئىر» دېگەن بۇ ژانىر باشقا ئەدەبىي ژانىرلارغا قارىغاندا قانداق تۈپ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ؟
شېئىرىيەت ژانىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان تۈپكى خۇسۇسىيەتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.
1.        شېئىردا رېئال تۇرمۇش ۋە ھىس-تۇيغۇنى ئەڭ مەركەزلىك ھالدا ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ
گەرچە بارلىق ئەدەبى ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى رېئال تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن شېئىرلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. چۈنكى شائىرلاردا كۈيلىنىدىغىنى شائىرلارنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان تۇرمۇش ۋەقەلىكى بولۇپ،  ئۇنىڭدا ئىپىك ئەسەرلەر، دراممىلارغا ئوخشاش پېرسوناژلارنىڭ تاشقى قىياپىتى بىلەن ئىچكى دۇنياسىدىكى پائالىيەتلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنمايدۇ. پېرسوناژلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە بۇ توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلغان جەريانلار بىر-بىرلەپ تەسۋىرلەنمەيدۇ، بەلكى تۇرمۇشتىكى ئەڭ تىپىك شەخس ۋە ۋە قەلەرنى، شائىرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ئىدىيىۋى ھىسسىياتىنى ئەڭ مەركەزلىك ھالدا ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈشلا تەلەپ قىلىنىدۇ. سۇبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا، شېئىرنىڭ مەزمۇنى شائىرنىڭ يۈرىكىدە زور ھاياجان قوزغىغان، تاللىنىش ۋە تاۋلىنىشىدىن ئۆتكەن ۋەقە ياكى ھادىسىدۇر. ئوبيېىكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا، ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تۈپكى نەرسىدۇر.
مەلۇمكى، بەدىئىي ئوبراز ھەر قاچان ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ئەڭ مەركەزلىك، ئەڭ ئىخچام ئىپادىلىنىشىدۇر. لېكىن بۇ ئىخچاملىق، يىغىنچاقلىق شىئېرى ئوبرازدا تېخىمۇ كۆرىلىدۇ. ئۇ جەمئىيەتتىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئەھمىيەتلىك مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئىخچام ئىپادىلەپ بىرىدۇ. شېئىرنىڭ مەزمۇنى شائىرنىڭ يۈرىكىدە ئەڭ زور ھاياجان قوزغىغان، پىشىپ كامالەتكە يەتكەن ئىدىيىسىنىڭ ئىنكاسى، رېئال تۇرمۇشنىڭ شائىرلار قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان ساداسىدۇر، شۇنداقلا ئوبيېكتىپ بىلەن سۇبيېكتىپنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەتتۇر. شىئېر تۇرمۇشنىڭ ئەڭ نەپىس ۋە ئەڭ ئىخچاملاشقان ئىپادىسى بولغانلىقتىن، ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش، تېز تەسىر قىلىش ۋە يېقىملىق تۇيغۇغا ئىگە قىلىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سەنئەتنىڭ ئەڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
<<تۈگىمەس ناخشا>> ناملىق شىئېرغا مۇراجىئەت قىلساقلا بۇ نۇقتىنى تولىمۇ ئېنىق تونۇپ يېتەلەيمىز.

ھەر ئاخشىمى ناخشا ئېيتىمەن،
شۇ كوچىنى ئەگىپ كېتەلمەي.
بىر پەللىنى كۆزلەپ ماڭىمەن،
ئاۋارىمەن تېخى يېتەلمەي.

بۈگۈن ئاخشام ئۆتكەنىدىم يەنە،
ناخشام بىلەن دېرىزە چىكىپ.
قەيەردىندۇر ئىشىك غىچىلداپ،
كايىپ كەتتى بىر بوۋاي چىقىپ.     

                                 
جارقىرايسەن ھەركۈنى شۇنداق،
ساراڭمۇ سەن ئوڭشالمايدىغان.
يا ئادەمگە ئۇيقۇ بەرمەيسەن،
   قانداق ناخشا بۇ تۈگىمەيدىغان؟!

كايىما بوۋا، سەنمۇ بىر چاغدا،
ياش ئىدىڭغۇ ئۇخلىمايدىغان.
سەنمۇ ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن ،
   شۇنداق ناخشا بۇ تۈگىمەيدىغان.

مانا بۇ شىېئىردا <<مەن >>بىلەن <<بوۋاي>>ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلىك ۋە دىئالوگلار شائىر تەرىپىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئىخچاملانغان، مەركەزلەشتۇرۇلگەن ۋە تىپىكلەشتۈرۈلگەن⑭ شېئىر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى يۇقۇرىقى شىېئردىكىگە ئوخشاش ھەقىقەتەنمۇ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شېئىر باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئوخشاش، مەسىلەن، ھىكايە، رومانلاردەك مەزمۇننى ئۇنداق تەپسىلىي ئېچىپ بەرمەيدۇ، ۋەقەلىكلەرنى باغلاشتۇرۇشمۇ ئۇنداق زىچ ھەم بايان قىلىشمۇ ھەر تەرەپلىمە بولمايدۇ. شېئىردا ماھىيەتلىك ھادىسىلەر شائىرنىڭ ھېسسىياتى ئارقىلىق تىپىكلەشتۈرىلىدۇ. ئەمما شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش كېرەككى، شىېئىرمۇ باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئوخشاش ئوبيېكتىپ رېئاللىق بىلەن سۇبيېكتىپ ھېسسىياتنىڭ بىرلىشىشىنىڭ مەھسۇلى. شۇنداق بولغانىكەن، ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولۇشقا تىگىشلىك ئىخچاملىق، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مەركەزلەشتۈرۈشلەر شېئىردا تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئۈزۈك-ئۈزۈك پويىز ئاۋازى،
ياشلار بىلەن نەملەنگەن.      
(ئەخمەتجان ئوسمان)

بۇ مىسرالاردا شېئىرىي تۇيغۇ شۇنچىلىك ئىخچام بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ھەجىمدىكى ھېسسىيات بوشلۇقىنى يۈدۈپ، شائىر قەلبىدىكى گۈزەل كارتىنىلىق تۇرمۇش تەسۋىرىنى پەقەت ئىككى مىسرا شىېئىرى بوستانلىق ئىچىگە سىڭدۈرۋەتكەن. قاراڭ، كىملەردۇر ئۇزاپ كېتىۋاتىدۇ، كىملەردۇر ئۇلارنى ئۇزىتىپ ياش تۆكۈۋاتىدۇ. شائىرنىڭ ھاياجانلىق ھىس ــ تۇيغۇسى شۇنچىلىك ئۇرغۇپ، مۇبالىغە كۈچى شۇ دەرىجىگە يېتىپ بارغانكى، پويىز ئاۋازى ياشلار بىلەن نەملەنگەن.⑮
روشەنكى، شېئىردا ئىدىيىۋى مەزمۇننىڭ يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىشىشى بىلەن شائىر ھېسسىياتىدىكى تىپىكلىكنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ.
2.        شېئىردا كۈچلۈك ھېسسىيات ۋە مول تەسەۋۋۇرنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ
ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسەردە ئاپتورنىڭ سۇبيېكتىپ ھېسسىياتى ۋە تەسەۋۋۇرى بولۇشى مۇقەررەر بولسىمۇ، لېكىن باشقا ژانىرغا قارىغاندا، شىېئردىكى ھېسسىيات تېخىمۇ كۈچلۈك، تەسەۋۋۇر تېخىمۇ مول بولىدۇ . ھېسسىيات ۋە تەسەۋۋۇر شىئېرلارنىڭ قانىتى بولۇپ، شېئىر ئەشۇ قانات ئارقىلىق پەرۋاز قىلىدۇ.
شېئىرنىڭ تۈپ ئاساسى ئىدىيىۋى ھىسسىياتتۇر. ئەگەر شېئىردا ھېسسىيات بولمايدىكەن ئۇنداق شىېئىر جېنىدىن ، ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. چۈنكى شىېئىرنىڭ ئەڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكى پەقەتلا  ھەقىقەت بىلەن كىشىنى مەنتىقىي جەھەتتىن قايىل قىلىش ئەمەس، بەلكى ھېسسىيات بىلەن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈشتۇر. ئەگەر شېئىردا كۈچلۈك ھېسسىيات بولمىسا، ئۇ كىشىلەرنىڭ مەنىۋى سىېزىمىنى قوزغىيالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىرنى رېئال ھايات تەرىپىدىن ئۇرغۇپ، جۇش ئۇرۇپ چىقىدىغان كۈچلۈك ھېسسىياتلارنىڭ بىرىكمىسى دېيىش مۇمكىن.
بىر ھەقىقىي شائىر كەڭ كىتاپخانلارنى كۈچلۈك ھېسسىيات بىلەن تەسىرلەندۈرمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن ئۆزى رېئال تۇرمۇشتىن  ھەقىقىي تەسىرلەنگەن بولۇشى كىرەك. شۇ چاغدا ئۇنىڭ يازغان شىېئىرى ناھايىتى ھېسسىياتلىق،  يېقىملىق ۋە تەبىئىي چىقىدۇ. شېئىردىكى ھېسسىيات شائىرنىڭ سۇبيېكتىپ تەسەۋۋۇرىدىن ئايرىلالمايدۇ. شېئىرنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى ئۆز-ئارا باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ . شۇڭا بىر تەرەپتىن شائىرنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھېسسىياتى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغىسا، يەنە بىر تەرەپتىن شائىر ئەنە شۇ خىل تەسەۋۋۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ئىپادىلەيدۇ. شائىرنىڭ ھېسسىياتى باي ۋە رېئال تۇرمۇش ئاساسىغا قۇرۇلغاندىلا، ئۇنىڭ خىياللىرى تەپەككۇر ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلالايدۇ–دە، كۈچلۈك ھىېسسىيات ۋە مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ ۋە شۇ ئاساستا تۇرمۇشنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق توغرا ئېچىپ بىرەلەيدۇ. دېمەك، تەسەۋۋۇر ھېسسىياتنىڭ قانىتىدۇر.
ھېسسىيات گويا قەلىب فونتانىدىن تۇيۇقسىز ئۇرغۇپ چىققان سېھرىي تۇيغۇدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يىلتىزى ناھايىتى چوڭقۇر، چۈنكى ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئىدىيىسى بەلگىلىك ئىجتىمائى شارائىت ئىچىدە يېتىلىدۇ. شۇڭا ھېسسىيات قۇرۇقتىن-قۇرۇق پەيدا بولىدىغان تاساددىپىيلىق بولماستىن، بەلكى ئوبيېكتىپ رېئاللىق تەسىرىدە پەيدا بولىدىغان چوڭقۇر ئىجتىمائى سېزىمدۇر. دېمەك، شىئېردىكى ھېسسىيات شائىرنىڭ ئۆز ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان شەيئىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن بارلىققا كىلىدۇ. شائىرنىڭ يىڭى شەيئىلەرنى تونۇش ۋە سېزىش قابىلىيىتى قانچە يۇقىرى بولسا، ئۇنىڭ سۇبيېكتىپ دۇنياسىدا ئۇ شەيئىلەر ھەققىدە شۇنچە چوڭقۇر ھېسسىيات تۇغۇلىدۇ. ھېسسىيات پائالىيىتى ئالدى بىلەن سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق تاشقى دۇنيادىكى شەيئىلەرگە بولغان ئىنكاستىن كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلاردىكى تۈپ مەسىلە شائىرغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، رېئال تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە مول شېئىرىي ئوزۇقلۇق ئېلىشتىن ئىبارەت. شائىرنى خۇددى ستالىن تەرىپلىگەندەك <<ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى>> دەپ ئاتىشىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبى مۇشۇ يەردە. يەكۈنىمىزگە دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن ئوت يۈرەك ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ <<خىيالچان تىلەك>> ناملىق شېئىرى ئارقىلىق كۆز قارشىمىزنى ئىسپاتلاپ ئۆتىمىز.
تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،
چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.

مەرد باغۋەن غازاڭ قىلمايدۇ ۋاقىتسىز باغنى،
تەربىيسىز سۇلدۇرۇپ گۈل -چىچەكلەرنى.

خىيالىم خۇددى تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر سەبىي بالا،
ئىمىش ئۈچۈن قەدىردان ئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى.

لەززەتلىك خىيال ئارىسىدا بېقىپ   ئاسمانلارغا،
تەپەككۇر كۆزى بىلەن كۆرىمەن روشەن روجەكلەرنى.

نېمىشقا يازماي تىلەك ئارىلاش مۇڭلۇق لىرىكىلارنى،
سۆيگۈ ئىشقى ئۆرتەپ كۆيدۈرسە يۈرەكلەرنى ،

ئەزەلدىنلا خىيالچان...مۇڭلۇق بىر يىگىت ئىدىم،
تىڭشىغاچ مومام ئاغزىدىن ساماۋى چۆچەكلەرنى .

سۆيگۈ دېڭىزى چوڭقۇرلىقىدا مەن قاينام تۇرسام،
ئۇسسۇلۇغۇم قانداق قانسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى.②
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئەنقا تۇخۇمىدەك ئاز كۆرىلىدىغان بۇ ئېسىل دۇردانە شىئېرنى ئاپتور پۈتۈن ۋۇجۇدى ھاياجانغا تولغان ئاساستا يازغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇنى يېزىشتا سۈپەتلەش، ئوخشىتىش، تەسەۋۋۇر قاتارلىق بەدىئىي ۋاسىتىلەرگە تايانغانلىقى ئۈچۈن شىئېردىكى ھېسسىيات تولۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ چىققان. شائىرنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە بولغان ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز، تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز غەزەپ – نەپرىتى ئۇنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن سوقۇۋاتقان، ئازادلىققا تەلپۈنىۋاتقان ئوت يۈرىكىنى غەزەپتىن ئۆرتەندۈرۈپ، ئەڭ جۇشقۇن ئازادلىق كۈيلىرىنى ياڭرىتىشقا سەۋەپ بولغان. ئاپتور مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ مول ھېسسىياتقا تويۇنغان <<ئەركىنلىك مىلودىيىسى >>نى ياڭراتقان .
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، كۈچلۈك ھېسسىيات، باي تەسەۋۋۇر– شېئىر ئىجادىيىتىدىكى تۈپ ئامىللار بولۇپ، بۇ ئىككىسنى بىر- بىرىدىن  ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ . بىر تەرەپتىن، شائىرنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھېسسىياتى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، شائىر تەسەۋۋۇر ياردىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىدىيۋى ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ.
شېئىردا تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ھېسسىياتنىڭ تەرەققىياتىغا، چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، شىئېرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنىنى بىيېتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى پارلاق كىلەچەككە يېتەكلەپ، ئۇلارغا ئىرادە ۋە غايە بېغىشلايدۇ. شائىرنىڭ ئىجتىمائىي كۈچىنى بەلگىلەيدىغان ئىجتىمائىي شارائىت پەقەت رېئاللىققا چۆكۈپ، ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى پۇختا ئىگەللەشتە. پەقەت شائىرنىڭ قەلبىدە رېئال تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن قايناق ھېسسىيات قوزغالغان چاغدا، ئاندىن ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرى تەپەككۇر ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلالايدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق شائىرنىڭ ئالىيجاناپ غايىسى ئىپادىلىنىپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان بەدىئى كۈچ ھاسىل بولىدۇ. دېمەك، تۇرمۇشقا نىسبەتەن قوزغالغان مول، كۈچلۈك ھېسسىيات شېئىر يېزىشتىكى بىرىنچى شەرت ھېسابلىنىدۇ.
بەدىئىي ئەسەرلەردە ھېسسىياتنىڭ كۈچلۈك بولۇش– بولماسلىقى، ئاپتورنىڭ بەدىئىي ماھارىتىگىمۇ باغلىق، ئەلۋەتتە. لېكىن ئەڭ ئاساسلىقى ئاپتور ھېسسىياتىنىڭ ھەقىقىي بولۇش ياكى بولماسلىقىدا. بۇنىڭسىز ھەرقانچە كۈچىنىپ باققان بىلەنمۇ ، ئۇ پەقەت جانسىز چۈشەنچە ، قۇرۇق شوئار ياكى ۋەز نەسىھەتلەر بولۇپ قالىدۇ، خالاس
بەزى كىشىلەر تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى قەغەزگە يۆتكەپ قويسىلا، تۇرمۇش ئىپادىلىنىۋېرىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ . لېكىن شائىرنىڭ ھېسسىياتى بىلەن بىرلەشمىگەن تۇرمۇش ھەرگىزمۇ ھېسسىياتنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، رېئال تۇرمۇشتىن ئىلھاملانماي تۇرۇپ ۋە ھەقىقىي ھېسسىياتقا ئىگە بولماي تۇرۇپ، قەغەز يۈزىدە چىرايلىق ئىبارىلەر ۋە تەنتەنىلىك مىسرالارنى قانچە كۆپ ئىشلەتكەن بىلەنمۇ، ئۇ بەرىبىر شېئىر بولالمايدۇ ⑯. شائىر تۇرمۇشنى قانچە پىششىق بىلسە، ئۇنىڭ ھېسسىياتى شۇنچە ئۇرغۇپ تاشىدۇ. تۇرمۇش شائىرنىڭ چوڭقۇر ئوي – پىكىرى ۋە پىششىق مۇلاھىزىسىدىن قانچە ئۆتسە، شائىرنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تۇيغۇ ھېسسىياتىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شائىر تۇيغۇنى كونكرېت ئوبرازلار، تەسەۋۋۇرلار، مۇبالىغىلەر ئارقىلىق شۇنچە چوڭقۇر ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ. شائىرلارنىڭ مۇلاھىزىسى ۋە ھاياجانلىنىشىدىن مەيدانغا كەلگەن ھېسسىيات كونكرېت ۋە چىن ھېسسىيات بولىدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا، شائىرنىڭ جۇش ئۇرغان ھېسسىياتى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغايدۇ، شۇنداقلا شائىر تەسەۋۋۇرنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىنىڭ ھىسسىياتىنى چوڭقۇر ئىپادىلەيدۇ.
3.شېئىر كۈچلۈك تەپەككۇرغا ۋە تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولىدۇ
شېئىر ئىجتىمائى تۇرمۇش ۋەقەلىكىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى. شائىرلار توغرا ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۈچلۈك ھېسسىي پائالىيەتلەردىن پەيدا بولغان تەپەككۇر ئارقىلىق، تۈرلۈك تەمسىل، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، كىنايە، مۇبالىغە قاتارلىق تەسۋىرىي ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، جانلىق تۇرمۇش كارتىنىسى بىلەن سۇبيېكتىپ لىرىك تۇيغۇنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ، ئابىستراكت نەرسىلەرنى كونكرېت ۋە ھېسسىي نەرسىگە ئايلاندۇرىدۇ. مەسىلەن:
زىمىستان كۆرمىگەن بۇلبۇل ،
باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس .
جاپانى تارتمىغان ئاشىق ،
ۋاپانىڭ قەدرىنى بىلمەس.
(ئۇيغۇر خەلق قوشىقى)

بۇ كۇپلىېت قوشاقتا <<جاپا تارتمىغۇچە راھەتنىڭ قەدرىگە يەتمەس >> دېگەن ئابستراكت پىكىر تەبىئەت ئۆزگىرىشىگە تەمسىل قىلىنىپ تېخىمۇ كونكرېت ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. بۇ ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، شېئىردا ئوبرازلىق تەپەككۇرغا تايانغاندىلا، ئاندىن شېئىر سېھرىي كۈچكە ۋە ھاياتى كۈچكە ئىگە بولالايدۇ.
ئەدەبىيات –سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە رېئاللىقنى ئوبرازلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئەكس ئەتتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. لېكىن شېئىردا باشقا ئەدەبىي ژانىرلارغا قارىغاندا ئوبرازچانلىق ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. شېئىردا ئوبراز پەقەت ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىش شەكلى ئارقىلىقلا بارلىققا كىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شېئىر ھايات ۋەقەلىكلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدراكىي كۈچ ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى . بۇ يەردىكى تەپەككۇر – پىكىر يۈرگۈزۈش يەنى ئىجادكارنىڭ رېئال تۇرمۇشنى چۈشىنىش ۋە ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى ئوي-پىكىرى. ھەر قانداق بىر تەپەككۇر ئىجادكارنىڭ دۇنيا قارىشىغا بېقىنىدۇ، چۈنكى ئۇ تۇرمۇشنى چوڭقۇر كۆزىتىش، تەھلىل- تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ، توغرا ئىدىينىڭ يېتەكچىلىكىدە كۈچلۈك ھېسسىي پائالىيەتلەردىن پەيدا بولىدىغان تەپەككۇر شېئىرنىڭ ئاساسىي ئىدىيسىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھېسسىي ماتېرىيالدۇر.
ئوبرازلىق تەپەككۇر ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان بىرخىل تەپەككۇر شەكلى بولۇپ، ئۇمۇ مەنتىقىي تەپەككۇرغا ئوخشاش ئوبيېكىتپ شەيئى ۋە ھادىسلەرنىڭ ئادەم مېڭىسدىكى ئىنكاسى. بىراق ئۇ مەنتىقىي تەپەككۇرغا ئوخشاش شەيئىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئابىستراكت ئۇقۇملار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ كۆز ئالدىدا گەۋدىلىنىدىغان كونكرېت تەسۋىرلەر ئارقىلىق ئىنكاس قىلىدۇ. شائىر شېئىردا مەلۇم بىر ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋەقەلىكىدىن ئالغان چوڭقۇر تەسىراتىغا ئاساسەن تۈرلۈك تەمسىل، مەجاز، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، كىنايە، مۇبالىغە قاتارلىق تەسۋىرىي ۋاستىلەر ئارقىلىق كىتابخان كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان سەنئەت مەنزىرىسىنى  ياكى شېئىرىي ئوبرازنى يارىتىدۇ ۋە ياكى جانلىق تۇرمۇش كارتىنىسى بىلەن سۇبيېكتىپ لىرىك تۇيغۇنى بىر پۈتۈن قىلىپ، ئابىستراكت نەرسىلەرنى كونكىرىت، جانلىق، ھېسسىي نەرسىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ. مانا بۇ شېئىردىكى ئوبرازلىق تەپەككۇر جەريانىدۇر.
4. شېئىرىي تىل ئىخچام، ئىنىق، ئوبرازلىق، ئاھاڭدار ۋە مۇزىكىدارلىققا ئىگە بولىدۇ
«ئىخچام بولۇش دېگەنلىك _ تىل شائىرنىڭ ئىدىيۋى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتە دەلمۇ-دەل جايىغا كەلسۇن، بىرەر كۇپلېت كۆپ بولۇپ كەتسە كۆپلۈك قىلىدىغان، بىرەر كۇپلېت ئاز بولۇپ قالسا ئازلىق قىلىدىغان، بىرەر مىسرا كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدىغان، بىرەر مىسرا ئاز بولۇپ قالسىمۇ بولمايدىغان بولسۇن، ئەڭ ئاخىرىدا، بىرەر سۆز ئالماشتۇرۇپ قويۇلسا  شېئىرنىڭ رەڭدارلىقىنى يوقۇتۇپ قويىدىغان دەرىجىگە كەلسۇن، دېگەنلىكتۇر».⑰ ئىخچام بولۇش بەدىئىي جەھەتتىن ئىپادىلەش مەسىلىسى، شۇنداقلا پىكىر مەزمۇنىنى قانداق قىلىپ ئەڭ مۇۋاپىق سۆزلەر ئارقىلىق تولۇق، ناھايىتى چىرايلىق ئىپادىلەش مەسىلىسىدۇر. بۇ ئارقىلىق شائىرلارنىڭ يىغىنچاقلاش قابىلىيتىنى ۋە سۆز تاللاپ جۈملە تۈزۈشتىكى بەدىئىي ئىقتىدارىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ شائىرنىڭ تۇرمۇش تەجربىسىنىڭ مول ياكى كەملىكى، ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇنى  سەنئەت ئىجادىيتىدە كەم بولسا بولمايدىغان، ئەدەبىي جەھەتتە تەربىيلىنىش، مۇشەققەتكە چىداپ چېنىقىش، قىلچىمۇ قالايمىقان قىلماسلىق ئىدىيسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شائىر «نەچچە يۈز مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالالايدىغان» شېئىر يازماقچى بولىدىكەن، «نەچچە مىڭ توننا سۆز بايلىقلىرى>> ئىچىدىن  شېئىر مەزمۇنىنى ئەڭ تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى تاللاپ تاۋلاپ چىقىشى لازىم.
ئىخچاملىق تەلىپىگە يېتىش گەرچە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارغا باغلىق بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا پىكىرنى ئوبرازلىق سۈرەتلەشتىن ئىبارەت. چۈنكى ئوبراز شائىرنىڭ سۇبيېكتىپ ھېس تۇيغۇسىنى مۇقىم بىر بەدىئىي غايىگە يىغىش ۋە مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى.
شېئىرنىڭ مەزمۇنى رېئال تۇرمۇشنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىنىشى ۋە ئومۇملاشتۇرلۇشى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىپادىلەش قورالى بولغان تىلمۇ ئىخچام ۋە ئېنىق بولۇشى كېرەك. ئىخچام بولۇش يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاز سۆز بىلەن ناھايىتى مول مەزمۇننى ئىپادىلەپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئېنىق بولۇش ھېسسىياتنى ئەڭ مۇۋاپىق سۆز- ئىبارىلەر بىلەن مۇكەممەل بايان قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. شائىر ئۆلمەس شېئىرلارنى يازماقچى بولسا، تۈمەنمىڭلىغان سۆز بايلىقلىرى ئىچىدىن شېئىر مەزمۇنىنى ئەڭ تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆز ئىبارىلەرنى تاللاپ ۋە تاۋلاپ چىقىشقا ماھىر بولۇشى لازىم. شېئىرىي تىلنىڭ بولۇشىدا ئاساسەن  ئوبرازلىق تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن تولۇق پايدىلىنىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شېئىرىي تىلنىڭ ئاھاڭدارلىقى ۋە مۇزىكىدارلىقىدا ئاساسەن رىتىم، قاپىيە ۋە ۋەزىن كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مانا بۇ ئامىللار شېئىرنى ئوقۇشقا ئەپلىك، ئاڭلاشقا يېقىملىق قىلىپ بېرىدۇ. رىتىم شائىرنىڭ شېئىرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن تىلنى پىششىقلاپ ئورۇنلاشتۇرىشى ئارقىسىدا شەكىللىندۇ. شۇڭلاشقا ئۇ شائىرنىڭ ھېسسياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئازادە ۋە شاد خۇراملىق ھېسسىياتتىن يارقىن ۋە تېتىك رىتىم كېلىپ چىقىدۇ، كۆتۈرەڭگۈ  كەيپىياتتىن جىددىي ھەم كۈچلۈك رىتىم كىلىپ چىقىدۇ، ھەسرەتلىك ھېسسىياتتىن بولسا ئاستا ۋە ئېغىر رىتىم كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تۇرمۇش ۋە شېئىر  مەزمۇنىنىڭ خىلمۇ- خىللىقىدىن بولىدۇ.
5. يۈكسەك دەرىجىدىكى بەدىئىي ماھارەت ۋە بەدىئىي شەكىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ
شېئىرىيەتتىكى بەدىئىي ماھارەت ئاساسەن ئىدىيىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تىل ۋاسىتىسىدۇر، شۇنداقلا ئۇ تەلتۆكۈس بەدىئىي شەكىل يارىتىش  يولى بىلەن مەلۇم مەزمۇننى ئىپادىلەپ بېرىشنىڭ زۆزۈر شەرتىدۇر. ئۇ شېئىر يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشنى كۆزىتىش ، ئاممىنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش، زېرىكمەي مەشىق قىلىش، ئىزدىنىش ۋە بۇرۇنقى سەنئەتكارلارنىڭ تەجربىلىرىنى ئۆگىنىشتىن ھاسىل قىلغان تەجربىسى. بەدىئىي ماھارەتنىڭ مېغىزى تىلدۇر، تىلنى ئومۇمىي خەلقتىن، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ئۆگىنىش مۇمكىن، شېئىردا بەدىئىي ماھارەت تىل بىلەن ئىپادىلىدىغىنى ئۈچۈن سۆز-ئىبارىلەرنى ئىنچىكە تاللاش ۋە ھەر بىر سۆزنى مىسرالارغا ئۈنچە –مەرۋايىت تىزغاندەك  ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مىسرالارنى چوڭقۇر مەنىلىك ئىبارىلەرگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىش لازىم. تىلدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنى دەل جايىدا مۇۋاپىق قوللىنىش لازىم، خەلقنىڭ ئېغىز تىلى شېئىرغا قويۇلسا، شېئىر ئاممىۋىيلىشىدۇ، مىللىي شەكىلگە، ھاياتىي كۈچكە، نەپىسلىككە ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. بىر پارچە شېئىردا بىر قانچە مەنىلىك ئىبارىلەر يارىتىلسا، ئۇلار شېئىرنىڭ بەدىىئي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەمما بىر پارچە شېئىردىكى مىسرالارنىڭ ھەمىسىدىلا ئۇنداق بولۇپ چىقىشى قىيىن، ئۇنىڭدا پەقەت بىر-ئىككى ھەيران قالارلىق  مىسرا بولسىلا، ئۇنداق شېئىر كىتابخانلاردا شېئىرىي تۇيغۇ پەيدا قىلالايدىغان ئۇتۇقلۇق شېئىر دەپ ھېسابلانسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە شېئىر ئىجادىيتىدە بەدىئىي شەكىل تاللاشمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، بىز توغرا ئىدىيىنى شېئىرنىڭ جېنى دېسەك، تىلنى ئۇنىڭ قېنى دەيمىز، شەكىل بولسا ئەنە  شۇ جان بىلەن قاننى گەۋدىلەندۈرىدىغان بىر پۈتۈن گەۋدىدۇر. مەلۇم ئىدىيە ۋە شېئىرىي تۇيغۇنى پىششىق تىل بىلەن ئىپادىلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇنىڭغا لايىق شەكىل تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر قانداق شېئىردا مەلۇم ئۆلچەم ۋە سۆز ئىبارىلەرنىڭ تەركىبىدىكى تاۋۇشلارنىڭ بەلگىلىك قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ، يەنى ۋەزىن، مىسرا ۋە قاپىيە جەھەتلەردىن رېئايە قىلىنىدىغان مۇقىم بەلگىلىمىلەر بولىدۇ. مەزمۇن ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، شۇ مەزمۇننى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان مۇۋاپىق شەكىل تاللانمىسا، ئۇ شېئىرغا ئوخشىماي قالىدۇ. شۇڭلاشقا بىز شېئىرلاردىمۇ باشقا ئەسەرلەرگە ئوخشاشلا بەدىئىي مەزمۇن بىلەن مۇمكىن قەدەر مۇكەممەل بولغان بەدىئىي شەكىلنى بىرلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئىېتىبار بېرىشىمىز لازىم.⑱



خاتىمە

       شېئىر __ مەلۇم ھادىسە ياكى شەيئى كىشى قەلبىگە ئارام بەرمىگەنلىكتىن، ئاپتۇر چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىش، كەڭ تەسەۋۇر قىلىش نەتىجىسىدە قەلبىنىڭ ئىچكى قاتلاملىرىدىن ۋولقاندەك ئېتىلىپ چىققان نىدالارنى ئۆتكۈر، ئەمما يارقىن سۆز-ئىبارىلەردىن پايدىلىنىپ بەلگىلىك ۋەزىن، رىتىم، قاپىيە شەكىللىرى بىلەن مۇجەسسەملەپ بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئەڭ ئىخچام، ئەڭ قەدىمىي ئەدەبىي ژانىردۇر. شېئىرنى ھەۋەس ئۈچۈن ياكى دوراپ يېزىش تولىمۇ بىمەنىلىك. ئۆز مۇددىئاسىنى شېئىر بىلەن ئىپادە قىلىمەن دەپ مەجبۇرى زورۇقۇپ يېزىشتىن ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ. سۆزگە باي بولمىغان، تارىخىي بىلىمى مول بولمىغان، تەپەككۈرى چۇۋالچاق، مەقسىدى غۇۋا بولغان كىشى شېئىر يازىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى شېئىر تەپەككۈر ۋە تەسەۋۇرنىڭ مەھسۇلى. ياخشى يېزىلغان شېئىرلار يازغۇچىغا ئارام بەرمەيۋاتقان مەلۇم ھادىسلەرنىڭ تەبئىي يوسۇندا مەلۇم ۋەزىن ياكى تۇراق بىلەن گۈزەل مىسرالارغا تىزىلىشىدىن ئىبارەت. بۇنداق شېئىرلاردا ياسالمىلىق، زورۇقۇش، چۇۋالچاقلىق، چۈشنىكسىزلىك...قاتارلىق شېئىرغا مۇخالىپ ئامىللار ئۇچراپ كەتمەيدۇ.
شېئىردا مەلۇم تەپەككۈر چوڭقۇرلۇقى، تەسەۋۋۇر كەڭلىكى، بەدىئىي ماھارەت (تىل ئىشلىتىشتىكى ئۇستىلىق) ۋە مەلۇم شەكىل بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بۇ شېئىر مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىدۇ. مەزمۇنى ياخشى، تەپەككۈرى چوڭقۇر، ئىشلىتىلگەن سۆزلىرى سەرخىل بولسىمۇ، مەلۇم شەكىل تاللانمىسا خۇددى نىيتى دۇرۇس بولسىمۇ، ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن كۆرۈمسىز ئادەمگە ئوخشاپ قالىدۇ، ئوقۇرمەنگە بەدىئىي زوق بېرەلمەيدۇ. شېئىرنىڭ شەكىلى ۋەزىن، تۇراق، تەپئىل، بەھرى، قاپىيە قاتارلىقلار بىلەن گەۋدىلىنىدۇ.

ئىزاھاتلار:
①. ئابلەت ئۆمەر قاتارلىقلار: «ئەدەبىيات نەزەرىيسى ئاساسلىرى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1997-يىل 6-ئاي نەشرى، 535-بەت
② «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1983-يىل نەشىرى 101-بەت   
        پايدىلانغان ماتېرىياللار:
①،②. ئابلەت ئۆمەر قاتارلىقلار: «ئەدەبىيات نەزەرىيسى ئاساسلىرى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1997-يىل 6-ئاي نەشرى، 537-بەت.
  ③ .مېھىرنىسا جامال: «يېزىقچىلىق ئاساسىي بىلىملىرى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى،  1999-يىل 6 -ئاي نەشرى، 199-بەت.                                                               
④. ئابلەت ئۆمەر: «ئەدەبىيات نەزەرىيسىگە دائىر ئاساسىي بىلىملەر»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984-يىل 10-ئاي نەشرى، 273-بەت .
،⑤،⑥،⑦،⑧،⑨،⑩،ئابدۇللا سۇلايمان: «يېزىقچىلىق ئاساسلىرى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى،  2006-يىل 6  -ئاي نەشرى، 317__320-بەتلەر.                                                               
⑪.مۇھەممەت پولات: «ئىجادىيەت ۋە ئىلھام»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1996- يىل 6-ئاي نەشرى،  140  -بەت
⑫.مۇھەممەت پولات: «ئەدەبىيات چىنلىق ۋە گۈزەللىك زېمىنى»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2000-يىل4-ئاي نەشرى،  133-بەت.
⑬.مۇھەممەت پولات: «رېئاللىقنىڭ كىچىكلىتىلگەن بەدىئي سۈرىتى»، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2003 –يىل 3-ئاي نەشرى، 51-بەت.
⑭.ئابدۇللا سۇلايمان: «يېزىقچىلىق ئاساسلىرى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى،  2006- يىل 6 -ئاي نەشرى، 319-بەتلەر.
⑮. ئەخمەتجان قۇربان: «شېئىرىي مۇھىت، شېئىرىي كەڭلىك ۋە شېئىرىي تىل» (ئارزىگۈل، شادىيە قاتارلىقلار تۈزگەن «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى»)، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى،  2000-يىل 12 -ئاي نەشرى، 199-بەت.
⑯.بۇغدا ئابدۇللا: «يېزىقچىلىق ئىلمى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1996-يىل 7-ئاي نەشرى، 208-بەت.
⑰. بۇغدا ئابدۇللا «يېزىقچىلىق ئىلمى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى،  1996-يىل 7 -ئاي نەشرى، 173-بەت.
⑱. ئۆمەر ئوسمان: «يېزىقچىلىق بىلىملىرى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985- يىل 6-ئاي نەشرى، 366_367- بەتلەر.



ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kakkuk11 + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
تاڭنۇر + 100 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3890
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 976 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 05:37:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالە شىئېر ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ياخشى بىر ئۆگۈنۈش ماتىريالى بۇلىشىغا ئىشەنچىم
كامىل . نەق ۋاقتىدا يوللاپسىز .
مەنمۇ مۇشۇ ھەقتە ئىزلىنىپ بىر ماقالە تەييارلىغان ئىدىم . سىز مەندىنمۇ كەڭ دائىردە ،
تېخىمۇ چۈشنىشلىك قىلىپ تەييارلاپسىز .
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10484
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 06:42:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىزىقچىلىق ئۇنچە  ئاسان  ئەمەس

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1668
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 07:04:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز نەزىرىيە ئۆگىنشكە ئەھمىيەت بەرمەيمىز.مانا مۇشۇنداق ماقالىلەر كۆپرەك يېزىلسا،نەزىرىيىۋى بىلىملەرنى ئەمىلىيەتكە باغلىيالىساق ياخشى بولاتتى.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5409
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20214
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2268 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 07:44:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە ئاي بولغان مۇنبەردە مۇنداق ئېسىل تېما كۆرمىگىلى...
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈرلەر.........

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4232
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1675 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 09:55:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل تېما ئىكەن. رەھمەت سىزگە تىما ئىگىسى

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 02:16:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى ماقالىكەن
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1454
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 10:24:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-18 07:44 PM
نەچچە ئاي بولغان مۇنبەردە مۇنداق ئېسىل تېما كۆرمىگىلى. ...


  ئەگەشتىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 12:06:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2014-7-18 05:37 PM
بۇ ماقالە شىئېر ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ياخشى بىر ئۆگۈنۈش م ...

ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشى ھېسسىي تەپەككۇر قىلىشقا كۆنۈككەن بولغاچقا، بۇندا تۇزى ئېغىر نەزەرىيىۋىي ماقالىلەرنى ئوقۇشنى ياقتۇرمايدۇ، نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا كۆنسەك نۇرغۇن مەسىلىنى ئەقلىي رەۋىشتە چۈشىنىدىغان بولاتتۇق، ئىككى ئايلىق زېھنىي قۇۋۋىتىمدە يېزىلغان بۇ ماقالەمنى ياقتۇرۇپ ئوقىنىڭىزغا رەھمەت، مۇمكىن بولسا باشقا شائىرلىق كوچىسدا تەمتىلەپ يۈرۈۋاتقانقانلارنىڭ بىر قېتىم تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97976
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 621
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 12:06:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2014-7-18 05:37 PM
بۇ ماقالە شىئېر ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ياخشى بىر ئۆگۈنۈش م ...

ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشى ھېسسىي تەپەككۇر قىلىشقا كۆنۈككەن بولغاچقا، بۇندا تۇزى ئېغىر نەزەرىيىۋىي ماقالىلەرنى ئوقۇشنى ياقتۇرمايدۇ، نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا كۆنسەك نۇرغۇن مەسىلىنى ئەقلىي رەۋىشتە چۈشىنىدىغان بولاتتۇق، ئىككى ئايلىق زېھنىي قۇۋۋىتىمدە يېزىلغان بۇ ماقالەمنى ياقتۇرۇپ ئوقىنىڭىزغا رەھمەت، مۇمكىن بولسا باشقا شائىرلىق كوچىسدا تەمتىلەپ يۈرۈۋاتقانقانلارنىڭ بىر قېتىم تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش