|
|
|
|
يېزىلاردىكى ئۆزى سالغان ئۆينى چېقىپ-كۆچۈرۈش تۆلىمى
يېزىلارغا ئۆزى سېلىۋالغان تۇرالغۇ ئۆيلەرنى چېقىش-كۆچۈرۈش ئىشلىرى ماڭدامدا بىر كۆرۈلۈپ تۇرىۋاتىدۇ،بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا چاققۇچى ئورۇن قانۇنغا ئەمەل قىلمايۋاتامدۇ ياكى چېقىلغۇچىلار قانۇننى چۈشەنمەي چاققۇچىلارنىڭ مەقسىدىنى بىلمەيۋاتامدۇ؟ئىش قىلىپ يېقىنقى يىللاردىن بىرى، بۇ توغرىلىق گەپ –سۆزلەر كۆپ بولماقتا.تۆۋەندە ئۆيلەرنىڭ تولۇقلىما بىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى توغرىلىق ئازراق توختالماقچى ، بەزى ھىساپلاشتا قېينالغان مەسىلىلەرنى يەنىلا ئادۋۇكاتلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق كونكىرىت ئەھۋالغا ئاساسەن ھىساپلىتىپ بىر تەرەپ قىلىش كىرەك.
بۇ مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈچ خىل تاللاش ئۇسۇلى بار :
1. پۇل ئارقىلىق تولۇقلىما ئېلىشنى تاللاشقا بولىدۇ.ياكى بىرىلمەكچى بولغان تولۇقلىما پۇل بىلەن ئوخشاش قىممەتتىكى ئۆيگە تىگىشىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ.
2. پۇل ئارقىلىق تولۇقلىما بىرىشنى ھىساپلاش پورمىلاسى مۇنداق بولىدۇ:
(چېقىلماقچى بولغان ئۆينى قايتا سېلىشقا كىتىدىغان چىقىم + ئوخشاش رايۇندىكى كۆپ قەۋەتلىك تاۋار ئۆينىڭ ھەر كۇۋادىرات قۇرۇلۇش كۆلىمىگە كىلىدىغان يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ئەسلى باھاسى + باھا تولۇقلىمىسى) ×چېقىلماقچى بولغان ئۆينىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى.
3. ئۆينى چېقىپ-كۆچۈرۈشتە قوشۇمچە بىرىلىدىغان باشقا تولۇقلىمىلار:
كۆچۈرۈلگۈچىنىڭ كۆچۈشكە كىتىدىغان زۆرۈر ياردەم پۇلى、ئەسلىھەلەرنى يۆتكەش ھەققى、ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى、ھەمدە كۆچۈش ئۆتكۈنچى مەزگىل توشقاندىن كىيىن يېڭىدىن كۆپەيگەن ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-18 07:50 PM
|
|
|
|
|
|