Uyghurbufet يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 12:08 PM
ئالەمنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىغىغا ئاساسەن ، 13.7 مى ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇسىز ، ئالەمنىڭ چوڭ پارتىلاشتا پەيدا بولغان دىگەن بۇ قاراش كۈچلۈك دەلىل ئىسپاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ ، ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك پەرەزگە تاينىپ ھۆكۈم چىقارمايدۇ .
ئالەمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ باشلىنىشى بار ، بىز تېردونامىكىنىڭ 2- قانۇنىغا تەببىقلاپ چۈشەندۈرسەك ، ئالەم ئاستا-ئاستا ئەمما ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ھالدا قالايمىقانچىلىققا پېتىپ قالىدۇ . ئەگەر بارىلىق تەبئىي ھەركەتلەرنىڭ ھەممىسى تېخىمۇ كۆپ تەرتىپسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دىيىلسە ، ئۇنداقتا ئالەم جەزمەن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ھالدا ئۆزگۈرۈپ بارىدۇ ، چۈنكى ئالەمنى ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتۇرۇش ، تەرتىپسىزلىكنى ئىگىرىكى سەۋىيىگە تۆۋەنلىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ . لىكىن بۇ نۇقتا تېردونامىكىنىڭ 2- قانۇنى بىلەن سىغىشالمايدۇ .
ئەگەر ئالەمدە ھەقىقەتەن بىر چەكلىك تەرتىپلىك مىقدار بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولمايدىغان تەرتىپسىزلىككە قاراپ ئۆزگىرىپ ، ئەڭ ئاخىرى تېردونامىكىلىق تەڭپۇڭلۇققا يىتىدۇ دىيىلسە . ئۇنداقتا ، بۇنىڭدىن مۇنداق ئىككى خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ .
بىرىنچى خۇلاسە شۇكى ، ئالەم ئاخىرقى ھېسابتا ۋەيران بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئىنتىروپىيىسى ئىچىدە يوقىلىدۇ . بۇ خۇلاسىنى ئالىملار ئىسسىقتىن ئۆلۈش دەپ ئاتايدۇ .
ئىككىنچى خۇلاسە ، ئالەمنىڭ چەكسىز ئۆتمۈشىنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ، ئەگەر راستىنلا بار بولسا ، ئۇنداقتا ئالەم چەكسىز يىراق ئۆتمۈشتىلا ئەڭ ئاخىرقى تەڭپۇڭلۇق ھالىتىگە يەتكەن بۇلاتتى .
ئالەم ئىزچىل تۈردە مەۋجۇت بولغان ئەمەس . مەسلەن ، يەرشارىنىڭ چەكسىز ئۆتمۈشىنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ، ئەگەر يەرشارىنىڭ چەكسىز ئۆتمۈشى راستىنلا بار بولسا ، ئۇ چاغدا يەر يادروسى چەكسىز يىراق ۋاقىت ئىلگىرىلا سوۋۇپ بولغان بۇلاتتى . قۇياش بولسا جەزمەن توختىماستىن نۇر چېچىۋەرمەيدۇ ، ئۇنىڭ يىقىلغۇسى ئاخىرقى ھېسابتا ئىشلىتىلىپ تۈگەيدۇ . ئەكسىچە خۇلاسە چىقارغاندا ، قۇياش جەزمەن بىر بۆلەك ۋاقىتتىن ئىلگىرى ئاندىن يېنىشقا باشلىغان ، چۈنكى ئۇنىڭ چەكسىز ئىنىرگىيە مەنبەسى يوق .
ئەگەر يادرو تەكشۈرىشىدىن يەرشارىنىڭ يېشىنى 4 مىليارد 500 مىليون يىل دەپ بېكىتسە ، بىزنىڭ ئۇنى 10 مىڭ يىل ياكى100 مىڭ يىل بولدى دەپ تالاش-قىلىشىمىزنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق ، ئالەم چوڭ پارتىلاشتىن ئىلگىرى پەيدا بولغان دىگەن قاراشمۇ ھەم شۇنداق .
چوڭ پارتىلاش ياراتقۇچى خۇدانى چەتكە قاققىنى يوق ، پەقەتلا ئۇنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئالەمنى يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەتنى قىلغانلىقىغا قارىتا ۋاقىت چەكلىمىسى بېكىتىپ بەردى خالاس