ھۆ-تاڭ يوللىغان ۋاقتى 2014-7-18 12:24 AM 
خۇدايىم توۋا ، ئۇيغۇر يېزىقى قانداقسىگە 2 خىل بۇلىدۇ؟ ...
ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ قېرىندىشىم.
2001-يىلى ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن مەخسۇس ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپىيۇتىردا بىرتەرەپ قىلىشتا كۆرۈلگەن قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش لاھىيەسى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ھوشۇر ئىسلام، ئالىم ئەھەت، تىلشۇناس ئۇستاز مىرسۇلتان ئوسمان ۋە باشقا نۇرغۇن مۇتەخەسىس-ئالىملار ئەستايىدىل پىكىرلىشىشى ئارقىلىق ئەرەب ئېلىببەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىمايدىغان ساھالەردە ئۇيغۇر كومپىيۇتىر يېزىقى (UKY) نى يانداش ئىشلىتىش پىكىرى ماقۇللانغان.
يەنە ئېنىق قىلىپ :« بۇ يېزىق ئۆزگەرتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئۇيغۇر كونا يېزىقى داۋاملىق قوللىنىلىدۇ، پەقەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى قوللىمايدىغان بەزى ساھەلەردە ئۇيغۇر يېزىقى ئورنىدا يانداش ئىشلىتىلىدۇ...» دەپ كۆرسىتىلگەن.