مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10041|ئىنكاس: 44

يۈتكەن قىز سۈرىيە توغرىسىدا !! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 760
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5084
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3097 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 11:56:30 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرىيە يوقاپ كەتتى !!!
بۇ ئىشنى ھەممىمىز ئاساسەن بىلىمىز ، بۇ ئىش بىزگە نىسبەتەن غايەت زور بالايى ئاپەت ! بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىز پەرزەنتىڭىزنىڭ ھەرۋاقىت نەدە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ ، شەخسەن ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام : مېنىڭ كۆز قارىشىم مۇنداق - بالىلىرىم مېنىڭ ۋۇجۇدۇم ۋە بارلىقىم ، ئۇلارغا زەخمەت يەتسە مەن تۈگىشىپ كېتىمەن ، پەرزەنت -- كېسىلگەن دەرەختىن ئۆسكەن يۇمران نوتا ، ئۇ ئاسرالسا شۇ دەرەخنىڭ ئورنىنى بېسىپ دەرەخ بولىدۇ ! شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنت ئەمىلىيەتتە سىز ئاتا قىلغان قان ۋە ياراتقۇچىمىز ھەدىيە قىلغان روھتىن تۆرەلگەن ، دېمەك ئۇ يەنىلا سىز ! ئۆزىڭىزگە شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلىسىز ، قوسىقىڭىز ئاچسا تاماقخانىنىڭ نوچىسىنى ئىزدەيسىز ، ماشىنىنىڭ ئېسىلىنى ئالىسىز ، كەيپىياتىڭىز ناچار بولسا چوڭ - چوڭ خەجلەشلىرىڭىز بار ، بالىلىرىڭىزدا تېخى لوگىكا يېتىلمىگەن ، ئۇ كۆپ ئاسراشقا موھتاج ، سىز ئەگەر سىز ئۆز پەرزەنتىڭىزگە يېتەرلىك مېھىر ئاتا قىلالمىسىڭىز ، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ سىلىق - سىپايە سۆزلىرىگە ئالدىنىپ كېتىشى مۇقەرررەر ! شۇنىڭ ئۈچۈن مەندەك قىلىڭ : پەرزەنتىڭىز دۇنيادا ئۆزىگە سىزدىنمۇ بەكرەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئىككىنچى بىر ئىنسان يوق دەپ بىلسۇن ! ۋە سىزدىن باشقا ناتۇنۇشلارغا ئىشەنمەس بولسۇن ، سىزنىڭمۇ كاللىڭىز ھەر ۋاقىت پەرزەنتىڭىزدە بولسۇن ، شۇنداقلا ھەر ۋاقىت سىزدىن ئايرىلغان ۋاقتى 2 مىنۇتقا يەتمىسۇن ! سىرتتا دوستلىرى بىلەن ئويناۋاتىدۇ دەپ بىخارامان ھالدا يەنە بىر كۆرسەمنى كۆرىۋەرمەڭ ! ۋە ياكى تۈگىمەس چايلاردا يۈرمەڭ ! پەۋقۇلاددە ئىشىڭىز چىقىپ قالسا ئۆزىڭىزدىنمۇ ئىشەنچىلىك يېقىنلىرىڭىزغا تاپشۇرۇڭ ! ۋە توختىماي ئەھۋالىنى سوراپ تۇرۇڭ !
دەرۋەقە پۇل چىڭلىشىپ كەتتى ، ھەممىمىز پۇل تاپمىساق بولمايدۇ ، لېكىن مىليون ، مىليارد پۇلنى تاپقان ۋاقتىڭىزدا شۇنى ھېس قىلىسىزكى ! -- بۇدۇنيادا ھەممىدىن مۇھىمى پەرزەنتلىك بولۇش ۋە ياخشى تەربىيىلەش ، ئاغىنىلىرىم مەندىن بايلىقتا كۆپ ئېشىپ كەتتى ، ئەمما مەن يەنىلا بالىلىرىمدىن پەخىرلىنىمەن ! چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىز باسارلىرىم ! ئۆزىڭىز تاپقان ، باققان ، ياخشى كۆرگەن ۋە ئارزۇلىغان پەرزەنتلىرىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويۇش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ ؟  ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ يەنە نېمىڭىز قالىدۇ ؟ ئويلاپ بېقىڭ ! ئەجەب ماشىنىڭىز يۈتمەيدىكىنا ؟ ئامراق يانفونىڭىز يۈتمەيدىكىنا ؟ پۇللىرىڭىزنىمۇ بىرەر قېتىم ئوغۇرلانمايدىكىنا ؟ ئەجىبا نېمىشقا بالىلىرىڭىز يۈتۈپ كەتتى ؟ سىز شۇ ۋاقىتتا نەدە ؟ نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل ئىدىڭىز ؟ دەپ بېرەلەمسىز ؟ دېمەك : سىزدىكى سەۋەنلىك ئېغىر ! دېھقانلار يەرلىرىگە قانچىلىك كۆپ كۆڭۈل بۆلسە شۇنچىلىك كۆپ ھوسۇل ئالىدۇ ، ھەر قايسى ئىدارە - ئورگانلاردا خىزمەت قىلىۋاتقانلارمۇ قانچىلىك ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىسە شۇنچىلىك ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ ياكى مۇئاشى ئۆسىدۇ ! ئەمدى ئويلاپ بېقىڭ ! ھازىر بالىلىرىڭىز نەدە ؟ سىز نەدە ؟ نېمىشقا بىز بىچارە ئۇيغۇرنىڭلا بالىسى يۈتىدۇ ؟ تۈنۈگۈن بىر جايدا ئېزىقىپ كېتىپ يول سورىماق بولۇپ 8 ياشلار چامىسىدىكى يولدا ئويناۋاتقان بىر خۇيزۇ بالىغا 过来一下  دېسەم ، ئۇ دەرھاللا 咋了؟ دېدى زەردە بىلەن ، مەن : 问个路 دېسەم قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرىدۇ ، ماشىنىدىن چۈشۈپ ياخشى گەپقىلىپ يۈرۈپ ئاران يولى تاپتىم ، بىزگە كەلسەك ، يېقىنقى 1 يىلنىلا مىسالغا ئالايلى ! نېمىدىگەن كۆپ يۈتكەن بالا !!! نېمىشقا باشقىلارنىڭ يۈتمەي بىزنىڭكىلا يۈتىدۇ ؟ داڭلىق باي كېرەم (ساراڭ) مۇنداق دېگەن : بىز بالا تۇغۇشنىلا بىلىپ تەربىيىلەشنى بىلمەيمىز !
ئاۋۋال ئۆزىڭىز پەرزەنتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىڭ ، ئاندىن جەمئىيەتتىن ئاغرىنىڭ ، بەزىلەر دەيدۇ ، ساقچىلار ، ھۆكۈمەت ، بالا ئوغرىلىرى ۋە ئادەم بېدىكلىرىگە قارىتا قاتتىق چارە قوللانمىدى دەپ ، ئويلاپ بېقىڭ دۆلىتىمىزدە بۇ ھادىسە ئۇنچە ئېغىر ئەمەس ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى سىزنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى ! شۇنداق بولغانىكەن ، سىز ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىن ئاغرىنىڭ ، ئۆزىڭىز كۆپرەك ۋاقتىڭىزنى پەرزەنتلىرىڭىزگە ئاجرىتىڭ ! ساقچىلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق مىڭ پاتمان ئىشى بار ، ھەممىمىز بىلىمىز يېقىندىن بۇيان مۇقىملىق مەسىلىسى چوڭ مەسىلە بوپقالدى ، باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلەي دېسىمۇ يۇقىرىدىن نۇرغۇن بېسىم بار … شۇڭا ئۇلارمۇ كۈچەيدۇ ۋە تاپسا ۋە تاپالىسىلا سىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ ، ئەمما سىز ھەرگىز بۇ كۈنگە قالماڭ ! بالىڭىز ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدا بولسۇن ، ئۇلارنىڭ ھەم سىزنىڭ يۈرىكىڭلار پارە بولمىسۇن ! ئاخىرىدا بىر جۈملە ماقال تەمسىل ! - ئۆزۈڭنى چىڭ تۇت ، خوشناڭنى ئوغرا تۇتما !!!   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-17 02:25 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nurjula + 108 500% قوللايمەن

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65837
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4562
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 1879 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 02:20:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى توغرا تەربىيىلىك يازما بوپتۇ پەرزەنت پەقەت پەرزەنتلا ئەمەس ئۇ ئۆزىڭىز ئىزباسارىڭىز ئۇنىڭ بەخىتلىك ياكى بەخىتسۋىز بۇلىشى سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك،سىزنىڭ مەسۇلىيىتىڭىز بالىنىڭ قۇسىغىنى توقلاش ۋە كىيمىنى پۈتۈن قىلىشلا ئەمەس بالىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق، ئىتقاد ،پەن-مەدىنىيەت مىللى كىملىك غورور-ۋىجدانلىق ۋاپادار مەسئۇلىيەتچان قىلىپ تەربىلەش ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ئۇنداق قىلالمايدىكەن ئۇنداق ئىنساننىڭ ئاتا- ئانا بۇلۇش سالاھىتى بولمايدۇ ھازىر ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە ئاجىرىشىدىغانلارنىڭ سانى كۈندىن كۈنگە كۈپەيگىلى تۇرىۋاتىدۇ شۇ ئاجىراشقۇچى ئىككى ياش ئۆزلىرىنىڭ بەختىنى خۇساللىقىنى دەپ باللىرىنى بەختسىز تەربىيىسىز قالدۇرىۋاتىدۇ ئەڭ ئەقەللىسى بالىنىڭ بىقىش ھۇقۇقىنى بىچچارە ئاجىز ئايالغا بىرىپ تىخى بىقىنىش پۇلىنى بىرشىنىمۇ رەت قىلىۋاتقان ئۆزىنى بىر ئەركەك ھىساپلايدىغان ئەرلەر بار،ھازىرقى ئەركىن مۇھەببەتلىشىش نۇرغۇنلىغان نارىسىدىلەرنىڭ بەخىتسىز بوپ قىلىشىغا سەۋەپچى بۇلۇپ قىلىۋاتىدۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى تەربىيىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى،قارۇغۇلاچە مەدىنىيەت قوغلاشقانلىقى،ئەخلاققا زىت بولغان يامان ئىللەتلەرنى مەدىنىيەت دەپ قۇبۇل قىلغانلىقىنىڭ مەھسۇلى،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 02:51:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك توغرا سۆزلىدىڭىز .....بالا يۇتتى دىگەنلىك  خۇشاللىقىمىز يۈتتى دىگەنلىك ....

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5768
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 03:10:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرىيە تۇغۇرلۇق بىرە ئۇچۇرغا ئېرىشكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن . بولسا تېمىسىنى ئالماشتۇرسىڭىز ، مەسىلەن بالا يۈتۈش توغۇرسىدا ئىككى كەلىمە سۆزۈم دىگەندەك ....
ئاتكاچىلىق قىلغان بولسام  كەچۈرۈڭ .


ئىنكاسقا ئەگەشمەيدۇ .

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93058
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 763
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 03:19:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaisar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 03:10 PM
سۈرىيە تۇغۇرلۇق بىرە ئۇچۇرغا ئېرىشكەن ئوخشايدۇ دەپتىم ...

مەنمۇ سىزدەكلا ئويلاپتىمەن، ھەي نەدە  يىغلامسىرا پ يۈرگەندۇ بىچارە قىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 03:50:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدىگەن كۆپ يۈتكەن بالا !!! نېمىشقا باشقىلارنىڭ يۈتمەي بىزنىڭكىلا يۈتىدۇ - بۇ قاراش ئانچە مۇۋاپىق بولماپتۇ.


ئەمەلىيەتتە ئىچكىرىدىكى بالا يۈتۈپ كېتىش ھادىسسىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر ، سۇمرۇغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە جۇڭگودا ھەر يىلى 200 مىڭ بالا يۈتۈپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت %0.1ىنىلا  يەنى 200 بالىنى قايتۇرۇپ ئەكېلەلىگەن.   مانا بۇ خەۋەر مەنبەسى:http://news.ifeng.com/gundong/detail_2013_06/05/26084428_0.shtml

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 04:00:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر سۈرىيەنىڭ ئاتا ئانىسى ھەقىقىي بالىسىنى تاپماقچى بولسا ،ئۆزىدەك بالىسىنى يوقىتىپ قويۇپ تاپالمايۋاتقان نەچچە يۈز ئاتا ئانا ۋە يۈتكەن بالىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ئىشلار نازارىتىگە ئەھۋالنى مەلۇم قلىىپ بۇ ئىشنىڭ تەخىرسىز،جىددى،خەلقنىڭ ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلسا ،خەلق ئىشلار ئىدارىسى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ج خ ئورگانلىرى ماسلىشىپ شۇنچە كۆپ ساقچى كۈچى،ھەممە يەرگە ئورنىتىلغان كۆز قۇلاقلارغا تايىنىپ نەچچە كۈنگە قالمايلا سۈرىيەنى ۋە باشقا بالىلارنىڭ ئۆلۈك تىرىك ،قەيەردىكىلىك خەۋىرىنى ئالالايدۇ، ھازىر يوغۇن بىر ئبالىنىڭ يوقاپ كەتكىنى ئەمەس بىر قۇچقاچنىڭ جىنى سايدا چىقىپ كەتسىمۇ بۇنچە ساقچىلار تۇرۇپ چوقۇم بىلگىلى بولىدۇ!
بۇندا قارىغۇلارچە ئىزدىسە جوڭگونى نەچچە ئايلانسىمۇ تاپالمايدۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوقۇغىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-17 04:02 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ھۆ-تاڭ + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
nurjula + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
joda☠ + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2902
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16670
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2565 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 04:03:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالا يۈتتى قارا باستى ،ھۇشيارلىق يوقالدى ،نەس باستى دىگەنلىك،ئۇ بىزگە تەڭرى ئاتا قىلغان نىئمەت تۇرسا ئۇنى ياخشى ساقلىيالماسلىق غەپلەت دىمەكتۇر....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nurjula + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7951
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 04:17:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىز ئاگاھ بولايلى ، بۇرۇن چوڭلار يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن قورقاتتىكەن ھازىر ئادەم ئادەمدىن قورقىدىغان بولدى ، نېمە دەپ سۈپەتلەيمىز بۇ پاجىئەنى ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89326
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-12-30
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 04:29:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qaraxani يوللىغان ۋاقتى  2014-7-17 04:03 PM
بالا يۈتتى قارا باستى ،ھۇشيارلىق يوقالدى ،نەس باستى دى ...

قاراخان ئەپەندى، ھۇش كاللىڭىز جايىدا ئادەممۇ سىز ياكى پەلەپەتىش ئادەممۇ سىز. بالا يۈتۈپ كەتسە بۇ ئاتا  ئانا بولغۇچىنى قارا باسقان، نەس باسقان، غەپلەت باسقان بولامدىكەن.  ئەگەر بىر بالا ئوغرىسى مەلۇم بىر بالىنى ئوغۇرلاش نىشانى قىلسا بۇ بالا ھامان ئوغۇرلىنىپ كېتىدۇ. چۈنكى بالا دېگەنمۇ ئىككى پۇتى، ئىككى قولى بار جانلىق. ماڭىدۇ، تۇرىدۇ دېگەندەك. بالا دېگەنننى 24 سائەت قولىدىن تۇتۇپ ياكى ئىشتان باغقا چىگىۋىلىپ باققىلى بولمايدۇ. بالا ئاشۇنداق ئويناپ يۈرگەندە ئوغۇرلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر كىچىك بالا ئۆيدىن يىراق يەرلەرگە ئويناپ كېتىپ قىلىپ يۈتۈپ كەتسە بۇنى بوپتۇ بالىنىڭ بەڭباشلىقى، ئاتا ئانىنىڭ بىغەملىكىمۇ دەيلى. بىر بالا ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا يۈتۈپ كەتسىمۇ بۇنى ئاتا  ئانا بولغۇچىنىڭ قارا باستىسى، نەس باستىسى، غەپلىتى بولامدۇ. بالىنى ئوغرى ئوغۇرلىسا ئاتا ئانىسى تەپىغا قالىدىغان ئىشمىكەن  بۇ.  ماندا بىر ئەقىل بىلەن گەپ قىلىشنى بىلىشسەڭ ئىنكاس يېزىش ماداق تېمىغا، بولمىسا قىچىشمىغان يەرنى قاشلاپ باققاندەك گەپ قىلماي قوشىقىڭنى يېزىپ ئولتۇرىۋىرىڭلار، يوق ساقالغا تولا يمىشىپ ئىلەڭگۈچ ئۇچماي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش