بىر ئائىلىدىكى بىر تۇققان قېرىنداشلارنىڭ تەڭلا يۈتۈپ كەتكىنىدىن شۇنچىلىك ئازابلاندىم ، ئۇلۇغ ئاللاھ ئاسانلىق بىرىپ بۇ ئوماق ئۇكىلىرىمىزنى تىزراق ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىللىق قوينىغا قايتۇرۇپ كىلەر......مۇشۇنداق بالا يۈتۈش ئىلانلىرىنى كۆرسەم ئىچ-ئىچىمدىن بىر يىغا قاپساپ كىلىدۇ....ھۆكۈمەت بۇ ئىشقا جىددىي قاراپ بالا ئوغۇرلىرىغا قارىتا ھەركەت قوللانسا بولاتتى.........
غۇلجا تەرەپتە بالىلار 6-ئاينىڭ 30-كۈنى تەتىل بولغان ئەمدى 8-25-كۈنى مەكتەپكە بىرىپ تىزىمغا ئالدۇردۇ ... تەتىل ئارلىقىدا مەكتەپكە يىغىۋالدىغان ئىش يوق . جەنۇبتا ھەر جۇمە بالىلارنى يىغىۋالدىغىننى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ...شۇ سەبىي بالىلىرىمىز بولسىمۇ تەتىلدە خاتىرجەم دەم ئىلىپ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئىللىق باغرىدا خۇشال ئەللەيلەنگەن بولسىچۇ......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-17 02:13 PM