مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 968|ئىنكاس: 3

قاتناش ئىتىراپنامىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104902
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 629
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 278 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 07:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسى»گە قايىل بولمىغاندا مەمۇرى دەۋا قىلغىلى بۇلامدۇ؟

ئەدليە ئەمىليىتىدە، قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسىنى سوتتا دىلو بىجىرشىنىڭ ئاساسى قىلىۋالدىغان ئەھۋاللار ئومومىيۈزلۈك مەۋجۈت. ئەمىليەتتە بۇنداق قاراشىنىڭ مەلۇم نىسپىلىگى بۇلۇپ، ئېتراپنامىگە بۇنداق خاتا قاراشتا بۇلۇش بىلەن  پۈتكۈل دىلونىڭ قانۇندىكى ئادىللىق پىرىنسىپىغا ئويغۇن ھالدا بىجىرلىشىگە توسقۇن بولۇپ كەلمەكتە. بۇ مەسىللەرنى تۆۋەندە مۇناسۋەتلىك قانۇن بەلگىلملىرى ئاساسىدا  يېشىپ چۈشەندۈرىمەن :
مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قاتناش ھادىسىسى ئىېتراپنامىسى دىگەن نىمە؟ دىگەن سوئالغا جاۋاپ ئىزدەشكە توغرا كىلىدۇ. قاتناش ھادىسىسى ئىتىراپنامىسى دىگىنىمىز– « يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» نىڭ 73–ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە ئېيتقاندا، جامائەت خەۋپىسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتناش ھادىسىسدىكى نەق مەيدان ئەھۋالىنى كۆرۈش،  تەكشۈرۈش،ئېنىقلاش ،تېخنكىلىك تەھلىل قىلىش ئارقىلىق مۇناسۋەتلىك تەكشۈرۈپ باھالاش خۇلاسىسىگە ئاساسەن چىقىرىلغان، قاتناش ھادىسسىنىڭ ئاساسىلىق پاكىتلىرى،ھادىسىنىڭ يۈز بىرىش سەۋەبى ۋە تەرەپلەرنىڭ ھادىسىدىكى مەسئوليتى ئېنىق بىكىتىلگەن قانۇن ھۆججىتىدۇر. جامائەت خەۋپىسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش مەقسىدى،ھادىسىدىكى تۈرلۈك ماتىرىياللارنى تەھىلىل قىلىپ ئايرىش ئارقىلىق، قاتناش ھادىسسىنىڭ ئاساسىلىق پاكتىلىرى ۋە شەكىللىنىش سەۋەبى ئېنىقلىنىپ ،تەرەپلەرنىڭ قاتناش ھادىسسسدىكى مەسىئوليتنىڭ چوڭ–كىچلىكىنى بىكىتىلىپ ، ئەڭ ئاخىردا قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىىش ۋە خەلق سوت مەھكىمسنىڭ قاتناش ھادىسىسى تۆلەم دەۋالىرىنى توغرا ھەل قىلىشىدا،شۇنداقلا دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھەق–تەلەپ دەۋالىرىدىكى مەسئوليتىنى بىكتىشدە مۇھىم دەلىل–ئىسپات بولغانلىغىدىندۇر. قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسى ئۈچ مەزمۇننى يەنى ھادىسە يۈز بىرىشنىڭ ئاساسى پاكىتلىرى ، ھادىسسىنىڭ كىلىپ–چىقىش سەۋەبى ۋە تەرەپلەرنىڭ ھادىسدىكى مەسئولىيىتى دىگەنلەردىن ئىبارەت."ۋەقەنىڭ ئاساسى  پاكىتلىرى": ھادىسە يۈز بەرگەن ۋاقتدىكى يول ئەھۋالى、تەرەپلەرنىڭ قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ئەھۋالى、 ۋەقەدىكى قاتناش ۋاستىسىنىڭ ھالىتى、 ھادىسىدىكى زەخمىلىنىش、 ئۆلۈش ئەھۋالى شۇنداقلا مال–مۈلۈك زىيىنى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. " ھادىسىسىنڭ يۈز بىرىش سەۋەبى"تەرەپلەرنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشى بىلەن ھادىسە ئوتتۇرسىدىكى سەۋەپ–نەتىجە مۇناسىۋىتى ،ھادىسە قايسى سەۋەپتىن كىلىپ چىققانلىقى، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشىنىڭ قاتناش ھادىسسىدىكى ئوينىغان رولى ، ئۈچىنچى كىشى بىلەن ئوبىكتىپ مەۋجۇتلۇقنىڭ  قاتناش ھادىسىدە تۇتقان ئورنى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ."
    تەرەپلەرنىڭ ھادىسىدىكى مەسئوليىتى" تەرەپلەرنىڭ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىشتىكى ئۈستىگە ئالغان مەسئوليىتىنىڭ چوڭ–كىچىلىگىنى،ئېغىر يىنىكلىگىنى، يەنى ۋەقەنىڭ يۈز بىرىشىنى قايسى تەرەپ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ مەسئوليەتنى ئۈستىگە ئىلىش نىسىپىتى قاتارلىقلار كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھادىسىدىكى ئاساسى پاكىت بىلەن ھادىسىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى، تەرەپلەرنىڭ ھادىسەدىكى مەسئولىيىتىنى بىكىتىشىنىڭ ئاساسى. قاتناش ساقچى تارماقلىرى دولەتنىڭ مەمۇرى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپ نامىسى چىقارغاندا ،چوقۇم قانۇن بەلگۈلمىسى  بۇيىچە ئىش ئېلىپ بىرىشى、 پاكىت  دەلل–ئىسپاتنى ئاساس قىلىشى 、 سوبىكتىپ خاھىشى بۇيىچە بىر تەرەپگە ئىشىنىپ ئىش ئېلىپ بېرىشقا قەتتى يول قويۇلمايدۇ.
قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسى قاتناش ھادىسىسى تۆلەم ماجرالىرىنى، دەل ۋاختىدا ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشىتا كەم بولسا بولمايدىغان ئىسپاتنىڭ بىر خىلى. تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى مەسئوليەتنى ئايرىش ئۈچۈن چىقىرىلغان قاتناش ھادىسىسى ئېتراپنامىسى پۈتكۈل قاتناش ھادىسسىنى بىر تەرەپ قىلىشىتا سەل قارىغىلى بولمايدىغان مۇھىم ئىسپاتنىڭ بىر تۈرى. ئەدليە ئەمىليىتىدە ئۇنىڭ دىلو بىجىرشتىدىكى ئوينىغان رولىغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. لىكىن، مۇھىم ئىسپات بولغانلىق بىلەن ئۇنى قاتناش ھادىسىسى ماجرالىرىنى ھەل قىلىشنىڭ تەۋرەتكىلى بولمايدىغان قانۇنى ئاساسى قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ. ئېتراپنامە چىقىرىلغان ئىكەن،ئۇنىڭ قانۇن تەرتىپكە  ئۇيغۇن ئىكەنلىگى دەلىللەنمەي تۇرۇپ،ياكى ئىسپاتلاش كۈچى بىكىتىلمەي تۇرۇپ، ئېتراپنامىدە بىكىتىلگەن بويىچە ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنداقتا، قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسىگە قايىل بولمىغاندا زادى قانداق قىلىش كىرەك؟ قايىل بولمىغان ئېتراپنامىنى سوت مەھكىمىسگە مەمۇرى دەۋا تەرتىۋى بويىچە دەۋا قىلغاندا، سوت مەھكىمىللىرى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە جامائەت خەۋپىسىزلىك مىنىستىرلىكنىڭ 1992–يىلى 12–ئاينىڭ 1–كۈنى بىرلىشىپ ئېلان قىلىغان  «يول قاتناش ھادىسىسىلىرى دىلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مۇناسۋەتلىك مەسىللەر توغىرسىدىكى ئوختۇرۇش »نىڭ 4–ماددىسىدىكى بەلگىلمىسدە : «دەۋالاشقۇچىلار پەقەت جامائەت خەۋپىسزلىك ئورگانلىرى چىقارغان يول قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسگە قايىل بولماي سوت مەھكىمىسگە مەمۇرى دەۋا قىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمسى قۇبۇل قىلماسىلىقى كىرەك. » دىگەن بەلگىلمە بىلەن  «يول قاتناش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قائىدىسى» ( ئەمەلدىن قالدى) نىڭ 22–ماددىسى شۇنداقلا، « مەمۇرى دەۋا قانۇنى»نىڭ 12–ماددىسى 4–تارماق بەلگىلمىسگە ئاساسەن، بۇ خىل دىلونى دەۋالاشقۇچىلار پەقەت بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپىسىزلىك ئورگانلىرىغا قايتا تەكشۈرۈپ چىقىشىنى ئىلتماس قىلىشى كىرەك دەپ قاراپ خەلق سوت مەھكىمىلىرى قۇبۇل قىلىماي كەلدى. سوت مەھكىمىلىرىدە بۇ خىل مەمۇرى دەۋانى قۇبۇل قىلماسىلىق ئەھۋاللىرى ئومۇمىيلىشىپ قالدى.لىكىن ، قاتناش ساقچى تارماقلىرى چىقارغان قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسى، بىر خىل بېكىتىش خارەكتىرىنى ئالغان دۆلەت مەمۇرى ئورگىنىنىىڭ كونكىرىتىنى مەمۇرى ھەركىتى ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.بۇ بىر خىل كونكىرتنى مەمۇرى ھەركەت دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىكەنمىز،ئۇنداقتا‹‹مەمۇرى دەۋا قانۇنى»نىڭ 11–ماددا 8–تارماقچىسىدىكى: «مەمۇرى ئورگان ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ جىسمانى ھوقۇقى ۋە مال–مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى–تەرۇز قىلىدى دەپ قاراپ، سوت مەھكىمىسگە پۇقرالار، قانۇن ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قايىل بولماي قىلغان مەمۇرى دەۋا دىلولىرىنى سوت مەھكىمىسى قۇبۇل قىلىپ ئىشلىشى كىرەك. » شۇنداقلا، «ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ (جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريتىنىڭ مەمۇرى دەۋا قانۇنىنى )ئىزچىللاشتۇرۇشقان دائىر بىر قانىچە پىكىرى توغىرسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 1–ماددىسى بەلگۈلىمىسىدىكى :« پۇقىرالار، قانۇنى ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار دۆلەتنىڭ مەمۇرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزدىغان ئورگان ۋە تەشكىلات شۇنداقلا خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ مەمۇرى ھەركىتىگە قايىل بولماي قانۇن بۇيىچە قىلغان مەمۇرى دەۋاسى، خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ مەمۇرى دەۋا دىلو قۇبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرىدۇ.»دىيلىگىنى  بۇيىچە،  ۋەقەدىكى مەسئوليەتنى ئۈسىتىگە ئالغان تەرەپلەر دۆلەتنىڭ مەمۇرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۋاتقان جامائەت خەۋپسىزلىك قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئېتىراپ نامىسىدىن ئىبارەت كونكىرىت مەمۇرى ھەركىتىگە قايىل بولماي مەمۇرى دەۋا قىلىشى ، خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ مەمۇرى دىلو قۇبۇل قىلىش دائىرسىگە مەنسۇپ بۇلۇپ،ئۇنى مەمۇرى دەۋا قاتارىدا قوبۇل قىلىپ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كىرەك.
ئومەن ئېيتقاندا، قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامىسى دۆلەتنىڭ مەمۇرى ھوقۇقىنى يۈرگۈزدىغان مەمۇرى ئورگاننىڭ ئىلىپ بارغان كونكىرىتىنى مەمۇرى ھەركىتى بۇلۇپ، تەرەپلەر بۇنىڭغا قايىل بولمغاندا ،قانۇنى سۈرۈك ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقۇرى مەمۇرى ئورگاننىڭ قايتا قاراپ چىقىشىغا ئىلتىماس قىلسىمۇ،ياكى« مەمۇرى دەۋا قانۇنى» شۇنداقلا، مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەمۇرى ئورگاننىڭ قاتناش ھادىسسى ئېتراپنامسىدىن ئىبارەت كونكىرتنى مەمۇرى ھەركىتىگە قايىل بولمىغانلىغى سەۋەپلىك، خەلق سوت مەھكىمىسگە مەمۇرى دەۋا قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بۇ مەمۇرى قانۇن نىزاملارنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش روھىغا ئويغۇن .پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئەقەللى ئەڭ ئاساسى دەۋا ھوقۇقى بولۇپ ھېساپلىندۇ. بۇ خىل مەمۇرى دىلولارنى سوت مەھكىمسىنىڭ قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىشى ،مەمۇرى قانۇن تۇرغۇزۇش رويىنى بۇرمىلىغانلىق بولۇپ، ئاقىۋەتتە پۇقرالارنىڭ «ئاساسى قانۇن »ۋە قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن دەۋا ھوقۇقىغا دەخىل–تەرۇز قىلغانلىقتۇر. شۇڭا پۇقرالارنىڭ دەۋا ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇنداق ئەدلىيەلىك خاتا چۈشەنچە چوقۇم دەل ۋاقتىدا تۈزتۈلۈشى كىرەك.






قانۇن بىلەن ئويناشما !

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10865
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2209 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 09:06:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاتناش ھادىسلىردە بولسا بەك داۋالىشىپ كەتمەسلىك كېرەك........  چۈنكى مەن شوپۇر   ھامان بىر كۈنى شۇنداق ئىشلار شۇ كىشىنىڭ بېشىغىمۇ كېلىپ قالىدۇ......


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57053
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3653
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 202 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 09:46:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان قانۇن بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، قاتناش ھادىسىسى ئېتىرابنامىسى بىر تۈرلۈك دەلىل-ئىسپاتتۇر. ئۇنىڭغا قايىل بولمىسا مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ دېيىشنىڭ قانۇن ئاساسى يېتەرلىك ئەمەس.
ئەگەر مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار ئۆزگەرتىلىپ، قاتناش ھادىسىسى ئېتىرابنامىسىگە قايىل بولمىسا مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ دەپ يېڭى بەلگىلىمە چىقسا، ئۇ باشقا گەپ.

ماقالە ئاپتورىنىڭ ئىزدىنىش روھىنى قوللاشقا ئەرزىيدۇ.

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7487
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 12:12:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەلىل ئىسپاتقا قارىتا دەۋا قىلماي مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلش كېرەكقۇ دەيمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش