2014- يىلى 11-ئىيۇلدىن 17- ئىيۇلغىچە ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىدا ئېچىلغان 3-قېتىملىق تايانچ سىنىپ مۇدىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا لېكسىيە سۆزلىگەن ئۇقۇتقۇچىلارغا يىزىلغان شېئىرى چاخچاقلار
ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارغىلا يىزىلدى.
ئاپتورى: تۆتتاش
ئەخمەت كىبىرگە:
(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى،مائارىپ تەتقىقاتچىسى، شائىر، يازغۇچى)
سالام ئۇستاز، بۇلاي شاگىرىت قەلەمكەشلىك ماھارەتتە،
دىلىڭ ئاتەش، تىلىڭ كەۋسەر،كۈنۈڭ ئۆتكەي دىيانەتتە،
مۇدىر بوپسەن، تىرىش ھارماي ئۈزۈپ يۈرمە خىيانەتتە،
سىنىڭ ئەجرىڭ بىلەن ھەر كىم كۈنى ئۆتەر سائادەتتە.
سىنىڭدەك زاتى پىر بولماس يەنە بىرسى ۋىلايەتتە.
كالتە قۇيرۇق ئۆزەڭ بەلكىم،كۆڭۈل كۆكسۈڭ تېشىپ تۇرغان،
سىنىڭ بىرلە مۇلاقەتتە كىلىپ بىزلەر گۈھەر قازغان،
ئاشۇنداق بىر مۇئەللىم سەن نادامەتكە پىچاق ئۇرغان،
دىلىمغا زوق بىرىپ كەلگەچ شۇڭا چاقچاق قىلىپ يازغان،
ھايات گۈلزارلىغىڭ گۈلگە تۇلار شۇنداق ساداقەتتە.
دىدار بولدۇق ئاران ھەپتە يەنە بولساڭدى مۇنبەردە،
تەپەككۈر ئىلكىدە ئۆتكىن نادانلىققا قىلىپ زەردە،
ھايات شۇنداق ئىكەن ئىنسان بىرى ئاسمان بىرى يەردە،
بىلىم گۈلزارىدىن قاچقان كىشىنىڭ ھۆرمىتى نەدە،
بىلىمگە زادى زار بولغان يىتەكلە روھنى مۇشاقەتتە.
تۇنۇش ئىدۇق گېزىتلەردە قىلغاچ شېئىر بىزنى دىلداش،
سىنى ھۆرمەتتە ئىزدەيمەن قېچىپ كەتمە بۇلۇپ سىرداش،
سەپەرلەردە ساڭا ھەمراھ ئۈتەي ھەر كۈن بۇلۇپ مۇڭداش،
كېچە-كۈندۈز شېئىر يىزىپ شائىرلىقتا بۇلاي قۇرداش،
دىلىمدا نۇر چىراق بولدۇڭ قىلاي رازى قىيامەتتە.
ئەخمەت قاسىمغا:
(ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى ئوقۇغۇچىلار خىزمەت باشقارمىسىدىن)
سىنىپ مۇدىرى
كەلگەن ئىدىم، نەچچە يىل كۆرمىگەچ مۇڭداشقىلى،
تامبۇر بىلەن دۇتتارنى تەڭكەش قىلىپ ئويناشقىلى،
كۆڭلى سۇيۇق ئاي پەرىنىڭ چېچىنى يۇڭداشقىلى،
بىلىم ئالماي،مەست يۈرگەن نادان بىلەن مۇشتلاشقىلى،
پۇرسەت چىقتى كەلدىم شۇڭا سەن بىلەن بويلاشقىلى.
ھەپتە بىزگە مەسئۇل بۇلۇپ،ھەممەڭ مەندىن «قوق» دىدىڭ،
يوقلىماڭدا ھەر كۈنى سەۋەپسىزلا «يوق» دىدىڭ،
كەسىپداشلار چىقماڭلار بۈگۈن ھاۋا «سوق» دىدىڭ،
مېھمان قىلاي كەلگىنە دىسەم قوساق «توق» دىدىڭ،
كەلدىم مانا سەن بىلەن «گۆش » تېپىپ مايلاشقىلى.
بولمىغىن ھورۇن ئاكا، قورسىقىڭنى كىچىكلەت،
نورمىلىق يەپ تاماقنى يەم-خەشەكنى يىنىكلەت،
چېنىقتۇرۇپ بەدەننى ھەركىتىڭنى تىتىكلەت،
راھەتپەرەس ئوتىدىن قېچىپ يۈرگىن نېرى كەت،
ئاز كۈن ئۆتمەي كىلۇرمەن مۇڭدىشىپ دوستلاشقىلى.
رىشىت ھاشىمغا:
(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەخلاقى تەربىيە مۇدىرى،ئالى دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى)
بويلىرىڭ ئاندىن ئىگىز كۆزلىرىڭ نۇرلۇق سەدەپ،
چاچلىرىڭ قوندۇز كەبى ھەر دىلدا قوزغار ئەدەپ،
ھېكمىتىڭدىن ۋال قىلىپ پارلىدى قەلبىم ھەجەپ،
كۆزى ئۇچۇق دىلى ئەما نادانلارغا قىلدىڭ غەزەپ،
خىسلىتىڭ چولپان بۇلۇپ ھېسلىرىمنى قويدى بېزەپ.
سەنمۇ دېھقان پەرزەنتى ھەمدە ئەلنىڭ ئۇستازى،
ھاياتىڭدا ئەبەدى مۇھىم بولدى ئەلنازى،
توپا ئىچىرە نۇر چاچار زەر ئالتۇننىڭ ئىزداسى،
قاناتلىنىپ پەر قاقسۇن تەپەككۈرىڭ بەرناسى،
پەرۋانىدەك ئەگەشسۇن بۇ ئەجرىڭگە شان-شەرەپ.
كىبىرلىكنىڭ توزانى تۇسالمىدى كۈزۈڭنى،
قۇچتى شەرەپ بالىلار ئەھدى قىلغاچ سۈزۈڭنى،
خەلقىم دەپلا تىرىشتىڭ يۇرۇق قىلىپ يۈزۈڭنى،
راھەتپەرەس ئوتىدا كۆيدۈرمىدىڭ ئۈزۈڭنى،
شۇنداق يولنى تاللىدىڭ بولسىمۇ ئىش مۇرەككەپ.
كىۋىر كامىلغا:
(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەخلاقى تەربىيە مۇدىرى،ئالى دەرىجىلىك ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى)
ئەقىدە ئەۋلادقا بولمامدۇ يولباش،
جاپادا تىك تۇرۇپ قىلمىساق كۆز-ياش،
بىرەيلى دىللارغا مېھىرنى يولداش،
يەڭ تۈرۈپ ئىشلەيلى بولغاچقا سىرداش،
سەپەردە يار يۆلەك بۇلايلى مۇڭداش.
مەرىپەت بېغىدا ئىشلەيلى كىلىڭ،
پەرۋىشسىز كۆچەتلەر بولماس تۈز بىلىڭ،
ئەجىرنى، مېھنەتنى توختىماي قىلىڭ،
شۇندىلا كەلگۈسى قىسقارماس تىلىڭ،
باغلاردا پەر قېقىپ تۇرايلى قۇرداش.
يۈرەكتە بالقىيدۇ ئوتلۇق تىلەكلەر،
دىللاردا باھاردەك كۈلەر چېچەكلەر،
تەشەككۈر تۇيغۇغا تولسا ئېتەكلەر،
خوشلۇقتىن دۈپۈلدەپ ياشنار يۈرەكلەر،
شۇ چاغدا ھاردۇقلار چىقىدۇ دىلداش.
مەرىپەت مەشئىلى يانمىسا بىراق ،
ماڭىمىز يوللاردا خاتىرجەم قانداق،
كۆرۈنەر كۆزلەرگە قىزىلگۈل يانتاق،
يۇرۇيدۇ دىلىمىز ئۆگەنسەك شۇنداق،
بىز شۇنداق جاپاكەش مىھرىبان كۈيداش.
ساۋاغداشلارغا:
ئۆتتى ياشلىق مائارىپ دەپ يۈرۈپ كەتتۇق يېزا-قىشلاق،
كۈرۈپ كۆڭۈل تۇلار غەشكە نىھايەت سىنىپ تاشلاق،
دېھقان تاغام ئېتىزدا بار لىكىن پەرزەنت يۇلى چىتلاق،
بۇنى بىلمەس نادان دېھقان، بۇلۇر مەكتەپ بېغى يايلاق،
ئارام يوقتۇر تەتىلدىمۇ ئاشۇنداق خىزمەتكە بىز باغلاق.
كۈلۈپ ئۆتتۇق تەبەسسۇمدە ساۋاغداش بۇلۇپ ھەپتە،
لىكىن ياخشى بىلىشمەي بىز كۈڭۈل قالدىغۇ دەرتتە،
كەسىپداش بىز تۇمۇرداش بىز چىداپ مۇنبەردە غەيرەتتە،
سەبىلەر قەلبىگە ئۈنچە تىزاي قالسۇن كۈنلى-ھەيرەتتە.
بىر نۇگاي سۇغا قانىمىز مۇشۇنداق بىز يۇۋاش ساغلاق.
قۇياش چىقتى يەنە شۇنداق نۇرى چاقناپلا مەشرىقتىن،
مۇشۇ پۇرسەتتە ئەي دوستلار سالام قىلاي ئىبادەتتىن،
يۇرت ئەمەس بىر يەردە ئەمما قەلب كۆكلەر ساخاۋەتتىن،
رازى بىز باغۋەن يۇلىدا ئاتالساق مىڭ ھاماقەتتىن،
بېرىپ قالساڭ مىنى ئىزدەپ سۇياي ھۆرمەتتە بىر ئوغلاق.
2014-يىلى 16-ئىيۇل
ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-17 07:42 PM