مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2063|ئىنكاس: 14

ھىكايە-شاپاق دوپپىلىق بالا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 03:12:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شاپاق دوپپىلىق بالا                                          

كامىل توختى(چىۋىق)   

(ھىكايە)                                                                  

-دادا، ئانا تېزراق بۇلۇڭلارچۇ بەك كەچ بولۇپ كېتىدۇ، پەقەت ئالدىرىمايدىكەنسىلەر ،-قەيسەرجان ماي تارتقاندەك ئاغزىنى ئۇچلايتىپ دادا، ئانىسىنى ئالدىراتقىلى تۇردى.

-مانا بالام بىزمۇ ماڭدۇق،بىر ئاز تەخىر قىلغىن.بىز سېنىڭ تەييارلىقىڭنى قىلىمىز دەپ ئۆزىمىزنىڭ تەييارلىقى پۇتمەي قالدى،-دىدى نادىرە ۋە ساقال-بۇرۇتىنى ياساۋاتقان ئارمانغا قاراپ، - قاراڭ ئوغلىڭىزنىڭ ئالدىراپ كەتكىنىنى، خۇددى سىزدەكلا ئويۇنغا ئامراق چىقتى بۇ.

-سىزنى تارتىپ قالغاندەكلا تۇرىدا بۇ.دەريا ياقىسىغا بەكلا ئالدىرايتىڭىز بۇرۇن ، مەندىن ئاۋال بېرىپ ھېلىقى تاشتا ئولتۇرۇپ بولاتتىڭىز.ئەمدى بۇ يەرگە كىلىپ ئوغلىڭىز دەرياغا ئالدىرايدىغان بۇلۇپ قالدىغۇ تاڭ.ھا..ھا...ھا..

-ئۆتەپ بېرىڭا،نەدە ئۇنداق بولاتتى،سىز ئۆينىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئىسقىرتىپ جىم تۇرمايتتىڭىز،شۇڭا ئاتا،ئانام بىلىپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ بالدۇر بېرىپ قالاتتىم شۇ،-خۇددى شۇ چاغلار ئېسىگە كەلگەندەك تاتلىققىنە كۈلۈمسىرىدى نادىرە.

     دەريا بۇيىغا ئالدىراپ،دادا،ئانىسىنى ئالدىرمايۋاتقاندەك ھىس قىلغان قەيسەرجان دادىسى ئۈستۇرا بىلەن ئاقلىغان كاۋىدەك ئاپپاق  چۈشۈرۇپ قويغان بېشىنى پات-پات سىلاپ پىلتىڭلاپ ئۆيگە كىرىپ- چىقىپ يۇگۇرۇپ يۇرەتتى.ئۇنىڭ نەچچە كويغىلا سېتىۋالغان ئاپئاق مايكا-كالتە ئىشتىنى ۋە سۇلياۋ ئايىقى ئاپپاق تېرىسى، دوغلاق، بودەك بەدىنىگە خوپ كىلىپ،ئۇنى زامان «خوجايىن»لىرىنىڭ  بەئەينى كىچىكلىتىلگەن شەكلىگە ئوخشۇتۇپ قويغان ئىدى.

     -كەچكىچىلا ماڭماي تۇرىۋالىدىكەنسىلەر.دەريا ياقىسىدىكى چىرايلىق چىراقلارنى ئۆچۈرۈپ، يەلكەن مەيدانىدىكى ئېتىلىپ چىقىدىغان سۇلارنى ئېتىۋېتىدۇ.ھېلىقى بىز ئوينايدىغان ئىلانگۈچ، ئويۇنچۇقلارنى ئوينىيالماي قالىمەن بولمىسا.

-ماقۇل،ماقۇل بالام.مانا بىزمۇ ماڭدۇق.قارا بۇنىڭ ئالدىراپ كەتكىنىگە،- دىگىنىچە نادىرە يۇزنەچچە يۇەنگە ئىجارىگە ئالغان بۇ ئۆيگە يەنە بىر قۇر قارىدى.پۇل كەتسىمۇ ئۆزلىرى ئاقارتقان ئۆي، ئۆيدىكى كونا،ئاددى بولسىمۇ پاكىزە سەرەمجانلار رەتلىك ئىدى.ئۇ ئۆينىڭ پاكىزە،رەتلىكلىگىگە كۆڭلىدە رازى بولدى،-دە، ئىشىكنىڭ كەينىگە ئېسىپ قۇيۇلغان قەيسەرجاننىڭ ئويمان ئاپپاق شاپاق دوپپىسىنى ئېلىپ جىم تۇرالماي قالغان قەيسەرجاننىڭ بېشىغا ئەپلىك كەيدۈردى.قەيسەرجان دوپپىنى كىيىۋىدى، باش-يۇزلىرى يۇمىلاق چىلگىگىلا ئوخشاپ قالدى.ئاپئاق يۇز،يۇغان كۆز،قاپقارا قاش، سەبىي چىراي،ياراشقان كىيىم...ئەگەر بىرەر كىنو رىژىسورى بۇ ئۈچ ياشلىق ئوماقنى كەمبىغەل كۆرمىسە كىچىك چولپان قىلىۋالغۇدەكلا ئىدى.

     ئارمانمۇ بادام دوپپىسىنى كىيىپ غىلاپلىق خەنجىرىنى ئېسىپ چىقتى.ئۇنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئەمگەك دەستىدىن قارىداپ كەتكەن چىرايى،ئىگىز،ئورۇق گەۋدىسى ئۇنى ساغلام كۆرسىتەتتى.كىيىملىرى ئىگىز-پەس كونا بولسىمۇ پاكىزە ئىدى.

-پىچاقنى ئالمىسىڭىز بولاتتى.ھېلى ساقچىلار كۇرۇپ قالسا مۇقىمسىزلىق چىقىپ قالىدۇ،دەپ ئېلىۋالارمىكىن دەيمىنا.

-بۇ دىگەن ئەرنىڭ سۆلىتى تۇرسا،مەن يا باشقا بىرىگە يامان نىيەتتە بولمىسام، خاتىرجەم بولىڭا بولدى.

-شۇنداقتىمۇ...

-بولدى،بولدى.ئىشنىڭ يامان يېرىنى بەك ئويلايسىز جۇمۇ سىز.

    -ۋويۇ،ۋوييييييي!دەريا ياقىسىغا ماڭىدىغان بولدوق...قەيسەرجان ھاياجاندا چۇچۇك ئاۋازى بىلەن ۋاقىرىدى.

ئۇلار خوشال كېتىۋاتىدۇ.ھەممىسىنىڭ چىرايىدا كۈلكە- تەبەسسۇم بالقىپ تۇرىدۇ. قەيسەرجان گەرچە ئۆيىدە كەپسىزلىك، شوخلۇق قىلسىمۇ، سىرتقا چىقىپلا چوڭ  شەھەرنىڭ سۈرى،ھەر خىل ماشىنىلار،ھەر خىل ئادەملەرنى كۆرۇپ،سەل يۇۋاشلىشىپ قالغان ئىدى، لىكىن ئاپىسىغا چۈڭىلداپ ئاللانىمىلەرنىدۇ سۆزلەيتتى.ئۈچ ياشقا كىرگەن بۇ بالا ئۈچۈن ھەممە،بولۇپمۇ ئۇلار يېقىندا كەلگەن بۇ چوڭ شەھەر ئاجايىپ يېڭىلىق بۇلۇپ تۇيۇلاتتى. نادىرە بولسا بۈگۈن ئورۇق بەدىنىگە مۇشۇ شەھەرنىڭ بوستان بازىرىدىن سېتىۋالغان، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پۇتىنىڭ ئۇچىغا كەلگۇدەك ئوزۇنلۇقتىكى ئوزۇن يەڭ ھالرەڭ كوپتا-كۆينەك كىيىپ،بېشىغا قىزغۇچ ياغلىقىنى پىشانىسىگە چۇشۇرۇپ چىگىۋالغان ئىدى.ئۇنىڭ ئاق يۈزى،تۇكۇلۇپ تۇرغان قاش-كۆزلىرى ئارماننىڭ كۇزىگە باشقىچە چىرايلىق كۆرۇنۇپ كەتتى.

    «ئاپا ئاۋۇ قانداق يە؟»،«دادا قەۋەت بىنانى قانداق سالىدۇ؟»،«شەھەردە نىمىشقا ئاي يوق؟ »...دىگەندەك تۈگىمەس سۇئاللىرىغا ئەر-ئايال ئىككىسى كۈلۈشۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرەتتى،بەزىدە چوڭ ئادەمدەك سۆزلەپ قويسا ئىككىسى مەنىلىك بېقىشىپ«چوڭ بوپتۇ ھە»دىيىشكەندەك كۆزلىرىنى قىسىشاتتى.

ئۇلار شۇ ماڭغانچە مەدىكارلار بازىرىغا ئۆتتى.ھازىر كۈن ئولتۇراي،دەپ قالغاچقا مەدىكار بازىرىدا ئادەم كۆپ ئەمەس ئىدى.مەدىكار بازىرىنى  كۆرۇش بىلەنلا قەيسەرجان «دادا،دادا،قاراڭ،بىزنىڭ بازارغا كەلدۇق» دىۋىدى، ئارماننىڭ كۆڭلى بىرقىسما بۇلۇپ قالدى.قەيسەرجان بۇ بازارنى«بىزنىڭ بازار» دەيتتى.ئارمان ھەركۈنى ئەتىگەنلىكى بىرئائىلە كىشىللىرى يۇزلىگەن مەدىكارلار توپلاشقان بۇ بازارغا چىقىپ، ئاللىكىملەرنىڭ ئۆزلىرىنى بىركۈنلۈك ياكى نەچچە كۈنلۈك مەدىكارلىققا ئېلىشىنى كۇتۇپ تۇرىدىغان؛بەزى باي خوجايىنلارنىڭ”ماۋۇ،بولىدىكەن“،”ماۋۇ بولمايدىكەن “، ”ماۋۇنىڭ بالىسى باركەن جىق نەرسە يەيدۇ“دىيىشىپ مەدىكارلىققا تاللايدىغان؛بەزى باي خوجايىنلارنىڭ كۆڭلى ئوچۇق ھالدا ”ھەي بىچارىلەر،سىلەرگىمۇ ئامال يوق،بوپتۇ قىممەت بولسىمۇ ئالاي“دەپ ئىچ ئاغرىتىدىغان؛بەزى يەرلىكلەر سىرتتىن كەلگەن مەدىكارلارنى ئورۇپ-تىللاپ بوزەك قىلىدىغان؛سىرتتىن كەلگەنلەرمۇ سەن قەشقەرلىك، مەن خوتەنلىك،ئۇ غۇلجىلىق دەپ يۇرتۋازلىق قىلىپ كۇچلۇكلار ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ پۇلىنى،نېنىنى تارتىۋالىدىغان؛ ئېرى يوق چوكاننى چالا قارىدىن بىرى باشقا بىرىگە نىكاھ قىلىپ قۇيۇپ،نەچچە كۈن خۇتۇن بۇلۇپ يەنە باشقا بىرىگە نىكاھ قىلدۇرىۋالىدىغان؛بەزىللىرى ئىپپەت ساتسا، بەزىللىرى ئەرلىك ساتىدىغان؛ئىشقىلىپ تۈمەن تۈرلۇك ئادەم،تۈمەن خىل ئىش يۈز بېرىدىغان ....بۇ خۇدا ئۇرغان بازارغا بەك ئۆچ.لىكىن ئۇنىڭغىمۇ نىمە ئامال؟بۇ بازارغا چىقمىسا قانداق پۇل تاپىدۇ،بىر ئائىلە كىشىللىرى نىمە يەيدۇ؟مانا كىچىككىنە بالىسى چېغىدا «بىزنىڭ بازار»دەۋاتمامدۇ؟

       بۇ بازاردىن ئۆتۇپ كېتىۋېتىپ ئارماننىڭ ئۆز تۇرمۇش ئەھۋالى يادىغا يېتىپ، خىيالغا پاتتى. يانچۇقىدىكى ئاران تاپقان پۇللىرىدىن  بۇگۇن نادىرەنى تەكشۇرتۇپ،دورا ئېلىپ،ئىككىسىگە بىر ۋاق ياخشى تاماق يىگۇزۇپ ئاشقان 4يۇەن پۇل ئېسىگە يەتتى. ئەتىنىڭ غېمى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئەزدى.”ئەگەر نادىرە ئاغرىمىغان بولسا...ئۇنداق دىمەي، ئۇنىڭغىمۇ ئۇۋال، ماڭا ئوخشاش ئېغىر ئىش قىلىدۇ،يەنە بالا باقىدۇ،كىر-قات يۇيىدۇ،تاماق ئېتىدۇ،ئۆي تازىلايدۇ...ھېلىمۇ ئۇزۇن بولدى تەكشۇرتمىگىلى.ئەتە ياخشىراق بىرى مەدىكارلىققا ئېلىپ قالسا ئوبدان ئىشلەپ...“

    ئۇ نادىرەگە قارىدى.نادىرەنىڭ غەمدىن چارچىغان چىرايىدا،كۆزلىرىدە مۇڭ ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى.ئۇ ئارمانغا قاراپ چاندۇرماسلىق ئۈچۈن زورغا كۇلۇمسىرىدى. ئۇمۇ يوقسۇزلۇق، خورلۇقنىڭ دەردىنى قانچىلىك تارتمىدى دەيسىز؟ ”بالىسى بار خۇتۇننى مەدىكارلىققا ئالمايمىز“،”ۋۇي خۇتۇن چىرايلىقكەنسىز كەچكىچە مەدىكارلىقلا قىلامسىز “دىگەندەك ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئىگىز-پەس جانغا تېگىدىغان گەپلىرى، قىلىقلىرى،بوزەك ئېتىشكە ئورۇنۇشلىرى ئۇنى قانچىلىك قىينىمىدى؟ئۇنىڭمۇ باشقا ئاياللارغا ئوخشاش ياخشى كىيىنگىسى، گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكۇسى،ياخشى يىگۇسى كېلەتتىغۇ؟ئۆز يۇرتىدا  ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە بۇلۇپ خوشال ياشىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ئۇ ئارمانغا ياتلىق بۇلۇپ قانچىلىك بەخىتلىك بولالىدى؟خۇددى كۆپلىگەن ئاياللارغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئاياللىق غورور-پەزىلىتى،ئىپپەت-نۇمۇسى، پاكىزە- ئىشچانلىقى،ئاددى-ساددىلىقى، مىننەت- تاماسىزلىقى  بىلەن ئۆزىدەك نامرات  بىر ئەرگە ھەمرا بۇلۇپ، مۇساپىرچىلىق تارتىپ، سەرگەردان بۇلۇپ يۇرىۋاتىدۇ. ئارماننىڭ بوغۇزىغا بىرنىمە كەپلەشكەندەك بولدى.

     ئۇلار مەدىكار بازىرىدىن ئۆتۇپ،ھەيۋەتلىك،تۈرلۇك نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن مەسچىتنىڭ ئالدىغا كەلگەندە،قەيسەرجاننىڭ سەبىيلىكى بىلەن قىزىقارلىق ئاۋاز ۋە ئاھاڭدا”ئامىن،ئامىن،مۇخەمۇدۇن رەسۇللۇلا“ دەپ قۇلىنى جۈپلەپ چالا دۇئا قىلىشى ئەر-ئايال ئىككىلىسىنى كۇلدۇرىۋەتتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقى ئاشخانىلاردا ئېسىپ قۇيىلىدىغان ئەرەپ بالىلىرىنىڭ رەسىمىدىكى تۇرقىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.يولدىن ئۆتىۋاتقان ئىككى ئايال”قاراڭ ئاۋۇ بالىنىڭ ئوماقلىقىغا“دىيىشىپ زوقلىنىپ كىتىشتى. باياتىن بېرى بەتتام نەرسە يەۋالغاندەك بۇلۇپ قالغان ئىككىسىنىڭ كۆڭلى خېلىلا ئېچىلىپ قالدى.

    ئۇلار شۇ يۇسۇندا «ئارقان تاللا بازىرى»نىڭ ئالدىغا كەلدى. كۈندە دىگۇدەك قايناپ تۇرىدىغان كەچلىك بازاردا ئادەم كۆپ ئىدى. رەت-رەت تىزىلغان ماشىنىلار ئادەمدىنمۇ كۆپتەك قىلاتتى. مېزىلىك زىق كاۋاپ ،تونۇر كاۋاپنىڭ ھىدى ھاۋانى بىر ئالغان بۇلۇپ، مىۋە-چىۋە ساتقۇچىلار قۇغۇن-تاۋۇزلارنى تىلىپ ”تىلىمى بىر كوي“دەپ تولايتتى. كەچكە يېقىن جىگەر كاۋاپ يىگەن قەيسەرجان كاۋاپنىڭ داۋاسىنى قىلمىدى.تېخى ”دادۇي، مەن ئاباي كاۋاپ يىدىم.ئەمدى يېمەيمەن ھە“دىدى،لىكىن كۆزى تاۋۇزدا ئىدى. ئارمان ئوغلىنىڭ قۇغۇن-تاۋۇز يېگەنلەرنىڭ ئاغزىغا قاراشلىرىغا چىدىمىدى.شۇڭا يانچۇغىنى ئاقتۇرۇپ تۆت كوي پۇلدىن بىرنى ئايرىپ تاۋۇزچىدىن بىر تىلىم تاۋۇز ئېلىپ قەيسەرجاننىڭ بودرۇق قۇلىغا تۇتقۇزدى.خوشال بۇلۇپ كەتكەن بالا يوغان-يوغان ئىككىنى چىشلىدى ۋە ئانىسىغا قاراپ:

-ئانوي.كىيىمىمگە ئېقىتماي يەيمەن جومۇڭ. سىزمۇ بىرنى چىشلىۋالامسىز؟ مەرتلەرچە سورىدى.

-سىز يەڭ بالام،مەن تاۋۇز يىسەم ئاغرىپ قالىمەن،-دىدى نادىرە تىترەك ئاۋازدا.

     ”بىزگە نىمە تارتقۇلۇق بۇ ھە؟نىمىشكە مۇشۇنداق كەمبىغەل بىر نانغا زار بولۇپ ئۆتىمىز؟زادى نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟مېنىڭ نەرىم ئەر كىشى؟نىمىشقا ھەممە بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ؟بىز شۇنداق ناچارمۇ؟كەمبىغەللىك گۇناھمۇ؟“ئارماننىڭ ئويلىغانچە ئاچچىغى كېلەتتى.ئاچچىقىدا تاماكا چېكەي دىسە تاماكا يوق.موخۇركىنى سېتىشنى چەكلىگەچكە پاپروس ئېلىشقا ئىقتىساد يىتىشمىگەچكە تاماكىنى تاشلىدى. لىكىن مۇشۇنداق چاغلاردا بىر تال تاماكا بولسا ھە؟...ئۇنىڭ بالىسىغا قاراشقا جۇرئىتى قالمىدى.قارىسىلا كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ تاشلايدىغاندەك ئىدى.لىكىن كىچىك قەيسەر ئۇلارنى چۈشەنسۇنمۇ؟

    قەيسەرجان تاۋۇزنى شاپىقى تۇگەپ كەتكۇچە يىدى،ئەگەر ئاپىسىنىڭ ئەيىپلىشىدىن قورقمىغان بولسا شاپىقىنىمۇ يەۋىتەر ئىدى.شۇڭا كۆزى قىيمىغان ھالدا ئاپىسىنىڭ ئۆگەتكىنى بۇيىچە قۇلىدىكى نىپىز شاپاقنى يول ياقىسىدىكى كۆك رەڭلىك ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىدى.ئۇنىڭ چىرايىدىن دادا،ئانىسىغا بولغان مەمنۇنلىقى،رازىمەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ئەگەر ئۇنىڭ ئەتراپىدا باشقا كىچىك بالىلار بولغان بولسا،بىر كۆز-كۆز قىلىۋالسا ھە؟

    ئۇلار ئەمدىلا 5-باشلانغۇچ مەكتەپ تەرەپكە ئەگىلىشىگە، ئۇلارنىڭ يۇرتدىشى، بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئاۋال يۇرتىدىن بۇ شەھەرگە كەلگەن مۇئەللىمى زۇردۇن مۇئەللىم ئۇچراپ قالدى.كۆزى چاققان نادىرە ئەڭ بۇرۇن كۆرۇپ تۇنۇپ،ئاتا-ئانىسىنى كۆرگەندەك خوش بۇلۇپ كەتتى-دە:

-زۇردۇن مۇئەللىمغۇ بۇ،تېچلىقمۇ مۇئەللىم؟!!- دەپ توۋلىۋەتتى.

      بىر قاراشتا ئۇلارنى تۇنىيالماي قالغان زۇردۇن مۇئەللىم دەماللىقتا تۇرۇپ قالدى.

-زۇردۇن مۇئەللىم،بۇ مەن غېرىپئۆستەڭ يېزىسىدىكى شايۇپ نايۇپنىڭ بالىسى ئارمان، بۇمۇ ئوقۇغۇچىڭىز نادىرە...

-ۋۇي،بالىلىرىم نىمە بولدى سىلەرگە؟بۇ شەھەردە نىمە قىلىپ يۇرۇيسىلەر؟شايۇپ ئاكا قانداق تۇرىۋاتىدۇ؟ باشقىلارچۇ؟

     يۇرتىكىلەرنىڭ گىپى چىقىشى بىلەن ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى. نادىرە مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى، ئارماننىڭمۇ بۇرنى ئېچىشىپ،كۆزى نەملەشتى.

-بۇ ئوماق بالا سىلەرنىڭ بالاڭلارمۇ؟ ئارماننىڭ كىچىك چېغىغا ئوخشاپلا قاپسەنغۇ بالام؟داداڭ شايۇپ ئاكامنىڭ تازا ئارزۇلۇق ئوغلىتى جۇمۇ؟شايۇپ ئاكاملارچۇ؟

-نىمە دىسەم بولار مۇئەللىم.سىز كەتكەندىن كىيىن بىزمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇق.دادامنىڭ قۇل ئىككىدە بار بولغاچقا،مەنمۇ ئارزۇلۇق بالا بولغاچقا مېنى قورقماي ئوقۇتتى.مەن ئاقسۇدا، نادىرە قەشقەردە ئوقۇدى.ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىدۇق.ھەممە ئورۇن تۇشۇپ كېتىپتۇمىش.كارخانىلارغا بىزدەكلەرنى ئالمايدىكەن.شۇ چاغلاردا دادامنىڭ ئاشقازان راك كېسىلى بارلىقى ئېنىقلاندى. مەن بىر ئوغۇل بولغاچقا دادامنى داۋالىتىش مېنىڭ زىمىمگە چۇشتى.ھېلى ئۇ دوختۇرخانا، ھېلى بۇ دوختۇرخانىغا بېرىش،ھېلى ئۇرۇمچىگە،ھېلى خوتەنگە بېرىش، ھېلى خىمىيىلىك داۋالاش،ھېلى فىزىكىلىق داۋالاش ...دىگەندەك ئىشلار بىلەن دادامنىڭ پۇللىرى تۇگىدى. مۇلۇكلەرنى،بىر قىسىم يەرلەرنى ساتتۇق.دادامنىڭ ئەھۋالى بارغانسىرى ناچارلاشتى،قەرز ئالدۇق.باشقىلاردەك جەمئىيەتكە مۇراجەت قىلىشنىمۇ ئويلىدۇق. نەگىلا قارىسا مۇراجەتنامىگە تۇشۇپ، بۇنىڭدىن جاھان،ھەممە بەسىنىپ كەتكەندە كىم بىزگە پۇل بېرەتتى؟ شۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپمۇ دادامنى ئۇزاقراق ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالمىدۇق.ئۇ ئوغۇل نەۋرىسىنى كۆرەلمەي ئالەمدىن كەتتى.بىر يىل بولماي ئاناممۇ مېڭە يىگىلەش كېسىلى بىلەن  داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۇپ كەتتى.نادىرە ئىككىمىز قالغان ئازغىنە يەر بىلەن كۈن كەچۇرۇشكە مەجبۇر بولدۇق.بالىلىق بۇلۇشنى كەينىگە سۇرۇپ جاپالىق ئىشلىدۇق،قەرزلەرنى تۆلەپ بولالماي ھالىمىزدىن كەتتۇق. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك شۇنداق پاك ياشىغان دادامنىڭ كەنتتە قەرزى چىقتى.دادام ھايات چاغدا قولتۇغىغا كىرىۋېلىپ چىقمايدىغان كەنت باشلىقى بوغالتىر بىلەن ئاللابۇرۇنقى ھېساپنى كۆتىرىپ چىقىپ،سېلىق،ئۇماچ پۇلى دىگەندەكلەرنى بىزگە ئارتتى.قايىل بولمىدۇق،ئاساس تېپىپ بېرىشنى ئېيتتۇق.لىكىن ئاساس تېپىپ بېرەلمەي،زورلۇق ئىشلەتكىلى تۇردى.بىردەم سۇ بەرمەيدۇ،بىردەم توكنى ئۈزىدۇ. ئارامچىلىق بەرمىدى. ئېسىت مەكتەپتە ئوقۇماي باشتىلا دېھقان بولسامچۇ،دەپ پۇشايمانمۇ قىلدىم.بىزنىڭ ئىش يېزىلىق ھۆكۇمەتكە يەتتى. يېزا باشلىقىمۇ بىزنىڭكىنى خاتا دىدى.مېنى مۇقىمسىزلىق قىلدىڭ دەپ نەچچە رەت نەچچە كۈن سولىدى.بىز تەڭ كېلەلمىدۇق،ئاخىرى ئازغىنە يەر، ئۆينى قەرز،سېلىققا تۇتۇپ بېرىپ، يۇرتنى تاشلاپ، ئۇيەر،بۇ يەرلەردە قاڭقىپ مۇشۇ شەھەرگە كەلدۇق.مەدىكار بۇلۇپ ئىشلەپ يۇرىمىز.

-يۇرتنى،ئاتا-ئانا ھەممىنى تاشلاپ چىققىلى ئۈزاق بولدى مۇئەللىم.سىلىنى كۆرۇپ يۇرتتىكىلەرنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئاتا،ئانا.....

    نادىرە گىپىنى ئايىقىنى دىيەلمەي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.بۇنى كۆرۇپ قەيسەرجانمۇ تەڭ يىغلىدى. زۇردۇن مۇئەللىمنىڭ ئىچى سىرىلدى.سول كۆكسى چىڭقىلدى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا شايۇپ ئاكىنىڭ، نادىرەنىڭ ئاتىسىنىڭ بالىلىرىنى ئارزۇلاپ مودا ئىسىم قۇيغانلىقى،ئائىلىسىدىكى باياشاتچىلىق ئىناقلىقى،ئارمان، نادىرەلەرنىڭ ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىكى تىرىشچان،شوخ،چېچەن، كۆڭلى توق چاغلىرى كەلدى.شايۇپ ئاكىنىڭ مۇئەللىمگە ئوغلىنىڭ دەرستە ياخشىلىقىدىن ماختىنىپ،چوڭ ئۇمىتلەرنى كۈتۈپ،دىگەن سۆزلىرى يادىغا يەتتى.

-يىغلىما بالام،يىغلىماڭلار بالىلىرىم،بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۇپ كېتىدۇ.قىيىنچىلىققا يۇلۇقساڭلار مېنى ئىزدەڭلەر.

    زۇردۇن مۇئەللىم مەيدە يانچۇقىدىن بىر كىچىك قەغەزنى ئېلىپ قەلىمى بىلەن قوللىرى تىترەپ تۇرۇپ بىر نەرسىلەرنى يازدى.-دە،ئارمانغا بەردى.

-بۇ مېنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرۇم ھەم ئۆينىڭ ئادرىسى،ئەتە كەچتە مېنىڭ ئۆيۈمگە بېرىڭلار.

  -رەھمەت مۇئەللىم.

    زۇردۇن مۇئەللىم قەيسەرجاننى قۇچاغلاپ سۆيدى.كۆز ئالدىغا دادىسىنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ ئولتۇرغان بەخىتلىك كىچىك ئارمان كۆرۇنگەندەك بولدى.قولياغلىقى بىلەن كۆزىنى سۇرتۇپ:

-يىغلىماڭلار.بالىلىرىم،ئەمىسە ئەتە كۆرىشەيلى.خوش.

-خوش مۇئەللىم.

-خوش چوڭ دادوي.

      زۇردۇن مۇئەللىم مۇكچەيگىنىچە مېڭىپ كەتتى.ئەر-ئايال ئىككىسى كۆڭلى ئېغىر ھالدا ئۈن تىنسىز ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ بىر ئاز تۇرۇشتى.دەريا بۇيىغا بېرىشنى ئونتىمىغان قەيسەرجان يەنە ئۇلارنى سەگىتتى.

-دەريا بۇيىغا ئەمدى بارمايمىزما ئانۇي؟

-بارىمىز بالام.يۈر مانا ماڭدۇق.

  پىغانى ئۆرلىگەن ئارمان ئاچچىق-ئاچچىق خىياللار ئىچىدە قالدى.يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىدىن ئايرىلىش،يۇرتتا تارتقان ئەلەملەر،ئەزىز يۇرتىدىن ئايرىلىش،قاڭقىپ يۈرۈپ تارتقان جاپا- مۇشاققەتلەر، كەمسىتىش، ھاقارەت-خورلۇقلار، ئىش ھەققىنى ئالالماي سارغىيىپ يالۋۇرۇپ يۇرۇشلەر...ھەممىسى خىيالىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتتى.گېلى يەنە بىر قىچىشتى.بىر تال چەككۇسى كەلدى،ھەقىقەتەن خۇمارى تۇتتى.ئۇ نۇمۇسنى قايرىپ قۇيۇپ،يولدا تاماكا چىكىپ كېتىپ بارغان پۇزۇر كىيىنگەن بىرسىدىن تاماكا سورىدى.ئۇ كىشى مەڭسىتمىگەن چىرايى بىلەن بىر قارىۋېتىپ،بىر تال تاماكا بەردى،ئۇ تۇتاشتۇرۇپ قاتتىق-قاتتىق شورىدى.ئۇ كىشى ئاللىنىملەرنى غۇدۇڭشىغىنىچە كېتىپ قالدى.نادىرە ئاچچىغىنى چىقىرىۋالسۇن،دىدى بولغاي ئۇنىڭ تاماكا چىكىشىنى توسمىدى.قەيسەرجان دادىسىغا قاراپ ھەيران قالدى.

-دادا،سىز چوڭ بولدىڭىزما؟چوڭ بولغان ئادەم تاماكا چېكىدۇ، دىگەنتىڭىز.چوڭ بوبسىز ھە؟ئانوي مەن چوڭ بولدۇممۇ؟ ،-دادىسىنىڭ تاماكا چىكىشىدىن ھەۋەسلەنگەن بالا سورىدى ئاپىسىدىن.

-ياق بالام،سىز تېخى چوڭ بولمىدىڭىز.دادىڭىز چوڭ بولدى.

ئۇ ئېرىگە قارىدى.بۇ ھالدا بىر-بىرىگە قانداق تەسەللى ئېيتالىسۇن؟ئۇلارنىڭ بايىقى خوشاللىقى قېنى ئەمدى؟

    ئارمان تاماكىنى چېكىپ سەل روھلىنىپ قالدى.ئۇلار «ئىستامبول تاللا بازىرى» نىڭ ئالدىغا كەلدى.

    ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قايماقلىق چۇكا مۇز يىگەنلەر ئۆتتى.قەيسەرجان ئۇلارغا قاراپ-قاراپ ماڭدى.يەنە ئازراق مېڭىپ قۇشۇق بىلەن قۇتىلىق ماروژنا يىگەن نەچچە كىچىك بالا ئۆتتى.

-ئانا مەنمۇ مارۇژنى يىسەم بولامدۇ؟-دىدى قەيسەرجان قورقۇمسىراپ تۇرۇپ.

-بالام،ئەتە ئېلىپ بېرىلى.بۇگۇن دەريا بۇيىغا بارىسىز، ئوينايسىز ئەمەسمۇ. ماقۇلمۇ؟

-لىكىن مېنىڭ بەك يىگۇم كىلىپ كەتكەن.

-بۈگۈن كاۋاپ يىدىڭىز،تاۋۇز يىدىڭىز بالام.ئەمدى ئاغرىپ قالىسىز، يىمەڭ  ھە.

-بىر قۇشۇقلا يەپ باققان بولسام....

-بالام ساتىدىغان يەرنى تاقىۋېتىپتۇ.

     ئارمان نادىرە بىلەن بالىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاۋېرىشكە تاقىتى قالمىدى.”زادى ئېلىپ بېرەي.يا بەش مۇلۇق،يا بىر كويلۇق نەرسىدۇ.ئەتە قالغان ئىككى كويغا ئىككى نان ئالساق تويارمىز“.

-ماقۇل بالام.مەن سىزگە شۇنداق ماروژنىدىن ئېلىپ بېرەي.

-لىكىن،پۇل يەتمىسە،-دىدى نادىرە جىددىيلىشىپ.

-ۋويييي!!!دادام بەك بەلەن.دادام بەك ياخشى،رەھمەت دادوي.كېلىڭا سىزنى بىرنى سۇيۇپ قۇياي. قەيسەرجاننىڭ خوشاللىقىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ. ئۇ شۇ تاپتا شاپاق دوپپىسىنى ئاسمانغا نەچچە ئاتقۇدەك بۇلۇپ كەتكەن ئىدى.

     ئۇلار بىر بوتكىنىڭ ئالدىغا بېرىپ توختىدى.قاپىقى ساڭگىلاپ قالغان، گازىردەك كۇزى بار بىر ئايال دوكاننى ئېچىۋاتقان ئىدى.

ئۇ ئايال ئۇلارنىڭ كىيىم،ھەركىتىگە قاراپلا سىرتنىڭ ئادىمى ئىكەنلىگىنى دەڭسەپ بولدى- دە، (تۇرقىدىن ئۆزىمۇ ئەسلى يەرلىك ئەمەستەك  قىلاتتى)ھاكاۋۋۇرلۇق بىلەن:

-نىمە لازىم؟دەپ سورىدى.

-ماروژنى ئالاي دىگەنتۇق.

-قاندىغىنى؟

-مانىڭدەك قۇتىلىقىنى.ئارمان توڭلاتقۇنى تۇتۇپ ئېچىشقا تەمشىلىۋىدى،ئۇ ئايال چالۋاقاپ كەتتى.

-ئوۋۇش،تولا توڭلاتقۇنى قالايمىقان تۇتماڭا.قانداق.سىزنىڭ سەرايىڭىزدىكى نەرسە ئەمەس بۇ خالىغانچە سىلايدىغان.مانا ئېلىڭ،بۇنىڭ بىرى ئۈچ كوي.

    ”ئۈچ كوي“دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ئارمان تۇرۇپلا قالدى.يانچۇغىدا ئارانلا شۇ پۇل قالغان تۇرسا.

-بىر كويغا بېرەملا؟،-باھا تالىشىپ ئۆگەنگەن نادىرەئىتتكلا سورىدى.

-ۋۇي خېنىم،نىمە دەپ ئويلاپ قالدىلا بۇنى.سەھرانىڭ ئېشىگى ئەمەس بۇ خالىغانچە باھا تالىشىدىغان.

     ئاچچىقى كەلگەن ئارمان:

-ئويلاپ گەپ قىلسىلا،نىمە گەپ ئۇ ئېشەك دىگەن؟،-دىدى.

-نىمە گەپ بولىتى.بۇچۇ خالىغانچە باھا تالىشىدىغان تەنزە ئەمەس.خەق ئاڭلىسىمۇ بىر يەرلىرىنىڭ كۈلگۇسى كېلىدۇ بۇلارنىڭ گەپلىرىنى.پۇللىرى بولسا ئالسىلا،بولمىسا غىت قىسىپ ماڭسىلا.

-نىمە دەۋاتىلا؟ئاغزىللىرىغا بېقىپ سۆزلىسىلە ھە.جۇدۇنى ئۆرلىدى ئارماننىڭ. نادىرە ئارماننى ”كېتەيلى“دەپ پىشىنى تارتتى.قەيسەرجان قورقۇپ ئاپىسىنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالدى.

-قانداق قىلىتىڭ ئىشلەمچى،مەدىكا،قەلەندەرنىڭ گېپى ھەجەپ يۇغانكىنا.

-كىم قەلەندەركەن؟

-قەلەندەر دىگەن سەن.قەلەندەر بولمىساڭ باھا تالىشامتىڭ...

-ئاغزىڭىزغا بېقىپ سۆزلەڭ،ھېلى بېكار.

-قانداق قىلالايتىڭ قەلەندەر،ھېلى بېكار دەپ كېتىپسىنا سېسېق مەدىكا،سەندەك كەلگۈندىنى جىق كۆرگەن مەن جومۇ.ۋۇ پەس قەلەندەر.

    ”قەلەندەر“دىگەن سۆز ئىچ-ئىچىگە ئۇتۇپ كەتكەن ئارمان ئاچچىقتىن جاق-جاق تىترەپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئايالنىڭ ئەۋزەيلەپ سۆزلەۋېرىشى بىلەن ئارماننىڭ كاللىسى غەزەپكە توشتى. ئايالنىڭ ئېرىمۇ چىقىپ ئايالى بىلەن بىللە تىللاشقا چۇشتى. بىرمۇنچە ئادەم ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى.

-كەلگۇندى قەلەندەر...

-پالاندى قەلەندەر....

-مەينەت قەلەندەر...

-قەلەندەر...قەلەندەر...قەلەندەر...مەدىكار ...قۇل .

    كاللىسىنى چىرمىۋالغان تۇرلۇك خىياللار بىلەن ئاچچىق يۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئارماننىڭ بىكاردىن- بىكار تىل ئىشتىشى،يەنە كېلىپ «قەلەندەر، قەلەندەر،قەلەندەر، مەدىكار، قۇل!» دىگەن گەپلىرى غەزىپىنى چىكىگە يەتكۇزدى. تارتقان خورلۇق،دەرت-ئەلەملەر كاللىسىدىن تۈرگەن كىنو لىنتىسىدەك ئۆتۇپ، قۇلىقى يۇقۇرى چاستوتىلىق ئاۋازدىن غۇڭۇلداپ،كۆزىگە پەقەت بىر يۇغان،سەت ئېغىزنىڭ ئۇنى تىللاپ تىنىمسىز ئېچىلىپ- يېپىلىپ،بەزىدە مايماق بۇلۇپ تىنماي مىدراۋاتقانلىقىلا كۇرۇنۇپ،غەزىپىنى تېخىمۇ تاشۇردى. «ئۆلتۇرىۋەت، ئۆلتۇرىۋەت» دىگەن ئاۋاز قۇلاق تۇۋىدە جاراڭلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ چىگە تۇمۇرلىرى كۇپۇپ،كۆزلىرى قىپ-قىزىل قانغا تولدى.قوللىرىنىڭ  قانداق قىلىپ خەنجەرگە بارغىنىنى، نادىرەنىڭ «ياق!!!» دىگەن ئېچىنىشلىق ۋاقىرىغىنىنى، قەيسەرجاننىڭ يىغلىغىنىنى بىلمىدى.كۈچلۈك قولدىكى خەنجەر ئالدىدا تۇرغان بىرىنىڭ كۆكسىگە زەرپ بىلەن ئورۇلدى،بىر ئەمەس نەچچە قېتىم قوساق بوشلۇقلىرىغا تىقىلدى. قىپ-قىزىل قان ئېتىلىپ چىقىپ ئارماننىڭ يۇز- كۆزلىرىگە،نادىرەگە،قەيسەرجانغا چېچىلدى. ”ياق!..ئارمان!!!“ دىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ نادىرە ھوشىنى يۇقۇتۇپ ”گۆلۇپپىدە“ ئوڭدىسىغا يىقىلدى. كۇتۇلمىگەن ۋەقەدىن  قورقۇپ كىچىككىنە يۇرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكەندەك كۆزلىرى چەكچىيىپ قالغان قەيسەرجان ئانىسىنىڭ يىقىلغان ئاۋازىدىن چۇچۇپ ”ئانا!!!“دەپ ۋاقىراپ ئۆزىنى ئانىسىغا تاشلىدى.ئاپپاق شاپاق دوپپىسى يول ياقىسىدىكى كۆكەرتىش بەلۋىغىغا چۆرىۋەتكەن ئاياقتەك(ياغاچ چۆچەك) دۈگىلەپ چۇشتى....

بايىقى ياش ئەر-ئايالنىڭ دەردىنى ئويلاپ ماڭغان زۇردۇن مۇئەللىم ئۇلارنى بۈگۈنلا ئۆيىگە ئەكەتمىسە شايۇپ ئاكىنىڭ بەرگەن تۇز-تائاملىرىغا تېخىمۇ يۇز كېلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى ئەيىپلەپ ئۇلارنى ئىزدەپ كەينىگە ياندى.ئۇ ساقچى ماشىنىسىنىڭ  ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۆڭلىگە گۇمان چۇشكەندەك بولدى-دە،قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئادەم توپلىشىپ قالغان يەرگە باردى. توپنى يېرىپ ئىچىگە كىردى.ھېلىقى ئۆلگەن ئايالنىڭ جەسىدى بىر تەرەپ قىلىنىۋاتاتتى. ئەترەپتىكىلەردىن بولغان ئىشنى بىلىپ، ھەسرەتلەنگەن ھالدا توپتىن چىقىۋېتىپ يول ياقىسى كۆكەرتىش بەلۋىقىدىكى ئاپپاق شاپاق دوپپىنى كۆردى. دوپپىنى قۇلىغا ئالدى. ئاپپاق دوپپا ئاللىكىملەر دەسسىگەنلىكتىن ماكچىيىپ پۇرلىشىپ كەتكەن،توپا بىلەن مەينەتلەشكەن،چاچرىغان قان بىلەن چىم-چاكان بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ دوپپىنى سۇيۇپ پۇرىدى،بۇرنىغا سەبىيلەردىن كېلىدىغان يېقىملىق پۇراق،تاتلىق ھىد ئورۇلۇپ،ئۆپكىسى ئۆرۇلۇپ، يۇم-يۇم كۆز يېشى قىلىپ، كۆكسىگە باسقىنىچە يول ياقىسىدىكى سىدىگە يۆلىنىپ قالدى.

                                                  2009-يىل11-ئاينىڭ23-كۈنى(كورلا پۇخۇي)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kamiljantohti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-16 03:21 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
riqat + 99 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 99   باھا خاتىرىسى

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4315
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 06:43:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ دىگەن راس گەپ زادى .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 06:56:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف...............         نىمە  دىگەن  ساپاسىز      خەق     ھېلىقى   دۇكانچىلا    ،  مەدىنيەتسىزلە..............

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 07:14:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىچاقنى  يىنىغا ئىسىۋالمىغان بولسا، ھەر قانچە ئاچچىقى كەلسىمۇ، ئۆزىنى بىسىۋالالايىتتى.

خەقكە سىسىق گەپ قىلىدىغان ھازازۇللارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىدا ئىغىزىنى پوق بىلەن ئىغىزلاندۇرغان بولغىيمىتى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 07:15:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارغا سىسىق گەپ قىلىدىغان قىلمىش، ئاياللاردا ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12414
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7782 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 07:17:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-كەلگۇندى قەلەندەر...نىمىدىگەن سىسىق گەپ بۇ

قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7187
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-16 07:21:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نامراتلىق گۇناھمۇ زادى؟ ھەجەپ ئىچىم ئاچچىق بوپ كەتتىيا....

ئارمان بىلەن نادىرەلەر ۋە شاپاق دوپپىلىق بالا ـــ قەيسەرنىڭ كىيىنكى قىسمەتلىرى قانداق بولغىيتى؟

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 10:45:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايىنىڭ ماۋزۇسىنى پەيزى قويۇپسىزجۇما. خۇددى « قىزىل بۆكلۈك قىز » ، « بادام دوپپىلىق تاز » دېگەنلەرگە تەقلىد قىلىپ.

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4329
يازما سانى: 1559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42374
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 3196 سائەت
تىزىم: 2010-7-19
ئاخىرقى: 2014-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 11:29:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچچىق تۇرمۇش تىراگىدىيىسى

مەن ھەققىدە نىمە ئويلىغان،مەن توغراسىدا نىمە قىلغان بولساڭ ئۇلۇغ  ئاللاھ ساڭا شۇنى ھەسسىلەپ بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71623
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3762
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2011-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-17 03:02:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئىسىت ...... ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ   دىگەن شۇدە  ، ئانا - بالا  نىمە كۈنلەرنى كورە ئەمدى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش